www.rohlan.com
2. بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى باسساق، سىيرىلما تىزىملىك ئېچىلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن 添加朋友 نى تاللايمىز.
www.rohlan.com
3. ئېچىلغان بەتتىكى 查找公众号 نى تاللاپ، شىنجاڭ تېلىگىرافىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىش تەييارلىقىنى باشلايمىز.
www.rohlan.com
4. ئېچىلغان كۆزنەكتىكى
ئىزدەش كۆزنىكىگە تولۇق يازالىسىڭىز 中国电信新疆网厅 دەپ يازىسىز، ئەگەر ماڭا ئوخشاش تولۇق يېزىش خوشياقمىسا 新疆电信 دەپلا كىرگۈزۈپ ئىزدەشنى باسسىڭىزمۇ تېپىپ بېرىدۇ. undefined
www.rohlan.com
5. باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولماي مەن رەسىمدىكى ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسەتكەن ئۈندىدار سۇپىسىنى چېكىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش بېتىنى ئاچىسىز.
www.rohlan.com
www.rohlan.com
6. يېشىل رەڭلىك 关注 خېتىنى چەكسىڭىز ئەگىشىش مەشغۇلاتى تامام بولىدۇ. خەت رەڭگى قىزىل 取消关注 غا ئۆزگىرىدۇ.
سىز بۇنىڭدىن رەسىمدىكىدەك 查看信息 نى بېسىپ ئۇچۇر كۆرۈش بېتىگە كىرىسىز.
www.rohlan.com
ئالاھىدە دىققەت:
روھلان ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىش جەريانىمۇ يۇقارقىغا ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، يۇقارقى ئىزدەش كۆزنىكىگە rohlancn دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەشنى باسسىڭزلا 45000 ئەگەشكۈچىسى بار، ھەر كۈنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ۋە نادىر ئەسەرلەرنى ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ تەمىنلەپ كېلىۋاتقان روھلان تور بېكىتىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىۋالالايسىز.
www.rohlan.com
www.rohlan.com
7. ئۇچۇر كۆرۈش بېتىگە كىرىپ، باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولماي تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 业务办理 دىن 绑定手机 نى بېسىڭ.
www.rohlan.com
www.rohlan.com
8. بۇنى باسقاندىن كېيىن، سىزگە بىر پارچە ئۇچۇر كېلىدۇ(ئۈندىدار سالونىغا قايتۇرىدۇ) ، سىز شۇ ئۇچۇر مەزمۇنىدىكى 绑定手机 دېگەن كۆك رەڭلىك خەتنى چەكسىڭىز ، يانفۇننى باغلاش كۆزنىكى ئېچىلىپ، يانفۇن نۇمۇرىڭىز ۋە تەكلىپ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈش رامكىسى ئېچىلىدۇ. (مەن بۇ باغلاش باسقۇچىنى بىر قېتىم تامالاپ بولغان بولغاچقا بۇ جەرياننى رەسىملىك ئېلىشقا ئامال بولمىدى، ئەمما مەن دېگەن باسقۇچلار بۇيىچە قىلسىڭىز بۇ 8-باسقۇچنى رەسىمگە قارىمىسىڭىزمۇ قىلالايسىز.)
ئۈستىدىكى كاتەكچىگە يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرغاندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتىكى 获取密码 دېگەندەك بىر كۆك رەڭلىك كۇنۇپكا بار، شۇنى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزغا 6 خانىلىق بىر تەكلىپ نۇمۇرى ئەۋەتىدۇ، مۇشۇ نۇمۇرنى كۆرۈۋېلىپ، ئاستىدىكى كاتەكچىگە تولدۇرغاندىن كېيىن، 绑定 دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزنىڭ نوومال باغلانغانلىقى ھەققىدە بىر مۇنچە ئۇچۇر بېتى ئېچىلىدۇ، سىز ئەمدى بۇ يەردىن كەينىڭىزگە يېنىپ تېلىگىراف ئۇندىدار سالونىغا قايتىسىز.
www.rohlan.com
9. ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكدەك، ئوڭ تەرەپتىكى 最新 دىن 流量达人 دېگەننى چېكىپ، بىز ئەڭ تەقەززا بولىۋاتقان مەشغۇلاتنى باشلايمىز.
www.rohlan.com
10. بۇ ۋاقىتتا ئۈندىدار سۇپىسىغا يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر رەسىملىك ئۇچۇرنى ئەۋەتىدۇ، بىز بۇ ئۇچۇرنى چېكىپ كىرىمىز.
www.rohlan.com
11. ئېچىلغان بەتتىن مەن كۆرسەتكەن كۇنۇپكىنى چېكىسىز، بۇ ۋاقىتتا يەنە تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ.
www.rohlan.com
12. دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىز بۇ ئارزۇلىغان 4 گاگابايتلىق ئېقىمغا ئېرىشىش پۇرسىتىڭىزنىڭ بار يوقلىقىنى بىلەلەيسىز، ئەگەر ئۇتۇغلۇق بولماي سىزنىڭ شەرتىڭىز چۈشمىسە سېرىق رەڭلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىرىپ، تولىمۇ
ئەپسۇس، سىزنىڭ شەرتىڭىز بۇ پائالىيەتكە چۈشمەيدىكەن، قايتىپ بېرىپ روھلان تورىدىن باشقا بىلىم ئۆگىنىڭ دېگەن ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدۇ، سىز بۇۋاقىتتا تەلىيىڭىزنىڭ كاج كەلگەنلىكىدىن ياكى كارتىڭىزنىڭ بىجىرگەن كەسپىنىڭ بۇ شەرتكە چۈشمەيدىغانلىقىدىن ئاغرىنسىڭىز بولىدۇ، ئەمما روھلاندا بۇنىڭ سەۋبىنى سوراپ يۈرمەڭ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەخسۇس بىر مۇنازىرە تېمىسى يوللانغان ۋە نۇرغۇنلىغان پىكىرلەر بولۇنغان، قىزىقسىڭىز شۇ تېمىنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر شەرتىڭىز چۈشسە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ، سىز بۇ ۋاقىتتا داۋاملىق كۆرسىتىلگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالغا ئىلگىرلىسىڭىز بولىدۇ.
www.rohlan.com
13. يۇقارقى كۇنۇپكىنى چەككەندە بەلكىم بىۋاستە ئېچىلىشىمۇ ياكى تۆۋەندىكدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىشىمۇ مۇمكىن، بىۋاستە ئېچىلسا تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىمسىىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقسا بۇ ئۇچۇردىكى 确定 كۇنۇپكىسىنى بىېىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
www.rohlan.com
14. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ تېلىگىرافىنىڭ تور تىجارەتخانىسىغا ئاتلايسىز، ئەمدى سىز يانفۇن نۇمۇرىڭىز ، كارتىنىڭ مەخپى نۇمۇرى، تەستىق نۇمۇرى دېگەنلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپ بۇيىچە 登陆 كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ .
www.rohlan.com
15. سىز بۇنىڭدىن ئەڭ ئاستىدىكى 确认 كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭزلا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ 4 گىگابايتلىق ئېقىمغا ئېرىشەلەيسىز.
www.rohlan.com
بۇ مەزمۇنغا قارىتا قايتارما ئىنكاس ۋە جاۋابلار ئەسلى تېمىدا بار، بىلەلمىگەنلەر ئەسلى تېمىغا كىرىپ بىلىۋالساڭلار بولىدۇ.
تېلىگىرافتىن 1 يۈەنگە 4G ئېقىم ئېلىش دەرسلىكى
http://bbs.rohlan.com/thread-28912-1-1.html
www.rohlan.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rohlanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 01:04 AM