|
|
|
|
خىزمەت ۋە ياكى ئۆگىنىش بېسىمى بارغاچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھاردۇق چىقىرش بىر ئاددى مەسىلە. ھەر كىشىنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ھاردۇق چىقىرىشى ماڭا نامەلۇم،بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلاي،يەنى ئاددى بىر مۇزىكا ياكى ناخشا بىلەن جىمجىت ئولتۇرۇپ ھاردۇق چىقىرىش... مىنىڭچە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.ئەگەر سىزمۇ ماڭا ئوخشاش بولسىڭىز دىقىتىڭىزنى تۆۋەنگە قارىتىڭ، چۈنكى مەن بۇ تېمىدا كىلاستىك ئىتالىيە ناخشىسىدىن بىرنى ھەدىيە قىلماقچى..ئىشىنىڭكى بۇ ھاراق-تاماكىدى ياخشى. ئەگەر سىز ناخشا-مۇزىكىدىن خوشىڭىز يوق بولسا تېما ئۈستىدىكى مىسرانىم لوگوسىنى باسسىڭىز مۇنبەر بېتىگە قايتىپ تېمىدىن چىقىپ كېتەلەيسىز...خوش ئەمسە، تېما ھوزۇرىڭىزدا..
ناخشا : سۆيگىنىڭ ھەرىپ تىزىمى
L'Alfabeto Degli Amanti
(ناخشا چىقمىسا ئەڭ ئاستىدا ئاڭلاش ئادىرىسى بار)
ئىتالىيەلىك مۇڭلۇق تۆۋەن ئاۋازلىق روك ناخشىچى Michele Zarrillo نىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئۈچ يىللىق جىمجىتلىقتىن كىيىنكى نادىر ناخشىسى..تېمىغا قىستۇرىلغىنى2006- يىلى نەق مەيدان ئورۇنلانغان نۇسقىسى، ئەسلى مۇزىكا ئىلىكتىرون ساز، پىئانىنو ۋەئىسكىرىپكىدىن ئىنتايىن نەپىسلىك بىلەن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ،ئاۋازدىكى تەبئىيلىككە قوشۇلغان ئېغىز گارمونى ناخشىنى ئىنتايىن مۇكەممەل گۈزەللكتە تاماملىغان.ئەپسۇس ئەسلى نۇسقنى تېپىش مۇمكىن بولماي قالدى..
ناخشا مەزمۇن:
L’alfabeto di tutti gli amanti comincia così
ھەممە سۆيگۈدىكى ھەرىپ تىزىم مۇنداق باشلانغان،
Con parole che invano cercavi lontano da qui
ھەممە جاپا چېكىپ باشقا يەرلەردىن ئىزلىگەن ھەرىپتىن باشلانغان.
cercavi lontano da qui
خۇددى تۆۋەن ئۇچۇپ باش قويۇپ سۇ ئىزدىگەن قۇشلاردەك،
Hanno il volo fuggente e leggero della tua intimità
يىنىك قاچقان (ھەم) سېنىڭ سۆيگۈڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان
Questo è il tempo di vivere te
سېنىڭ ھاياتىڭ ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان,
Fino all’ultima parte di me
تاكى مىنىڭ ئاداقىچە ماڭغان
E non chiedermi dove e perché
سورىما مەندىن (قەيەردە) يەنە (نىمىشقا؟)
Devi solo fidarti di me
پەقەت ماڭائىشەنسەڭ،
Oltre l’oro e l’avena dei campi nel cielo su noi
ئالتۇن رەڭلىك مايسىلار ئاسمىنىدا.
L’assemblea delle stelle ci ascolta toccarle vorrei
يۇلتۇزلار يىغىلىپ (بىزنى) ئاڭلايدۇ،ئۈزىشىمىزنى ساقلاپ.
E l’errore più grande a cui l’uomo può credere mai
ھەقىقەت بىرىنىڭ ئېغىر كەتكۇزۇشىدىن غالىپ كەلگەن،
É cercare lontano le cose che ha dentro di lui
قەلبىدىكىنى (ئۆزگە مەنسۇپنى) ئىزدىگەن.
Questo è il tempo di vivere te
شۇندىن بېرى سېنىڭ ھاياتىڭ باشلانغان،
Fino all’ultima parte di me
تاكى مىنىڭ ئاداقىچە ماڭغان..
Perché il mondo ha deluso anche te
ئەجەپ ھەممە (پۈتۈن دۇنيا) سېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن،
Ora devi fidarti di me
ھازىر چوقۇم ماڭا ئىشىنىشىڭ كىرەك !
(قايتىلانما تەرجىمە قىلىنمىدى،،)
--------------------------------
ئەگەر تېمىغا قىستۇرۇلغان ناخشا چىقمىسا تۆۋەندە ئاڭلاش ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەنگەن ↓
چۈشۈرۈش
2014-2-1-كۈنى 20:57 پ م تېمىنى ئۆزۈم تەييارلىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 05:10 PM
|
|
|
|
|
|