مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 22

مۇئەللىمنى تىللىما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101631
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-1-1
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:52:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇئەللىمنى تىللىما
ساتېرا
رەمەت مۆمىن{ساتېرىك}
ياخشى كۆرسەڭ بالىنى مۇئەللىمنى تىللىما،
چېچىپ كۆپۈك شالىنى مۇئەللىمنى تىللىما،
قويمىدىڭ ھېچ ھالىنى مۇئەللىمنى تىللىما،
قوزغاتتىڭ دىل يارىنى مۇئەللىمنى تىللىما.

كۆپنى قايىل قىلغۇدەك نۇرغۇن ئىختىدارى بار،
سەن سۆيمىسەڭ ئەل سۆيگەن چەكسىز ئىتىخارى بار،
مۇئەللىمسىز بالاڭنىڭ قانداق ئىستىقبالى بار!؟
ھەي!نادانلىق پالۋىنى مۇئەللىمنى تىللىما.

تاپتىڭ قۇرۇق باھانە«بالام ئازار يەپتۇ »دەپ،
ئەيپ قىلدىڭ ئورۇنسىز«ھەي،دۆت،قاپاق،دەپتۇ» دەپ،
«ئۇ قانچىلىك قۇلاقتىن تارتىپ تەستەك ساپتۇ»دەپ،
چاپلاپ يالغان قارىنى مۇئەللىمنى تىللىما،

مۇئەللىمگە ئامال يوق ئىللىق چىراي ئاچمىسا،
سەممىمىي گەپ،نەسىھەت بالىلارغا ياقمىسا،
قەستەنلىك دەپ كۆڭلىدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىسا،
دېدىڭ «بوغۇپ ئال مېنى»،مۇئەللىمنى تىللىما.

راست بالاڭنىڭ دىتى يوق،قولىدا يا بىر كىتاب .
دەرستە ھەم جىم تۇرماس،ئىشلىمەيدۇ بىر ھېساب،
بىرەر ئىشقا ھەۋەس يوق،سۆز-ھەركىتى بەك بىزەپ،
دورىدى بىر لالمىنى، مۇئەللىمنى تىللىما.

باققىنىڭ راست نان بېرىپ ،ھېچ خەس-توپا قوندۇرماي،
«غەلۋە قىلماي ئارتۇقچە ئوقۇت!-دېدىڭ،-چاندۇرماي،
بولدى! قويغىن مېيلىگە،يىلدا سىنىپ قالدۇرماي،
زىيان قانچە سوق قېنى؟»،مۇئەللىمنى تىللىما.

تامغا تولا ئۈسسىگەچ ،بۇرنى پاناق بالاڭنىڭ،
تارتۇق دېمە، يۈزدىكى سىزىق-زىناق بالاڭنىڭ،
تولا ئويناپ سۇندۇرغان، پۇتى مايماق بالاڭنىڭ،
توسۇۋېىلىپ ئالدىنى، مۇئەللىمنى تىللىما.

زەردە قىلدىڭ ئارتۇقچە كەلدىڭ تېخى ھۈرپۈيۈپ،
ھەيۋە قىلدىڭ تەپ تارتماي،قىزىرىپ مۇش كۆتۈرۈپ،
تېرىكتۈردۈڭ ،سۇنمىدى،قالدى، بىراق، ئۆكۈنۈپ،
يوقىتامتىڭ نامىنى ؟مۇئەللىمنى تىللىما.

ئۆزۈڭ زادى قانچىلىك مەغرۇر شىلتىڭ ئاتقىدەك!؟
مۇئەللىمنى سۇندۇرۇپ لاۋزا قوشاق قاتقىدەك،
بولغاندىمۇ ئىمانىڭ ۋىژدانىڭنى ساتقىدەك،
يەپ قالدىڭمۇ سالمىنى !؟ مۇئەللىمنى تىللىما.

نادانلىقتا ئىچىڭگە قۇرۇت چۈشۈپ قالدىمۇ!؟
كۆزلىرىڭگە ياغ تولۇپ،خورەك ئۆسۈپ قالدىمۇ!؟
كۆرگەن بولساڭ يامان چۈش روھىڭ ئۆلۈپ قالدىمۇ!؟
ئېتىپ كېسەك چالمىنى مۇئەللىمنى تىللىما.

تىللىمىغىن ئەمدى بەس!بۇ قىلمىشىڭ- تەلۋىلىك،
قالاقلىقتا غالىپسەن،بۇ شۇم نىيەت-ئەگرىلىك،
سەن قىلىسەن شۇنچىلىك،بالاڭ قىلار قانچىلىك!؟
ئىبرەت قىل!بۇ يازمىنى، مۇئەللىمنى تىللىما.

چىڭ باغلىغان مۇئەللىم ئەۋلاتلارغا رېشتىنى،
بېغىشلىغان ھېكمەتكە بارچە ئىخلاس-ئىشقىنى،
غەمگۈزارى يېتىمنىڭ سىلار دائىم بېشىنى،
ئورغانمۇ خام ئارپىنى !؟ مۇئەللىمنى تىللىما.

پەن-ھېكمەتسىز بالىلار كۆرەلەمدۇ ئەتىنى!؟
كۆپ بولسىمۇ پۇل-مېلىڭ بېرەلەمدۇ بەختىنى!؟
پەزىلەتسىز قالسا ئۇ كۆتىرەمدۇ قەددىنى!؟
باسار مۈشكۈل تاغ سېنى، مۇئەللىمنى تىللىما.

كۆپ ئوقۇسۇن بالىلار ئىشقا ماھىر بولغىچە،
ئەقىل تاپسۇن ،كۈچ تاپسۇن كۆپكە قادىر بولغىچە،
ئىجتىھاتلىق ئەلسۆيەر ياخشى كادىر بولغىچە،
قازسۇن ئېلىم كانىنى، مۇئەللىمنى تىللىما.

تىرىشقانلار دەۋرنىڭ ماڭدى ئەنە ئالدىدا،
ئېرادىسىز ،نادانلار قالار ھامان دالدىدا،
پۇشايمانغا تويۇنۇپ يۈدۈپ يۈرسەڭ خالتىدا،
تارتىدۇ كىم ھارۋىنى!؟ مۇئەللىمنى تىللىما.

مۇئەللىمسىز ئەل خاراپ، يۈرەر سەرسان چۆللەردە،
مۇئەللىم ئۇ نۇر-ماياك ،يانار كېچە-تۈنلەردە،
جۇلالىدى قان-تەرى ئېچىلدۇرغان گۈللەردە،
ئۇ سەپەرنىڭ كارۋىنى مۇئەللىمنى تىللىما.

بالا سېنىڭ ،تېگىدىن ۋەتەن،خەلق،مىللەتنىڭ،
بوپ قالمىسۇن قۇربانى ئۇمۇ يامان ئىللەتنىڭ،
قۇرۇسۇن تۈپ يىلتىزى نادانلىقنىڭ،كۈلپەتنىڭ،
بۇ بارچە ئەل ئارمىنى مۇئەللىمنى تىللىما.

مەنبە ـ ئۆز قەلەم
2014-يىلى 1-ئاي .يوپۇرغا.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 11:40 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102840
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 832
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 04:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇقرا پۇقرانى ئالدىسا تىجارەت بولىدۇ،پۇقرا ھۆكۈمەتنى ئالدىسا جىنايەت بولىدۇ،ھۆكۈمەت پۇقرانى ئالدىسا سىياسەت بولىدۇ

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5185
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18334
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 05:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېمىڭىزغا تەشەككۈر.......

مۇئەللىمنى تىللىماسلىق كېرەك...  مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا كەپسىزلىكىمدىن ئوقۇتقۇچىلارنى قەستەن تىرىكتۈرپ ئويلايدىغىنىمنى ئويلىسام ھازىر خىجىل بولۇپ قالمەن...

قايسى كۈنى دوستۇم تېلفۇن قىپتىكەن كۆڭلى يېرىم بولۇپ قاپتۇ..
ئۇمۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى... مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر چىقىپتىكەن..ئۇنىڭ ئېيتىشىچە باشقا ئوقۇتقۇچىلار سوئال قەغىزىنى ئېلىپ كېلىپ ئالدىغا قويوپ ئۆزگەرتىۋلىڭ دەپتۇ... ئۇ قوشۇلمىسا شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى سىزگە ئىش كەلسە كارىم يوق بىراق ماڭىمۇ ئاۋارچىلىق تاپىسىز دەپ سوئالنى ئۆزگەرتكۈزۈپ نەتىجخنى ياخشىلاپتۇ  ھەي  بىزنىڭ ئاتالمىش  مائارىپ........
ھەممە ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق قىلىدىكەن.... بۇنى ئاڭلاپ ئوقۇتقۇچىلارنى تازا ھارغۇدەك تىللاي دېگەن ئىدىم بىراق ئويلىسام بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەسكەن..

خاتالىق يەنىلا تۈزۈمدە ئاتالمىش قەغەز ئۈستىدىكى مائارىپتا....

ئوقۇتقۇچىلارنى تىللىماڭلار.......

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 05:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىمنى تىللىساڭلا بۇلىدۇ .شۇندىلابىزدىكى ئىللەت يەنىلا مىللەت بۇلۇپ تۇرىۋېرىدۇ .بىزيەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 05:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇتقۇچىلارنى يەنىلا ھۆرمەتلەيلى ، بىراق تۇلۇقسىز ئۇتتۇردىكى سىنىپ  مەسئۇلىمىز .ئۇقۇغۇچىلىرىنى  كۆرسە سالام بىرىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، بىزنىڭمۇ سىنىپ مەسئۇلىمىز بار بۇلغان ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلىپ ئۇلتۇرغىمىز بار.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئاداۋىتى بەك كۆچلۈك بۇلىدىكەن شۇنىڭغا قارىغاندا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 05:31:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 05:15 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېمىڭىزغا تەشەككۈر.......

مۇئەللىمنى ...

   شۇنداق ئىشلارمۇ بار بەزى مەكتەپلەردە قاراڭ   بىزنىڭ دىخانلىرىمىزغا يەرنى ،كۆكتات پارنىكىنى  ھۆددىگە بەرسە شۇئوبدان ئىشلىسە بۇلىدىغان جىسمانى ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان  يەردىنمۇ ھوسۇل ئالمىقى  تەس. ئەمدى ماۋۇ كاللىنى ھۆددىگە بەرسە قانداق قىلغۇلۇق ئوقۇغۇچىنى ھەرقانچە ئۆگەن دىسىمۇ ئۇ تىرىشمىسا مۇئەللىممۇ ئامال قىلالمايدۇ دە .يا كاللنى ئوغۇتلاپ سورتلۇق ئۇرۇقلارنى تىككىلى بولمىسا .بولسىمۇ شۇ كىشى تىرىشمىسا يەنە شۇ .ھە........ي ي مۇئەللىملەر .
   لىكىن ئۇنداق قەغەزنى تۈزەيدىغان ئىشنى قىلىش ئىپلاسلىق ھەم جىنايەت،ئەخلاققا خىيانەت بۇلىدۇ .   

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5185
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18334
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 05:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 05:31 PM
شۇنداق ئىشلارمۇ بار بەزى مەكتەپلەردە قاراڭ   بىزنىڭ  ...

تورا دېدىڭىز....
ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ دوستۇمغا ھەممە ئىشلارنى يەنى ئىمتىھان ئېلىنۋاتقان ۋاقىتتىكى ئىشلارنى
سىنىپنى ۋاقىتنى ئېيتىپ بەرگىن دېسەم تازا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدى...
يەنە كىلىپ يۇقۇر تۆۋەن ھەممىسى شۇنداق بولغاندىكىن ئامال يوقتە....
مەنمۇ شۇ ھەقتە ياخشى بىر تېما يوللاپ ئاندىن ئۇنى 州教育局局长نىڭ 邮箱سىغا يوللاپ قويايلى دەپ ئويلىغانتىم....  دوستۇمغا ئاۋارەچىلىق تېپىپ بەرمەي دەپ ئويلاپ قالدىم...

چىرىكلەشكەن جەمىيەت تۇرسا بۇ...

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 06:12:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان مۇئەللىمنى كىم تىللىسۇن. ئەپسۇسكى, مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بىپەرۋا, مىللەت ئالدىدا جاۋاپكار ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان, ئېتىقاتقا ھاقارەت كەلتۈرۈپ ئاتا-ئانىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان, ئۆزگە بۇرچىغا قاتتىق ئوقۇتقۇچىلارنى كىم تىللىيالايدۇ? شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنى تىللىمايلى. بىز يالقۇن روزى بولمىغاندىن كېيىن ئاشۇ 5, 10 % ئۇستازلارغا شۈكۈر قىلايلى...
     ئشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72776
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 06:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقۇل ، خى خى... دىققەت قىلايلى..

ئويغىنىپ كەتتى جاھان ، مەغرىپى مەشرىق تامان ،
مەن تىخى سۈت ئۇيقىدا ، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 340 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 11:13:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىللايمەن ھاراقكەش بەڭگى پاھىشە ئوقۇتقۇچىلانى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش