رەھىمسىز مۇھاببەت
”سەن نېمە؟ بەختىمنى تىلەپ قالغۇدەك،
سەن نېمە؟ كۆڭلۈڭنى ئىزھار قىلغۇدەك.
سەن نېمە؟ پىنھاند ازىنھار سىغىنىپ
سەن نېمە باغرىڭغا خەنجەر ئۇرغۇدەك.
كىم ئۆزۈڭ ؟ سۆيگۈدىن ئېغىز ئاچقۇدەك،
كىم ئۆزۈڭ ؟ مىنىڭدىن بەخت تاپقۇەدك .
كىم ئۆزۈڭ ؟ سۆيگۈڭنى مىنىڭدىن ئىزلەپ
كىم ئۆزۈڭ ؟ ئىسمىمنى قوشاق قاتقۇدەك.“
مانا بۇ قەلبىمگە نەپرەت باشلىغان ،
مانا بۇ نىگارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى.
مانا بۇ تەلمۈرۈپ ئېرىشكەن جاۋاب
مانا بۇ تەغدىرنىڭ بەرگەن جازاسى.
نىمىشقا ؟ سۆيگۈدىن تەلىيىم قاچتى،
نىمىشقا ؟ .ھەسرەتكە قۇل بولۇپ قالدىم.
نىمىشقا ؟ يەنىلا پىنھاندا ئەسلەپ
نىمىشقا ؟ ئىشقىدا ئوت بولۇپ ياندىم .
نەقىلاي؟ خىيالدىن نىرى كەتمىسە ،
نەقىلاي؟ چاقىرسام ئۈنۈم يەتمىسە.
نەقىلاي؟ چۈشۈمگە نازلىنىپ كىرىپ
نەقىلاي؟ چىن سۆيگۈ بەخىش ئەتمىسە.
نەئامال؟ چۈشكەندە بىغۇبار كۆڭۈل،
نەئامال؟ چۈشۈڭدە چاقىرسا بىر قىز.
نەئامال؟ باشقىدىن سۇئىچمەيدىكەن
نەئامال؟ يۈرەكتە قالغاچقا بىر ئىز.
بارايمۇ قايتا رەت سۆيگۈڭنى بەر دەپ،
بارايمۇ قايتا رەت كەچۈرگىن يار دەپ.
بارايمۇ قايتا رەت سەنسىز بۇ دۇنيا
بارايمۇ قايتا رەت مەن ئۈچۈن تار دەپ.
بىلمىدىم چىن سۆيگۈ گۇناھ بولدىمۇ ،
بىلمىدىم شۇنداقلا كىتىپ قالدىغۇ.
بىلمىدىم تىڭرىقاپ قالدىم ئازاپتا
بىلمىدىم يۈرەككە خەنجەر سالدىغۇ.
كەت نىگار قاراڭنى كۆرمىۇسۇن كۆزۈم،
كەت نىگار قەلبىمنى قىلمىغىن ئەسرا(ر).
كەت نىگار يىراق كەت كۆڭلۈمدىنمۇ كەت
كەت نىگار چۈشۈمدە بولمىغىن ھەمرا.
2014.1.3
مەنبە : مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-1 11:40 PM