مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3745|ئىنكاس: 35

سۈننەت تويدا تۇققىنى جىقلار بالادا قالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 11:22:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرپان ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق باغچىلاشقان پەن-تىخنىكا رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك)ئابلەت قىيۇمنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزگەن سۇننەت توي(مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى)مەرىكىسى مەسلىسى. 2013-يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئابلەت قىيۇم تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم بىر رىستۇراننى زاكاس قىلىپ ئوغلىنىڭ سۇننەت تويىنى ئۆتكۈزگەن ، سۇننەت توي شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00 دە باشلىنىپ كەچ سائەت23:30 دا ئاياغلاشقان ،جەمئىي 53 جوزا مېھمان چاقىرىلغان .تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى ئابلەت قىيۇمغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن.


1.بۇگۇن خىزمەتدىشىم بىلەن موشۇ ئىشنى پاراڭلاشقاچ 53 ئۇستەلنىڭ ئۇنچە بەك كۆپ ئەمەسلىكىنى دىيىشتۇق ، ئادەتتە ياشلارمۇ توي قىلغاندە 20 ،30ئۇستەللىك زىياپەت بىرىدىغان تۇرسا  ، سۇننەت توي دىگەن ھال ئوقىتىڭ ياخشىلانغان ، كىشىلىك ئالاقەڭ راۋاجلانغان ، تۇققانلىرىڭنىڭ قەدىرىگە يەتكەن بىر زامانلاردا بولىدىغان توي تۇرسا 53 ئۇستەللىك زىپاتنى بەك كۆپ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .

2.بىز ئۇيغۇرلاردا  ئادەتتە توي قىلغاندا قىز ئوغۇللار ئۆز دوستلىىرنى ئايرىم ۋىچىركا قىز ئولتۇرۇشى يىگىت ئولتۇرۇشى دىگەن ناملار بىلەن چىللايدۇ ، قىز ئوغۇلنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ  ئۇرۇق تۇققان ئەل جامائەتكە ئەتتىگەندە بامداتتىن يېنىپ ياكى چۇشتە  ئايرىم  داستىخان سالىدۇ ، بالا چاقارغان مىھمانلار بىلەن ئاتا ئانا چاقاغان مېھمانلارنىڭ سانىنى يىغىپ كەلسە ئەللىك ئۇستەلدىن كام بولمايدۇ .

3.ئەمدى بۇ سۇننەت توي قىلغان ۋاقىت  توي قىلىپ يەتتە سەككىز يىلدىن كىيىن بولغاچقا بۇ ئائىلە ئاتا ئانىغا تايىنىپ ئەمەس ئۆزى مۇستەقىل ھالدا مېھمان چاقىرىشقا يۇزلەنگەن بولۇدۇ ، يەنى ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ۋە جامائەتكە يۇزلەنگەن بولىدۇ .  ئىلگىرىكى تويدا ئاتا ئانىسى چاقارغان ئۇرۇق تۇققانلارنى ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ دوست بۇرادەرلىرىنىمۇ سۇننەت توي قىلغۇچى تاشلاپ ئۆتۇپ كىتەلمەيدۇ .  موشۇنداق بولغان ئىكەن تەبئىلا ئۇرۇق تۇققىنى جىقلار 40 ئەللىك ئۇستەللىك زىپاپەت بىرىشى ناھايىتى نورمال ئىش .

4.ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللە ئاساسى بولسا مەھەللىسىدىكىلەرنى ئالا قويماي چىللاشقا توغرا كىلىدۇ  ، بىز ئۇيغۇرلاردا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم دىگەن بىر ھىكمەتلىك  سۆزبار ، يوقۇرقى ئەھۋالدىن كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى بالادا قالغۇچى چوڭ جامائەتكە چۇشتە ئايرىم داستىخان سالغان ، ۋە كەچىلىكى ياشلارغا يەنە ئايرىم  داسىتخان سالغاندەك تۇرىدۇ ، نەدىمۇ ئۇنداق ئون يېرىم سائەت توختىماي مېھمان كۇتىدىغان ئىش بولسۇن ، ناھايتىى چۇشلىكى ئىككى سائەت كەچلىكى ئۇچ سائەت ئەتىراپىدا داۋاملىشىدۇ .

5. ئەمدى بۇ ئۇيغۇر دىيارىدا  خەنسولار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ توي تۆكۇنلىرىدە ئادەم چاقىرىشلىرىدا روشەن پەرىقلەر بار ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى كۆپ ، مەھەللە ئاساسى چوڭقۇر ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتىرى  ئوچۇق ، چىقىشقاق ، ئۇيۇشقاق ..................شۇڭا مەركەزدىن كەلگەن زىياپەت ئۇستىلىنىىڭ سانىنى  چەكلەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى ئەمىليىتىگە  ماس كەلمەيدۇ .

6.خەنسولار توي قىلسا ئىدارىسىنى چىللايدۇ ، بىز توي قىلساق يۇرتنى چىللايدىغان تۇرساق ئەلۋەتتە بىزنىڭ تويغا چاقىرغان ئادىمىمىز كۆپ بولۇدۇدە ،

7. ئىسلامى ئەھكام ئەركانلىرىمىزدا ھاراق شاراپسىز كاتتا چىرايلىىق ئۆز ئارا ھۆرمەت تاگارىنى قىلىشقان ھالدا ئەلگە داستىخان سېلىش ئەزەل ئەزەلدىن داۋاملىىشپ كىلۋاتقان يوسۇن ئۇدۇملىرىمىز . ئەل دىگەن گايىدا ئەللىك ئۇستەلدىن ئېشىپمۇ كىتىدۇ  ،

8. قىرىق كىچە كۇندۇز توي تاماششا قىلدىغان پادىشاھلىرىمىز ، يايلاقلاردا بىرەر ئاي  مال سويۇپ توي قىلىدىغان بايلىرىمىز ، مانچە ئۆستەڭلىك جامائەتنى مەشرەپكە چىللايدىغان ئاددى ئاق كۆڭۇل  ئۇيغۇر دىخانلىرىمىز  ئەلگە داستىخان سېلىپ جۇلالانغان مىللى ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىز ، ئەمدى غەيرىلىك بولۇپ قالدىمۇ ،

9. ئەسلىدە ھاكىم دەرىجىلىكتىن يوقۇرى ئەمەلدارلار باشلامچىلىك بىلەن رامزاندا  ئەلگە ئىپتالىق بەرگەن بولسا ئاندىن بەلەن ئىش بولاتتى ، ھەر تەكلىپلەرنى سۇنۇپ باقتۇق ، بۇ ئەمەلدار دىگەندىن زۇۋان چىقمايدىكەن بۇنداق داستىخان سالىدىغان ئىشلاردا ھى ھى ھى  .......................







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 02:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 09:55:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەن مەدىنيىتى بىلەن بىزنىڭ مەدىنيىتىمىزدە روشەن پەرىق مەۋجۇت ،خەن مەدىنيىتىدە ئەمەلدارلار پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن ئاساسەن ئاۋام پۇقراغا قوشۇلالماي غىرىپچىلىقتا ئۆتىدىكەن ، بىزدە پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن يەنىلا ئەل ئارىسدا ئادەمگەرچىلىك قىلىپ ئـۆتىۋىرىدۇ ،

خەنلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت دىگىنى بىلەن بىزنىڭ ئادەمگەرچىلىك ئۇدۇملىرىمىز ئىككسى پۇتۇنلەي ئوخشمايدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم .

مەدىنيەت جەھەتتىكى بۇنداق نازۇك پەرىقلەردىن كۆزنى يۇمۇپلا چەتنەپ كەتسەك بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 09:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى مەدىنيەت ئىنقىلابى دەۋىرىلىرىدە ئەنە شۇنداق ئىچىكىرىدىكى باي پومىشچىكلار بىلەنئ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۆھتىرەم بايلىرىمىز ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەلگەن ،

ئەمىليەتتە مەدىنيەت ئوخشمايدۇ ، ئىمانى بار باي بىلەن ئىمانى يوق باي قانداقمۇ ئوخشىسۇن ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەمەلداردىكى چىرىكلىكلمۇ ياكى پۇقرالارنىڭ مەدىنيەت قارىشىدىكى ئادەمگەرچىلىك قارىشىدىكى چىركىنلىكمۇ ؟

ياكى ئادەمگەرچىلىككە بولغان قارا سۇۋاشمۇ ؟ ياكى ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى چۇشەنمەسلىكتىن كىلىپ چىققان ئاشقۇن جازامۇ ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89954
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:06:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چەكلەش تەدبىرى  مېنىڭچە توغرا، ئادەتتىكى پۇخرالار ئۆتكۈزگەن سۈننەت توي ئادەتتىكىچە ئۆتكۈزۈلسىمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۆتكۈزگەن توي تۆكۈنلەرگە غەيرىي مۇددىئالار ئارىلىشىپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ
پاكلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بۇ جازالاش قارارى ئىنتايىن توغرا بولغان دەپ قارايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇز ، مەۋلۇتقا ھەرنىمەلەر دەپ ئۇلگەردۇق ئەمدى نۆۋەت سۇننەت تويغا كەلگەندەك قىلىدۇ ،
ھەممىنى چەكلەپ ھەممىنى بۇغۇشلىساق ئۇيغۇرنىڭ قېتىغى زادى نەدە ئۇيۇيدۇ ؟

ھەرخىل توزاق ھەر خىل دوزاق.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94847
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 694
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىتەلەينىڭ  ئاغزىغا  گۆش كەلسە چىشى  قاناپتۇ  دىگەندەك ئىش  بوپتۇيا  بۇ .،.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2564
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21732
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9937 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:23:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغۇدەك بىر نەرسە چىقمىغاندەك مۇشۇنىمۇ تېما دەپ يوللىغىنىنى. مىللى ئەنئەنە، مىللى ئورپ ئادەتتىن سۆز ئېچىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي.
بۇ قانداقتۇ مىللى ئورپ-ئادەت ياكى مىللى ئەنئەنىنى چەكلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان جازالاش ئەمەس بەلكى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىشكە، چېرىكلىككە، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ.
ئالدىنقى يىلى شەھرىمىزدە بىر يېزا باشلىقىمۇ ئوغلىنىڭ تۇيىغا بارلىق ئىدارە-ئورگان، پونكىتتىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئېيتقان. سىرتقا خىزمەتكە چىقىپ كەتكەنلەر، يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەنلەر بۇ چايدىن خەۋەرسىز.چايغا پەقەت پونكىت باشلىقلىرىلا بارغان. ئاي ئاخىرى تويغا يىغدۇق دەپ 150يۈئەندىن تۇتقان چاغدا بۇ ئىشتىن قورسىقى كۆپكەن خېلى كۆپ ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر بۇ ئىشنى يۇقۇرىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن شۇ يېزا باشلىقىغا خېلى قاتتىق چارە كۆردى.

چېرىكلىككە، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرايلى دەپ ئاغزىمىزدا بولۇشىغا كاكىرىغان بىلەن ئەقلىمىزنىڭ چولتىلىغىدىن مۇشۇ خەۋەرنىڭمۇ تۈپ ماھىيىتىنى بىلەلمەي تېما يېزىپ ئاۋارە بولىدىغان ئىش چىقىدۇ.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7410
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1806 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 10:23 PM
يازغۇدەك بىر نەرسە چىقمىغاندەك مۇشۇنىمۇ تېما دەپ يولل ...

شۇ ئەمەسمۇ ... بىرمۇنچە ئاۋارە بولۇپ شۇنىمۇ يازغان بارمۇ ...

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:38:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 10:23 PM
يازغۇدەك بىر نەرسە چىقمىغاندەك مۇشۇنىمۇ تېما دەپ يولل ...

توغرا..                           ئەگەشتىم...

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش