مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 799|ئىنكاس: 4

قۇتلۇق بىلگە قاغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 10:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                      قۇتلۇق بىلگە قاغان                          

         ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ۋاقتىدا ( 742 - 747 ) قۇدرەتلىك باسقۇچكا كىردى .شەرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسى باش بولۇپ قۇرغان ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى كىيىنكى شەرىقى تۇرك قاغانلىقى ( 682 - 744 ) بىلەن چنقىشالماي دايىم ئۇرۇشۇپ تۇرغانىدى . قۇتلۇق بىلگە خاقان 742 - يىلدىن باشلاپ ، قارلۇقلار ۋە باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرىقى تۇركلەرگە قارشى كەسكىن ئۇرۇشلارنى ئىلىپ باردى .
        قارلۇقلار تۇرك قەبىلىلىرى ئىچىدە سانىنىڭ كۆپلىكى ، جەڭگىۋارلىقى ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى . " ئوغۇزنامە " داستانىدىكى رىۋايەتكە قارىغاندا ، " قارلۇق " دىگەن نامنى ئوغۇزخان قويغانىكەن . ئۇ رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : ئوغۇزخان غەرىپكە قىلغان يۇرۇشىدىن قايتىپ كىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ بوز ئايغىرى تاغ ئىچىگە قىچىپ كىتىدۇ . ئوغۇزنىڭ بەگلىرىدىن بىرى بۇ بوز ئايغىرنى ئىزدەپ كىتىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن ئۇنى تاغ ئىچىدىن تىپىپ كىلىدۇ . شۇ چاغدە ھىلىقى بەگنىڭ ئۇستى بىشىنى قار قاپلاپ كەتكەنىكەن . بۇنى كۆرگەن ئوغۇزخان بۇ بەگكە " قارلىق بەگ " دىگەن نامنى قويۇپ قويىدۇ . ۋە ئۇنى شۇ يەردىكى قەبىلىگە بەگ قىلىپ قويىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، بۇ بەگنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى " قارلۇق " دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ . قارلۇق دىگەن نام 8 - ئەسىردە ئورنىتىلغان ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ . قارلۇقلار ئۇچ قەبىلىدىن - بويلا ، سبەگ ، تاشلى ( تاشلىق ) لاردىن ئىبارەت ئىدى . قارلۇقلار ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبدا ياشايىتتى . كىيىن ئۇتۇكۇن تاغلىرىغىچە سىلجىپ كىلىپ ، شەرىقى ئۇيغۇرلار بىلەن يىقىن ئالاقىدە بولغان . قۇتلۇق بىلگە قاغان 742 - يىلى قارلۇقلار ۋە باسمىللىر بىلەن بىرلىشىپ ، شەرىقى تۇرك قاغاننى ( 740 - 742 ) ئۆلتۇردى .لىكىن ، باسمىللار ئۇستۇن كىلىپ قاغانلىق ئورنىنى ئىگىلىۋالدى . باسمىل خانى ئاسىناس قاغان بولدى .ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ خانلىرى سول ۋە ئوڭ قول يابغۇلۇق مەنسەپلىرىدە قالدى . قۇتلۇق بىلگە قاغان بۇ ئىشقا زادى رازى ئەمەس ئىدى .ئۇ باسمىللارنىڭ ئۇستۇنلىكىنى يوق قىلىپ تاشلاش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلدى .
        باسمىللار ئەڭ قەدىمقى چاغدىن تارتىپ ئۇتۇكۇن تاغلىرىدا ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ، قىرغىزلارنىڭ شەرىقى جەنۇبىدا ياشىغان . ئۇلار قەدىمقى چاغدا " جەدە ئاتلار " دەپمۇ ئاتالغان . تۇرك قاغانلىقى ۋاختىدا ، تۇركلەر تۇدۇنلىقلارنى ئەۋەتىپ باسمىللارنى ئىدارە قىلغان . باسمىللار كىيىنكى چاغلاردا ئاستا - ئاستا غارىپكە كۆچۇپ كەتكەن . باسمىللار ئاساسەن ھازىرقى جىمسار ئەتراپلىرىغا كۆچكەن . قۇتلۇق بىلگە قاغان مىلادىنىڭ 744 - يىلى شەرىقى تۇرك قاغانى ، بولمىش قاغان ( 742 - 744 ) نى ئۆلتۇرۇپ  ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتىدى . ئارقىدىنلا باسمىللاردىن بولغان ئاسىناس قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇردى ۋە باسمىللارنى تولۇق بويسۇندۇرۇۋالدى .
        قۇتلۇق بىلگە قاغان 744 - يىلى شەرىقى تۇركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن ، ئۆزىگە بويسۇنىدىغان شەرىقى ئۇيغۇرلارنى ئىككى چوڭ تارماقتىن ئىبارەت 19 قەبىلىگە بۆلدى . ئۇلار - ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىبارەت ئىدى .
       ئون ئۇيغۇرلار :
   
    1 . ياغلاقار .
    2 . قوتۇرغۇر .
    3 . بوقاسقىر .
    4 . ئاۋچاغ .
    5 . ھازار - قاسار .
    6 . خوغورسۇ .
    7 . ياغما .
    8 . ئاياۋىر .
    9 . تورلام ۋىبۇر .
    10 . ئادىز .

        توققۇز ئوغۇزلار :

   1 . ئۇيغۇر .
   2 . بايىرغۇ .
   3 . خون .
   4 . بوكو .
   5 . توڭرا .
   6 . چىبنى .
   7 . ئىزگىل .
   8 . قارلۇق .
   9 . باسمىل .

           ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى ئۇچ باسقۇچقا بۆلۇپ بايان قىلىش مومكىن :
         بىرىنجى باسقۇچ - مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچ توپتوغرا 100 يىل ( 646 - 744 ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
        ئىكىنجى باسقۇچ - ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قۇدرەتلىك بىر ئىمپىرىيە قىياپىتىدە شەرىقى ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتەرگەن دەۋرى بولۇپ ، بۇ باسقۇچ قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن ( مىلادىنىڭ 744 - يىلىدىن ) تارتىپ ئالىپ بىلگە تەڭرى ئۇيغۇر قاغانغىچە ( 825 - 832 ) بولغان 80 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  . مانا شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ ھەربىي كۇچى مۇستەقىللىق باسقۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇندىن 221 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇنغا كۆپەيگەنىدى . بۇ قوشۇن 17 ئاتلىق دىۋىزىيە ( ھەر بىر دىۋىزىيە 13 مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان ) دىن ئىبارەت ئىدى . ئەنە شۇ مەزگىلدە ، ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تىررىتۇرىيەسى  شەرىقتە ھازىرقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ شەرقىغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلى ۋە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئىقىملىرىغىچە ، جەنۇپتا سەددىچىن سىپىلىغىچە ، غەربىي جەنۇپتا ئالتۇنتاققىچە ، غەرىپتە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتە سۇغىچە تۇتاشقانىدى .
        شەرىقى ئۇيغۇرلار شەرىقتىكى قىتان قومۇقلارنى ، شىمالدىكى قىرغىزلارنى ، غەرىپتا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ۋە پەرغانە ، يەتتە سۇدىكى تۇرك خەلىقلىرىنى بويسۇندۇرغانىدى .
       قۇتلۇق بىلگە قاغان 646 يىلى تۇمىد قاغان ئورناتقان دۆلەت تەشكىلى تۇزۇمىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇردى . پايتەخىت قارا بالغاسۇن بولدى .
       ئۇچىنجى باسقۇچ - ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تۇرلۇك سەۋەپلەرگە كۆرە ئاجىزلىشىپ ، قاغانلىقىنىڭ سىياسى مەركىزىنى ئۇتۇكۇندىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئىتەكلىرىگە يۆتكىگەن چاغدىكى ئون يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  
                                                    2014 - يىل 31 - يانۋار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:14:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تارىخ ئىكەن . رەھمەت سىزگە !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:31:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تارىخ ئىكەن . رەھمەت سىزگە

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 10:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ...قۇتلۇق بىلگە قاغان ھەققىدە تارىخىي مەلۇمات بىرىپسىز،سىزگە
   رەخمەت،ھارمىغايسىز!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش