جاي پەچچىم ئاتۇشنىڭ باغرىغا جايلاشقان ئەزىز زىمىن بولۇپ ئۇيغۇرلارنى ئىمان نۇرىغا باشلىغان.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىمانغا كىرگەن جاينىڭ ئىسمى.
بۇ يەرگە كەلگەنلەر بۇ يەردىكى مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئىيتىش بىلەن بىرگە،
ئۇيغۇر يەنە بىزنىڭ ئۇستازىمىز ھەم خاقانىمىز سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ روھىغا دوئا قىلىدۇ.
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
جاي پەچچىم
تەڭگە تاغنى بويلاپ ماڭسىڭىز،
جاي پەچچىمدە ئەجدادنىڭ ئىزى.
مۆجىزىدۇر ھەر بىر تامچە سۇ،
قىرىق مەسجىد يوقتۇر گۆمبىزى.
تاغ باغرىدا سۈپسۈزۈك ئىقىن،
بىر يېقىدا سۆگەتلەر شاھى.
تۆگە تاغمۇ ئىقىنغا يانداش،
كۆرۈنىدۇ تۆگىدەك گاھى.
جاي پەچچىمدەئۇلۇغ مۆجىزە،
قۇرام تاشتىن تامچە تامىدۇ.
يۇتۇم ئىچىپ يۈرەك سەگىسە،
ئادىمىزات ھەيران قالىدۇ.
ئۇستازىمىز سۇلتان بۇغراخان،
ماكان تۇتقان ئەزىز جاي پەچچىم.
بىزلەر ئۈچۈن بىلگەنلەر ئۈچۈن،
ئالتۇنغا تەڭ تۇپىسى چىمدىم.
رۇستەم قاراسۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 05:37 PM