ئەمەس
سەئىدىيە
ئەي پېقىر قەلبىم بىلىپ قال، ھەممە ساڭا دوسىت ئەمەس،
شىرىن سۆز ،پۇل مال بىلەن باققان ساڭا ئاشىق ئەمەس.
ھەر ئىنسان ،ھەر قەلىپتە بار ھامان ھەرخىل ھەۋەس،
كۆيدۈم دەپ ياخشى كۈندە ،ياماندا قاچقان يار ئەمەس.
سەللە ئوراپ، ھاجى دەپ ياماننى يولدىن توسمىسا،
غەيۋەت قىلىپ پارا يەپ شۈكرى دىگەن مۆئمىن ئەمەس.
ئاتا ئانا يىغا زارى قۇلاققا كىرمەي يۈرۈپ،
ۋاپات بولسا ئاھ ئۇرۇپ توۋلىغان چىنسۆز ئەمەس.
قۇزغۇنلار كىرسە باغقا، باغ دىمە بولغاي مازار .
باغ ياساشنى ئەجرىدىن كۈتمىگەن ئۇ ئەر ئەمەس.
پۇلنى تاپ،قىلما ئىسراپ، ئۇ كېرەك بولغاي ھامان،
ئەمما بىل، ئۇ ۋاستىدۇر،ھەممىگە قادىر ئەمەس.
ئۆز خىيال نەفسى بىلەن ،ئازسا يولىدىن تەڭتۇشۇڭ
ئەگىشىپ، قالما بوشاپ، دۇنيا ساڭا باقى ئەمەس ،
دات ئۇرۇپ پەرياد چېكىپ ھەممە زاماندىن داتلىسا
مەردانە ھۇررا دىگىن !چۈشكۈنلەر ئۇتقان ئەمەس .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 10:01 PM