مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 411|ئىنكاس: 5

مەنىۋى بايلىق ۋە بەخت-سائادەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2835
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3673 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 01:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەنىۋى بايلىق ۋە بەخت-سائادەت



ئابدۇرېقىپ ئابدۇغېنى


بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم


بەخىتكە ئېرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى،مەيلى ساددا پىكىرلىك ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ياكى يېتىشكەن مۇتەپەككۈر،ئالىم بولسۇن ھامان بەخىتكە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ.شاھلار ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىللىرىدا بەخت ئۈچۈن ئاھ ئۇرسا ،گادايلار غېرىبانە كۆلبىلىرىدە بەخت ئىزدەپ چوت سۇقۇدۇ ۋە ئەڭ شىرىن چۈشلەرنى كۆرىدۇ.كېسىپ ئېيتىش كېرەككى،مەنىۋىيىتى ساغلام ،ئەقىل -ھۇشى جايىدا بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە جاپا-مۇشاقەت ئىزدىمەيدۇ،ئۆز بەخىتسىزلىكىگە رازى بولمايدۇ.


بىراق ئۇ ئاھ ئۇرۇپ،بۇ چوت سوقۇپ ئىزدەۋاتقان،ئىنتىلىۋاتقان بەخت زادى قەيەردە؟ھەقىقىي بەخت زادى نىمىدە؟بەخىتنىڭ  ئۆلچىمى بارمۇ؟...




تارىختا تالايلىغان كىشىلەر بەخت ئىزدەپ ياشىدى.ئۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ كەلدى.بىراق ھەقىقىي بەخىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىلەر بەخت ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان جايلاردىن بەخت ئىزدەپ خۇددى باياۋاندىن گۆھەر ئىزدىگەن كىشىدەك ھالسىرىغان ،سالپايغان ھالدا قۇرۇق قول قايتىشتى.دەرۋەقە كىشىلەر ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ،ماددىي مەئىشەت ۋە ھېسسىي شەھۋەتلەردىن ئۆز بەختىنى ئىزدىدى.لېكىن ئۇلار ماددىي مەئىشەتكە چۆككەنسىرى،نەپسى خاھىشلىرىغا بېرىلگەنسىرى يېڭى كىرزىسلارغا پېتىپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.خوش،ئۇنداقتا بەخت زادى نەدە؟نېمىدە؟بىز ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن ئۇنى ئىزدەپ باقايلى.




1.بەخت ماددىي مەئىشەتتىمۇ؟


بىر مۇنچە كىشىلەر باي-باياشات بۇلۇشنى  بەخت ھىسابلىشىدۇ.بىراق بىز تۇرمۇش سەۋىيەسى پەۋقۇلئادە يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن،ماددىي تۇرمۇش ۋاستىللىرى قولاي بولغان ،يىمەك-ئىچمەكتىن غەم-ئەندىشىسى بولمىغان،تۇرالغۇلىرى،قاتناش ۋاستىلىرى ھەتتا يېزا ئىگىلىكىگە قەدەر يۈكسەك دەرجىدە ماشىنلاشقان،زامانىۋىلاشقان،ئومۇمەن باياشاتچىلىققا تولغان تەرەققىي تاپقان غەرىپ ئەللىرىگە قارايدىغان بولساق،شۇ ئەل پۇخرالىرىدىن نۇرغۇنلىرى ھەر ۋاقىت تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكى،قەلپ ئازادىلىكىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكلىرىدىن قاقشايدۇ.بەخىتلىك بۇلۇش ئۈچۈن باشقىچە يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.لېكىن يەنىلا ئۆزى بىزارلىق ھېس قىلىۋاتقان،بۇرۇقتۇرما بىر خىل قېلىپتىكى تۇرمۇشتىن قۇتىلالمايدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.چۈنكى،ئىنسان تەن ۋە روھتىن پۈتۈلگەن يارالما.ئۇ فىزئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئاش-نانغا مۇھتاج بولغاندەك روھىي جەھەتتىنمۇ مەنىۋىي ئۇزۇققا مۇھتاج بولىدۇ.(خۇددى ئاشنىڭ ئورنىغا تاش،ئالمىنىڭ ئورنىغا چالما يېسە بولمىغاندەك مەنىۋىي ئوزۇقنىڭ ئورنىنى باشقا ھېچ نەرسە باسالمايدۇ)




جىسمانىي ئېچىرقاش تەننى زەھىپلەندۈرۈپ،ئىنساننى نورمال جىسمانىي مەشخۇلات ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلسا،مەنىۋىي ئېچىرقاش ئىنساننى ساغلام تەپەككۇر قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ،بۇ مەھرۇملۇق ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بىر پاجىئەدۇر،پاجىئە بولغاندىمۇ ھەر قانداق پاجىئەنى بېسىپ چۈشىدىغان ئۆز ئىچىدىن تۈگىشىش پاجىئەسىدۇر.ئۈمۈدكە تولغان مەنىۋىي بەخىتنى يوقۇتۇپ قۇيۇش ئىنسان ئۈچۈنلا ئەمەس،ھەر قانداق بىر مەۋجۇداد ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر قاباھەتتۇر.



بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ماددىي ئېھتىياجنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇۋېلىپ،ماددىي يۈكسەكلىكنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ئىنتىلمەكتە.بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئاشۇ ماددىي پاراغەتلەردە بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەندەك قىلغان بىلەن يەنە بىر قىسىم قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشماقتا.يەنى ئۇلار ماددىي مەئىشەت،ھوزۇر-ھالاۋەت ،سەلتەنەت ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان  ئۆتكۈنچىى ئىپتىخارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،مەنىۋى توقلۇق،قەلپ ئازادىلىكى،روھىي قانائەت،ئەمىنلىك تۇيغۇسى قاتارلىقلاردىن كەملىك ھېس قىلماقتا.




دىمەك مال -دۇنيانىڭ كۆپ بۇلىشى،قورساقنىڭ توق،كىيىمنىڭ پۈتۈن بۇلىشىلا بەخىتتىن دېرەك بەرمەيدۇ.بۇ بەخىتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ئاساسىي ئامىل تېخىمۇ ئەمەس.ئەكسىچە مال-دۇنيانىڭ كۆپ بۇلىشى بىرمۇنچە كىشىلەردە تولا چاغلاردا غەم-قايغۇنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا سەۋەپ بۇلۇپ،ئاخىرەتتىلا ئەمەس،دۇنيادىمۇ بۇ كىشىگە نىسپەتەن بىر ئاپەت بۇلىشى مۈمكىن.(ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىدىن بەزىلىرىگە كۆپ بىرىپ،بەزىلىرىگە ئاز بىرىپ،يەنە بەزىلىرىگە بەرگىنىنى ئېلىۋېلىپ ئۇلارنى سىنايدۇ.ھالبۇكى ئاللاھنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەن كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!).




ئاللاھ تائالا رەسۇلىللاھقا خىتاپ قىلىپ مۇناپىقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:<<ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەپلەندۈرمىسۇن،ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازاپلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كۇپپار پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ>>


-سۈرە <<تەۋبە>>(9-سۈرە)،55-ئايەت.


ئايەت كەرىمدە دىيىلگەن ئازاپ،جاپا-مۇشاقەت،غەم-ئەندىشە ،ئاغرىق-سىلاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.مانا بۇ نەق دۇنياۋى ئازاپ.




ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى،مال-دۇنيانى ئەڭ چوڭ غەم،ئارزۇ قىلىۋالغان ھەرقانداق ئادەم ھامان مەنىۋى ئازاپ،روھىي چۈشكۈنلۈك،ساراسىمە ئىچىدە ياشايدۇ.ئۇنداق ئادەمنى ئاز مال-دۇنيا باي قىلالمايدۇ،كۆپ مال-دۇنيا تويغۇزالمايدۇ.ئۇنداق كىشى ئازغا قانائەت،كۆپكە شۈكۈر قىلمايدۇ؛شۇڭا تولا ھاللاردا مال-دۇنياسى غەم-ئەندىشىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ،يەنى مال-دۇنياسى ئاۋۇغانسىرى غەم-ئەندىشىسىمۇ كۆپىيىدۇ.ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە بۇ خىل روھىي ئازاپنىڭ روشەن تەسۋىرى كۆرسىتىلىپ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن:<<كىمكى،ئۇنىڭ(بارلىق)غەم-ئەندىشىسى ئاخىرەت بولسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا روھىي غالىپلىق ئاتا قىلىدۇ.ئۇنىڭ زېھنىنى تازا قىلىدۇ.دۇنيامۇ ئۇنىڭ ئالدىغا خار ھالدا كىلىدۇ.كىمكى،ئۇنىڭ غەم-ئەندىشىسى دۇنيا بولسا،ئاللاھ نامراتلىقنى ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىدەكلا(يېقىن)قىلىۋالىدۇ.ئۇنىڭ زېھنىنى چېچىۋېتىدۇ.ئۇ دۇنيادىن ئازلا نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ>>(تىرمىزى توپلىغان).دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئازاپ،ئىبنى قەييۇم ھەزرەتلىرى ئېيتقاندەك:<<ئۇششاق غەملەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىى،قەلىپنىڭ قۇپقۇرۇق بولىشى،نامراتلىقنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرۇۋېلىشى يەنى ھېلىلا نامراتلىشىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىشتۇر. مال-دۇنياغا ھېرىسمەن كىشىلەر شۇ ھېرىسمەنلىكى تۈپەيلى مەست بولمىغان بولسا ئىدى،ئۇلار چۇقۇم بۇ خىل ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان بۇلاتتى.ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ كۆپلىرى دۇنيادىن زارلاپ قاقشاشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ>>





ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدىكى ئۆزئارا ھىلىگەرلىك ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق دىپلۇماتىيە بېسىملىرىدىن تۇغۇلغان  روھىي ۋە جىسمانىي ئازاپمۇ ئادەمنى روھىي جەھەتتىن ئىزىدۇ.شۇڭا سەلەپ ئۆلىمالار:<<دۇنياغا ھېرىسمەن ئادەم قەلبىنى دۇنيانىڭ خاپىلىقلىرىغا ماكان قىلىشقا تەييارلاپ تۇرسۇن>>دەپ بىكار ئېيتمىغان (يۈسۈپ قەرزاۋى).قىسقىسى،دۇنياغا بىرىلگۈچىلەردە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ:قاچانلا قارىسا غەم-ئەندىشە ئىچىدە ،دەككە-دۈككىدە ياشايدۇ؛دۇنيا ئۈچۈن شاپاشلاپ چارچاپلا يۈرىدۇ؛ھامان تۈگىمەس ھەسرەتتە بولىدۇ.چۈنكى بۇنداق كىشىلەر دۇنيادىن قانچىلىك كۆپ نەرسىگە ئېرىشسۇن،تېخىمۇ كۆپ بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ پۇچىلىنىدۇ.رەسۇلۇللاھ:<<ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى جىلغا ئالتۇنى بولسا ،ئاشۇنداق ئۈچۈنچى قىلغىنىڭ كويىدا بولىدۇ>>(ئەھمەد توپلىغان)دىگەنىدى.ئىيسا ئەلەيھىسالام دۇنياغا بىرىلگۈچىنى ئىچكەنسىرى خۇمارى تۇتۇپ،تەشنا بۇلىدىغان ھاراقكەشلەرگە ئوخشاتقانىدى.






2.بەخت بالا-چاقىدىمۇ؟






بالىلار ھاياتلىقتىكى گۆھەرلەر.خۇددى كونىلاردا <<بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار>>دىيىلگىنىدەك،بالىلارسىز كۆڭۈللۈك تۇرمۇشنى ئويلاش قىيىن.بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا بەخت بالىلاردا دىيەلمەيمىز.چۈنكى ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق بىلەن ياخشى،ھەقلىق يۇسۇندا جاۋاپ قايتۇرۇش ئورنىغا ئۇلارنى تۇز كۇرلارچە قاڭغىر قاخشاتقان بالىلار ئاز ئەمەس.بالىسى ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن يىلى ئېرى تۈگەپ كېتىپ،<<بالامنى ئۆگەي دادىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزمايمەن >>دەپ قايتا تۇرمۇشقا چىقماي،مىڭبىر جاپادا بالىسىنى ئوقۇتۇپ،ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن يىلى <<بالىنى يالغۇز ئۈرۈمچىگە ئەۋەتسەم ئۇ يەردە يە تۇغقانلىرىمىز يوق،بالام ئۆي تامىقى سېغىنىپ قالىدۇ>>دەپ گەرچە تېخى پىنسىيە يېشىغا توشمىغان بولسىمۇ بىر ئاماللار بىلەن پېنسىيىگە چىقىۋېلىپ،بالىسىنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۆزى مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ،بالىسىغا ئۆز قۇلى بىلەن تاماق ئېتىپ بىرىپ باقماقچى بولغان؛بىراق بىر يىل بولا-بولمايلا بالىسى ئۆزلىكىدىن مەكتەپتىن چېكىنىپ ،كېچە-كېچىلەپ     ئۆيگە كىرمەيدىغان،داپ داراڭلىغان ،ئېشەك ھاڭرىغان جايلاردا ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرگەندە ،ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتالمىغان ئانا 16يىللىق ھاياتىنى تۇل ئۆتكۈزۈش بەدىلىگە ئۇنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئوغلىدىن يامان يولدىن يېنىشنى،مەكتەپكە كىرىپ ئۇقۇشنى ئۆتۈنگەندە،تۇزكۇر ئوغلىنىڭ:<<ئۇنداق زارلايدىغان.مىننەت قىلىدىغان ئادەن نىمىشقا تۇغقان؟تۇغقان ئىكەنسەڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىڭ بار-دە!،،دەپ چالۋاقىغانلىقىنى ،يۈرىكى ئېزىلىپ،يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەندە كۆزىمدىن ئىختىيارسىز ياش ئەگىگەنلىكى ھېلىمۇ ئىسىمدە.






تارىخقا نەزەر سالساقمۇ،نۇرغۇن شاھلار مىراس تالىشىش،پادىشاھلىق ۋە بايلىقنى بالدۇرىراق ئۆز ئىلىكىگە ئېلىش قەستىدە بولغان شاھزادىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن.

3.بەخت  پەن-تېخنىكىدىمۇ؟




بىزگە يىراقنى يېقىن،مۈشكۈلنى ئاسان قىلىپ بىرىپ تۇرمۇشىمىزغا ھىسابسىز قولايلىقلارنى بەخىش ئەتكەن پەن-تېخنىكا (تەجىربە ئىلمى) بىزنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشكە قادىر بۇلالارمۇ؟


دۇرۇس،بىز ئىنسانلار پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ،ھاياتلىقتىكى سانسىز تىلسىماتلارنى ئېچىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.ئاللاھ تائالا بىزنىڭ مەنپەتلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقان تەبىئەتنى ئۆزىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق.بۇرۇن ھىچ كىشى ئويلاپ باقمىغان ،ھەتتا خىيالىغا كەلتۈرۈشكىمۇ پېتىنالمىغان نەرسىلەرنى روياپقا چىقىرىشتا پەن-تېخنىكا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ،ئىنسانلار تۇرمۇشىدا پارتىلاش خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش ياسىدى.




ئۆزىگە مەجھۇل نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى.شۇ ۋەجىدىن ئىنسان ئاشۇ شەيئى ھەققىدە تولۇقراق چۈشەنچىگە ئېرىشكىچە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ.بىراق بۇ بىلىش ئىنسانلارنى يەنىلا بەختكە ئېلىپ بارالمايدۇ.ئەكسىچە،ماس مەنىۋى ئۇزۇقتىن  مەھرۇم ھالەتتىكى بىلىش


(تەجىربە ئىلمى)چۇقۇمكى روھىي جەھەتتىن يىمىرىلىشكە ،مەنىۋى قان يېتىشمەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ.



بەخت ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئەجدادلىرى بولغان ئادەم ئاتا،ھاۋا ئانىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ھەممە كىشى تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان بىر ئابىستىراكىت ئۇقۇم. بەزىلەر ئۆزلىرىنى ئەمدىلا بەختلىك ھىساپلاشقانلىرىدا شەيتاننىڭ چاڭ سېلىشى بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان(ئادەم ئاتا،ھاۋا ئانىغا ئوخشاش)


تارىختا تالاي-تالاي ئالىملار پۈتۈن ئۆمرىنى پەن-تېخنىكىغا بېغىشلىغان.ۋاھالەنكى ئۇلار ئۆز تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يەتكەن ھامان قەلبىنى تەسۋىرلىگۈسىز بىر ھەسرەتنىڭ چۇلغىۋالغانلىقىنى ئەلەم بىلەن ھىس قىلىشقان.ئۇلارنىڭ ھاياتلىقتىكى غەم-ئەندىشىلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.گەرچە ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرىغا (يەنى ئىنسانىيەتكە)قولاي تۇرمۇش،پاراۋان ھايات(يەنى بەزىلەرنىڭ قارىشىدىكى بەخت)نى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ،ئۆزلىرىنى زىنھار بەختلىك ھىسابلىيالمىغان.ئۇلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىدە ھەقىقىي بەخىتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى خۇرسىنىش ئىچىدە قايىللىق بىلەن ھىس قىلىپ يەتكەن.شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكەن ھالدا جان ئۈزۈشتى(قەدىردان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە سىر ئەمەسكى،ئەڭ مەشھۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى  ۋە پەيلاسوپلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىمان ئېيتقان.<<چەت ئەل پەيلاسوپلىرى قىسقىچە لۇغىتى>>گە قاراڭ).سىز ئۇلارنىڭ جاۋغايلىرىدىكى تەبەسسۈم ئىزنالىرىدىن ھەقىقىيي بەختكە مۇيەسسەر بولغانلىقلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى ،ئەمما مۇڭ بىلەن قايتقان كۆزلىرىدىن بەخىتكە تولىمۇ كېچىكىپ ئېرىشكەنلىكلىرىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايقايسىز.




زور ئىختىرالارنىڭ ساھىبى بولمىش مەشھۇر كەشپىياتچى ئالىملارنىڭ تەپەككۈرى ھەقىقەتەن تېرەن،ئەتراپلىق بولسىمۇ،ئاللاھنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن مەۋجۇداتلىرى ئالدىدا يەنىلا ئاجىز،چەكلىك ئىدى.ئېينىشتىيىن ئۆزىدىن بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن كاتتا ئالىم نىيوتۇننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى 25 يىلىنى ئىلاھىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكۈزگەنلىكىگە قايىللىق بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دىگەن:<<توغرا،بۇ دۇنيادا نېمىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىدۇق،ئەمما نېمىلەرنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئاجىز كەلدۇق>>.




ئۆلمەس تۆھپىللىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالغان شائىرىمىز ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر <<ھىدايەتنامە>> دېگەن شېئىرىدا مۇنداق يازغان:


ئۆلۈمگە بىر داۋا ئىزلەپ جاھاندىن ئۆتتى كۆپ دانا،


ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،


ئارىستوتىل ياكى لوقماندەك ھېكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،


دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،


دېمەك مۈمكىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنىي زۆرۈرەتنى.




ئەنگىلىيەنىڭ ھازىرقى زامان پەيلاسوپى بىراند روسسېل:<<ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشتە پەن-تېخنىكىغا تاينىپ غەلبە قىلدى.بىراق ئۆزى (يەنى روھى) بىلەن بولغان  كۈرەشتە غەلبە قىلالمىدى.بۇ كۈرەشتە پەن-تېخنىكا ئەسقاتمىدى>>دەپ دىننىڭ بۇ (روھىي) ساھەگە مۇتلەق رەۋىشتە،ئىزچىل ھۆكۈمران بولۇپ مەڭگۈ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغانلىقىنى تەن ئالدى.




4.بەخت مەنىۋىيەتتە،ئۆزىمىزدە




يۇقۇرقى بايانلىرىمىزغا كۆرە، بەخت دىگىنىمىز مال-دۇنيانىڭ كۆپ بۇلىشىدا ،ھوقۇق-مەنسەپتە،بالا-چاقىنىڭ كۆپ بۇلۇشى ياكى پەن-تېخنىكىدا ئەمەس،بەلكى مەنىۋىيەتكە تەئەللۈق ئۇقۇم.شۇڭا ئۇنى كۆز بىلەن كۈرۈپ ،تارازا بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.ئۇنى بايلىق كانلىرىدىن ياكى ئوردا خەزىنىلىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ.ئامرىكا دوللىرى،ياۋرو،فوندستېرلىڭ،مارك،رىيال،دىناردەك ئاقچىلارغا سېتىۋالغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.راستچىل،شۇنداقلا راستچىل ئىكەنلىكى ئاللاھ تەرىپىدىن بايان قىلىنىپ،كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەم مۇنداق دىگەنىدى:<<ھەقىقىي بايلىق ماددىي بايلىق ئەمەس ،روھىي بايلىقتۇر>>(تىرمىزى توپلىغان)




بەخت شۇنداق نەرسىكى،ئىنسان ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ھېس قىلىپ تەڭداشسىز لەززەتكە نائىل بولالايدۇ.ئۇ قەلىبنىڭ ئارامى،سۈزۈكلىكى،كۆڭۇلنىڭ روشەنلىكى،ۋىجداننىڭ راھىتى...بولۇپ،ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچلىرىغا قەدەر ئازادىلىك بولىدۇ .بەخت ئىنسان قەلبىدىن ئوخچۇپ تۇرىدىكى،ھەرگىز  سىرتىدىن  ئىمپورت  قىلىنمايدۇ.بەخت شۇنداق نەرسىكى،ھېچقانداق كىشى ئۇنى ئاتا قىلالمايدۇ،شۇنىڭدەك تارتىپمۇ ئالالمايدۇ.شۇڭا ئۆز قەلبىدىكى چەكسىز بەختتىن سۈيۈنۈپ،ھاياجانغا چۆمگەن بىر مۆمىن مۇنداق دىگەن:<<بىز مۇسۇلمانلار (مەنىۋى جەھەتتە) شۇ قەدەر بەخت ئىچىدە ياشاۋاتىمىزكى،ئەگەر شاھلار بۇنىڭدىن خەۋەر تاپسا ئەلۋەتتە ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قۇشۇن تارتقان بولاتتى>>




ھەقىقىي بەختتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نىمەت ئاتا قىلىنغان كىشىلەر بېشىغا ھەرقانداق بالايى-قازا ،دىشۋارچىلىقلار يەتسىمۇ پىسەنتىگە ئالمايدۇ.تۇرمۇش ئۇلارنى مۇشاقەتلىرى بىلەن كۈتىۋالسىمۇ،ئۇلار ھاياتقا مەردانە ھالدا كۈلۈمسىرەپ باقالايدۇ.نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسپەتەن دەرد-ئەلەم قايغۇرۇشقا،ئاھ ئۇرۇشقا تىگىشلىك مۇسىبەت ھىسابلانسا،چىن بەختكە نائىل بولغان مۆمۈنلەرگە نىسپەتەن چۇقۇم شۇكۇر قىلىشى كېرەك بولغان نېمەتتۇر.چۈنكى ئۇلار<<يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان،بۇ(ئىش)،شۈبھىسىزكى،ئاللاھقا ئاساندۇر>>  (سۈرە<ھەدىد> 57-سۈرە،22-ئايەت) دېگەن ئايەت كەرىمنىڭ بەرھەقلىكىگە مۇتلەق ئىشەنگەچكە،قەلبى خاتىرجەملىككە تولىدۇ(يەنى ئاللاھنىڭ بۇ قازاسىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاھ ئۇرمايدۇ.چوڭ-كىچىك ھەرقانداق مۇسىبەتنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەجىرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ ،سەۋىر قىلىدۇ-دە،ئەجىرگە نائىل بولىدۇ).رەسۇلىللاھ بۇ ھەقتە:<<مۆمىننىڭ ئىشىغا ھەيرانمەن.ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ-بۇ پەقەت مۆمۈنگىلا شۇنداق-ئەگەر ئۇنىڭغا خوشاللىق يەتسە شۈكۈر قىلىدۇ-دە،ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ؛ئەگەر ئۇنىڭغا مۇسىبەت يەتسە،سەېىر قىلىدۇ-دە،يەنە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ>>(مۇسلىم توپلىغان)دىگەن.




ھايات كىرزىسلىرىنى،خاپىلىقلىرىنى ئىنئامغا ،قۇۋۋەت يىمەكلىكىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدىغىنى پەقەت ئىماندۇر.




5.بەختكە زۆرۈر بولغان ماددىي ئۆلچەم




ماددىي بايلىقنىڭ بەختنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى بەلگىلىك رولىنى ئىنكار قىلىش بىر تەرەپلىمىلىك.چۈنكى رەسۇلىللاھ:<<سالىھ ئايال،ياخشى تۇرالغۇ،ياخشى ئۇلاغ ئادەم بالىسىنىڭ بەختىدۇر>> دېگەن.بىراق ماددىي بايلىق بەختنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ھالقىلىق ئۇرۇن تۇتالمايدۇ.چۈنكى مەزكۇر ھەدىس شەرىپتە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھەرگىز سان-مىقتار ئەمەس،بەلكى سۈپەت-ساپادۇر.سالىھ ئايالدىن ئۇنىڭ دىيانىتى ،مەنىۋى گۈزەللىكى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا،ياخشى ئولتۇراق جايدىن ئۆينىڭ ھەشەمەتلىك ،ئېسىل بۇلىشىدىن كۆرە ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ياخشى،ئىشەنچىلىك بۇلىشىدىن ئىبارەت مەنىۋى مۇھىت كۆزدە تۇتۇلغان.




بەخت بىر دەرەخ دىيىلسە،ئىنسان روھىيىتى ئۇنىڭغا زىمىندۇر.ئاللاھقا،ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش دەرەخكە كېرەكلىك بولغان سۇ،ھاۋا،قۇياش نۇرىدۇر. پەقەت ۋە پەقەت ئىمانلا ئىنسان قەلبىدە  خورىماس،ئۈزۈلمەس بەخت بۇلاقلىرىنى ئاقتۇرالايدۇ.ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىقىي بەختكە مۇيەسسەر قىلغاي-ئامىن!

مەنبە:ھىدايەت گۈلزارى-2-قىسىم

تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.COM






ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
nurjahan1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 12:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 09:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلسا بەخت دېگەن شۇ.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5456
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 11:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلام بولغان روھى ھالەت ئىنساندىكى ئەڭ زور مەنىۋى بايلىق بولساكېرەك

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 12:53:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يىزىپىسىز ، قەلىمىڭىز ھىرىپ قالىمىسۇن !

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 12:57:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ۋە پەقەت ئىمانلا ئىنسان قەلبىدە  خورىماس،ئۈزۈلمەس بەخت بۇلاقلىرىنى ئاقتۇرالايدۇ.ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىقىي بەختكە مۇيەسسەر قىلغاي-ئامىن!..........ئىسىل تېما ئىكەن...اللا رەھمەت قىلسۇن



مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش