مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4115|ئىنكاس: 9

ئازغان كۆڭۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 01:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

ھەش-پەش دىگۈچە تۇلۇق ئوتتۇرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ،شىنجاڭ ئىچىدىكى داڭلىق ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەسقەر ،خۇشاللىقىدا نەچچە كىچە ئۇخلىيالمىدى.ئۇلا ئەمەس ئاتا-ئانىسىمۇ ئوغلى بىلەن تەڭ ئۇخلىيالمىدى.ئوغلىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىنى كۆرگەن داۋۇت ئاكا كۆزلىرىگە ياش ئالدى .بۇ يا خۇشاللىق يېشىمۇ يا خاپىلىق يېشىمۇ ھىچ بىلگىلى بولمايتتى.

    يېرىم كىچە...داۋۇت ئاكا ھەمرايى ئايشەمخان ئاچا بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.ئايشەمخان ئاچا يىغلامسىرىغان ئاھاڭدا.

-بولدى داۋۇتاخۇن ،كوڭلىڭلىنى يېرىم قىلماڭلا .بىزمۇ بىر ئۆمۈر دېھقانچىلىق قىلىپ ئۆلۈپ قالمىدۇققۇ؟ئوغلىمىزمۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇمىغانغا ئۆلۈپ قالماس.ئايشەمخان ئاچا يەنە بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ ،سۆزىنىڭ ئاخىرنى داۋاملاشتۇرالمىدى.چۈنكى بۇ پەقەت بىر ئۆمۈر ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ تەڭ جاپا تارتىۋاتقان قەدىناسىنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈنلا دەپ قۇيىۋاتقان سۆزلەر ئىدى.كۆڭلىدە بولسا ،جاپا تارتىپ ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەسقەرنى ئوقۇتۇش نىيتى بار ئىدى .

-بولدى ،كۆڭلۇمنى ياسىما .مەن بىلىمەن ،سەن ئەزەلدىن ئوغلىمىزنى ئوقۇتماسلىقنى ئويلاپ باقمىدىڭ .ئوغلىمىز ھەپتىدە بىر ئۆيگە كەلسە .ئوغلۇم تىرشىپ ئوقۇپ ،داڭلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتكىن ،قېنىمنى سېتىپ بولسىمۇ سىنى چۇقۇم ئوقىتىمەن دەپ ئوغلىمىزنى رىغبەتلەندۈردىغىنىڭ ھىلىمۇ ئىسىمدە .بولدى ئۇنى ئۇقۇتايلى .ئۆيدىكى كالا ،قويلارنى ساتساق ئوغلىمىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ھەم خىراجىتىنى غەملىيەلەيمىز ،كيىنكى يىلى خۇدايىم بىر نىمە دەر .

داۋۇت ئاكا قاتتىق بىر ئوھسىنىپ ،كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى ،ئۇنىڭ ئوخلاۋاتقىنى ياكى بىر نەرسە ئويلاۋاتقىنى بىلگىلى بولمايتتى.......

..........

تەتىل ۋاقتى تۇشۇپ ،ئەسقەر دادىسى غەملەپ بەرگەن ئوقۇش پۇلىنى ئېلىپ مەكتەپكە كەلدى .كىچىكىدىنلا ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان ئەسقەرگە بۇ شەھەر ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل كۈرنەتتى.بىكەتكە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋالغىلى چىققان ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپكە يىتىپ كەلگەن ئەسقەر ،مەكتەپ ھويلىسىنى كۆرۈپ ،ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى .

-ۋاھ !نىمدىگەن گۈزەل ،نىمىدىگەن چوڭ -ھە !چۇقۇم تىرىشپ ئوقۇپ ئاتا-ئانامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن ،چۇقۇم ئەلاچى ئوقۇيمەن دەپ ئۆز-ئۈزىگە ۋەدە قىلدى ئەسقەر .

...........

شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق ئوقۇش ھاياتى ئاخىرلىشش ئالدىدا تۇراتتى.مەكتەپ بۇ يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلىۋاتاتتى.

بىرىنچى دەرىجىللىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكۈچى  ......ئەسقەر داۋۇت ....!

توغرا فاكولتىت كەسىپ ،سىنىپ ئىسىم ھەممىسى ئەسقەرنىڭ ،چۈنكى ئەسقەرنىڭ سىنىپىدا ئەسقەر داۋۇت ئىسىملىك بىرلا ئوقۇغۇچى بار .ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى قايتا -قايتا تەكرارلىغان ئەسقەر بىردىنلا ..دادا...!دەپ قاتتىق توۋلىۋەتتى .يىغىن زالىدىكى ھەممەيلەن ئونىڭغا ھەرخىل نەزەر بىلەن قارىماقتا ئىدى ....ھەۋەس قىلىۋاتقانلار ،ھەسەت قىلىۋاتقانلار ،ئەسقەرنىڭ ئۆزىگە بىر قارشىنى تەمە قىلىۋاتقانلار ........ھەممە .....ھەممە بار ئىدى .

ئەسقەر بۇ خۇشخەۋەرنى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ ،ئۆزىنىڭ تەتىلدە قايتمايدىغانلىقىنى ،ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆز خىراجىتىنى غەملەيدىغانلىقىنى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەنسىرمەسلىكىنى ئېيتىپ ،تەتىلدە يۇرتقا قايتىمىدى .60كۈنگە يېقىن تەتىلدە جاپالىق ئىشلەپ خىلى پۇل تاپتى .ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى قوشسا ئۇقۇش پۇلىغا يىتىپ يەنە ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئاي خىراجەت قىلىشىغىمۇ يىتىپ ئاشاتتى.

مانا يېڭى ئوقۇش يىلىمۇ باشلانغىنىغا بىر ئايچە بۇلاي دەپ قالدى .ئەسقەرنىڭ ئەتىراپىدا ساۋاقداشلار پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ كىتەلمەيدىغان بولدى .بولۇپمۇ قىزلار .بىرى بىللە تەكرار قىلايلى دىسە،بىرى بىر نەرسىنى چۈشەنمىدىم دەپ كىلەتتى.بىرى تاپشۇرقىمغا ياردەم قىلىڭ دىسە يەنە بىر نىمە دەپ كىلەتتتى.ئىشقىلىپ كەلگەنلەرنىڭ بىر باھانسى بار بۇلاتتى .مۇشۇ ياشقىچە قىزلار بىلەن بىرەر قېتىم ئايرىم ئۇچىرشىپ پاراڭلىشىپ باقمىغان ئەسقەر بەزىدە ئۇڭايسىزلىنىپمۇ قالاتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي بۇلارغىمۇ كۆنۈپ قالدى .ياتقداشلىرى ۋاي ئەسقەر قىزلىرڭىدىن بىرەنى بىزگىمۇ بىرىپ تۇرساڭ ،بىزمۇ باغچا ئايلاندۇرۇپ ئوينىتىپ كەلسەك بۇلاتتى....دىگەندەك بىمەنە چاقچاقلىرىغا كۈلۈپلا قۇياتتى .

  شەنبە كۈنى ئىدى ،ئەسقەر دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئىشلەۋاتقان ئورندىن قايتىپ كىلىپ ئەمدىلا ئارام ئالاي دەپ تۇرشغا بىر فاكولتىىت باشقا بىر سىنىپتىكى قىز ئاينۇردىن تىلىفۇن كىلىپ قالدى ،ئاينۇر دائىم ئەسقەردىن دەرس سۇرايتتى .ئەسقەرمۇ ئويلانمايلا تىلىفۇننى ئالدى

-ۋەي !ياخشىمۇ سىز ؟قىزنىڭ ئاۋازى بۈگۈن باشقىچە يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتتى.ئەسقەر دەماللىققا نىمە دىيشىنى بىلەلمەي ھە ...ھە دەپلا جاۋاپ قايتۇردى .

-پەسكە چۈشكەن بولسىڭىز ،كەچلىك مەنزىرىنى تاماششا قىلغاچ ئايلىنىپ كەلگەن بولساق .ئەسقەر دەمال نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەي قالدى .ئۆزىنىڭمۇ ئوقۇش ،ئىشلەش بىلەن بولۇپ كىتىپ بىر يىلدىن بېرى تۈزۈك شەھەر ئايلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكە ئالغان ئەسقەر چىقساممۇ چىقاي دەپ ئويلىدى .

ئىككىسى دەرۋازا ئالدىدا ئۇچىراشتى ،بۈگۈن ئاينۇر ئالاھىدە ياسانغان ،ئاددى قىلغان گىرىملىرى ئۆزىگە تېخمۇ ياراشقان ئىدى .

-پاھ ئاجايىپ گۈزەل بوپ كىتىپسىز جۇمۇ ؟ئەسقەر شۇنداق دەپ چاخچاق قىلىشغا .ئاينۇر.

-سىزنى دەپ شۇ ،قانداق ؟سىزگە يارىدىممۇ ؟

ئەسقەر دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرشىنى بىلەلمەي قالدى .

-ۋاي بولدى نازۇك غۇجام .قىزارمىڭىە چاخچاق قىلىپ قويدۇم .قېنى دەڭە قايسى تەرەپكە بېرىپ ئايلىنىمىز ؟ھە راس ،تاماق يىمىگەنسىز ،ئاۋۋال تاماق يەيلى ،مەن مىھمان قىلاي .ئۇلار شۇنداق دىيىشكىنىچە ئاشخانىغا قاراپ يول ئالدى .تاماقتىن كىيىن ئۇلار باغچىغا بېرىپ ئايلاندى .ئىككىسى قىزغىن مۇنازىرە ،كەلگۈسى توغۇرلۇق پاراڭلار بىلەن ۋاقتنىڭ ئاللبۇرۇن تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى  .ئاپلا دىدى ئەسقەر .ۋاقىت تۇشۇپ كەتتى.مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقايدۇ ،ئەمدى قانداق قىلارمىز ؟

-بولدى  ئەنسىرمەڭ بىز كىنوخانىغا بېرىپ تۈنەيلى .ئاينۇر شۇنداق دىدى –دە .يەرگە قارىۋالدى .شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى .لىكىن ئەسقەر قايسى كىنوخانىغا ؟قانداق باردىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى .ئۇلار تاكسىغا چىقتى .كىنوخانىغا كەلگەندىن كىيىن چوڭ زالنىڭ بېلتىنى ئېلىش ياكى ئايرىمخانا بېلتىنى ئېلىش مەسلىدە ئەسقەر قاتتىق ئىككلىنىپ قالدى .ئاخىرى ئاينۇر ئېغىز ئاچتى .بۇ يەرگە ساۋاقداشلارمۇ كىلىشى مۇمكىن بىز يەنىلا ئايرىمخانىنىڭ بېلتىنى ئالايلى دەپلا پۇل تاپشۇرۋەتتى.ئەنۋەر خىجىللقتىن قىزرىپ كەتتى.ئۇلار ئايرىمخانىغا كىردى ................

ھەممە ئىش مانا شۇ ئايرىمخانىدىن باشلاندى .تۇنجى سەيلىگە بىللە چىقىش ،ئايرىمخانىغا بىللە كىرىش بىلەن باشلاندى ،قۇرامىغا يەتكەن ئىككى نامەھرەم خالى جايدا بىرگە بۇلسا ،ئۇلارغا شەيتان ھەمرا بۇلىدۇ .ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ئەسقەرنىڭ كىنودىكى كۈرنىشلەر ،ئاينۇرنىڭ يېقىن چاپلىشىپ ئولتۇرشى ،ئاينۇرىدىن كىلىۋاتقان كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقىدىن نەپەس ئېلىشى قىينلىشىپ ،بارا-بارا ئۆزىنى باسالماي قالدى .........قۇلاق تۈۋىدە ئاينۇرنىڭ ..ياق ئۇنداق قىلماڭ دەپ پىچىرلىشى ........كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن توختاپ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەن ئەسقەر ئاينۇرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق خىجىل بولدى .بىردەملىك ھىسياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ بىرقىزنىڭ تۇغۇلۇپ ھازىرغا قەدەر قوغداپ كىلىۋاتقان ،قىزلارنىڭ جېنىدىنمۇ قىممەتلىك بولغان ئىپپىتىنى ئۆز قۇلى بىلەن نابۇت قىلغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ئەسقەر قاتتىق پۇشايمان قىلدى .ئاينۇر نىمە دىيىشنى ،قانداق تەسەللى بىرشنىمۇ بىلمەيتتى.ئەسقەر بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۆزىنى قاتتىق ئەيىپلىمەكتە ئىدى .ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىر چاغدا ئاينۇرنىڭ :بولدى ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ ،بۇ ئىشتا سىزدە ئەيىب يوق .بۇلار ئىش بولدى .ئەمدى مەن سىزگە تەۋە بولدۇم .بۇندىن كىيىن ياخشى ئۆتەيلى دىگەن گىپىدىن ئاستا بېشىنى كۈتۈرۈپ ئاينۇرغا قاردى.ئاينۇر كۈلۈمسىرگىنىچە ئەسقەرنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويدى .

ئشىلار ئۆز رېتىمىدا داۋاملاشماقتا .ئەسقەر ئېغىر گۇناھكار كىشىدەك سىنىپ ،ياتاق ،ئاشخانا ئارسىدا يالغۇز قاتىراپ ،باشقىلارغا گەپمۇ قىلماي ،ئارلاشماي كۈن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى .بىر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ياتاققا قايتاي دەپ تۇرشغا تىلىفۇنى سايراپ قالدى .تىلىفۇن ئاينۇردىن كەلگەن ئىدى .ئەسقەر بىرخىل قورۇنۇش ،قورقۇش ئىچىدە تىلىفۇننى ئالدى .

-ۋەي

-باكەنسىز –ھە ئەسقەر .قانداق قىلىدىكىن دىسەم قىلغۇلۇقنى قىلىپ بۇلۇپلا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ يۇقاپلا كەتتىڭىز .ھازىرغى ئوغۇللارنىڭغۇ ھەممىسى شۇنداق .مەن سىزنى خىلى ئەركەك تۈكى بار دەپ ئويلاپ ئۈزۈمنى تاپشۇرغان .ئەمدىلكتە مەندىن قېچىپ يۈرسىز .بولدى ئۇنچە قىلىپ كەتمەڭ .مەن ھەرگىزمۇ سىزگە ئېسلىۋالمايمەن .ئاينۇر گەپنى دەپ بولۇپلا تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى.ئەسقەر نىمە دىيىشنى ،قانداق چۈشەندۈرۈشنى قەتئىي ئويلاپ يىتەلمىدى .ئاينۇر بىلەن ئايرىمخانىغا كىرگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى .بىراق ئەمدى كىچىككەن ئىدى .كىچىكىدىن بىرەر تال چۈمۈلىگىمۇ ئازار بىرىپ باقمىغان بۇ دېھقان پەرزەنتى ئۆزىنىڭ بۇنداق بولمىغۇر ئىشقا يۇلۇقۇشىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان ئىدى .قانداق قىلىش كىرەك ؟ئۇ ئاخىرى ئاينۇرغا تىلىفۇن قىلىپ تاماققا تەكلىپ قىلدى .ئاينۇر ئايرىمخانىدا تاماق يىگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.ئايرىمخانا دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئەسقەر بۇيۇنلىرىغچە قىزىرىپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ ئايرىمخانىسى بار بىر ئاشخانىغا كىردى .

-ھە !بېشىڭىزنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ ؟مىنى تاماق يىيىشكىلا چاقىرمىغانسىز ؟قانداق گىپىڭىز بولسا تارتىنماي دەۋىرىڭ .مەن ھەرگىزمۇ سىزدىن رەنجىمەيمەن .

-راس دەيسىز ،سىزگە دەيدىغان گىپىم بار .مەن قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ قاچىدىغان ئوغۇللاردىن ئەمەس .بىراق سىزنى قىلچە چۈشەنمەيمەن ،سىزمۇ بەلكىم مىنى چۈشەنمەيسىز ،ئىككىمىز ئىككى يۇرتتىن .سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىيەلمەيمەن .چۈنكى ئارىمىزدا مۇھاببەت شەكىللەنمەي تۇرۇپلا ....

-شۇنداق .ماڭا بەك ئاسانلا ئىرشتىڭىز .مەن سىزنى ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ دەپ ئىشىنىپ ،كىنوخانىغا بىللە بېرىپتىمەن .بىراق بەز يىمەيدىغان مۈشۈك بولمىغىنىدەك سىزمۇ مىنى بوش قويمىدڭىز .ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە .ياخشى كۆرمىسىڭىز بوپتۇ .تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ھەر ئىككىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى .ئاينۇر شۇنداق دەپ بولۇپ ،قېيدىغاندەك  قىلىپ  بىريانغا قارۋالدى .

-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس .كىيىنكى ئىشلارنى بىر نىمە دىمەك تەس .سىزنى ئازاپلاپ قۇيۇشۇمدىن ئەنسىرەيمەن .

-ئازاپلاشنى ئازاپلاپ بولدىڭىز ،بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئازاپلىماقچى ئىدىڭىز ؟مۇھاببەت دىگەننى ئاستا-ئاستا يىتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ .مەكتەپتىكى قىز –ئوغۇللارغا قاراڭ ،ئۇلارمۇ يۇرتىدىلا مۇھاببەتلىشىپ كەلمىگەن .مۇھاببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ  قايسى بىرى بىر يۇرتلۇق .ئۇلار سىنىپقا قول تۇتۇشۇپ كىرىدۇ .ئاشخانىغا قولتۇقلىشىپ ماڭىدۇ .شۇنداق ھەۋەس قىلىمەن .بىراق سىزچۇ ؟بىر بۇلۇڭدا قىلىدىغاننى قېلىۋېلىپ بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىۋېلىپ يۇرۈيسىز......ئاينۇر بىر-بىرىدىن زەھەردەك گەپلەرنى قىلماقتا ئىدى

-بولدى ئاينۇر مىنى كەچۈرۈڭ .مەن چۇقۇم سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈشكە ،ئەڭ يۈكسەك مۇھاببىتىمنى بىرشكە تىرشىمەن .مەن چۇقۇم سىزنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرشىمەن .

-بولدى قىلىڭ ،مىنى ياخشى كۈرۈشكە تىرشىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ .

-ئۇنداق ئەمەس .مەن ئاۋارىچىلىق ھىس قىلمايمەن ،ماڭا ماقۇل دەڭ ،بۈگۈن سىزگە مۇشۇ گەپنى دىيىش ئۈچۈن چاقىرتقان .ماڭا ئىشنىڭ .سۆزلىگەنچە ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئەسقەر ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئاينۇرنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى .ئاينۇرنىڭ بولدى قۇلۇمنى قۇيۋىتىڭ دىگەن گىپى بىلەن ئەسقەر ناھايتى چاققانلىق بىلەن ئاينۇرنىڭ قۇلىنى قۇيىۋەتتى.

-قۇلۇمنى قۇيىۋەتكىلى ئاران تۇرسىز –ھە .ئاينۇرنىڭ تەنە ئارلاش گىپىدىن ئەسقەر يەنە ھۇدۇقۇپ نىمە دىيىشنى بىلمەي قالدى .

-بولدى چاخچاق قىلى] قويدۇم .15ياشلىق قىزبالىدەك قىزىرىپ يەرگە قاراپلا تۇردىكەنسىز .بولدى ،بېشىڭىزنى كۈتۈرېىڭە ،مەن قۇشۇلدۇم .ئاينۇر شۇنداق دىگىنىچە ئەسقەرنىڭ يېنىغا ئۆتتى –دە ئەسقەرنىڭ بوينىغا گىرە سالدى ،ئەسقەر دەمال قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدى .ئاينۇر بولسا ئاللىبۇرۇن ئەسقەرنىڭ لىۋىنى شۇراشقا باشلىغان ئىدى .ئەسقەرمۇ ئاستا-ئاستا ئاينۇرغا ماسلىششقا باشلىدى .ئايرىمخانىنىڭ ئىشكى چىكىلگەندىن كىيىنلا ئسىگە كەلگەن بۇ بىر جۈپ ياش دەرھال ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتتى .ئەسقەر تۇلىمۇ بىئارامچىلىق ھىس قىلغان قىياپەتتە ئىشىكنى ئاچتى ......!

ئەسقەرنىڭ كۈنلىرى ھەم خۇشال ھەم ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى .ئاينۇرنىڭ تىزىس ،تاپشۇرۇق .....ئىش قىلىپ ئەسقەر قىلالايدىغانلا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسقەر ئاينۇرغا قىلىپ بىرۋاتاتتى.ئاينۇر بىكار بولسىلا ئەسقەرنى سىرىتقا چاقىراتتى .ئىككەيلەن بىللە ئايلىناتتى.كىنو كۈرەتتى،تورخانىغا باراتتى.

-ئەسقەر ،دائىم مەن سىزنى سىرتقا چاقىرمەن .ھەممە ئىشتا مەن تەشەببۇسكار سىزنىڭ بىرەر قېتىممۇ مىنى چاقىرىپ باققىنىڭىزنى ،سىزنى سېغىندىم دىگىنىڭىزنى ،سىزنى سۆيىمەن دىگنىڭىزنى ئاڭلاپ باقمىدىم ،سىز مىنى ئۇيۇنچۇق قاتارىدا كۆرۈپ كىلىۋاتامسىز –يا؟

ئاينۇرنىڭ ئاخىرقى گىپى ئەسقەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىگە كەلدى .

-ئۇنداق دىمەڭ ئاينۇر .مەن سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرىمەن ،بىراق شۇ سىزنى بىمەھەل ۋاقىتتا ئاۋارە قىلماي دەپ سىزنى چاقىرمايمەن .سىزگە بولغان مۇھاببىتىمدىن قەتئىي گۇمانلانماڭ .ئۇلار پاراڭلاشقىنىچە يەنە شۇ «كونا جاي»غا يىتىپ كىلىشتى .....ئىشلار بۇرۇنقىدەك .بىراق بۇ قېتىم خىلى تەبىئى ،ئەسقەرمۇ بىر نەچچە قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاينۇرنى «قىيناپ »ئۈلگۈردى .ئىككەيلەن تۇلىمۇ خۇشال ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلىپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى .

بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن يۇرتقا قايتماقچى بولدى .بۇ قېتىم ئەسقەرمۇ قايتىش قارارىغا كەلدى ،چۈنكى ئوقۇشقا كەلگەندىن بېرى ئۆيگە قايتمىغان ،ئاتا-ئانىسمۇ پۇل تىجەيمىز دەپ يوقلاپ كەلمىگەن ئىدى .ئاينۇر ئىككىسى بىر پويىزدا بىللە قايتتى .ئەسقەر ئاينۇرتۇرۇشلۇق ناھىيدە پويىزدىن چۈشۈپ ،ئۆزناھىيسىگە قايتماقچى ،چۈنكى ئەسقەرنىڭ ناھىيسىگە پويىز قاتنىمايدۇ .ئۇلار بىر-كىچە كۈندۇز يول يۈرۈپ ئاينۇرنىڭ ناھىيسىگە يىتىپ كەلدى ،ئۇلار پويىزدا تەتىلدە كۈرششكە كىلىشىپ خوشلاشتى ،چۈنكى ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاينۇرنى كۈتۈۋالغىلى چىققان بولغاچقا شۇنداق خوشلاشماي بولمايتتى.

  ئەسقەر يۇرتىغا كەلگەندىن بېرى مىھماندارچىلىقنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى،ئارلىقتا ئاينۇر بىلەن تىلىفۇنلىشىپ تۇردى .ئۇزۇنغا سۇزۇلغان مىھماندارچىلىقتىن ھېرىپ ھالى كەتكەن ئەسقەر ئۆيىدە ئارام ئېلىپ ئولتۇراتتى،تۇيۇقسىز تىلىفۇنى سايراپ كەتتى،قارسا ناتۇنۇش بىر نۇمۇر،ئەسقەر بۇ كىمدۇ ئەمدى دەپ ئويلىغاچ تىلىفۇننى ئالدى .

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ؟

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،قانداق داشۆسىڭ (ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى )بارمۇ سەن ؟قايتىپ كىلىپمۇ بىزنى ئىزدەپ قۇيايمۇ دىمىدىڭ –ھە.ئەسقەر دەماللىققا كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمدى .

-سىز كىم بۇلىسىزكىن ؟تۇنۇيالمىدىمغۇ ؟

-شۇنداق ،شۇنداق ،سەن بىزنى ھازىر تۇنۇمايسەن ،چۈنكى سەن داشۆسىڭ،بىز دىگەن ئادەتتىكى شوپۇر بوپ قالدۇق ،تۇنۇمىغان بولساڭ بوپتۇ .

-ئالىم !ۋاي ئالىمغۇ سەن ئاداش .ۋاي بامۇ سەنوي .مەن ساۋاقداشلاردىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ سىنىڭ خەۋرېڭنى ئالالمىغان ئىدىم .ئۆيدىكىلەرمۇسىنى كۆرمىگەنلىكىنى دىدى .قانداق ئاداش ،ياخشىمۇ سەن ؟ئەسقەر تۇلۇق ئوتتۇردا بىر پارتىدا ئۈچ يىل بىللە ئولتۇرغان ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى ئالىمنى ئاۋازىدىن تۇنۇۋالغان ئىدى .

-ھەر نىمە بولسا ئاۋازىمنى ئۇنتۇپ قالماپسەن –ھە ئاداش .مەنمۇ بار ئاداش ،يۇرتقا قايتىپ كەلگىلى بىرنەچچە ئاي بولدى .بولدى ئاداش مەن ئۈيۈڭنىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاۋاتىمەن .تىز چىق ،پاراڭلىشىپ كىلىمىز.

ئەسقەر تىلىفۇننى قۇيۇپلا سىرىتقا قاراپ يۈگۈردى .كونا دوسلار قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى ،ئالىم ھەتتا كۆز يېشى قىلىپمۇ ئۈلگۈردى .سىنى بەك سېغىندىم ئاداش .مەنمۇ شۇ ئاداش ،يۈر ئۆيگە كىرەيلى .

-بولدى ئاداش چوڭلارنى ئاۋارە قىلمايلى ،بازارغا بېرىپلا پاراڭلاشمايمىزمۇ ؟

-ئۇنداق قىلساق قانداق بۇلىدۇ ؟دادام ئۇقسا خاپا بۇلىدۇ ،يۈرە ئاداش ئۆيگە كىرەيلى .

-بولدى ئاداش ،ماشنىغا چىقە ،بازارغا بېرىپ قانغۇچە بىر پاراڭلىشىپ كىلەيلى .

-ۋاھ !قالتىسقۇ ئاداش ،ماشىنا ئالدىم –دە .قالتىس ياخشى ياشاۋېتىپسەن جۇمۇ ئاداش .

-بولدى ئاداش ،قالغان گەپنى ھىلى دەپ بىرىمەن ،ماڭايلىمۇ ؟

-ئەمسە بىرئاز ساقلاپ تۇر ،مەن ئۆيدىكىلەرگە دەپ قۇيۇپ چىقاي .

ئەسقەر ئۆيدىكىلەرگە دەپ قۇيۇپ ئالىم بىلەن بازارغا كەلدى .ئالىم ئەسقەرنى بىرئايرىخانىغا باشلاپ نىمە يەيدىغانلىقىنى نىمە ئىچىدىغانلىقىنى سۇرىدى.

-ئاداش ،مەن ھاراق ئىچىشنى ئۆگەنمىدىم ،سەندىمۇ ماشىنا بار ،شۇڭا ھاراق ئىچمەيلى ،ئادەتتىكى سوغۇق ئىچىملىك بىلەن ئازراق قورۇما بۇيرۇپ ،پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى ،سەنچە بۇلارمۇ ؟

-بۇلىدۇ دىدى ئالىم ۋە كۈتكۈچىنى چاقىرىپ خىلى مول داستىخان تەييارلىدى .ئىككى دوسىت خىلى ئۇزۇن پارڭلاشتى ،ئالىم ئۆزىنىڭ ئازراق نۇمۇر كەملەپ قالغانلىقتىن ئالى مەكتەپكە ئۈتەلمىگەنلىكىنى ،مەكتەپ مۇدىرى دادىسىنىڭ قاتتىق تەنقىدلەپ قايتا ئۇقۇشقا زورلىغانلىقىنى ،دادىسىنىڭ تاپا-تەنىسىگە چىدىماي ،ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ شەھەردە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ،بىر تەرەپتىن شوپۇرلۇقنى ئۆگەنگەنلىكىنى ،دادىسىنىڭ يېقىندا ئۆزىنى ئىزدەپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىپ بۇ ماشىنىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ،ھازىر مۇشۇ ماشىنىنى ھەيدەپ ،ئانچە –مۇنچە پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .ئەسقەرمۇ ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتە قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى .ئالىمنىڭ چۇقۇم قىز دوستۇڭ باردۇ ؟دەپ سۇراۋەرگەندىن كىيىن ئاينۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋتىنى ،ئاينۇر قوشنا ناھىيدە ئىكەنلىكىنى قىسقا قىلىپ سۆزلەپ بەردى .

-ھە !مۇنداق دىگىن ،سەنمۇ بوش كەلمەپسەندە .بۇمۇ بوپتۇ ،ئارلىقمىزمۇ يىراق ئەمەسكەن .مەن دائىم ئۇ ناھىيگە كىرا ئېلىپ بارىمەن ،تۇنۇشلىرىممۇ خىلى كۆپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بوغۇسى يەڭگەممۇ ناھىيە ئىچىدىن ئىكەن ئەمەسمۇ .ئالىم چاخچاق قىلدى .

ئىككى دوسىت خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى .ئالىمنىڭ بىر كونا خېرىدارىغا ماشىنا لازىم بولغاچقا ئىككەيلەن يەنە كۈرشۈشكە كىلىشىپ خوشلاشتى .ئەسقەر ئالىمنىڭ ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قۇياي دىگىنىگە ئۇنىماي بازاردىن مەھەلىسىگە كىرا قىلىپ قايتتى.

ئەسقەر ئەمدىلا دادىسى بىلەن ئېتىز بېشىغا كىلىپ تۇراتتى ،ئالىمدىن تىلىفۇن كەلدى .

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاداش .بۈگۈن بولغۇسى يەڭگەمنىڭ يۇرتىغا بىر كىرا چىقىپ قالدى .ئۈچ ئادەمكەن ،ماشىنى كۈتۈرە ئېلىپ ماڭدى .بىر ئورۇن بىكار ،شۇڭا بىللە بېرىپ كىلەيلىمىكىن دەپ ساڭا تىلىفۇن قىلىشىمتى .

-ھە .بىراق ئاداش مەن ھازىر دادام بىلەن ئېتىزغا چىققان ،شۇڭا بارالمايدىغاندەك تۇرىمەن .باشقا ۋاقىتتا بىللە بارايلىمىكىن .

-ئاداش،تەتىلمۇ تۇشاي دەپ قالدى ،مەكتەپكە بارغان تاناۋىېڭنى تارتىمىسۇن دەيمەنغۇ ؟

بۇ ۋاقتتا دادىسى گەپ قىستۇردى .بولدى بالام بۇ ئىشلارغا مەن يىتىشەلەيمەن .سەن بېرىپ كەلگىن .دوسلىرىڭىنىڭ دىلىنى رەنجىتمە .ئوغۇل بالىنىڭ دوستى كۆپ بولمايدۇ .لىكىن ھەقىقى دوسىتنى رەنجىتىشكە بولمايدۇ .بولدى بارغىن بالام .

-ھە بۇلىدۇ ئاداش ،مەن ئۆيگە بېرىپ كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ بازارغا باراي ،سىنى بەك ساقلىتىپ قۇيارمەنمۇ ؟

-ياقەي .مەن سىنىڭ ئۆيۈڭ ئالدىغا كىلەي دەپ قالدىم ،چاققان بول .

ئەسقەر ناھايتى تىزلا تەييار بولدى ،ئىككى دوست قىزغىن پاراڭلاشقان خېرىدارلىرنى ئېلىپ قوشنا ناھىيگە قاراپ يولغا چىقتى .ئاينۇر بىلەن كۈرشۈشنى ئويلىغان ئەسقەرنىڭ يۈركى ھاياجاندىن تىز-تىز سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى.ئەسقەرنىڭ خىيالغا پېتىپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئالىم .

-ھە ئاداش نىمە سوۋغا قىلسام بۇلار دەپ ئولتۇرۇپ قالدىڭمۇ ؟بولدى ئويلانما ،سىنىڭ بارغىنىڭنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ سوۋغا .ئەگەر سىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە ھەرگىزمۇ سەندىن سوۋغا ئەكەلمەپسىز دەپ رەنجىمەيدۇ ،ئەكىسچە سوۋغا ئېلىپ بارساڭ رەنجىيدۇ .چۈنكى سىلەر دىگەن ئوقۇغۇچى ئەمەسمۇ ؟ئالىمىڭ سۆزى ئورۇنلۇق ئىدى .خىلى جاپا –مۇشاقەتلەرنى باشتىن كەچۈرگە ئالىم ئۆزيېشىغا ماس كەلمىگەن ھالەتتە ئۆزىنى توختاتقان ،گەپ سۆزلىرىمۇ شۇنداق جايىدا ،ئورۇنلۇق ئىدى .

-ياقەي ،مەنمۇ سوۋغا ئېلىشنى ئويلىمىدىم .

-ئۇنداقتا تىلىفۇن قىلىپ قۇيامسەن ياكى گەپ قىلمايلا بېرىپ تۇيۇقسىز خۇشال قلىۋىتەمسەن ؟ئەسقەر تۇيۇقسى زخۇشال قىلىۋىتىشنى ئويلاپ تىلىفۇن قىلماسلىقنى قارار قىلدى .ئۇلار ئالاھەزەل بىر سائەتتىن ئارتۇقراق يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا يىتىپ كەلىدى ،ماشنىدىكىلەر مەلۇم مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېيىتتى،ئۇلار مىھمانخانا ئالدىغا بېرىپ ماشنىدىن چۈشتى ،ئەسقەرمۇ ماشنىدىن چۇشتى .چۈشتىيۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .قارشى تەرەپتىن ئاينۇر بىر يىگىتنىڭ بىلىكىدىن قولتۇقلىغىنىچە كىلىۋاتاتتى،ئاينۇر يىگىتنىڭ كۆزىگە قاراپ بىر نەرسىلەرنى دەپ كۈلەتتى،يىگىت بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قۇياتتى.......مانا ئەسقەرنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ مىھمانخانىغا كىرىپ كەتتى.ئەسقەرنىڭ كۆزئالدى قاراڭغۇلاشتى .ئالىمنىڭ نىمە بولدۇڭ دەپ قاتتىق سىلكىشىدىن ھۇشىغا كەلگەن ئەسقەر ئالىمغا نىمە دىيشىنى بىلەلمىدى .كۆزى مىھمانخانىدا ،بايا ماشنىدا كەلگەنلەر رەسمىيەت ئۆتەۋاتاتتى ،ئاينۇر ھېلقى يىگىت بىلەن نىملەرنىدۇ دىيىشكەچ ئۆچىرەت ساقلاۋاتاتتى.

-نىمە بولدى ساڭا .نىمىگە قاراۋاتىسەن ؟ئاينۇرغا تىلىفۇن قىلمامسەن ؟

قانداق قىلىش كىرەك ؟خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ –يا ؟ئەسقەر شۇلارنى ئۆيلىدى –دە ،يېنىدىن تىلىفۇننى ئېلىپ ئاينۇرغا تىلىفۇن قىلدى .تىلىفۇن ئۇلاندى ،ئەسقەر تىلىفۇننىڭ مىھمانخانىدىن ئېلىنماسلىقىنى تىلەيتتى..........ئەپسۇس ......ئاينۇر تىلىفۇننى ئالدى –دە ،ھېلىقى يىگىتنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ مىھمانخانا كىرىش ئىشكىنىڭ ئالدىغا ....ئەسقەرگە تېخمۇ يېقىن جايغا كەلدى .

-ۋاي بارمۇ سىز ؟سىزنى سېغىنىپ ئۈلەي دىدىم .يۇقاپلا كەتتىڭىز ،قاچان مىنى كۆرگىلى كىلىسىز جېىنىم ؟ئاينۇر پەس ئاۋازدا شۇ گەپلەرنى دىدى.ئەسقەر نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى .شۇ تاپتا ئۇنىڭ تىللرى كالۋالىشىپ قەتئىي گەپكە كەلمەيتى .

-گەپ قىلىڭە ،نىمە بولدىڭىز ؟بىئەپمۇ –يا ؟ئەگەر شۇنداق بولسا بىز كىينچە كۈرشەيلى .

-ياق ،بىئەپ ئەمەس ،سىز ھازىر نەدە ؟ئاۋازىڭىز نىمانچە پەس ؟ئەسقەرنىڭ ئاغزىدىن بۇگەپلەرقانداق چىقتى ،بۇنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى .

-مەن ئۆيدە جېنىم ،ئۆيگە مىھمان كەلگەن ،شۇڭا بەك ئالدىراش ھەم بىئەپ ....تىلىفۇندا ھىلقى يىگىتنىڭ بۇلۇڭە تىز دىگەن گىپى ئاڭلاندى ،ئاينۇر ھېلقى يىگىتكە بۇرۇلۇپ شەرەت قىلغاندىن كىيىن .ماقۇل ئەمسە جېنىم ،مەن ئىشىمنى قىلىۋىرەي ،سىزگە كەچتە تىلىفۇن قىلاي ،خوش دەپلا تىلىفۇننى قويدى –دە ھېلقى يىگىتكە ئەگىشىپ ياتاققا كىرىپ كەتتى ...!

ئاھ ......تەڭرىم !ئەسقەرنىڭ كۆز ئالدى قارڭغۇلاشتى .....قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن .ئەسقەر بىر ۋاقتتا ھۇشىغا كەلدى.قانداقلارچە دوختۇرخانىغا كىلىپ قالغىننى بىلمىگەن ئەسقەر يېنىدا تۇرغان ئالىمدىن بۇ يەرگە قانداقلارچە كىلىپ قالغىنىنى سۇرىدى.

-بەك ياخشى بولدى جېنىم ئاداش ،مىنى بەكمۇ قورقۇتتۇڭ .ھازىر قانداقراق تۇرسەن ؟دوختۇر ھازىرچە چوڭ مەسلە يوق ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن تەكشۈرىمىز دىگەنتى ،مەن دوختۇرنى چاقىراي .

-ياق بولدى ئاداش ،چاقىرمىغىن ،تەكشۈرتۈپمۇ يۈرمەيلى .مەندە تەكشۈرتكىدەك كىسەلمۇ يوق .چىقىپ كىتەيلى .

-كىسەل بولمىسا نىمىشقا ھۇشۇڭدىن كىتىسەن .بولدى يەنىلا تەكشۈرتەيلى ئاداش ،پۇلدىن غەم قىلما ،يېنىڭدا مەن بار .

-ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت ئاداش ،مەندە راسلا كىسەل يوق ،بىز چىقىپ كىتەيلى .ئەسقەرئۆزىنىڭ ھۇشىدىن كىتىشى بايقى رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالماي ھەددىدىن زىيادە جىدديلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان بولغاچقا تەكشۈرتىشكە قەتئىي قۇشۇلمىدى .ئالىمنىڭ ئاينۇر بىلەن كۈرۈشمەمسەن دىگەن گىپىگە جاۋاپمۇ بەرمەستىن قايتىپ كىتەيلى دەپ تۇرۋالدى ........!

  مانا ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلدى ،ئانىسى ئەتكەن لەغمەننى بەك ئوخشاپتۇ دەپ بىر چىنە ئارتۇق يەۋىتىدىغان ئەسقەرنىڭ گېلىدىن ئانىسى ئېلىپ كىرگەن بىر تەخسە لەغمەندىن بىر چۇكىمۇ ئۆتمىدى ،ئاتا-ئانامنى ئەنسىرتىپ قويماي دەپ شۇنچە زورلىسىمۇ گېلىدىن قەتئىي ئۆتمىدى .ئاخىرى ئالىم بىلەن تاماقنى كۆپ يىۋاپتىمەن دەپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.ئۆيگە كىرىپ تۇرشغا يانفۇنى سايردى .تىلىفۇن ئاينۇردىن كەلگەن ئىدى .قانداق قىلىش كىرەك ؟ئالايمۇ ئالمايمۇ ؟ئەسقەر قاتتىق ئىككلىنىش ئىلكىدە تىلىفۇننى ناھايتى تەستە ئالدى .

-بارمۇ سىز ئەسقەر جېنىم ،تىلىفۇننى ئەجەپ تەستە ئالدىڭىز ئادەمنى ئەنسىرتىپ ،بۈگۈن بەكلا ئالدىراش بوپ كەتتىم دەڭە ،مىھمانلارنىڭ ئايىغى ئەمدى ئۈزۈلدى ،ھېرىپ ئۈلەيلا دىدىم جېنىم .......ئىپلاس !يەنە مەن كۆرمىگەن قانچىلىك مىھمانلارنى يولغا سالدىڭ ؟سېسىق تىنىڭ قانداقمۇ چىدىدى ؟ھىلىمۇ ئۆلۈپ قالماپسەن بۇزۇق .......ئەسقەر شۇنداق دىيىشنى ئۆيلىدى-يۇ ،يەنە گەپ قىلمىدى ،تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان سۆزلەرنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى......ئاينۇرنى بۇزۇق دىيىشكە ئەسقەرنىڭ قانداقمۇ سالاھىتى توشسۇن ،چۈنكى ئاينۇرنىڭ مۇشۇ يولغا كىرىپ قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئادەم دەل ئەسقەر ئەمەسمۇ .ئەسقەر مۇشۇلارنى ئويلاپ ھىچنىمە دىمىدى .ئاينۇرنىڭ گەپلىرىگە پەقەت ھە ،ياق ،ماقۇل دەپلا جاۋاپ بىرىپ تىلىفۇننى قويدى ........!

  ئاھ خۇدا .....!مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ؟ئاينۇر مىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايالىم ئەمەسمىدى ؟باشقىلارنىڭ يۈرەك پارىسى ،كەلگۈسىنىڭ ئانىسى ....مىللىتىمىزنىڭ ئانسى ئەمەسمىدى ؟مەن ئەمدى ئۆزۈمنى قانداقمۇ ئەركەك چاغلاپ يۈرەلەيمەن ؟كۇچىدا لاغايلاپ يۈرگەن يېرىم يالىڭاچ قىزلارغا ...قىزلارنى ھەرخىل باھانە-سەۋەپ ،ھىيلە –مىكىرلەر بىلەن ئازدۇرۇپ ،قىزلارنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى بولغاپ ،كوچىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ھايۋان كەبى «ئەركەك»لەرگە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ ئىدىمغۇ ؟مىللەتنىڭ كەلگۈسى ،قىز-ئاياللىرىمىز توغۇرلۇق گەپ بولسا ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كىتەتتىمغۇ .........؟مانا ئەمدى .....مانا ئەمدى مەنمۇ ئاشۇ ھايۋان كەبى ئەركەكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگۈسىنىڭ ئانىسى بولغان بىغۇبار بىر قىزنىڭ بۇزۇقچىلىق يۇلىغا مېڭىشغا سەۋەپ بولۇپ قالدىمغۇ ؟ئاھ تەڭرىم ...!كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ..ياق ...ياق شەيتانغا قۇل بۇلۇپ باشقىلارنى يامان يولغا باشلىغان مەندەك ئاسىي بەندەڭنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟

  ئەسقەرگە تاماق تىتېماس ،ئۇيقۇ كەلمەس بولغىنىغا بىر ھەپتە بولدى .ئاتا-ئانىسى ئەسقەردىن ئەنسىرەشكە باشلىدى .ئەسقەرنى تەكشۈرتۈپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى ،نەسھەت قىلدى ،يغىلىدى پايدىسى بولمىدى .بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى .مەكتەپكە قايتىشقا يەنە ئۈچ كۈن قالغان ئىدى .ئاينۇر ئاللىقاچان ئەسقەرنىڭ قايتىش بېلتىنى ئېلىپ بولغان ئىدى .يېرىم كىچە ئەسقەر يەنىلا تۇرۇسقا قاراپ خىيال سۈرمەكتە ...قانداق قىلىش كىرەك ؟مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئاينۇرغا قانداق قاراش،قانداق مۇئامىلە قىلىش كىرەك ؟تەستەككە بىرنى سېلىپ ،قىلغانلىرىنى يۈزىگە سېلىپ ئايرىلىپ كىتىش كىرەكمۇ ؟ياق ،ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ،چۈنكى ئاينۇرنىڭ تۇنجى ئىپپىتىنى يۇقاتقان ئادەم ئۆزۈم ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۇنداقلا تاشلىۋەتسەم ،ئۇ پۈتۈنلەي تۈگۈشۈپ كىتىدۇ ،سەمىمى مۇھاببىتىم بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۈرەي ،تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا تەربىيە قىلدۇرۇپ بۇ يولدىن ياندۇراي ،پەقەت بولمىغاندا ئۆزۈمگە نىكاھ قىلدۇرۋېلىپ ئۇنى باشقىلارغا قارىماس قىلاي .توغرا شۇنداق قىلاي .ئۇمۇ كەلگۈسىدە ئانا بۇلىدۇ ،بالا تەربىيلەيدۇ ......ئەسقەر شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولدى –دە تىلىفۇننى قۇلىغا ئېلىپ ،يېرىم كىچىدە ئاينۇرغا ئۇچۇر يوللىدى .كەچۈر جېنىم ،نەچچە ۋاقىتتىن مىجەزىم بولمىغاچ ساڭا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلالمىدىم ،ئاللاھ خالىسا مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ھالىڭدىن چۇقۇم ياخشى خەۋەر ئالىمەن .ئۇچۇر يوللاپ بۇلۇپ ئەسقەر خاتىرجەم ھالدا ئۇيقۇغا كەتتى.....!

   ئوقۇش باشلاندى ،ئەسقەرنىڭ كەيپىياتىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى ،دەرسلەرگە كىرشىپ كەتتى .بۇرۇنقىدەك ئاينۇرنىڭ تىلىفۇن قىلىشنى كۈتمەستىن ئاينۇرنى تاماققا ،سەيلىگە چاقىرىپ تۇردى .نىمە ئىش بولدىكىن ئاينۇرنىڭ ئەسقەرگە ۋاختى چىقمايۋاتاتتى ،ھىلى ئۇ ئىش ،ھىلى بۇ ئىش ،ھەپتىدە پەقەت بىر ئىككى قېتىملا ئەسقەر بىلەن بىرگە تاماق يەپ ،پاراڭلاشقاندىن باشقا ئەسقەربىلەن كۈرۈشكىدەك ۋاقتى يوق ئىدى .ئەسقەر تۇيۇقسىز بۇرۇنقى چاغلارنى ئەسلەپ قالدى ،چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئاينۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسقەرنى ئىزدەيتى .ئەسقەر ئويلىغانسىرى ئاينۇرنىڭ ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق بىرگە تاماق يىگەن ،كنو كۆرگىلى بارغانلىقىنى ئەسلىيەلمدى .دىمەك ئاينۇر بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىكەنتۇق .بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك يېرى يوقكەن دەپ ئويلىدى ئەسقەر .

  ئادەتتە چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن دەرس بولمايتتى .بۈگۈنمۇ چارشەنبە ،ئەسقەر ئاينۇر بىلەن ئايلىنىپ كەلمەك بولۇپ ،ئاينۇرغا تىلىفۇن قىلدى ،ئاينۇر ئۆزىنىڭ سىنىپتا  دەرىس تەكرارلاۋاتقانلىقىنى ،چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى.ئەسقەر تىلىفۇننى قۇيۇپ ،بىر چاغلاردا ئاينۇرنىڭ بىز قاچانغىچە بۇلۇڭ –پۇچقاقلاردا يۇشۇرۇن كۈرشىپ يۈرۈيمىز ،سىز مەكتەپدە نامى چىققان ھەممە تۇنۇيدىغان قالتىس ئوقۇغۇچى بولغاچقا مىنى بىرەر قېتىم ئىزدەپ سىنىپىمغىمۇ چىقمايسىز دىگەن گىپىنى ئەسكە ئالدى –دە ،ئاينۇرنىڭ سىنىپىغا چىقىپ بىرلكتە دەرىس تەكرارلىمايمىزمۇ دىگەننى ئويلاپ ،ئاينۇرنىڭ سىنىپىغا قاراپ يول ئالدى .ئۇ سىنىپنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىشىك چەكتى ،ئىچىدىن بىر قىزنىڭ« كىرىڭ »دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .ئەسقەر كۈلۈمسىرگىنىچە سىنىپقا كىردى-يۇ توختاپ قالدى ،چۈنكى سىنىپتا ئەسقەر بىلەن بىر قاتاردا ئوقۇش مۇكاپىتىغا ئىرشكەن قىز ئامىنەدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى .

-ۋوي ،ئەزىز مىھمان كىرىپ قاپسىزغۇ ؟قېنى ئولتۇرۇڭ ،بىرەرسىنى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭىز ؟ئەسقەر دەمال نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمىدى دە،دۇدۇقلىغان ھالدا مە...مەن ئا...ئاينۇرنى ئىزدەپ كىرگەن ئىدىم .

-ھە !ئاينۇر سەتەڭنىما ؟ئۇنى سىنىپتا تۇردۇ ئويلىغانمىدىڭىز ؟مانا قاراڭ بارمىكەن .ئامىنە بىر خىل ئاچچىقلانغان قىياپەتتە ئەسقەر شۇلارنى دىدى –دە،ئۆزىنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىمۇ قانداق دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ

-ئاينۇر سىنىپتا يوقتى ،بىرەر نەرسە كىرەك بولسا مەن سىزگە بىرىپ تۇراي بۇلامدۇ ؟ئەسقەر «ياق ،رەھمەت »دىگىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.«ئاينۇر سەتەڭ»بۇ قانداق ئاتاش ئەمدى .ئامىنە ،ئەسقەر ،ئاينۇر ئۈچىلا جەنۇبتىن كەلگەن بىر ۋىلايەتتىن ،ناھىيلىرىمۇ بىر-بىرگە قوشنا ،ئۇلار يېڭى كەلگەندىمۇ يۇرتداشلار ئولتۇرشىدا بىرگە ئولتۇرۇپ تۇنۇشقان ،ئامىنە بىلەن ئاينۇر ساۋاقداش ،بىر سىنىپتا پەقەت شۇ ئىككىسلا بار ،لىكىن ئامىنەنىڭ بۈگۈنكى گىپىدىن قارىغاندا ئىككىسىنىڭ ئارىسدا زىدىيەت بارمۇ قانداق ؟توغرا ئەسقەر نەچچە قېتىم ئاينۇرغا ئامىنەنى بىرگە ئېلىپ چىقىڭ ،بىللە تاماق يەيلى دىسە ئاينۇرمۇ بىرخىل كۈنلىگەندەك قىلىپ قۇشۇلمىغان ئىدى .ئەسقەر ئويلىغانسىرى ئەنسىرەپ قالدى .«يىلاندىن بىر قېتىم قورقۇپ كەتكەن ئادەم ئارغامچىنىڭ سايىسدىنمۇ قورقىدۇ»دىگەندەك ،ئەسقەرنىڭ كاللىسىنى قالايىمقان خىياللار چىرمىۋالدى .چىداپ بۇلالمىغان ئەسقەر ئاينۇرغا تىلىفۇن قىلدى ،ئاينۇر بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئالدىراش بىر ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ،بۈگۈن تۇلا تىلىفۇن قىلىپ ئۆزىنى ئاۋارە قىلماسلىقنى ئېيتىپ ،ئاچچىقلىغىنىچە تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى.

  ئارىدىن بىر كۈن ئۈتۈپ ئاينۇر ئەسقەرنى ئىزدىدى ،بۈگۈن ئاينۇر ناھايتى چىرايلىق ياسانغان بولۇپ ،ھەقىقەتەن گۈزەل كۈرنەتتى،ئەسقەر ئاينۇرنى كۆرۈپ ،ئامىنەنىڭ «ئاينۇر سەتەڭ»دىگەن سۆزىنى ئەسكە ئالدى .ئاينۇر ۋاي جېنىم سىزنى بەك سېغىندىم جۇمۇ مىنى ئىزدىمەي تۇرۇڭ دەپ قويسام ئۇچۇرمۇ قىلمىدىڭىز دەپ نازلانغىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىلا ئەسقەرنىڭ بۇينىغا گىرە سالدى .قۇيۇپ بىرىڭ ....قۇيۇپ بىرىڭ دەيمەن .سەت تۇرىدۇ ...نىمانداق ...ئەسقەر شۇنداق دىگىنچە ئاينۇرنىڭ قۇلىنى بوينىدىن ئاجىراتتى-دە ،ئۇدۇلىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئامىنەنى كۆرۈپ قاتتىق ھۇدۇقتى .ئاينۇر بولسا ۋاي جېنىم ،مۇنەۋەرلىكىمگە دەخلى يىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز ؟خاتىرجەم بۇلۇڭ ،مەكتەپتىن مۇكاپات ئالالمىسىڭىز ،ئوقۇش پۇلىڭىزنى ئۈزۈم تۈلەيمەن دىگىنىچە ئەسقەرنى تارتىپ ماڭدى .ئەسقەرمۇ ئاينۇرغا ئەگىشىپ ماڭدى ،ئۇلار شۇ ماڭغانچە «كونا جاي»غا كىلىپ توختدى ،ئەتىراپتىن يىمەكلىك ۋە ئىېلىۋېىلىپ كىنوخانىغا كرىپ كىتىشتى ....!

   ئەسقەر بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئولتۇراتتى ،ئاينۇر بولسا ھىچ ئىش بولمىغاندەك تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەنتى .ياق ،بۇنداق كىتىۋەرسەك بولمايدۇ ،ئىگىسى بار جاھان بۇ ،دادام دائىم «بالام ساڭا باشقا نەسھەت قىلىشنى بىلمەيمەن ،سەن خىلى كۆپ ئۇقۇدۇڭ ،چوڭ بولدۇڭ ،باشقا ئىشلارنى ئۈزۈڭنى بىلىپ قىل ،ساڭا دەيدىغان بىردىن بىر دەيدىغىنىم ھارام زىناغا يېقىنلاشمىغىن ،ئۇ ناھايتى يامان يولدۇر ،بۇ يولدا ماڭغانلارئېغىر گۇناھكار بۇلىدۇ ،چىن دىلىدىن تۆۋبە قىلىپ ،شۇ يولدىن قايتمىغىچە ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ .سەن بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز بولغىنىڭدەك باشقىلارنىڭ قىزلىرىمۇ خەقنىڭ يۈرەك پارىسى ،قىزلارنى خۇددى ئاناڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا،ئۇلارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى ئاناڭنىڭ ئىپپەت –نۇمۇسى دەپ بىل ......»ئەسقەر ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى ،ئۇ خۇددى ئۆز ئانىسى بىلەن زىنا قىلغاندەك قاتتىق ئازاپلاندى ،كۆز ياشلىرى ئىختىيارىسز تاراملاپ تۈكۈلدى .ياق بولمايدۇ ،بۈگۈنلا بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇراي ،ئاينۇرغا گەپنى ئۇچۇق قىلاي .ئەسقەر ئاستا ئاينۇرنى ئويغاتتى.......!

  نىمە دىمەكچى سىز ؟گەپ قىلماي تۇرۇپ بەرسەم ئۆزىڭىزچە سۆزلەپ كەتتىڭىزغۇ ؟مەن بىلەن ئارلاشقاندىن بېرى ،بىرەر قېتىم مىھمانخانىغا باشلاپ باقمىدىڭىز .مۇشۇ ئەسكى كىرىسلودا قىيناپ ،كۆڭلىڭىزنى ئېچىپ كىلىۋاتىسز،بۇنىڭغىمۇ مەيلى دىدىم ،سىز ماڭا تاپشۇرۇق ئىشلەش ،ماقالە تەييارلاپ بىرش ...قاتارلىقللاردىن باشقا يەنە نىمە قىلىپ بەردىڭىز ؟تېخى نىكاھ ئۇقۇتايلى ،بولمىسا بۇندىن كىيىن بۇنداق يەرگە كەلمەيلى دەيسىز .نىكاھنى نىمىڭىزگە ئوقۇتىسىز ؟مىنىڭ ھاجىتىمدىن قايسى پۇلىڭىز بىلەن چىقىسز؟قايسى پۇلىڭىزغا ئۆي ئىجارە ئالىسىز ؟ھازىرغىچە مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلەپ كىلىۋاتىسىز ،يەنە نۇمۇس قىلماي نىكاھ ئوقۇتماقچىمۇ ؟بولدى !خالىسىڭىز مانا مەن ،خالىمىسىڭىز ئەنە ئىشىك ...!ئاينۇر گىپىم تۈگىدى دىگەندەك ئەسقەرگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇردى .ئەسقەر يە چىقىپ كىتىشىنى يە ئولتۇرۇۋىرشنى بىلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدى ،چىقىپ كەتسە بۇ يېرىم كىچىدە نەگە بارىدۇ ؟ئاينۇرنى قانداق قىلىدۇ ؟ئۇنى بۇنداق تاشلىۋەتسە ،ئۇنى نابۇت قىلغان بولمامدۇ .ئەسقەر ئاخىرى يەنە ئىېغىز ئاچتى ،بۇنداق قىلىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ،قىيامەتتە دۇزاخقا كىرىپ كىتىدىغانلىقىنى ،شۇڭا ئۆلگەندىن كىيىنمۇبىرگە  بەختلىك ياشاش ئۈچۈن بۇ يامان يولدىن يېنىپ ،گۇناھىغا تۆۋبە قىلىپ ،نىكاھ ئوقۇتۇپ بىرگە بۇلۇشنىڭ تۇلىمۇ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى ........نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى .بۇ قېتىم ئاينۇ رئاچچىقلانمىدى  ،پەقەت سىزنىڭ بۇنچە مولل امىجەزئىكەنلىكىڭزنى بىلمەپتىمەن دىدى-دە ،كىرسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى......!

ئەسقەرنىڭ ئارامى بۇزۇلغان ئىدى ،چۈنكى ئاينۇر ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان ئىدى .قانداق قىلىش كىرەك ؟ئەسقەر ئويغا چۈمدى .....ھەي ..!بىرسىنىڭ قۇلاق تۈۋدە قاتتىق توۋلىغىنىدىن ئىسىگە كەلگەن ئەسقەر بېشىنى كۈتۈرۈپ ،ئالدىدا تۇرغان ئامىنەنى كۆردى .ۋوي قاچانلاردا كەلگەن ئىدىڭىز ،ئەجەپ مەن كۆرمەي قاپتىمەن .

-سىز ھازىر باشقىلارنىڭ دەردىدە مەجنۇنغا ئايلانغان تۇرسىڭىز ،كۆزىڭىزگە ئاينۇردىن باشقا ئادەم كۆرنەمتى ؟ئامىنە بىر خىل مەيۈس ئاھاڭدا شۇ گەپنى قىلدى .

-كەچۈرۈڭ ،راسلا كۆرمەي قاپتىمەن .ھە قېنى كىلىڭ ئولتۇرۇڭ .

-ئاينۇر كۆرۈپ قالسا چېچىمنى يۇلۇپ تاشلارمۇ يە ؟ئامىنە شۇنداق دەپ كۈلدى .

-ياقەي ،نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز ،ئۇنداق ئىش يوق .

-قارسام بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتىپسىز ،شۇڭا سىز بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دەپ يېنىڭىزغا كىلىشىم ۋاختىڭىز بارمۇ ؟

-ئەلۋەتتە ،مىنىڭمۇ بىرسىنى تېپىپ پاراڭلاشقۇم كىلىپ تۇراتتى .

-بۇلىدۇ ،مەن گەپنى ئەگىتمەي ئەسقەر ،ھەم ئەگىتىپ گەپ قىلىشنىمۇ بىلمەيمەن ،دىمەكچى بولغىنىم ئاينۇر بىلەن سىزنىڭ ئىشىڭىز ،گىپىمنى بۆلمەڭ ،سۇئالمۇ سۇرىماڭ ،سۇئالىڭىز بولسا مەن دەپ بولغاندىن كىيىن سۇراڭ .بىز يېڭى كىلىپ يۇرتداشلار ئولتۇرشى قىلغىنىمىز ئىسىڭىزدىدۇ ؟مەن سىزنى شۇ ۋاقتتا تۇنۇغان ،ئاينۇرنى بولسا مەكتەپكە كىلىپلا تۇنۇغان ،چۈنكى ئىككىمىز بىر سىنىپتا ،ئاينۇرنىڭ بۇ مەكتەپكە قانداق ئۇسۇل بىلەن كەلگىنىنى بىلمەيمەن ،ئۇنىڭ سەۋيىسىدىن قارىغاندا ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلىرىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ ،ئۇ ئوقۇش باشلىنىپ نەچچە ئاي بۇلا –بولمايلا دەرس تاشلىغىلى تۇردى ،بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداش ئىكەنلىكىمنى بىلىپ پارڭلىشىپ بېقىشىمنى ئېيتتى،ئۇنىڭغا ئەمدى ئېغىز ئېچىشىمغا ،مىنى باشقۇرمىسىڭىزمۇ سىنىپىمىزدا مەندىن باشقا 46نەپەر ئوقۇغۇچى بار شۇنى باشقۇرۇڭ ،يۇرتداشلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلسىڭىز مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ئانچە –مۇنچە ياخشى گىپىمنى قىلىپ قۇيارسىز ،بولمىسا ھەممىنى ئۈزۈم توغىرلايمەن ...شۇنداق دىگىنىچە كىتىپ قالدى ،ياتاققا قايتمايدىغان كۈنلىرى ناھايتى كۆپ ئىدى ،ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم نەسھەت قىلغان بولساممۇ دەككەمنى يىدىم .يىل ئاخىردا فاكولتىت بۇيىچە ئىككىمىز بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتۇق ،بىر فاكولتىتىن ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاش مۇكاپاتقا ئىرششى مەكتەپ تارىخى بۇيچە تۇنجى قېتىملىقمىش .شۇنىڭدىن باشلاپ مەكتەپتە ئىككىمىزنى تۇنۇمايدىغانلار يوق دىيەرلىك بولدى .بۇلۇپمۇ سىزنى ،چۈنكى سىز نەق مەيداندىلا ئىشەكتەك ھاڭراپ ھەممىنى ئۆزىڭىزگە قاراتقان ئىدىڭىز (چاخچاق ).شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ ساددىلىقىڭىزنى ھىس قىلغان ئاينۇر ناھايتى تىزلا سىزنى كەلتۈرۋالغان ئوخشايدۇ ،سىنىپىمىزدىكى بالىلار بالدۇرلا ئىككىڭلارنىڭ كىنوخانىلارغا بېرىپ كىلىپ تۇرغىنىڭلارنى كۆرۈپتىكەن ،ھەتتا بەزى بالىلار سىلەرنى پايلاپ ئارقاڭلاردىن بېرىپ ،بۇ ئىشنىڭ راسلىقىنى دەلىللەپتۇ ،بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقدىشىمىز مىنى سىزگە تەربىيە قىلىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ مەن قۇشۇلمىدىم ،چۈنكى مەن قىزبالا تۇرسام سىزگە بۇ گەپلەرنى قانداق دىيەلەيمەن .ئوغۇللارنى ئۆزۈڭلار دەڭلا دىسەم ،ناۋادا ئەسقەر بۇ گەپلەرنى ئاينۇرغا دەپ سالسا ئاينۇر بىزنىمۇ رەسۋا قىلىشتىن يانمايدۇ ،ئۇنىڭ قۇلىدىن ھەر بالا كىلىدۇ دەپ ئۇنىمىدى .بۈگۈن قارسام بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپسىز ،شۇڭا بۇ گەپلەرنى سىزگە دىيىشنى لايىق كۆردىم ،بولسا ئاينۇرنى يامان يولدىن تۇسۇپ ،ئۇنى ئۆزىڭىزدىن باشقا بىرىگە قارىمايدىغان قىلىڭ ،بولمىسا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىڭ ،ئۇ ھامان سىزنى ۋەيران قىلىۋىتىشى مۇمكىن ........

ئەسقەر ئامىنەنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .توۋا بۇ نىمە ئىش ئەمدى ؟مەن تېخى ئۇنى نابۇت قىلدىم دەپ يۈرۈپتىمەن ،ئەسلى ئۇ بۇرۇنلا ......!تۇنجى قېتىملىق بىللە بۇلۇپ ئىش تۈگەپلا ئاينۇرنىڭ تازلىق ئۆيىگە يىغلاپ كىرىپ كەتكىنى ،قايتىپ چىقىپلا سىز مىنىڭ ئىپپىتىمنى يوق قىلدىڭىز ،ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن دەپ يىغلىغىنى......!ئەجىبا ھەممىسى يالغانمىدۇ .......؟ بۇ قانداق جاھان بولۇپ كەتتى ئەمدى ؟بىز ئالى مەكتەپكە نىمە دەپ كەلدۇق ؟ۋەتەن ،مىللەت ،ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكىنى مۇشۇمىتى ؟بىزمۇ كەلگۈسىدە ئاتا،ئانا بولغۇچىلارغۇ ؟بىزمۇ بىر مىللەتنىڭ ئاتىسغۇ ،ئانىغۇ ؟بىز كەلگۈسىگە قانداق يۈز كىلەلەيمىز ؟ئاتا-ئانىمىزغا ،كەلگۈسى ھالال جۈپتىمىزگە ،بولغۇسى پەرزەنتىللىرىمىزگە قانداق يۈز كىلەلەيمىز ؟بىز بۇ شەرمەندىچىلىكىمىزنى قاچانغىچە يۇشۇرۇپ كىتەلەيمىز .......قاچانغىچە ....؟ئاينۇر ئىككىمىزنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقىنى ئەسلى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ بوپتۇ ،جەمئىيەتتىكىلەر بىلىپ كەتسىچۇ ؟ئاتا-ئانىمىز بىلىپ كەتسىچۇ ؟ئۇ چاغدا بىز بارلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرمەمدۇق ؟قايسى ئاتا-ئانا بالىسىنى يەنە ئالى مەكتەپكە يولغا سېلىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن ؟ئەسلىدىنلا قىزلارنى ،مىللىتىمىزنىڭ ئانىللىرىنى تەربىيلەشكە سەل قاراپ ،قىزلىرىنى تىزرەك ئەرگە بىرىپ يۈزىنى يۇرۇق قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئاتا-ئانىلار تېخمۇ شۇنداق قىلمامدۇ ؟ئانا تەربىيەسىز قالسا ......مىىللىتىمىزنىڭ ئانىسى تەربىيەسىز قالسا .....بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى قانداق بۇلار –ھە !جېنىم ئاينۇر ،يۈرەك پارەم ئاينۇر ....سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز دەل مىللەتنى ،سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى ئويلاپ ،سىزنى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىپ ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلىرىنى ،ئۆز پەرزەنتىنى ياراملىق تەربىيەلەيدىغان بولسۇن دەپ ئالى مەكتەپكە يولغا سالغان ئەمەسمىدى ؟.....ئاھ تەڭرىم ....!قىزلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئىنساب بەرگەيسەن ...!ماڭا ئوخشاش شەيتانغا قول بولغان ،كىچىككنە كۈڭۈل خۇشى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغان كۆڭلى قارا زەيپانە «ئەركەك»لەرگە ئىمان –ئىنساب ،غۇرۇر ئاتا قىلغايسەن ...ئاھ تەڭرىم ......!ئەسقەر خوددى كىچىك بالىلاردەك ئاۋازىنى قۇيۇپ بىرىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .ئەسقەرنىڭ بۇھالىنى كۆرگەن ئامىنەمۇ كۆزيېشى قىلدى .ئۆزىنىڭ ئەسقەرگە بۇ گەپلەرنى دىگىنىگە سەل پۇشايمان قىلىپمۇ قالدى ....!

     ئەسقەرنىڭ يەنىلا ئاينۇرىدن ۋاز كەچكۈسى كەلمىدى ،ئۇ قانداق قىلىپ بولمىسۇن ،ئاينۇرنى ئۆز يېنىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى ،مەيلى قانداق بولسۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشاش قارارىغا كەلدى-دە ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ئاينۇر بىلەن بىىللە يىيىش ئۈچۈن ياتاقتن چىقتى . .ياتاق بىناسى ئالدىغا توختىېتىپ قۇيۇلغان ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ماشنىسىنى كۆرۈپ ئەسقەر ئىختىيارسىز توختاپ قالدى –دە ،ئازراق قان تەقدىم قىلمايمۇ دىگەننى ئويلاپ ماشىنا يېنىغا باردى ،خادىملار ناھايتى تىزلا قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ ،نەتجسى چىققاندىن كىيىن ئۇقتۇرۇش قىلىىغانلىقىنى ئېيىتپ ئەسقەرنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋالدى .ئەسقەر ئاينۇرغا تىلىفۇن قىلدى ،تىلىفۇن ئىتىك .....ئامالسىز يالغۇز ناشتا قىلىپ ياتاققا قايتىپ كەتتى.

   ئەسقەر مەكتەپ ھويلىسدا دەرىس تەكرارلاۋاتاتتتى،ناتۇنۇش بىر نۇمۇردىن تىلىفۇن كەلدى ،نۇمۇرنى كۆرۈپ بىرخىل جىدديلىشىپ كەتكەن ئەسقەر تىلىفۇننى ناھايتى تىز ئالدى .قارشى تەرەپ خەنزۇتىلىدا ئەھۋال سۇرىۋەتكەندىن كىيىن مەلۇم كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىگە بىر كىلىپ كىتىشىنى ئۇقتۇردى .نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئەسقەر ناھايتى تىزلا يولغا چىقتى ،نىمە ئىش بولغاندۇ ؟ئاينۇر بىرەر پىشكەللىككە يۇلۇققانمىدۇ ....؟ئۇ يۈگۈرگنىچە بايا ئوقتۇرۇلغان بۈلۈمگە كىرىدى .دوختۇردىن باشقا ھىچ كىشى يوق ئىدى .ئۇ دوختۇرغا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن ،دوختۇر بىرخىل ئۈمۈدسىزلىك بىلەن بېشىنى چايقىدى-دە .ئائىلىسىنىڭ قەيەردىكىلىنى ،ھازىر كىلەلەيدىغان ياكى كىلەلمەيدىغانلىقىنى سۇرىدى.ئەسقەر ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇلىمۇ يىراقتا ھەم قېرىپ قالغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ يالغۇز پەرزەنىت ئىكەنلىكىنى قانداق گەپ بولسا ئۆزىگە ئىيتشنى دوختۇردىن ئۈتۈندى .دوختۇر بىر نەچچە پارچە دىئاگۈنۇز قەغىزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى ،ھەممىسى قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇلۇپ ئەسقەر داۋۇت دەپ ئېنىق يېزىلغان ،يېشىمۇ شۇ .نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئەسقەر دوختۇرغا قارىدى .

-بۇ سەن تەقدىم قىلغان قان ئەۋرىشكىسنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ،سەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپسەن ،شۇڭا قان تەقدىم قىلىشىڭىغا بولمايدۇ ،تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بۇلۇشچە يۇقۇملانغىنىڭغا ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ۋاقىت بولغان دەپ پەرەز قىلدۇق .بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمە ،ئەگەر زەھەر چەكمىگەن بولساڭ ،بۇ كىسەلنى كونتىرول قىلغىلى ،ياشاش ۋاقتىڭنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ .داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلساڭ ئوقۇشىڭغىممۇ دەخلى يەتمەيدۇ ،مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن بىز پات ئارىدا ئالاقىلىشىمىز .سەن ۋاقتىنچە بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇر ..........دوختۇر يەنە نىمىلەرنى دىدى ...ئەسقەرنىڭ كاللىسىغا كىرمىدى ،ئۇ پەقەت ئەيدىز ....ئەيدىز دىگەن سۆزنىلا تەكرارلايتتى........

ھەممىسى ......ھەممىسى تۈگىدى .....!ئاتا-ئانىسنىڭ بالام ھەرنىمە بولسا بىزنىڭ يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلدىڭ .ياخشى ئوقۇدۇڭ .كەلگۈسىدە چۇقۇم ياراملىق ئادەم بۇلىسەن .....ئالىمنىڭ ئاداش ،كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە ياخشى ئوقۇ ،يىزىمىزدا ئىقتىساسلىقلاردا يوق دىيەرلىك كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولغىن ،ئاينۇرمۇ ئوقۇتقۇچى بولسۇن ،تۇيۇڭلارنى مۇشۇ ماشىنام بىلەن كۈچۈرۈپ كىلىمەن ....

ئامىنەنىڭ ئەسقەرسىز ھەقىقەتەن بەك تىرشچان، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالايسىز ،مىللىتىمىز ،يۇرتىمىز سىزدەك تىرشچان ،غايىلىك يىگىتلەرگە مۇھتاج .بەل قۇيىۋەتمەڭ .مەن سىزگە ئىشنىمەن .....

ئاينۇرنىڭ  ۋاي سىز نىمانچە ئۆزگەرمەيسىز ،ھازىر قايسى زامان .نەدىكى ئۆلۈمكەن-ئۇ .بىزنىڭ تېخى ئون گۈلىمىزنىڭ بىرمۇ ئېچىلمىدى ،ھازىرقى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئوينىۋالمىساق ،يۇرتقا قايتىقاندىن كىيىن نەدە تۇرۇپتۇ ،بۇنداىق ئويۇنلار ،سىزگە ئوخشاش مەتۇلارنىڭ دەرىدە يولدا ئازادە ماڭغىلىمۇ بولمايدۇ .مەن بىلەن توي قىلىشنى خالىسىڭىز تېخمۇ ياخشى ئوقۇپ مۇشۇ چوڭ شەھەردە قىېلىڭ ...........!

مەكتەپتە غولغۇلا،پاتپاراقچىلىق بولۇپ كەتتى،راست شۇ ئەسقەركەن .ھېلقى ئەلاچىمۇ ؟ھە دەل شۇ !ۋاي خۇدايىم بەكلا تىرىشچان بالا ئىدىغۇ ؟قانداقلارچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاندۇ ؟ياق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماپتۇ ،ئىھتىياتسىزلىقتىن تاغدىن چۈشۈپ كىتىپتۇ .ئو تاغدا يول بار ،ئەڭ چۇققىسى جازىغا ئېلىغلىق تۇرسا قانداقسىگە چۈشۈپ كىتىدۇ ،چۇقۇم ئۆزىنى تاشلىۋالغان گەپ ........ۋاي ياق ،ئۇ شۇنچە تىرىشچان ،غايىلىك تۇرسا ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلشى مۇمكىن ئەمەس .........ئەسقەر مانا مۇشۇنداق گۇمانلارنى ،نۇرغۇنلىغان يېقىنلىرىنىڭ ،ئاتا-ئانىسنىڭ ،مىللەتنىڭ ..........ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ –ئارمانلىرىنى بۇدۇنياغا تاشلاپ ھەممە ......ھەممە بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى .........!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 10:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 07:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇزۇق بولامدۇ تۈزۈك بولامدۇ، ئىشقىلىپ قانداقلا قىز بالا بولسا، قىز بالىنىڭ پۇلىنى خەجلەپلا يۈرىدىغان يىگىتنىڭ بۇزۇقتىن نېمە پەرقى؟ بۇ بالا ئۇ بۇزۇق قىزدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان بالىكەنتۇق دەرستە ياخشى بولغان بىلەن.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102724
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 08:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ باش-ئاخىرى ياخشى ماسلىشىىپتۇ                     ھەممىنى بىر قېتىمدىلا يوللىغىنىڭىزدىن تولىمۇ خوش بولدۇم                                                                      مۇشۇنداق تەربىۋى -ئەھمىيتى چوڭقۇر ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي

ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!!!......

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5409
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20214
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 08:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىر ئوقۇپ تۈگەتتىم....
تېمىغا تەشەككۈر...........
ئالى مەكتەپتىكى ھەر يەر ھەر يەردىن كەلگەن ساۋاقداشلىرمنى تۇنۇشلىرىمنى بىرەر قۇر ئەسلەپ چىقتىم..........
ئەمما ئۇلاردىكى مۇناسىۋەت بۇنداق ئېشىپ كەتمىگىنى ئېسىمدە........

ئاۋۇ بالىنىڭ كاللىسى دەرىسكە ئىشلىگەن بىلەن بەكلا دۆتكەن...
شۇنچە ئۇزۇن قىز بالىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ بىرگە ئۆتۈشكە ۋىجدانى چىداپتۇ دېسە........

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 01:21:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇرۇرى يوق يىگىتكەن بۇ ،توۋا ..................................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazukay2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 01:22 AM  


دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 01:17:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىمىكەن.رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 05:17:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئەھمىيەتلىك  تىما  ئىكەن.

شۇنداق  بىر مۇھەببەت  بار،  بىر كۆرۋېلىشنى  ئارزۇ  قىلىپ  تۇرۇپمۇ،  ئۇچىرشىپ قېلىشتىن ئىھتىيات  قىلىدىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103707
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 01:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  تېمىكەن رەخمەت سىزگە . بارلىق قىز-ئوغۇللىرىمىزغا ئىنساپ ،دىيانەت ئاتا قىلغىن ...

سېنىڭ ھازىر ئېرىشكىنىڭ ،دەل  سەن  بۇرۇن  باشقىلارغا  ئاتا  قىلغىنىڭدۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 05:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، يارايسىز.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98378
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىز . ئاخىردا ئاينۇر ، ئدلىم،ۋە ئەسقەرنىڭ ئاتا ئانىسىڭ قانداق بۇلدىغانلىقى  ئوقۇرمەنلەرگە بىر سۇئال تەرىقىسىدە ياخشى  ئاخىرلىشىپتۇ. تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۈچۈيۈپتۇ. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي. كىنو قىلىپ ئىسلىسىمۇ ياخشى سىنارىيە بولغۇدەك ئەسەركەن ئازراق پىششىقلىۋەتسە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش