|
|
|
|
تۈركىيەلىك ئاتاقلىق سەنئەتكار "مۇستافا ساندال 2014- يىللىق چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكى " ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
مۇستافا ساندال تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى. ئۇ 2004- يىلى تۈركىيە، ياۋرۇپا، ئامېرىكا مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى دەپ نام ئالغان. 2013-يىلى «تۈركىيە ناخشا ئاتىسى » دەپ نام ئالغان. 2006- يىلى ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەت تىللىرىدا چىقارغان پىلاستىنكىلىرى ياۋرو- ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىپ ياۋروپادىكى ئون چوڭ ناخشىچى قاتارىغا كىرگەن.
ۋوللىۋود ئارتىسلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۆپلىگەن كىنولارنى ئىشلىگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق نۇقتا بولغان تېلىۋىزور، گېزىت- ژورناللارغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ تۈركىيە دۆلەت پىروگگىراممىسى «تالانتلىقلار سەھنىسى »
(o ses Turkiye ) نىڭ ئەڭ ئاساسلىق باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تۈركىيەدىكى مۇھىم، تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغان سەنئەتكارنىڭ بىرى.ئۇنىڭ ئۆزگىچە نادىر ناخشىلىرى ۋە ئېرىشكەن نۇرغۇن مۇكاپاتلىرى ياۋرو ئامېرىكىدىكى ئالاقە قاناللىرىدا ۋە مىدىيا ۋاستىلىرىدا كەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە.
بۇ داڭلىق سەنئەتكار 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا 9000 كىشىلىك بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى كېچىلىك بەرمەكچى بولۇپ، كېچىلىكتە ئۇنىڭ ئەڭ نادىر ناخشىلىرى تاماششىبىنلارغا سوۋغا قىلىنىدۇ.
كېچىلىكتە مۇستافا ساندالدىن باشقا يەنە ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئىززەت ئىلياس، ئادىلە سىدىقمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىغان بولۇپ مۇستافا ساندالنىڭ ئۆزگىچە كۈيلىرىدىن ھوزۇر ئېلىش بىلەن بىرگە بۇ ئىككى سەنئەتكارىمىزنىڭ كۈيلىرىگىمۇ جۆر بولالايسىز.
كېچىلىكنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: خەلقئارا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مودا ئېقىم ناخشا كېچىلىكى.
نىشان: سىزنىڭ چۈشىڭىزدىكى سەھنىڭىز، رىئاللىقتا ئۇنتۇلغۇسىز تەسەۋۋۇر، مول ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلەنگۈسى.
كېچىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى،ئالدىن تەييارلىقى شۇنداقلا ئارتىسلار ھەققىدە كارۋان تورى ۋە مىسرانىم تورى بىرلىشىپ ئىشلىگەن زىيارەت فىلىمىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇق. ئۇنداقتا دىققىتىڭلار «مۇستافا ساندال 2014- يىللىق چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكى » ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان زىيارىتىمىزدە بولسۇن:
بۇ يەرنى بىسىپ تېلېفۇنىڭىزدا كۆرۈڭ :
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY2MDI5OTI0.html
شىركەت كارخانىلار ھەمكارلىق ئالاقە تېلېفونى: 18999997183
بىر قىسىم سۈرەتلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 11:01 AM
|
|
|
|
|
|