يەر شارى ماگىنىت مەيدانى ، مۇشۇ پىلانىتىدا ياشىغۇچى بارلىق جانىلىقلارنى كائىناتتىن كېلىدىغان كۈچلۈك گاما نۇرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپلا قالماستىن يەنە ئالاقە ، ھاۋا رايى ھەمدە ھايۋاناتلارنىڭ كۆچىشىگىمۇ زور تەسىر كۆرسۈتىدۇ .
ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى » تورىنىڭ 27 - يانۋاردىكى ماقالىسىدە ئالىملارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ، يەر شارى ماگىنىت مەيدانى ئۆتۈپ كەتكەن 200 يىل مابەينىدە %15 ئاجىزلاشقانلىقىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن . بۇنداق بولغاندا يەر شارى ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كەلگۈسىدە ئىككى قۇتۇپنىڭ ئالمىشىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن . بۇ ئاخىرىدا ئىنسانلارغا زور بالايى ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن .
ئالىملار ، ئەگەردە يەر شارى ماگىنىت مەيدانى تەتۈر ئايلىنىش باسقۇچىغا كىرسە ئۇ چاغدا يەر شارى قۇياش بورىنىنىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچراپ ، زور كۆلەملىك توك توختاش شۇنداقلا ھاۋا رايىدا ناھايىتى زور ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ ، دەپ قارىغان . يەر شارىدا كۆرۈلىدىغان بۇنداق زور ئۆزگۈرۈش راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپلەپ يامراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇدىكەن .
ئالىملارنىڭ قارىشىچە يەر شارى ماگىنىت مەيدانى ھەر بىر مىليون يىلدا تۆتتىن بەش قېتىمغىچە تەتۈر ئايلىنىدىكەن ، ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار شۇنداق بولۇشىغا پۈتۈنلەي يېتەرلىك بولمىسىمۇ لېكىن بۇنداق غەلىتە ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ ، ناۋادا راسلا شۇنداق بولسا يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ پۈتۈلەي يوقۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماي ، كۆپ ساندىكى تۈرلەرنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن .
مەنبە : http://discovery.163.com/14/0129/12/9JONS2BO000125LI.html
تەرجىمىدە : ئۆزۈم
ئەسكەرتىش : ماقالىنى رۇخسەتسىز باشقا تور بېكەتلىرىگە چاپلىسىڭىز بولۇدۇ
|