مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5724|ئىنكاس: 24

NASA: مارستىكى قەدىمقى ئىچكىلى بولىدىغان سۇنىڭ يېڭى ئىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 11:48:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارستىكى قەدىمقى ئىچكىلى بولىدىغان سۇنىڭ يېڭى ئىزى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 29-يانۋار

ئامېرىكىنىڭ كورنېل ئۇنىۋېرسىتىتېتى (Cornell University) دىكى Steve Squyres، ۋە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology) دىكى John Grotzinger قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ئالىملار 2014-يىلى 24-يانۋار كۈنى «ئىلىم-پەن» (Science) ژورنىلىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.  بۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە، مارسنى تەكشۈرىۋاتقان «پۇرسەت» (Opportunity) ناملىق ماشىنا يېقىندا سېغىز توپىدىن تەشكىل تاپقان مىنېرال ماددىلارنى تاپقان بولۇپ، بۇ ماددىلار قەدىمقى بىر ۋاقىتلاردا مارسنىڭ يۈزىدە جانلىقلار ئىستىمال قىلسا بولىدىغان سۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.  ھازىرقى تەكشۈرۈشنى ئالىملار يەر يۈزىدە تۇرۇپ، «پۇرسەت» ئارقىلىق مارسنىڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقاچقا، مەزكۇر ماقالىدە ئۇنداق ئىچىملىك سۈيىنىڭ قايسى دەۋردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمەپتۇ.   

«پۇرسەت» ئۆتكەن يىل مارسنىڭ ئۈستىدە مىكروپلار ياشىيالايدىغان سېغىز توپا ماددىلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە بىر چوڭ خەۋەر بولۇپ كەتكەن ئىدى.  بۇ قېتىمقى بايقاش ئۆتكەن يىلقى بايقاشنىڭ بىر تەسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تۆۋەندىكى رەسىملەر «پۇرسەت» بۇ قېتىم تارتقان مارسنىڭ ئۈستىدىكى سېغىز توپىنىڭ كۆرۈنىشلىرى.  

1

1

2

2

3

3

پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە رەسىملەر:

Ten-year-old Opportunity rover finds old 'drinkingwater' on Mars


http://www.latimes.com/science/sciencenow/la-sci-sn-mars-water-life-opportunity-20140123,0,3420510.story#ixzz2rqYjPR9y <http://www.latimes.com/science/s ... pportunity-20140123,0,3420510.story>



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 07:25 PM  


بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10876
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 02:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەۋەر، ئىلگىرى مارىستا تاتلىق سۇ ئىستىمال قىلىدىغان جانلىقلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دېگەننى چۈشەندۈرەمدۇ؟

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 02:57:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس تىلسىم ئىشلاردە بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر تاتلىق سۇ مەنبەسى بۇلغان بۇلسا، ئىلگىرى مارستا ھاياتلىق بۇلغانلىقىنى چۆشەندۈرەمدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارس توغرۇلۇق جىق خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرۋاتمىز، ھەممە خەۋەردە بىر-بىرلەپ، مارستا بۇرۇن ھاياتلىق بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ مېڭىۋاتقاندەكقۇ...

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەخلاق~ئادەم زىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن تاتلىق سۇ بولغانلىقى بايقالغان بولسا بۇرۇن چۇقۇم ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان بۇلىشى مۇمكىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hap.爱情 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 03:23 PM  


uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5704
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2246 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:36:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم،  نۇرغۇن ماتېرىياللاردا مارستا سۇ بولغان دېيىلىدۇ،  ئۇنداقتا شۇ سۇلار ھازىر قەيەرگە كەتكەن بولىشىڭىزغا مۇمكىن؟  مارس ئاتموسفېراسىدا سۇ ھورىدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇت بارمۇ؟

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:39:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىق سۇ بولغانلىقى بايقالسا ھاياتلىق ئىلگىرى بولغانلىقىدىن دىرەك بەرمەس.بىراق بۇ بايقىلىش مارىس بەش يۈز پىلانىغا قاتناشقۇچىلارغا زۇر ئىلھام بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ بىر قارىشىم بار.يەنى،ئىلگىركى توپان بالاسى بۇلۇشتىن ئازراق ئىلگىرى يەر شارىدا تەرەققىيات ھازىرقىدىنمۇ بەك تىز بولغان.كىيىن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە چوڭ ئۇرۇش بولغان.تەرەققىياتى تىز ئەللەر ئۇچقۇ بىلەن باشقا پىلانىتلارغا چىقىپ كەتكەن.چىقىپ كەتكەن ئۇ كىشىلەر يۈكسەك ئەقىل ۋە كۈچكە ئىگە.مارىس ۋە باشقا پىلانىتلاردا ئەقىلگە تايىنىپ ھاياتلىقنى داۋام قىلغان.ھازىرقى يەرشارىدا بۇلىۋاتقان تاشقى جىسىم ھادىسلىرىنى ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دىگەندەك.بۇ بىر خىيالىم.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 04:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقىپ كۆرەپ كىردىغان ئىشمىكى     بىكار يۈرسەممۇ يۈرىدىكەنمەن  
   
    بىللە چىقىدىغانلار بولسا ئالغاچ كېتەي   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش