تورداشلارغا ئۆزۈم يازغان بىرقانچە شېئىرىمنى سۇندۇم ---
قەبرە ئىزناسىدىن
سانسىز گۈمبەز-مازارلارنىڭ ئىزناسىدىن،
ئىزدەيمەن ئىبرەتنىڭ قىسسەسىنى.
بىلىمەن ھەر قايسىسى كۆمۈپ قويدى
قەبرىسىگە ھاياتنىڭ پەلسەپىسىنى.
ئۇنتۇلغان ئىدىيە-ئەنئەنىلىرىمىز
ماكان تۇتتى گۈمبەزنىڭ سايىسىنى،
شۇڭا بوۋاقلار ھالسىرايدۇ بۆشۈكىدە
ئاڭلىتىپ تىترەڭگۈ نالىسىنى
ساقلايدۇ قايتا يارىلىشنىڭ ئەپسانىسىنى
...
ناتونۇش پۇراق
تونۇش گۈل،
خاتىرەمدىكى يارقىن سىمالار.
رەڭگى،بەرگى ئۆزئەينى
ئەمما پۇرىقى ناتونۇش
بەلكىم بۇ كاللامدىكى خاتا خىياللار.
ياق -ياق
ئىشىنىمەن سەزگۈمگە
راسلا ناتونۇش پۇراق.
ئەنسىرەۋاتىمەن،
تەمتىرەۋاتىمەن
ھېلىقى تونۇش پۇراق ئۈچۈن
غەم يەۋاتىمەن.
ئۆتمۈشتىن گۈل ئەسلىنى
ئىزدەۋاتىمەن.
* * *
قىززىيدۇ زىمىستان
گەۋدىلەر بىرلەشكەندە.
مەمنۇنلۇق يوشۇرنىۋالغان
ئۇنىڭ مەڭزىگە ، لىۋىگە.
تىنىقلار شۇ قەدەر ئەركىن
تارايدۇ جاھانغا
ئاي نۇرى خىرەلەشكەندە
...
يىگىت بىلەن قىز
قاياقتىن كەلگەن جۈرئەت
يىگىت ئىنتايىن تەمكىن،
ئىلگىركى ئۇ بولسا،
روھسىزۋە غەمكىن…
ئىلگىركىئۇيىگىت،
يۈرىكى زەرداپ،
قەلبى خاراب،
سۆيگۈسى ئۈچۈن
تاقەت قىلدىبۈگۈنگىچەچىداپ.
قولىداگۈل،
قارا،قولى تىترەۋاتىدۇ،
روھى تېنىنى تىرەۋاتىدۇ.
يىگىت قىزغا يىلىندى،
قىزغابۇلار گويا،
چۈشتەك بىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن،
بوشلۇقتىكى گۈلقىزنىڭ قولىغا ئىلىندى.
يۇلتۇز،ئايلار،بۇلارنى كۆرىۋالدى.
شامال لەرزان شامال،
گۈلنى تىنىگە سۈرىۋالدى.
قىزجانانىغا قېنىۋالدى
يىگىت جىددىيلكىپەسەيدى بولغاي،
«ئۇھ»دەپ تىنىۋالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا QUTIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 11:55 AM