بۇشېئىرنى بارلىق بۆرىلەرگە بېغىشلايمەن!!
ئىتلارقاۋايدۇ بۆرەھوۋلايدۇ،
گۈزەل تۇرمۇشقاشۇئارتوۋلايدۇ.
شۇئارئاڭلىسائىتلارقاۋايدۇ،
يەنەتوپلىشىپ بۆرە قوغلايدۇ.
زامانەم شۇنداق تەتۈرجاھانكەن،
بۆرىدىن بۈگۈن ئىتلاريامانكەن.
ئىتنىڭ ھالى چوڭ زادى نىمسىگە،
قاراپ باقسۇنچۇ تارىخ ئەسلىگە.
بۆرەئەسلىدەئورمان ئەركىسى ،
كۆك بۆرەئۇنىڭ يول باش سەركىسى.
ئىتلارتوپلىشىپ ئورماننى باستى،
ئۇلۇغ بوۋامغا چوغ تۆمۈرباستى.
ئىتمۇتايىنلىق بوينىدا زەنجىر،
ئاش ۋەسۆڭەك يوق بولمىسا ئەجىر.
بىرقاچائاش ۋەقاتتىق سۆڭەككە،
تېگىشتى ئىتلارتۇرمۇش ھۆرلىككە.
بەزى بۆرىلەرئىتنىڭ كەينىدىن،
ئەگىشىپ ماڭدى تاندى ئەينىدىن.
شۇمۇبۆرىمۇتانسا ئەسلىدىن.
ئەۋلاد قالمايدۇ ئۇنىڭ نەسلىدىن.
بۆرىدەك ھوۋلاپ يۈرۈش ئاسانمۇ،
ياكى ئىتلاردەك قاۋاش ئاسانمۇ.
بۆرەبىلەن ئىت پەرقى نىمىدۇر،
ئىنسانى ئەخلاق ۋىجدان غورۇردۇر.
گەرسوراپ قالسا بىراۋمېنىڭدىن،
ئىتلار يامانمۇ دېسە بۆرىدىن.
دەيمەن ئۇلارغا ئىتلاردىن كۆرە،
ئۇلۇغدۇرمەڭگۈبولغان كۆك بۆرە.
باغراش كاككۇكى!!!!!