مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 4

ئۇزىتىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 01:51:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇزىتىش

گۆھەر ئابلا



ھەممىمىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدا تۇرغان قۇش بالىسىغا ئوخشاش 365 قانىتىنى يېيىپ پىشايۋاندا تۇرغان كونا يىلنى ئۇزاتماقتىمىز.
ئۇنىڭ قاناتلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئەۋۋىلىسىدە قار پەسلىدىن باشلىنىپ، باھار چىچەكلىرىگىچە، تومۇز ئىسسىقتىن مول ھۇسۇللۇق كۈز پەسلىگىچە ھەر بىر قانىتى بىزگە ئۆزگىچە بەخت، ئۆزگىچە شاتلىق، ئۆزگىچە پۇرسەتلەرنى بەخش ئەتتى.
ئۇ بىزگە زىمىستاننىڭ ۋەھىمىسىنى زىننەتلەپ، يېڭى ئەتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدى.
بۇ قۇش ئۆز ئۇۋىسىدا پەرۋاسىزلىق بىلەن، بىزنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىك گاھىدا پىغانلىق كەچمىشلىرىمىزنى سۈكۈت ئىچىدە قەلىب خانىسىگە سىغدۇرۇپ، رىئاللىق بىلەن چۈشلەر تەبىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، ئىچەلىسەڭ شىكەر سالغاندەك، ئىچەلمىسەڭ شىكەرسىز قىرتاق تۇرمۇش قەھۋەسىنى سۇندى.
ئۇ بىزگە سېخيلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ رەڭدار سەھنىسىنى ھازىرلاپ بەردى، بىز رەڭلەر دۇنياسى ئىچىدە ئۆزىمىزنى پەردازلاپ، گاھى سەيياھتەك، گاھى مەدداتەك، گاھى شاھدەك، گاھى گادايدەك رولارنى ئالدۇق. گويا ئۇ بىزنى ساقلاپ تۇرىدىغاندەك...
ھالا بۈگۈن بۇ قۇش ئۇچماقچى بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يېڭى قۇش ئۇۋىسىغا قاراپ نىدا قىلماقتا؛
ئەي ئىنسان مەن سېنى قانداق ھەسرەت- نادامەتكە، بەخت- ئامەتكە ھامىلدار قىلاي بۇ يېڭى قۇش ئۇۋىسىدا سەن نىمىلەرنى ئارمان قىلىسەن؟
ئاڭلىدىڭىزمۇ ئۇنىڭ بۇ ساداسى يەردىن ئۈنۈپ كۆككە تارىماقتا، ئېتىز- ئېرىق قىرلىرىدىن دېڭىزلارغا شۇڭغىماقتا، دېكابىرنىڭ قەلبىدىن ياڭراۋاتقان باھار سىمپونىيەسىدەك قەلىبلەرنى لەرزىگە سالماقتا....
چېچەكنىڭ توزۇشى مېۋىدىن دېرەك.
ئاپپاق چاچلىق بۇ قۇش ھالسىرىغىنىغا قارىماي تولىمۇ مەردانە قەدەملىرى بىلەن شۇنداق خىتاپ قىلماقتا؛

مەن كېتىمەن، ئەمما يېڭى بىر ئەتىنى تۇغۇپ،
قەدىرلىگىن ياشلىق گۈلۈڭنى، قويمىغىن بوغۇپ.
شىجائەت بېغىدا قاز بىلىم كانى،
ئارزۇ شاخلىرىڭ ۋىسال مېۋىسى كەتمىسۇن قۇرۇپ...



كۆرىۋاتامسىز؟ 365 تال ياپرىقى بىلەن ھۆپپىدە ئېچىلغان بۇ گۈل، گۈزەل بىر ئەتىنى تۇغدى، ئۇنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ ئەتە، بىزنى ئانىسىغا ئوخشاش ھەر بىر ياپرىقىغا يېڭى ھېكمەتلەرنى يېزىشىمىز ئۈچۈن چاقىرماقتا...
ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ تەڭرى تېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن، زەرەپشاننىڭ مۇزلۇق ئېقىنلىرىدىن، يورۇڭقاشنىڭ سۈزۈك تاشلىقلىرىدىن ئۆملۈك ناخشىسى ياڭرىماقتا...
دېكابىرنىڭ ھەپىلدەپ قالغان تىنىقىدىن باھار ھىدى تارىماقتا...
ئەنە بوسوغىمىزدا يانۋار كۈلمەكتە...
كېلىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئانا يەر باغرىنى يېرىپ بىخ سۈرۈپ كۆكلەپ، ئىجداھات ۋە ساداقەتتە، مېھنەتلىك تەرلىرىمىزدىن تارتىنچاق يانۋارنىڭ كۆكسىگە گۈللەر تاقايلى.
پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزدىكى مۇھەببەت بىلەن دېكابىرنىڭ قارلىق كېچىلىرىنى ئېرىتىپ، يانۋارنى باھار بۈشىكىگە بۆلەيلى ھاياتلىق ئىزنالىرىمىز بىلەن...

ئۇزىتىش

نەپەسلىرى ھارغىن دېكابىر،
ئاپپاق گۈلنى قىستى چېكەمگە.
سېغىنىشنى قوزغاپ دىلىمدا،
مېنى يانداپ ئۆتتى غىپپىدە.

سىلاشتۇردۇم ئۈچ يۈز كۈنۈڭنى،
سۈكۈتلىرىم بۇزۇلدى شۇ تاپ.
تۇتالمىدىم ماڭار چېغىڭدا،
چۈشلىرىمنى كەتتىڭ ئوغۇرلاپ.

بوسۇغامغا چىقتىڭ كۆزۈم ياش،
خەير دىدىم ئۇزاتتىم سېنى.
قارار تاپسۇن جىمجىتلىقىڭغا،
ئېلىپ كەتكىن ھەممە سىرىمنى.

كەل يانۋار باغرىڭنى ئاچقىن،
باغۇ-بوستان قىلاي چۆلۈڭنى.
ئۈز يۈز ئاتمىش نەچچە كېچەڭدە،
ئېچىلدۇراي بەخت گۈلۈمنى.

يېڭى يىل ئاللا قاچان كىرىپ بولدى، تېما مەلۈم سەۋەپلەر تۈپەيلدىن ۋاقتىدا مۇنبەردىكىلەر بىلەن ئەسرالىشالماي قالدى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ تېمىنىڭ يەنىلا تورداشلار بىلەن كېچىكسىمۇ ئەسرالاشقۇسى بار ئىكەن، ئەزىزلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 01:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.
كەچۇرۇڭلار!قەشقەر شەھەر ئىچىدىن باشقۇرغۇچى دوسلار بارمۇ؟جىددى ياردەم كىرەك ئىدى،ياردەم قىلساڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يىل ئۆتىدىكەن بىلمەيلا قالىدىكەنمىز

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 04:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئىجات تۇلپىرىڭىز ھارمىغاي.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 07:23:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى يىل كىردى. كونا يىلنى ئۇزاتتۇق. بىر ياش چوڭ بولدۇق. زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت بىر پەللە يۈكلەندى. ئەجەل بىر قەدەم يېقىنلاشتى....

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش