يۈرەككە تامغان ياش
(ھىكايە)
ئادەمنىڭ يىشىى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلدىكىسى بولسا يۈرەك يىغلايدۇ، كۆز كۈلىدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا كۆز يىغلايدۇ، يۈرەك يىغىلمايدۇ. بۇ گەپلەرنى كىم دىگەن بولغىيتى –ھە! ئادەمنىڭ كۆزى يىغلاپ يۈركى يىغلامدىغاندۇ ياكى يۈرەك يىغلىسمۇ كۆز يىغلىمايدىغان ئىشلار بولامدىغاندۇ؟ بۇ ھەقتە ھەممە ئادەم ھەر قىسىما گەپلەرنى ئۆز پىكىرى بويىچە ئىيتىدۇ. بۇنى قانداق چۈشۈنۈش شۇ ئادەمنىڭ بىلىمىگە ئىقىتىدارىغا، جەمئىيەتكە بولغان كۆز قارشى بەلگىلەيدۇ. بۈگۈن مەن يىغلىدىم. بۇ يىغا كۆزۈمدىن ئەمەس بەلكى يۈرۈكىمدىن، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يىرىدىن بۇلدۇقلاپ چىققان قۇدۇق سۈيىگە ئوخشاش يۈرۈكىمدىن تىشىمغا سىلجىپ چىقتى. مەن شۇنداق بىر قىز. ھەممە ئادەم مىنى كۆرسە غىمى يوق، دائىملا كۈلۈپ تۇردىغان قىز دەپ. كىم بىلسۇن مىنىڭ يۈرۈكىمدىكى دەرتلىرىمنى ؟ كىم بىلسۇن مىنىڭ ئازابمنى . بىر تەڭرى، بىر ئۆزۈم بىلمەن. مەن ئۇنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ۋە ئورۇنلۇق گەپلىرىگە قاراپ ياخشى يىگىتكەن دىگەن ئىدىم. توغرا ئۇ ھەقىقەتەن كەم سۆز يىگىت ، يۈزى تۆۋەن يىگىت ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتە دوستلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتىم.بىز پەقەت ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم دەپلا سۆز باشلايتۇق. ئۇ مەيلى ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن مەيلى قايسى جەھەتتن بولسۇن ھەقىقەتەن ياخشى بالا ئىدى. ئۇ ھەتتا مىنىڭ ئىشلىرىمنى قوللاپ بىرەتتى. مەن بۇلارغا ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇراتتىم. ئەپسۇس، كىم بىلسۇن مىنىڭ يۈرۈكۈم، قەلىبىم ئۇنىڭغا ئىنتىلدىغان بولۇپ قالغانلىقنى ، ئۇنى كۆرسەم بەكلا خۇش بولاتتىم. ھەر قانچە ئاچچىقىم بولسمۇ ئۇنى كۆرسەملا ئۇ ئىشلار كۆتۈرۈلۈپ كىتەتتى. ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىششقا ئامراق ئىدىم. مەن بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلىسام بىرنچى بولۇپ شۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتم. بىراق مەن بۇ ئىشلارنى ھەممىسنى بىز دوست بولغاچقا دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. بىراق شۇنى بىلىدىمكى كىيىن مىنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا چۈشۈپ قاپتۇ. بىراق قىز بالىنىڭ قولىدىن نېمە كىلەتتى دەيسىز ؟ پەقەت بەخت تىلەشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. بۇنىڭغا راست دىگەندە بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. كىيىن بىلىدىمكى ئۇ توي قىلغىلى ئاز قالغانلىقىنى بىلىدىم. مىنىڭ كۆڭلۈم يىرىم بولدى بىراق ئەپسۇسلانمايمەن. مەن شۇ ئادەمنىڭ بەختنى تىلەشكە رازىمەن. ئۇ قەيەردە بولسۇن مەڭگۈگە ئامان بولسا ماڭا شۇ كۇپايە خالاس. ئۇنىڭدىن باشقىسى تالىق. بۈگۈن ئاشۇ بەختىنى تىلەش ئۈچۈن ياش تۆكتۈم. بۇ ياش بولسا ئۇنىڭ بەختىنى تىلەيدىغان ياش، ئۇنىڭ قۇتلۇق مەرھابا كۈنىنى تىلەش ئۈچۈن تىلىگەن تىلەكلىرى. مەيلى سەن قەيەردە بولغىن ئامرىقىم، سەن مەڭگۈ بەخت ئىچىدە ئۆتسەڭلا شۇ ماڭا كۇپايە . سىنىڭ ھەر ۋاقىت بەختىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. مىنىڭ مۇھەببىتىم قەلىب قەسىرىمگە يۈشۈرۈنۈپ يۇرسۇن. سەن پەقەت ئاشۇ خۇش پىئىللىقىڭنى، ئاشۇ بارلىق خسلەتلىرىڭنى يوقاتماسلىقڭنى ئۈمىد قىلىمەن. مەڭگۈگە ئامان بول جانىم.
مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 01:31 AM
|