ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش قوغداش مەركىزى قۇرۇلدى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش قوغداش مەركىزى 22-ئىيۇن قۇرۇلدى.بۇ مەركەزنىڭ قۇرلىشى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى قۇرامىغايەتمگەن سەرگەردانلارنىڭ تۇرمۇشى،تەربىيەلىنىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
تۆت يىلدىن بۇيان سەرگەردانلىق قىلىپ يۈرگەن ئېلىجان بۇ مەركەزگە تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلىندى.ئېلىجان مۇنداق دىدى:تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالەتكەئىگە بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولىۋاتىمەن.چوقۇم بۇيەردىكى ئاكا-ھەدىلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ياخشى ئۈگۈنىمەن.
بۇ مەركەزنىڭ ئاساسى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش پونكىتى2003-يىلىدىن باشلاپ 2010-يىلغىچەقورامىغا يەتمىگەن1000دىن ئارتۇق سەرگەرداننى قوبۇل قىلغان.لىكىن ئاساسى ئەسلھەلەر مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن،بالىلارنى بېقىش تەربىيلەشتە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنىدى.
يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ مەركەزنىڭ كۆلىمى6000كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ،ھەر بىر تۇرمۇش رايونىدا مۇنچا،ئاشخانا،داۋالاش ئۆيى،كۆزىتىش ئۆيى تەسسىس قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش قوغداش مەركىزى باشقۇرۇش بۆلىمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىشىن مۇنداق دىدى:يېڭى قۇرۇلغان بۇ مەركەز سەرگەردان بالىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە،ئۇلارنى ساغلام تۇرمۇشقا يىتەكلەيدۇ.