مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 83690|ئىنكاس: 302

پاجىئەلىك تەقدىر(پوۋىست)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 02:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              1-ئاسراندى قىز
دۇنيادا شۇنداق كىشىلىرىمىز باركى.تاغدەك  قىيىنچىلىق ئۈچۈن قىلچە تەۋرەنمەيدۇ،يەنە شۇنداق
كىشىلىرىمىز باركى.كىچىككىنە قىيىنچىلىق ئۈچۈن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ دەرت تۆكىدۇ، خۇددى باشقىلارنىڭ دەردى قىيىنچىلىقى يوقتەك،يەنە بىر قىسىم كىشلەر بولسا ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ۋاقىتلىق خۇشاللىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسە،يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ يۈز-ئابرويى بىلەن ئوينۇشۇپ پۇشايمان بىخلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ ئۇنىڭغا ئوزۇق بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئېرىشكىنى ئۆزى ياشلىغىدا ئاۋايلاپ يىتىشتۇرگەن پۇشايمان نوتىلىرى ئۆزىنىڭ كۆتىگە قوزۇق بولىدۇ،
شۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرۇپ پۇتىغا پالتا بولۇپ چېپىلىدۇ،   
ئاپپاق قار بىلەن پۈركەنگەن كائىنات، يۈزلەرنى ئېچىشتۇرۇپ چىقىۋاتقان شىۋىرغان،
ھاياتلىق مۇساپىسىنى بېسىش ئۈچۈن ئاچچىق سوغوققا بەرداشلىق بېرىپ،ياشاش ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىغا چىداپ كىچىككىنە تىجارەت بىلەن ئائىلىدىكى نەچچە جاننى بېقىپ كېلىۋاتقان تۇل ئايال ئۈچۈن تولىمۇ مۇشكۈل بولسا كىرەك،
ئەتراپتىكى ھەرمىللەت ئاممىسىدىن تەركىپ تاپقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ بەزىسىنىڭ ئالدىدا نان،بەزىسىنىڭ ئالدىدا يۈز يۇيۇش ئۈچۈن قويۇلغان كىچىك جاۋۇر-لۆڭگە،يۈز سوپۇن،كىشلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ تولاشلىرى،ئارلىشىپ كەتكەن ۋاراڭ-چورۇڭ، بۇيەرنىڭ ئەتىگەنلىك سودىسىنى قىزىتىۋەتكەن،
پويىز ئىستانسىنىڭ چىقىش ئىشىگىدىن بىر-بىرىنى قىستاپ يول بەرمەي،توققانلىرى بىلەن تىزراق دىدارلىشش ئۈچۈن ئالدىرىشىۋاتقان كىشىلەر،ئاللا كىملەرنىڭ قىستىلىشتىن بىزار بولۇپ ئېغىزىنى بوزۇپ سەت تىللاشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۇپۇرۇلۇپ سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەم دېڭىزى.سىرىتتا بۇلارنى كۆتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىقىش ئېغىزىغا توپلۇشۇپ بويۇنداپ قاراپ تونۇش چىرايلارنى ئىزلەش،كىملەرنىڭدۇر بىرلىرىنى قۇچاغلاپ ئەھۋال سوراش ،يىغلاش،خۇشال كۈلكىلەر،كىچىك بالىلارنىڭ قىقىراپ ئاچچىق يىغلاشلىرى.بىر-بىرىنى چاقىرىشلار،بۇيەرنىڭ قىزىتىۋەتكەن ئىدى.
بىر چەتتە ئەرەنچە يوغان پاختىلىق چاپان كىيىپ،سوغوقتىن قىزرىپ كەتكەن قوللىرىنى  ئالقانلىرىغا سۈركەپ قېلىن ياغلىققا ئورۇنۇپ يوغان پىما‹كىگىزدىن قۇيۇلغان ئۆتۈك›بىلەن تىك تۇرۇپ، بىردە ئالدىدىكى نانلارغا بىردە خېرىدارلارغا ئۈمۈد بىلەن قاراپ تۇرغان باھارنىڭ  تېخى ياشلىغىدىن ئانچە كەتمىگەن ئىللىق چىرايى،شۇنچە ھارغىن كۆرۈنسىمۇ ئەمما ھەمىشە كۈلۈپلا تۇرىدىغان كۆزلىرى،سوغوقتىن ئاناردەك قىزارغان يۈزلىرى ،ياغلىقنىڭ بۇرجەكلىرىدىن ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالغان،ئەمدىلەتىن ئاق سانجىشقان باشلىغان چىكە چاچلىرى،ئۇنىڭ قەيسەر چىداملىق ئايال ئىكەنلىگىنى ‹مانا مەن› دەپ كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.
شۇنچە ئادەمنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي بۇگۇن ئۇ بىرمۇ نان ساتالمىدى.ھەي...
كىشىلەرنىڭ كۆپۇنچىسى ئۇنى ئەگىپ ئۆتۈپ يىنىدىكىلەردىن نان ئېلىپ كېتىپ قالاتتى،
باھار نانلارغا قاراپ تىگى يوق خىيال دېڭىزىغا كىرىپ كەتتى.
‹بىچارە بالىلىرىم ،ئاپام كەلسە بىزگە تاماق قىلىپ بىرىدۇ دەپ يولۇمغا تەلمۇرۇپ ئولتۇرىشىدۇ، ئەمما ھازىرغىچە بىرمۇ نان ساتالمىدىم،كەچتە بالىلارنىڭ قورسىقىغا نىمە بىرەرمەن،يەنە نان بىلەن چاي ئىچەرمۇ؟ بىزنىڭمۇ خۇشال ئولتۇرۇپ بىر ۋاق ئىسسىق تاماقنى غەمسىز يەيدىغان كۈنلىرىمىز كىلەرمۇ؟ھىلىمۇ نان سېتىلماي ئۆزىمىزلا يەپ تۈگىتىۋاتىمىز،ئۇستاممۇ ئىنساپلىق ئادەم ئىككى ناننى بىرگە ھىساپلاپ بىرىدۇ،شۇنداقتىمۇ خىلى جىق پۇل گەدىنىمگە ئارتىلىپ بولدى.خەيىر بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر›
باھار خىيالىنىڭ  ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.چۈنكى يىقىنلا يەردىن بىر كىچىك قىزنىڭ ‹ئاپا.ئاپا.› دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلىۋەتكەن ئىدى.
باھار يىنىغا ئۆرۈلۈپ قاراپ ئۆزىدىن نەچچە قەدەم نىرىدا كىيىملىرىمۇ يىلىڭ بىر قىزنىڭ پوتلىلىرىنى ئېقىتىپ،سوغوقتىن دىرىلدەپ تىتىرەپ يىغلاپ تۇرغىنىنى كۆردى.
قىزچاق ئادەملەر توپىدىن ئۆزىنىڭ ئاپىسىنى ئىزلەپ يىغلايتتى. ئەمما يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئەمەس، پەرۋامۇ قىلماستىن ئۆتۈپ كىتىشەتتى.
كىملەردۇ  يوغان يۈك-تاقىلىرىنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرۈپ قىزنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، قىزچاقنى سوقۇپ يىقىتىۋەتكەندىن كىيىن،ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن ئېغىزىنى ئۆمەللىتىپ نىمىلەرنىدۇر دىگىنىچە كىتىپ قالدى،باھار يۈگۈرۈپ بېرىپ قىزنى يۆلەپ كىيىملىرىنى قېقىپ ، ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرۈتۈپ بەزلىگەچ يىنىغا ئەكىلىۋالدى.
-قىزىم ئاپىڭىز قىنى؟
-ئۇكمايمەن،
-ئەمىسە دادىڭىزچۇ؟
-نان ئاگىلى كەتكەن،
-ئەمىسە مىنىڭ يىنىمدا تۇرۇپ تۇرۇڭ ھىلىغىچە كىلىپ قالار،
-توڭياپ كەتتىم،
-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟
-ھەئە،
باھار ئالدىدىكى ناندىن بىرنى ئۇشتۇپ قىزغا تۇتقۇزدى،قىزچاق ناننى كوروسلۇتۇپ يىيىشكە باشلىدى.باھار قىزچاقنىڭ ئۈستىدىكى يىلىڭ كىيىملىرىگە قاراپ ئىچى سىرىلدىمۇ،ئۆزىنىڭ چاپىنىنى سېلىپ قىزغا كەيدۈرۈپ قويغاچ ئويلىدى.
‹ۋاي بىچارە،بۇمۇ مەندەك بىر نامراتنىڭ بالىسى ئىكەندە؟ ئاتا-ئانىسى بۇ قىزنى تاپالماي قانچە تىتىلداپ كەتكەندۇ ھە؟ھىلىغىچە ئىزلەپ كىلىپ قالار، ئۇنىڭغىچە قورسىقىنى بولسىمۇ تويغۇزىۋالسۇن،كىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشمەيدۇ،ئاللا ھەممىمىزنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلسۇن،›
-ئاپاش شۇ بامۇ؟ئۇشاپ كەتتىم،
-مانا قىزىم ئالدىرماي ئىچىڭ،
باھار يېنىغا ئېسىۋالغان ھەربىچە سۇداندىن قىزغا سۇ ئىچكۈزگەچ ئۇنىڭغا قاراپ مەسلىگى كىلىپ سورىدى،
-ئىسمىڭىزنىمە قىزىم؟
-گۇيباخاي،
-ھە شۇنداقمۇ ئىسمىڭىز گۈلباھار مۇ؟
-ھەئە،
-نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
قىزچاق بىردەم ئۈچ بارمىقىنى بىردەم تۆت بارمىقىنى چىقىرىپ باھارنىڭ كۈلكىسىنى ھەم ئۇنىڭ تېخىمۇ مەسلىگىنى كەلتۈرۋەتتى،قىزچاقنىڭ ئالدى ئۇچۇقمۇ، ياكى ئاللاھنىڭ بۇ ئاجىز-يىتىملەرگە ئىچى ئاغرىدىمۇ، بىردەمدىلا باھارنىڭ سودىسى جانلىنىپ ئالدىدىكى نانلار سېتىلىپ تۈگىدى ،
سودىنىڭ قىزىقچىلىقىدا ئۆزىنىڭ توڭلاپ، قۇرسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكىنىنى ئىسىدىن چىقارغان باھار، قىزچاقنىڭ ‹ئاپاش مەن ئۇخلايمەن›دىگەندىلا ئۆزىگە كىلىپ قىزچاقنىڭ تېخىچە يېنىدا تۇرغىنى ئىسىگە ئالدى،
‹ئاپلا بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تېخىچە يوققۇ. ئەمدى قانداق قىلارمەن؟باھار نان سالغان سىۋەتنى يىنىدىكى بىرىگە تاپىلاپ قويۇپ قىزنى يىتىلەپ ۋوگزالنىڭ كۆتۈش بۆلىمىگە كىردى،
-قىزىم بۇيەردە ئاپىڭىز بارمىكەن قاراپ بىقىڭ بولامدۇ؟
باھار قىزچاقنى يىتىلاپ كۆتۈش بۆلىمىنى نەچچە ئايلانغان بولسىمۇ قىزچاق بىرەرسىنى ‹ئاپا-دادا›دىمىدى. باشقىلارمۇ ‹بۇ مىنىڭ بالام ›دىمىدى،ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟
باھار ئىستانسا باشلىقىنى ئىزلىمەكچى بولۇپ ئالاقىدار كىشلەرنى ئىزلىدى.
-سىز بىر ياخشى ئايال ئىكەنسىز، بىز بۇ قىزنى رادىيو ئارقىلىق تەشۋىق قىلايلى ئاتا-ئانىسى ئاڭلاپ ئىزلەپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس،ئۇنىڭغىچە بۇ قىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن،ئەمدى ياخشىلىقنى ئاخىرغىچە قىلىڭ،
-بىراق مىنىڭ ئۆيۈمدىمۇ تۆت بالام بار، تۇرمۇشۇم دىگەندەك باياشات ئەمەس، بۇ قىزنى قىيناپ قۇيارمەنمىكىن،
-نەچچە كۈن تۇرغانغا قىيلىنىپمۇ كەتمەيدۇ.بىزمۇ مۇمكىن قەدەرسىزگە تىز ئۇچۇر يەتكۈزىمىز، پەقەت بولمىسا يىتىم بالىلارنى يىغىۋىلىش ئورنىغا ئاپىرىپ بىرەرمىز قانداق؟
باھار ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلماي قىزنى يىتىلەپ ئىشخانىدىن چىقتى.
ئۇ، ئۇستامنىڭ يېنىغا بېرىپ ھىساۋاتنى ئۆتكۈزىۋىتىپ،قىزچاقنى يىتىلەپ ئۆيىگە كىرگەندە بالىلارنىڭ چوڭى مەمەت، بىرىنجى بولۇپ ئىتىراز بىلدۈردى،
-ئاپا ئۆيگە كىمنىڭ بالىسىنى سۆرەپ ئەكەلدىڭ؟
-بۇ قىزنى ئاتا-ئانىسى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ،
-بۇنىڭ بىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟
-نىمانداق گەپ قىلسەن؟ھەرقانچە بولسىمۇ كۆزى مۆلدۈرلەپ تۇرغان كىچىككىنە نارىسىدە بىلەن كارىمىز بولمىسا بولماس؟
-تېشىپ كەتكەن پۇلۇڭ بار ئوخشىمامدۇ سىنىڭ؟ئۆيدىكى ئۈچ نان قېپىمۇ بىزگە يىتىپ ئاشىدۇ،
-سەن ماڭا دۇنيا دۈگلەپ بەرگەندەك گەپ قىلسەنغۇ؟ مۇشۇنداق توڭ قىشتا بۇ قىزنى ھەيدەپ چىقىرۋەتكىلى بولماس ،
-نەدىن تېپىۋالدىڭ بۇ جىننى؟
-نان ساتقان يەردىن،
-ئەمسە ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟
-مىنى كىرمىدىمىكىن دەمسەن؟ئۇلار نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرسۇن دەيدۇ؟
-زادى نەچچە كۈن تۇرىدىكەن؟
-مەن نىمە بىلەي ، سەن مەندىن سورىساڭ مەن كىمدىن سورايمەن،
-سەن چىقىرۋەتمىسەڭ مەن چىقىرىۋىتىمەن بۇ شۇمنى،
-تولا تاش يۈرەكلىك قىلما مەمەت،
-سەن نان ساتىسەن، مەن ئاياق مايلايمەن، بىزنىڭ كۈنىمىز شۇنچە باياشاتمىكەن؟
-جېنىم بالام، كىمنىڭ بېشىغا كۈن كەلمەيدۇ دەيسەن؟ بەلكىم بۇ قىزنى ئاتا-ئانىسى ئىزلەپ تاپالماي تازا ئىچى تىتىلداپ تۇرغاندۇ؟
-ئۇلار تېپىلىپ قالسا بۇنىڭ ياتقان، يىگەن، كەيگەن، ئىچكىنىنىڭ پۇلىسىنى ئالىمەن،
-بۇ كىچىككىنە قىز قانچىلىك نەرسە يەيدۇ؟ قانچىلىك يەردە ياتىدۇ؟ئەقىلگە سىققىدەك گەپ قىل،كىچىككىنە تۇرۇپ سىنىڭ نەزىرىڭدە پۇلدىن باشقا نەرسە يوقما؟
-ئىشقىلىپ مىنىڭ چاتتىغىم يوق، ئالىمەن دىدىممۇ ئالىمەن،
-قىنى ئاۋال شۇ ۋاقتى كەلسۇن بىرگەپ بولار؟
-مەن ساڭا چاقچاق قىلمىدىم جۇمۇ ئاپا، راسىت دەۋاتىمەن، بولمىسا بۇ شۇمنى يېرىم كىچىدە تالاغا چۆرىۋىتىمەن ئاڭلاپ قال، توڭلاپ ئۆلسىمۇ كارىم يوق،
-ھۇ بىششىنى يەيدىغان ئىچى قوتۇر، بۇ قىز سىنىڭ نەرىڭگە تاقاشتى؟
-گىپىڭگە قارىغاندا ئەگەر ئۇنىڭ تۇققانلىرى راستىنلا تېپىلمىسا ئۇنى ئاسراندى قىز سۈپىتىدە بالىچىلاپ بېقىۋالدىغان ئوخشىمامسەن؟
-سىنىڭ نىمە كارىڭ ؟ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟
-ئۆيدىكى تەييار تاپلار ئاز كىلىپ قىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟
-يىسە يالغۇز سىنىڭكىنى يىمىدى، بىرىپ ئىششىڭنى قىل،
-مىنىڭكىنى يىسە چىشىنى ئامبۇردا قومۇرۋالامىنا،
-خۇدايىم سىنىڭ قولۇڭغا قىلىشتىن پانا بەرسۇن جۇمۇ؟
- ئىشقىلىپ ساڭا باشتا دەپ قويدۇم،بۇ ئاسراندى ساقلاندىنى تىزدىن كۆزدىن يوقاپ بولمىسا مېنىڭدىن رەنجىمە،
-قانداق قىلماقچى دەپ باقە قىنى؟ يوقاتمىسام قانداق قىلسەن؟ھەجەپ مىنىڭ دادامدەك ماڭا بۇيرۇق قىلىپ تەھدىت سېلىۋاتىسىنا؟ مەن سىنىڭ ئاپاڭمۇ نىمەڭ؟ بۇ ئۆيدە مىنىڭ دىگىنىم ھىساپ، ئۆينىڭ چوڭى يەنىلا مەن بىلىپ قوي،
- قېنى كۆرەرمىز ،ھازىرچە شۇنداق،
-تاپقان شۇ ئىككى توك-توك پۇلۇڭغا نىمانچە يوغان سۆزلەيسەن؟خۇددى بۇ ئۆينىڭ بارلىق چىقىملىرىنى بىرلا سەن ئۈستۈڭگە ئالغاندەك؟
-يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟ ئاز بولسىمۇ كۈندە نەچچە موچەن تىپپ كىرىم قىلىۋاتىمەنغۇ؟
-ئەمىسە مەن بىكار يۈرىۋىتىپتىمەندە؟
باھار ئەمدى ئاچچىقتا يىرىلىپ كىتەيلا دەپ قالدى. كىچىك گۈلباھار بولسا بىردە مەمەتكە، بىردە باھارغا، يەنە بىردە يېڭى ئاكا-ئاچىلىرىغا قاراپ، ئۆزىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر،بۇلارنىڭ ۋاقىراپ سۆزلەشلىرىدىن قورقۇپ، سەبى كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە قاراپ تۇراتتى،باھار قىزچاققا قاراپ سۇس كۈلۈپ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ قۇچىقىغا ئالدى.قىزچاق باھارغا مۆلدۈرلەپ قارىغانچە،ئانىنىڭ ھارارەتلىك قوينىدا ئاستا-ئاستا تاتلىق ئەللەيلىنىپ  ئۇيقۇغا كەتتى.


سەمىمى ئەسكەرتىش: ئەسەرنىڭ ھەجىمى سەل كۆپ بولغىنى ئۈچۈن ۋاقتىم يار بەرگەن ئاساستا داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللايمەن.تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ‹ئاپتوردىن›
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 10:03 PM  


ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 06:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ كىچىك باھارلار قانداق قىسمەتكە دۇچار  بولاركىن؟
كىچىك باھارنى قىيىنچىلىقتا قالغان ئاتا-ئانىسى قەستەن تاشلاپ قويغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالدىم. داۋامىنى ساقلاي......

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 06:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا ياخشى بىر ئەسەر روياپقا چىققۇسى، ياخشى باشلاپسىز

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 770
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6749
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 07:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسز ئاخىرىغا تەشنا بىز

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 07:59:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 10:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياخشى ئەسەر روياپقا چىقىدىغاندەك قىلىدۇ ،
لىكىن چوڭ باھارنىڭ ئوغلى مەمەت كىچىك باھارنى ھېلىتىنلا يامان كۆر
گىلى تۇردى .
كىچىك باھارغا بىر ئىش بوپ قالماس ھە؟

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 10:56:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amarjan133 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 10:15 PM
يەنە بىر ياخشى ئەسەر روياپقا چىقىدىغاندەك قىلىدۇ ،
لى ...


كىچىك باھارنىڭ ئاتا ئانىسى تىپىلماي مەمەتنىڭ خورلىشىغا قالىدىغان چىراي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەقدىر07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 10:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 11:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىمەن ھازىر

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 12:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونىلار ئادەمنىڭ ئاغزىدىن سائەت چىقىدۇ دەپ ئەجەپمۇ توغرا ئېيتقان،تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن بەندە قېچىپ قۇتۇلالمىسا كېرەك،
باھاربىلەن مەمەتنىڭ ئېيتقىنىدەك،كىچىك گۈلباھار بۇ نامرات ئائىلىگە راستىنلا يېڭى ئەزا سۈپىتىدە قوشۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى.
ئەمما مەمەتنىڭ تەتۈرلۈك قىلىشىنىڭمۇ ئاساسى بار،چۈنكى كۈنلۈك تاپاۋىتى بىلەن بىر كۈننى ئاران ئۆتكۈزىدىغان نامرات ئائىلىگە نىسبەتەن بىر توغرام نانمۇ شۇنچە ئەتىۋار قىممەتلىك ئەلۋەتتە،
يىتىم قىزچاق گۈلباھارنى باغرىغا مەھكەم تېڭىپ،خىيال دەرياسىغا غەرىق بولۇپ ياتقان باھارنىڭ كاللىسىغا ھەرخىل خىياللار كىلىپ تۈن بۇيى ئۇنى ئۇيقۇدىن بىدار قىلدى.
‹قانداق قىلسام بولار،ئەگەر راستلا بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تىپىلمىسا ئۇنى يىغىۋىلىش ئورنىغا ئاپىرۋىتەرمۇ؟كىچىككىنە بۇ نارىسىدە ئۇ مۇھىتتا قانداق ئۈسۈپ يىتىلەر،ئەگەر ئۇنى ئۆزەم بېقىۋالسامچۇ؟›
باھار كۆزلىرىنى يۇمۇپ شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقاندا،قولاق تۈۋىدىنلا ئاڭلانغان يىنىك شەپىدىن چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى.
مەمەت ئاپىسىغا ئوغۇرلۇقچە قاراپ قۇيۇپ،كىچىك گۈلباھارغا شۇملۇق يىغىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۆچمەنلىك نەزىرىدە ئىڭىشىپ قاراۋاتاتتى.
-مەمەت كىچىدە ئۇخلىماي تىمىسقىلاپ نىمىش قىلاي دەيسەن؟
-نىمىش قىپتىمەن ئۇسساپ كىتىپ چىققان قاراپ باقتىم شۇ،
-تولا ئىش تېرىماي كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا،
مەمەت ئاپىسىغا سەت ئالىيىپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.باھار بۇ قىزنى ئۆيدە قويۇپ قويسا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئىغىر تىنىپ قويۇپ خىيالىنى داۋام قىلىمايلا، سىرىتتىن مەزىننىڭ كىشىلەرنى بامدات نامىزىغا چىللاپ سوزۇپ توۋلىغان ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى.
باھار بالىلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك چېيىنى بېرىۋىتىپ يېڭى مېھماننى ئېلىپ يەنە نان ساتقىلى ماڭدى.
ھايات بىرخىل داۋام قىلماقتا، پەلەك ئۆز ئوقىدا ئايلانماقتا،ھەممە ئۆز پىتى.ھىچنىمە ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق،كۈنلەر يەنىلا شۇنداق مۇھتاجلىقتا ئۆتمەكتە ئىدى.
ئىستانسا باشلىقىمۇ باھارۋە گۈلباھارنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك،ئۇلار خۇددى مەۋجۈت ئەمەستەك، ھاياتلىق ئالىمىدە مۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغاندەك بۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن، كىچىك قىزچاق ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك، ئۇنىڭ ئىزدىرىگىنى قىلىدىغان بىرەر ئىنسانمۇ چىقمىدى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ باھار ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى‹مەمەتتىن باشقىسى› كىچىك گۈلباھارغا كۆنۈپلا قالماستىن بۇ مىھرى ئىسسىق ئۇماق قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىشتى،
گەپنىڭ قىسقىسىنى ئېيتقاندا،كىچىك گۈلباھار بۇ ئۆينىڭ خۇشاللىقى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ چۈچۈك تىللىرى.تاتلىق ھەركەتلىرى ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى.
زىمىستان قىش كىتىپ ئەتىياز ھەتتا يازمۇ كىردى.باھار ئائىلىسىدە پات-پات يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئۇششاق جىدەلنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تۇرمۇش يەنىلا ئۆز رىتىمى بويىچە داۋام ئەتمەكتە،
باھارنىڭ بىردىن بىر كىرىم مەنبەسى بولغان ناۋاي ئۇستام قازا قىلغاندىن كىيىن باھار سەل تەمتىرەپ قالدى. ئەمدى ئۇ ئازغىنە دەسمايىنى سەرەپ قىلىپ پويىز ئىستانسىسىدىن يۆتكىلىپ ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا بىكىتىدە ئۆز ئالدىغا ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئەكەلگەن كەمپۈت موخۇركا گازىر قاتارلىق ماللىرىمۇ خېلى بازار تاپتى.
ئاللاھ بەندىسىنىڭ رىسقىنى كەم قىلمايدۇ ئەلۋەتتە،ھەركەت قىلسا بەركەت تاپىدۇ دىگەندەك،شۇ ئىدارىنىڭ پىشقەدەم ئىشچىسى‹رىمۇنتچى› روزى ئاكا ئېشىنغىنىنى بۇ بىچارىلەردىن ئايىماي بۇلارغا ساخاۋەت قولىنى سۇنۇپ كىلىۋاتاتتى.
ئاپتاپقا تىكلىنىپ ئولتۇرۇپ سودا قىلىۋاتقان باھارنىڭ يىنىغا روزى ئاكا بىرچىنە ئاشنى كۆتۈرۈپ كەلدى.
-ھە باھارخان تىشلىقمۇ؟
-شۈكرى روزى ئاكا، بۇ ياققا قەدەملىرى يىتىپ قاپتۇغۇ؟
-ئۆيدە تاماق قىلغان سىلەرنى تېتىپ باقسۇن دەپ ئالغاچ چىقتىم،خوتۇن كىشى يوق ئۆي. ئۆي بولمايدىكەن،
-سىلىمۇ شۇنداق ئۇستىغۇ تاماققا،قوللىرىمۇ شۇنچە ئەپچىل، باشقىلارغا ھاجەتلىرىمۇ چۈشمەيدۇ،
-ھەي شۇنداق دەيسىز،بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار دەپ ،رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۆيلۈنۈشنى كۆپ ئويلىغان بولساممۇ مۇۋاپىق بىرى چىقمىدى.تونۇشلارمۇ جىق ئاياللارنى سايە قىلدى ھەي. ئەمما نىمە بولدۇمكىن تاڭ بىرى ياسانچۇق، بىرى مەينەت،يەنە بىرىنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ئىپى يوق،دىتىمغا زادىلا ياقماي كۆزۈمگە سىغمىدى.سىزنى تىگىڭ دىسەم تىخى ئۇنىمىدىڭىز،مىنىڭ نەرىم يارىمايدىكىن سىزگە؟
-روزى ئاكا ھىساپتا مىنىڭ بەش بالام بار بىزسىلىگە يۈك بولۇپ قالىمىز،
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز باھار؟ئېغىرىنى يەر كۆتۈرىدۇ رىزقىنى ئاللا بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟
-شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئىش قاملاشمايدۇ،سىلىنىڭمۇ رىزقىلىرىنى بىرىگە چاتقاندۇ،بەلكىم مىنىڭدىنمۇ ياخشى بىرى چىقىپ قالار، ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى باردۇ،
-ئەمىسە يەنە بىر ئىش، بۇ كىچىك قىزىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز، بالىچىلاپ بىقىۋالسام قانداق دەيسىز؟
-خاپا بولمىسىلا روزى ئاكا، ھەر بالىنىڭ مىھرى باشقا دەپتىكەن،بۇ قىزىمنىڭمۇ رىزقىنى ئاللا بىرىدۇ،
-يېنىڭىزغا ئالتە پاتمان بالىنى يىغىۋېلىپ ،ئۆزىڭىزنىمۇ بالىلارنىمۇ قىيناشنى كىم قويدى سىزگە؟
-بۇمۇ ماڭا ئاللاھنىڭ بەرگىنى،
-بەكمۇ جاھىل ئايالدە سىز،
باھار كۈلۈپ قۇيۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. روزاخۇن قولىدىكى چىنىنى باھارغا بىرىپ كىچىك گۈلباھارنى ئەركىلىتىپ قويۇپ كىتىپ قالدى.
ئايال روزاخۇننىڭ كەينىدىن قاراپ ‹ئۆزىغۇ ياخشى ئادەم ،ئەمما ھاراق دىسە جېنىنى بىرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەس بولۇپ قالسا ھەممە ئادەمنى سۈرۈپ توقاي قىلىدىغان سەت خۇيى بار› دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.
بىركۈنلۈك سودىسىنى تۈگەتكەن باھار،كەچتە بالىلارنىڭ تامىقىنى بىرىپ بولۇپ قاتتىق چارچىغانلىقتىن ھارغىن ھالەتتە كۈن ئولتۇرماستىنلا ئويقۇغا كەتتى.
ئۇنىڭ كۆزى ئەمدى ئىلىنىشقا سىرىتتىن كىچىك گۈلباھارنىڭ چىقىراپ يىغلىغان، يەنە بىر ئىتنىڭ قاتتىق قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
باھار چۆچۈپ ئويغۇنۇپ ئايىغىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئالدىراپ سىرىتقا يۈگۈردى.
قىزچاق قورققىنىدىن تامغا چاپلىشىپ چىقىراپ يىغلاۋاتاتتى.ئارغامچىسى ئۇزۇن باغلانغان تۆت كۆزلۈك بىر ئىت قىزچاققا قاراپ ئىتىلىپ قاۋاۋاتاتتى.
ئەگەر ئىت باغلاقتىن بوشىنىۋالسىلا قىزنى نەچچە مىڭ پارە قىلىۋىتىدىغان ئەلپازدا قەھرى بىلەن چەكچىيىپ قاۋاپ قىزنى بەكلا قورقىتىۋەتكەن ئىدى.
قىز بىلەن ئىتنىڭ ئارىلىقى پەقەت نەچچە قەدەملا بولغاچ باھارمۇ ئالدىراپ يىقىنلىشالمىدى.دەل شۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە مەمەت كەلدىدە ئالدىراپ يەردىن بىر تاشنى ئېلىپ ئىتنىڭ بېشىغا كۈچەپ ئاتتى.ئىت ئەمدى ئاغرىققا چىدىماي مەمەتكە قاراپ غەزەپ بىلەن قاۋاپ ئىتىلدى. مەمەتمۇ بوش كەلمەي يەردىكى ئۇتۇن دۆۋىسىدىن ئۇزۇنراق بىر سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئىتنى ئۇرۇشقا باشلىدى.ئىت بىردەم ھەيۋە كۆرسۈتۈپ بىقىپ ئۆزىنىڭ باغلاغلىق ھالەتتە ئىنسانغا تەڭ كىلەلمەي چۈشەنگەندەك، ئاستا غىڭشىغىنىچە ئۇۋىسىغا كىرىپ كەتتى.
-خۇيمۇ ئوبدان ۋاقتىدا كەلدىڭ بالام ، تاس قالدى بۇ ئىت تانىنى ‹ئارغامچا› ئۈزۈپ بىزنى كەچلىك تاماق قىلىۋەتكىلى.
مەمەت گەپ قىلماي خوشنىسىنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا  بىر نەچچە قېتىم چاقىردى.ئەمما ئۇلاردىن سادا چىقمىدى.شۇندىلا مەمەت كىچىك گۈلباھارنىڭ يىنىغا كىلىپ قاپىغىنى ئاچماي تۇرۇپ:
-ھۇ پىتى قولاق ئىتنىڭ قېشىدا نىمە بار ساڭا،ئۇۋىغا كىرىپ كۈچۈك بىلەن ئوينىماقچىمىدىڭ؟ئىتقا بالا بولاي دىگەنمۇ يا گەپ قىلە؟ تۈنۈگۈن مەن ساڭا نىمە دىگەن ئەمدى تاياق يەمسەن؟
-مەمەت، قورقۇپ كەتكەن بالىغا نىمانداق ۋاقىرايسەن؟
-بىلمىگەندىكىن ئارلاشما،بۇ ياغاچ قۇلاقنى قورقۇتۇپ قويمىساڭ ئىتقا يەم بولىدۇ،
-تۈنۈگۈن نىمىش بولغانتى؟
-توختىنىڭ بۇ تۆت كۆز قانجۇقى تۈنۈگۈن كۈچۈكلەپتىكەن.بۇ دەلتە ئىتنىڭ ئۇۋىسىنى مارىلاپ تۇرۇپتۇ،تۈنۈگۈنمۇ تاس قالغان چىشلىۋالغىلى.بارما دەپ تۇرسام سۈڭەك مارىلاپ بارامدۇ بۇ شۇم ئۇيەرگە، توختى بىلەنمۇ ئاخشام مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق قىزرىشىپ قالدىم،بۇ بىرنىمەڭگە گەپ قىلىپ قوي، ئادەمگە تولا ئىش تىپپ بەرمىسۇن ھارامزەدە،
-ئۇ چاغدا مەن نەگە كەتكەن؟ھەجەپ ئاڭلىماپتىمەنغۇ ئۇ غەۋغانى؟
-سەن مال ئالغىلى كەتكەن ۋاقىتتا،
-ئەمىسە ئەجەپ ماڭا دىمەپسەنغۇ؟
-ھەممىنى ساڭا دىيىشىم شەرتمىدى؟
-ئادەمگە نىمانداق توڭ تىگىسەن؟
-ئاپا تولا كۆزۈمگە كىرشىۋالما بولامدۇ؟ مەن كىچىك بالا ئەمەس،ئۆز ئىششىمنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلالايمەن،
باھار،ئەمدى مەمەتتىن مىننەتدار بولغاندەك كۈلۈپ قويۇپ، قىزچاقنى كۆتۈرگەنچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
دىمەك بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن نازۇك كۆرۈنمەس ھىسيات پەيدا بولۇپ ئىنچىكە بىر يىپ بۇلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرگە مەھكەم باغلاپ،ئارىدا مىھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلغان ئىدى.
باھار بۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەچكە مەمەتكە قاراپ كۈلگەن،ھەم قىزچاققا قاراپ كۆڭلىنى تىندۇرغان،ئۇنى ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى،ئۆزىنىڭ بارلىغى دەپ بىلگەن، ئەمدى ئۇنىڭغا تاغدەك يۈلەنچۈك بولىدىغان ئاكىسى بارلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ۋاقىت ئوقتەك ئۆتۈپ كىچىك گۈلباھار6-7 ياشلارغا كىرىپ قالدى. مەمەتنىڭمۇ بۇرۇتى خەت تارتىپ كىلىشكەن يىگىت بولدى.ئەمما ھەممىسى ساۋاتسىز قۇرساققا ئاران يىتىشەتتى.يامان يىرى مەمەت ھاراق تاماكىغا ئۆگىنىپ بەكلا چۈشكۈن بولۇپ كەتتى.ئۇنىڭغا نىمە ئىش تەسىر قىلغىنىنى ھىچكىممۇ دەپ بىرەلمەيتى.
باھار قانچە مىڭ قىتىم بۇ ھەقتە ئوغلىغا نەسىھەت قىلدى ئۆزىنىڭمۇ ئىسىدە يوق.
ئەمما مەمەت چۈشكۈن ،تۈرگۈن يۈرگىنى بىلەن ئائىلىسىگە كۆيىنەتتى.بىراق كىچىك گۈلباھارنى كۈلۈپ تۇرۇپ بىرەر قىتىممۇ ئەركىلىتىپ باقمىدى.
-ئاپا، ساڭا بىرگەپنى دەي ئاڭلاپ باقامسەن؟
-دىگىنە قىنى نىمە گەپ، خوتۇن ئالىمەن دىمەيدىغانسەن؟
-ئۇنىڭغا نەدىكى پۇل،
-ئەمىسە نىمە گەپ؟
-بىر ئۆيدە ئىككى باھار بولسا قاملاشمايدىكەن، كىچىك جىننىڭ ئىسمىنى يۆتكىۋەتسەك بولمامدۇ؟
-بالام ،تۈزۈك گەپ قىل ئۆيىمىزدە نەدىمۇ جىن بار؟قانداققىسىگە ئىككى باھار بولىدۇ؟مىنىڭ ئىسمم باھار، سىڭلىڭنىڭ گۈلباھار،ئوخشىمايدۇ،
-ياش ۋاقتىڭدا سىنىمۇ باشقىلار گۈلباھار دەپ ئاتايدىغان بولغىيتى؟
-ياق، ئىسىمنى بىلسەملا مىنى باھار دەپ چاقىراتتى.
-كىيىنچە بۇ جىننىمۇ باھار دەپ چاقىرىدۇ،ياخشىسى مەن دىگەندەك قىلايلى.چوڭ بولسا يىڭى ئىسىم سىڭمەك تەس بولىدۇ،باشقىلار باھارنىڭ بالىسى گۈلباھار دەمدا؟
-راست بۇيەرلىرىنىمۇ ئويلاشساق بولغىدەك،سىنىڭچە نىمە دەپ ئۆزگەرتسەك بولار؟
-مىنىڭچە بولسا كىچىك جىن، ياكى ئالۋاستى دەيتىم،
-تولا قالايمىقان ئىسىم تاپما،
-سىنىڭ ئىسمىڭ باھار،چوڭ سىڭلىمنىڭ گۈلزار،ئوتتۇرانجىسىنىڭ گۈلنار،كەنجىسىنىڭ گۈليار بولغاندىكىن بۇ ئاداشنى گۈلخان قويايلى.
-ھەي بالام، بىز قازاق بولمىساق ئالدىغا نىمە ئۇچرىسا شۇنى قويىدىغان،ئەقىلگە سىققىدەك گەپ قىلە،
-ئەمىسە سەن دەپ باقە قىنى؟
-مىنىڭچە بۇ قىزنى پەرىزات دەپ چاقىرايلى.
-ۋاي ماڭا يوق گەپنى قىلماي،
-ئاپا،ئاپا، ئۇنى گۈلجامال دەپ چاقىرايلى،
-ھە بۇ ئىسىم بوپ قالىدىكەن،گۈلنارنىڭ خىلى پەمى بار جۇمۇ؟
شۇنداق قىلىپ ھەپتىدىن كىيىن باھار بىر نەچچەيلەننى ئۆيىگە چاقىرىپ، قايتىدىن مەزىن ئاخۇنۇمنىڭ گوۋاھلىغى بىلەن قىزنىڭ ئوڭ قولىقىغا ئەزان، سول قولىقىغا تەكبىر ئېيتقۇزۇپ بىر قازان سۈيقاش بىلەن، ئاسراندى قىزىنىڭ ئىسمىنى گۈلجامالغا ئۆزگەرتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 12:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   روزاخۇنغا تەگسە بولىدۇ ھەممە بالىلىرىنى تەڭ قىينىغۇچە.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش