|
|
|
|
قەھرىتاننىڭ 29-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.64 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن بازارنىڭ پەستىن قاڭقىپ چىققىنىنىڭ ئۈچىنىچى كۈنى ،لېكىن قاڭقىش كۈچى چەكلىك بولدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1252 دوللار ئەتراپىدا ، تۈنۆگۈن بازار ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم نىسپىتى يىغىنىنىڭ ئالدىدىكى بازار كەيپىياتىغا قەدەم قويدى .تۈركىيە مەركىزى بانكىسى تۈنۆگۈن جىددى يىغىن چاقىردى ھەمدە زوڭلىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي ئۆسۈم نىسپىتىنى ئۆستۈرۈپ پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .بۇ خەۋەر خەلقارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى .تۈنۆگۈن ئەتىگەندە ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا ھىندىستان مەركىزى بانكىسىمۇ ئۆسۈمنى ئۆستۈردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
قەھرىتاننىڭ 29-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن بازار بۇ ھەپتىدىكى چوڭ ئۇچۇر-ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارى يىغىنىنى كۈتىۋالىدۇ .ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتنىڭ كۈلىمىنى يەنە بىر قەدەم ھالدا تارايتىشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بۇلۇپ قالدى ،چۈنكى بۈگۈن كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتنىڭ كۈلىمىنى يەنە بىر قەدەم ھالدا تارايتىشنى ئېلان قىلىشى بازاردىكى ئاساسى مۆلچەر بۇلۇپ قالدى ،يەنى پۈتكۈل بازار شۇنداق مۆلچەرلىمەكتە .بۇ مۇھىم يىغىندىن بۇرۇن ياۋرۇپا بازىرىدا ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى بانكا باشلىقى سۆز قىلىدۇ ،يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئەنگىلىيە نىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى ياخشى چىقىۋاتقاچقا،مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم نىسپىتىنى ئۆستۈرىدۇ دىگەن قاراش ئەۋىج ئالماقتا ،شۇڭلاشقا ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسنىڭ بانكا باشلىقىنىڭ سۆزىمۇ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن گىرمانىيەنىڭ 2-ئايلىق ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى ،ئەنگىلىيەنىڭ 1-ئايلىق ئۆي-مۈلۈك كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 243يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.79يۈەن
بىر دوللار 6.040 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.238 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6573 دوللار
ياۋرۇ 1.3655 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
|
|
|
|
|
|