ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ: ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەختلىك ھالدا داۋام قىلىشى ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىر ـ بىرىنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇشىغا باغلىقتۇر.ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ سائادىتى ئەر خوتۇن ـ ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر.ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ كامالىغا يېتىشى ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە بىر ـ بىرىنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىگە باغلىقتۇر.
ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺶ: ئۆيلىنىش ـ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئۆيلىنىش ـ مېنىڭ سۇننىتىم (يولۇم) دۇر. كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۇيدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى ئەگەر باشقا بىر يولنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىدىن ئەلا كۆرۈپ يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىق يۈزىسىدىن، ئۆيلەنمەى يالغۇز ئۆتۈپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ كىشى بىدئەت (دىندا بولمىغان ئىش) نى سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ، بۇدۇنيادا بولسا بىھۇدە جاپا تارتىپ، ئاخىرەتتە ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئۆزىنى قىيىناشقا ئورۇن يوق. بۇ دىننى قىيىنلاشتۇرۇشقا ئورۇنغان ھەر قانداق كىشى ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغان بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق ئىشنىڭ مەلۇم بىر سىستېمىسى بار. مۇسۇلمانلار شۇ سىستېما بويىچە ئىش كۆرۈشكە بويرۇلغان. كىشىلەر دىنغا قانچىلىك ئاكتىپ بولۇپ، ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتىمەن دېسىمۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ ئېشىپ كېىتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پىشىۋاسى ۋە پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئۆلگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيىلەپ «سەن ھەقىقەتەن بۇيۇك ئەخلاققا ئىگە سەن» دەيدۇ. (نۇن سۈرىسى 4 ـ ئايەت) ئاللاھ ئۇنىڭ تۇتقان يۇلىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ”سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.“ (ياسىن سۈرىسى) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ـ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ـ دىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۈچ زاھىد (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋاتكەن) كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ ھېس قىلغانلىقلىرىدىن ” بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ “ يەنى ئونداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازلا ئىبادەت قىلسىمۇ يېتەرلىك، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈشەنچىگە كېلىدۇ ـ دە، ئۇلاردىن بىرى ”مەن يىل بويى كۈندە روزا تۇتىمەن“ دەيدۇ. يەنە بىرى ”مەن ئايال كىشىدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەيمەن“ دەيدۇ، ئۈچىنچىسى ”مەن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن “ دەيدۇ، بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا: ”سىلەر ئۇنى، بۇنى دېيىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئاراڭلاردا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋا كىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە) گاھىدا روزا تۇتىمەن، گاھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس“ دەيدۇ. (بۇخارىي رىۋايىتى)دېمەك: ئۆيلىنىش ـ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇنىڭغا قادىر بۇلالىغان كىشىلەر ئۈچۈن نورمال ھاللاردا يەنى ئۆيلەنمىسە زىنا ـ ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىقىدىن خاتىرجەم بۇلالىغان، ئەگەر ئۆيلەنسىمۇ ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئىقتىسادىي شارائىتىمۇ ھازىر بولغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. ئەگەر كىشى زادى ئۆيلەنمىسە ئۇنىڭ زىنا ـ ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆيلىنىشكىمۇ قۇدرىتى يېتىدىغان ۋە شەرت ــ شارائىتى تولۇق بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دەرھال ئۆيلىنىشى پەرزدۇر. بۇ ھالەتتە، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمىسە گۇناھكار بولىدۇ.ئەگەر كىشى ئۆيلەنسە ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن، ياكى ئايالىغا زۇلۇم قىلىپ قويۇپ گۇناھكار بولىشىدىن قورقسا يەنى ئۆزىدە ئىشەنچ بولمىغان بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى ھارامدۇر. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدىغان كىشى ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەستۇر.
ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئۆيلىنىش ـ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېكىتپ بېرىلگەن تەبېئىي قانۇنىيەتتۇر. ئۆيلىنىش كۆپلىگەن ئېسىل غايە ۋە ياخشى مەقسەتلەرنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئۆيلىنىشنىڭ ئەڭ بۇيۇك غايىسى ئىككى بولۇپ: بىرى، پەرزەنت كۆرۇش، يەنە بىرى، ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىنا ـ ھارام ئىشلارغا بېرىلىشتىن قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت.
ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺵ: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىكى بىرىنچى غايىسى پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنى دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان دىيانەتلىك، ياخشى ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئارزۇ قىلشتىن ئىبارەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”كۆپ تۇغىدىغان، ئېسىل خىسلەتلىك ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىڭلار! مەن قىيامەت كۈنىدە باشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن. “ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدىمۇ پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇلايدۇ، ئەمما پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنى دىيانەتلىك، ئەلگە پايدىلىق ياخشى پەرزەنت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مۇسۇلمانغا خاس بىر ئالاھىدىلىكتۇر.ئاللاھ مونداق دەيدۇ: ”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر.“ (كەھف سۈرىسى46 ـ ئايەت)
ﮪﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ: مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىن بولغان مەقسىتى ئۆزىنىڭ جىنسي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇش ئارقىلىق ھارام ـ زىنا ئىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. جىنسىي ھەۋەسنى ئۆزىنىڭ ھالال ئايالى ئارقىلىق ئادا قىلىش كىشىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىپپەتنى ھاسىل قىلىش ئاۋۋال نىيەت بىلەن بولىدۇ، ئەگەر كىشى پۈتۈن ھىممىتىنى ۋە نىيىتىنى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلىغان ھالدا ئۆيلىنىدىكەن، ئۇ باشقا مەخلۇقاتلاردىن قىلچە پەرقلەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۆيلىنىشتىن مەقسەت ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاش ئارقىلىق ئىپپەتلىك بولۇشنى غايە قىلىش ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرىشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار! ئۆيلىنىش كۆزنى نامەھرەمدىن (يەنى ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ قاراپ گۇناھكار بولۇشتىن) ساقلايدۇ. ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان كىشى روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا تۇتۇش ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ.“ (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)دېمەك: ھارامدىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولۇش نىيىتىدە ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىشى ئارقىلىق چوقۇم ئىپپەتلىك بولالايدۇ. ئەمما، پەقەت ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش نىيىتى بىلەنلا ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە، ھارام ئىشلاردىنمۇ خالىي يۇلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھارامدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى نىيەت بولمىغاچقا، ئۇنىڭدا قانائەتمۇ بولمايدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ. ئۇنى پەقەت قانائەتلا تويغۇزالايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 [6 y# \' c0 d5 U( _$ U/ Pمەنبە :ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى ناملىق كىتاب
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! D9 ~5 H$ ~+ Z# d, G0 G2 ?7 ? بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-29 01:18 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 B, T8 U* _0 Z9 ^+ dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ]4 k' ^5 Q9 Z9 D