مانايىل ئۆرۈلۈپ بىردەمدىلا بۇ ئايمۇ چىقىپ كېتەي دەپ قاپتۇۋاقىت ھەققىقەتەن تىزئۆتكەن ھە .
تۈنۈگۈن ئولتۇرۇپ گوگۇلنىڭ كۆزەينىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم.ھەي بۇ ساھەنىمىدىگەن تىز
تەرەققىي قىلغان .ھىلىمۇ ئىسىمدە گوگۇلنىڭ شۇ كۆزەينىكىنىڭ گېپى 2010-يىلى چىققىلىتۇرغان
مانابىردەمدىلا .....شۇنىڭغا قارىغاندا ھېلىقى ئادەمسىز ئاپتىموبىلمۇ ئۇزۇنغا قالماي سودىغا ئىشلىتىلىدىغان
ئوخشايدۇ.گەرچەبۇ ھازىرقى دۇنيا ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىر كارتىنىسى بولسىمۇ ئەمما بۇ نۇرغۇن
نەرسىلەرنىچۈشەندۈرۈپ بېرىدۇبىز ئۆزىمىزگە كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىياتلار يۇز بىرە؟دەپ سۇئال قويۇپ
باقساق جاۋابىنى تېپىشىمىز تۇرغانلا گەپ.
كەلگۈسىدەكوچىلاردا شوپىرسىز ماشىنا ،كوچا ئابتۇبۇسلىرىنىكۆرىشى مۇمكىن ،ئەگەر ئائىلىدە ئىستىكىنىڭىزچېقىلىپ
كەتسە يېڭى بىرئىستىكاننى پىرىنتىرلاپ چىقىشىڭىز مۇمكىن.......
بۇنداقخىياللار نۇرغۇن ،گەپكە كەلسەك بىزنىڭ ئۇچۇر تەرەققىياتىمىزھازىز نەدىننەگىچىدۇ.بۇ مەن ئۇزۇندىن
كۆزىتىپكېلىۋاتقان مەسىلە.ھەم نۇرغۇن ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە.ھەممىمىز
بىلىمىزئۇيغۇر تورچىلىقى ھىسابتا -1998يىلدىن باشلاپ رەسمىي يۈرۈشۈپ تەرەققىي قىلىپ مانابۈگۈنگە
كەپتۇ.بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تو ر جەمىيىتىمىز بىر تۈركۈپ تور ئابۇنىتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.ئۇيغۇرتورچىلىقى
ئۇلارنىڭ ماتىرىيالغا ئېرىشىدىغان ،بىلىمئىگىلەيدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ،ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇيدىغان
كۆڭۈل ئاچىدىغان سورىنىغا ئايلاندى.مېنىڭچە بۇ پەقەت بىر سورۇنلا ئەمەس بەلكى يېڭى بىر جەمىيەتبولۇپ
ھىسابلىنىدۇ،بۇبولسا ئۇيغۇر تور جەمىيىتى.دېمىسەممۇ ئۇيغۇر تور جەمىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قانچىلىك
مۇھىىم ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.لىكىن بىر سۇئالنى سوراپ باقسام ھازىر بۇ جەمىيەت تەرەققىيقىلىۋاتامدۇ؟ياق بۇ جەمىيەت بارا-بارا چېكىنىپ
تارىيىپ بېرىۋاتىدۇ.بۇنىڭ دەلىلى بۇنى ئالدى بىلەن تور بىكەتلارنىڭ سانى ۋە تورئابۇنىتچىلىرىنىڭ سانىدىن ھىس قىلساق بولىدۇ.
تور بىكەتلەرنىڭ تىز سۈرئەتتە كىمىيىپ كېتىپ بېرىشى
ھىس قىلىشىمچە يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان توربىكەتلەرنىڭ سانىدا تىز سۈرئەتتە كىمىيىش بولىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ
تېخنىكا-تور بىكەتلىرى .ھەم تور بىكەتلەرنىڭدەۋرىلىكىمۇ ناھايىتى قىسقا ھازىر نۇرغۇن تور بىكەتلەر يېڭىدىن قۇرۇلۇپ
ئىككىيىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىرىمۇ ناھايىتى ئاز.بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا توربىكەتلەرنىڭ
كىرىم ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنىڭسەۋەبىدىندۇر.تورچىلىقىمىزدا باشتىن ئاخىر توربىكەتنىڭ كىرىمى
پەقەت ئىلان كىرىمىدىنلا كەلمەكتە.بۇنداق يەككەيول ھازىرغا نىسبەتەن بىر خىرىس بولۇپ قالدى چۈنكى
بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي توربىكەتلىرىمىزنىڭ كىرىمىنىمەلۇم ۋاقىت گوگۇلنىڭ يۇقىرى باھادىكى ئىلانلىرى قامداپ
كەلگەن لىكىن 2010دىن باشلاپ ئۇنداق بولمايقالدى.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن توربەت ئىگىلىرى دۆلەت
ىچىدىكى ئېلان سۇپىسىا كۆچتى ،ئەپسۇس دۆلەتئىچىدىكى ئىلانلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى بىر مەسىلە بولۇپ،
ئەگەر توربىكەتنىڭئېقىمى يۇقىرى يەنى تور بېكەتكە كىرىدىغان ئادەمنىڭ سان كۆپ بولمىسا
تور بىكەت ھەتتا ئۆزىنىڭ چىقىمىنىكۆتۈرەلمەيدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئوتتۇراكىچىك تىپتىكى توربىكەتلەر قەدىمىنىتوختاتتى.ھەم بۇ يەردە
شۇنى توختالسام توربەت ئىگىلىرى بۇچىقىمنى ئەمەلىيەتتەكۆتۈرەلمەيدۇئەمەس بەلكى بەزى توربىكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ مەخسىتى پەقەت
كىرىملا قىلىش بولغاچقا،يەنەبەزى تور بىكەتلەرنى كۆرىدىغان ئادەم سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا،بىلىشىمىز كېرەكھازىربىر تور بىكەت نورمال يۇرىشىمەن دەيدىكەن چوقۇمئەڭ تۆۋەن بولغاندا كۈنلۈك
زىيارەت ئادەم سانى 1000ىدىن ئاشمىغاندا ئالدىغا مېڭىشى ناھايىتىمۇ
تەسكە توختايدۇ.ھەم ھازىرمۇ ئۇيغۇر تور جەمىيىتىدە 70پىرسەنت تور بىركەتلەرنىڭكۈنلۈك ئىقىمى 1000غا يەتمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.بۇ يەردە
شۇنى ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،ئەمسە بۇرۇنقى شۇ تور ئابۇنتلىرى نەگەكەتتى؟
ئىلگىرىكى تور ئابۇنتلىرىنى تەھلىل قىلىپباقساق مۇتلەق قىسمى كومپىيوتىر ئابۇنتلىرى ئىدى.
ھەتتا ھەممىسى دېسەكمۇبولىدۇ.چۈنكى بۇرۇن يانفوندا ئۇيغۇرچە تور بەت كۆرۈشنىڭ قانچىلىك
قولايسىزلىقىنىھەممىمىز بىلىمىز.شۇ چاغدىكى تور ئابۇنتىنىڭ ھىسابتا تور جامائىىتىنىڭ سانى
مۆلچەرىمچە30تۈمەن ئەتراپىدا ئىدى.ئەمما بۇ سان ھازىر تولىمۇ ئاز .
(بۇ يەردە تورجامائىتى دىگىنىم ئۇزۇن مۇددەت تورغا چىقىدىغانلار)
ھەم نۇرغۇن ئابۇنتلار بىرقانچە چوڭ توربىكەتكىلا يىغىلىۋالغان ئەھۋال مەۋجۇت.شۇڭا نۇرغۇن
تور بىكەتلەر بۇ ئىككى خرىسقا دۇچ كېلىپتاقىلىپ كېتىۋاتىدۇ.ھەم بۇ سۈرئەت بارا-بارا تىزلىشىۋاتىدۇ .
ئەمەلىيەتتە تىلگىراف تور قاپلىنىشنىڭ يۇقىرىكۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە
تورقاپلىنىش سەۋىيىسى يۇقىرىكۆتۈرۈلمەكتە.ھازىر
نۇرغۇن ئابۇنىتلار بارا-بارا تورغا چىقىش قۇرالىنى بۇرۇنقىكومپىيوتىردىن ئەقلىي
يانفوندا ۋە تاختا كومپىيوتىردا چىقىشقا يۇزلىنىۋاتىدۇ. كۆچمەئىنتىرنىتنىڭ
تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ كۆچمە تور ئابۇنتلىرىمۇ تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى.بۇرۇنقى بەزى
ئىنتىرنىتقاقىزىقمايدىغان كىشىلەرمۇ تور جەمىيىتىگە قېتىلدى.
بىزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر تورغا چىقىدىغانئادەملەرنىڭ ئەھۋالى يانفوندا تورغا چىقىدىغانلار
كومپىيوتىر ئابۇنىتلىرىدىن 10ھەسسىدىنئارتۇق كۆپ .بولۇپمۇ ھازىر ئۈندىدار سالون ئابۇنىتلىرى
ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ يۈزلىنىش ئەمەلىيەتتە خەلىقئارا تور تەرەققىياتىنىڭ
يۇزلىنىشىگە ئۇيغۇن .بۇ يۇزلىنىشنىڭ ئىجابىي تەرىپى ۋە سەلبىي تەرىپى بار .لىكىن
ھازىر ئىجابىيتەرىپىنىڭ تەسىرى زور بولماقتا.]كۆچمە تورنىڭ تەرەققىياتى بىر دەۋىرنىياراتتى.بۇ پەقەت ئۇچۇر تېخنىكىسى سائەسىدىلا بولماستىن
بەلكى پۈتۈن دۇنيا جەمىيىتى دائىرىسىدە ھەمشۇنداق ،بىلىشىمىز كېرەك بۇرۇن ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتى سانائەتنىڭ تەسىرىدە بولاتتى .ھازىر ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ
مەركىزىئۇچۇر تخنىكىسىغا زىچ باغلاندى.بولۇپ ھازىر بۇ تەرەققىيات ئەڭ تىز مەزگىل.شۇنىڭدەك بىزنىڭ ئۇيغۇر تورجەمىيىتىمىزنىڭ
كەلگۈسىگە بىر ئۈمىد ھەم بىر خىرىس قويۇلدى.بىززادى قايسى يولدا مېڭىشىمىز كېرەك؟
كۆچمە ئىنتىرنىت دۇنياسى ئۇيغۇرتورچىلىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ يېڭىبوشلۇق ،بۇ يەردە ناھايىتىمۇ كۆپ ئابۇنىت بار ،تېخنىكا بار ،تەرەققىياتبوشلۇقى بار.يېقىنلاردا4G يولغا قويۇلۇپ بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا ئۈمىدئېلىپ كەلدى.ئەمما بۇيەردە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ سۇئال بار بۇنى سىلەرگە قالدۇردۇم..تېخنىكا مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
بۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكىبىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.چۈنكى بۇنى ھەل قىلىش بىر ئىككى "خاككىرلىق سەۋىيىسىگە يەتكەنپىروگراممىرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس بەلكى نۇرغۇن 100،ھەتتا 1000ئادەمنىڭ قوللىشى
ئاستىدا ھەل بولىدىغان مەسىلە .نىمە ئۈچۈن دېگەندە بۇندىن كېيىن نۇرغۇنيانفون تور بىكەتلىرى،ئەپلىرى ياسىلىپكەڭ كۆلەمدىكى كۆچمە ئابۇنتلارغا مۇلازىمەت قىلىشى ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىنچىقىشى كېرەك.ھەم نۇرغۇنتوربەت مەزمۇن يازغۇچىلىرى بولىشى كېرەك.كۆچمە تور دەۋرىدە يېڭى يېڭى مەزمۇنلار ئىجاد بولىشى كىرەك.كۆچمە ئىنتىرنىتتا كىرىم ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟بىز يەنىلا بۇرۇنقى ئىلانكىرىمىگە تايىنامدۇق ياكى باشقا يول تۇتامدۇق بۇنى ئويلىنىشىمىز كېرەك.تورسودىسىغا
كەلسەك ئۇيغۇر تور سودىسىغا يەنىلا تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئەمما بۇ بىرەر شىركەتنىڭتىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس..........لىكىن ئىلان كىرىمى بىر تور بىكەت ئۈچۈن يەنىلا زور تەسىرى بار،شۇنى دېسەمكۆچمە ئىنتىرنىت دەۋرىدە توربىكەت قۇرۇش تەننەرخى زو ر دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.مېنىڭچە كەلگۈسىدە ئۈندىدار سۇپىسى يەنى سالون)بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.بۇ پەقەت توربەت ئىگىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ توغرا ئىشلىتىشىگە باغلىق ھەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىگە باغلىق قوش تەرەپلىمىلىك مەسىلە.
ئۈچىنچىسىگە كەلسەم .بىز زادى قايسى يولدا مېڭىشىمىز كېرەك؟ بىرچاغلارداساۋادسىزلىقنىڭ چىگراسى
كومپىيوتىرنى بىلىش بىلمەسلىك ئىدى .لىكىن ھازىرئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى.ھازىربەلكىم بۇ ئۆلچەممۇ
نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندۇ.نىمىلا دېسەك بىزنىڭ ئۇيغۇر تور جەمىيىتىمىزنىڭتەرەققىياتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللشىغا مۇھتاج.بۇ دېگەندەك ئىككى ئۈچپىروگراممىرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس بەلكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ]تىرىشچانلىقى ئارقىسىداۋۇجۇتقا چىقىدىغان ئىش ،مەيلى قانچە ئاددي بولسۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئازراق ۋاقتىنى خالىسانەكۈچ چىقىرىپ قويۇڭ.بىلىدىغان تېخنىكىلىرىڭىزنى مەيلى قانچە ئاددىي بولسۇن باشقىلار
بىلەن ھەمبەھىرلەڭ ،مانا شۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندا ئاندىن بۇ ساھە قايتا تەرەققىي قىلالايدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-29 02:22 PM