تېپىۋالاي ئۆزۈمنى
قۇربان داۋۇت شاھىدى
تاشلاپ كەتمە تەبىئەت ئانا،
سەنسىز چۆلدە ياشنىماس توغراق.
ئويلاپ قالدىم پەرزەنتىڭ ئۈچۈن،
سەندىن باشقا يوق ماكان، تۇپراق.
قېنى بىزنىڭ دولقۇنلۇق دەريا؟
تېگى يوق كۆل تۇرمامدۇ ئىزسىز.
قېنى بىزنىڭ سۇمبۇل چاچلىقلار،
لەۋەن يارلار يۈزلىرى نېپىز؟
دوپپىسىنى قىرىچە كىيگەن،
قېنى ئۇيغۇريىگىتى زېرەك؟
قېنى بىزلەر سەگىدەيدىغان،
بوۋام قويغان قەدىمىي تېرەك؟
قېنى بوۋام سالغان كېسەك تام؟
تېپىلمايدۇ ھەتتاكى چالما.
قېنى بوۋام باققان يولۋاسلار؟
بۈگۈن ئىتلار بولۇپتۇ لالما.
ئادەم تۈزۈك تەرلىمەيدىغۇ،
قېنى يۇرتنىڭ جەننەتتەك پەسلى؟
بوۋام باققان توخۇلارنىڭمۇ،
كېسەل تېگىپ يوقاپتۇ نەسلى.
شەھەردىكى ئېگىز بىنالار،
تاغ شامىلى قانداق بىلمەيدۇ.
نىچۈك بۈگۈن قارلىغاچلارمۇ،
تورۇسلارغا ئۇۋا سالمايدۇ؟
ئۈنلىمەيدۇ پېشايۋانلاردا،
بوۋام قولغا ئۈگەتكەن دەمدەر.
كۆرۈنمەيدۇ غول تامدا بۈگۈن،
دەستىسىگە گۈل چەككەن شەمشەر.
ئات-خېچىرلار ھارۋىدا بۈگۈن،
چەۋەندازلار يۈرۈيدۇ ياياق.
سىرقىرايدۇ بەل-پۇتلار بالدۇر،
تېپىلمايدۇ جىڭ چەملىك ئاياق.
چوقراپ بىزنىڭ تەكلەر، باراڭلىق،
يىگلىشىپتۇ مۇنچاق ساپاقلار.
پارە-پارە ياتمامدۇ ئەنە،
بوۋام سۇ ئېپ ئىچكەن قاپاقلار.
يىرتىلىپتۇ شاماللار سوقۇپ،
مومام ئارتقان مەشۈت يىپ رومال،
سەت كۆرۈنسە قىرىق ئۆرۈم چاچ،
ئانىلارغا بولمامدۇ ئۇۋال.
يوقلاپ كېلەر نەۋرە بولمىغاچ،
قۇم بېسىپتۇ قەدىم ساراينى.
دادام غۇۋا ئەسلىتىپ ئۆتتى،
بوۋام ياتقان قەبرىستانلىقنى.
خوراز ئۈنى ئاڭلانماس مۇندا،
توۋا دەيمەن بۇ قانداق شەھەر.
رىۋايەتتەك تۇيۇلار بۈگۈن،
پادا باققان قەدىمىي سەھەر.
ساقلاپ قالاي ئاشۇ ئورماننى،
مومام ئوخشاش دوڭغاق قېرىغان.
تېپىۋالاي گۈزەل چۆللۈكنى،
بوۋام بىلەن قوغۇن تېرىغان.
ئىزدەپ ماڭدىم خارابىلەرنى،
ئۆتمۈشۈمنى،روھنى ئۇلۇغلاپ.
چىقىپ كەتتىم شەھەر كوچاڭدىن،
بوۋام ماڭغان چىغىر يول بويلاپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاھىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 11:16 PM