خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گولياڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۇۋيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان «يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» توغرىسىدا ئىزاھات بەرگەندە، دۆلىتىمىز نامراتلارنى ئېنىق ئۆلچەم بويىچە يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە نامرات ئائىلىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىش خىزمىتى تاماملىنىدۇ دېدى.
ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىشتا نامرات نوپۇسنىڭ سانى ۋە ئەھۋالى ئېنىق بولماسلىق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈر يۆنىلىشى دەل بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلىنىپ كەلدى. كېيىنكى قەدەمدە دۆلىتىمىز نامراتلارنى ئېنىق ئۆلچەم بويىچە يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ، بۇ ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ئېنىق بېكىتىش. ئامما باھالاش، ئۆيىگە كىرىپ تەكشۈرۈش، ئېلان چىقىرىپ ئاشكارىلاش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئۇچۇرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئاھالە بېكىتىلىدۇ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە نامرات ئائىلىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىش خىزمىتى تاماملىنىدۇ. ئىككىنچى، ئېنىق ياردەم بېرىش. نامرات ئاھالە بېكىتىلگەندىن كېيىن، نامراتلىق سەۋەبىگە ئاساسەن مەسئۇل خادىم ۋە ياردەم تەدبىرى بېكىتىلىپ، ياردەم ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، ئېنىق باشقۇرۇش. نامرات ئائىلەر ئۇچۇرى تور سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ ئاساسىي ماتېرىيالى، ئۆزگىرىش ئەھۋالى سىستېمىغا كىرگۈزۈلۈپ ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇلۇپ، يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ كىرگۈزۈشكىمۇ، بىكار قىلىشقىمۇ بولىدىغان قىلىنىپ، يۆلەش ئۇچۇرىنىڭ چىنلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. (گۇ جۇڭياڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
1.بۇ خەۋەر خېلى بوپ قويىدىكەن ، ئەمدى ئىككىنىچى ئابزاستىكىدەك ھەقىقى ئېھتىياجلىق نامرات ئاھاللەر نى توغرا تاللاپ سىېكىلتارنىڭ ، ئەتىرەت باشلىقىنىڭ تۇققانلىرىنى تىزىملىتىۋالدىغان ، يەنە تېخى ئەمىليەتتە يوق بولغان ئادەملەرنى تىزىملاپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى كەنىت رەھبەرلىرى بۆلۇشۇپ يەيدىغان نومۇسسزلىقلارغا ئەمدى خاتىمە بىرىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
2.بۇ نامراتلارغا ياردەم بىرىشتە ھەر خىل قاقتى سوقتىلىقلار ، ھەر خىل ھىيلە مىكىرلەر سەۋەبىدىن ئەڭ ئاخىرىدا نامراتلار نەپكە ئېرىشەلمەيدىغان ياكى ئاز ئېرىشىدىغان ھەر قايسى قاتلاملار بويىچە يونۇپ يەيدىغان ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق ،قېنى بۇ ئۇسۇلنىمۇ كۆرۇپ باقايلى
3.يەنە بىر ئىش موشۇ ئاساسى قاتلام كەنىتلەردە نامراتلارغا ئازدۇر كۆپتۇر بىر نەرسە بەرگەننى باھانە قىلىپ ،ئۇلارنى كىچىلىك دىجورنىلىككە مەجبورلايدىغان ، ھەقسىز ئەمگەككە مەجبورلايدىغان ئىشلار غولداپ قاپتۇ ، مېنىڭچە بۇ نامراتلارغا بىرىلدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى شەرتىسز بولۇشى كېرەك ، قانداقتۇر ئەتىرەت باشلىقى ئۆزىنى دۆلەتنىڭ ئورنىغا قويۇپ باشقىلارنى دۇشكەللەپ غۇرۇرىغا ئازار بىرىدىغان ھەم شەرت قويىدىغان بىر پۇچەك ھالەتكە چۇشۇپ قالماسلىغى كېرەك .
4.بۇ دۆلەت دەرىجىلىك نامراتلار تىزىملىكى تۇرغۇزۇلسا بەلكىم نامراتلارنىڭ ئۇچۇن تېخىمۇ دەل ۋە ئەتىراپلىق ياردەم بىرىلسە ئەجەپ ئەمەس