مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 697|ئىنكاس: 10

تەپەككۇر تەييار تاپلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94318
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 12:11:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           تەپەككۇر تەييار تاپلىرى


بايا ئىنكاس يېزىۋىتىپ تەپەككۇر تەييار تاپلىرى دىگەن بىر گەپ ئاغزىمغا كەپقالدى،ئويلاپ باقسام بۇ ھېچكىم ئىشلەتمىگەن بىر يېڭى گەپكەن.ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىددىيەكەن.
بىر ۋاقىتلاردا ژورناللار ساپلا ھەرەڭ-سەرەڭ ماقالىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن،ماقالىلارنىڭ ئاخىرغا قارايدىغان بولساق نەچچە يۈز كىتاپنىڭ ئىسمى،ماقالىدە بولسا تىلەمچىلەرنىڭ تىلىگىنىدەك ساپلا نەقىللەر.ئۇنداق ماقالىلەرنى قولۇمغا ئېلىپلا پىقىرىپ تاشلايتتىم دە ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ كىتەتتىم.شۇمۇ ماقالە بولدىمۇ؟شۇمۇ ئەدىپ، فېروففېسور ،ئالىم بولدىمۇ؟ئۇنىڭ تىلەمچىدىن نىمە پەرقى؟
ھەممىمىز نەقىل ئالىمىز ،لىكىن نەقىلنى ھۆرمەت بىلەن،ئېگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرە تۈكى ئەپ قويساق ھېچ ۋەقەسى يوق،ماقالىنىڭ ھەممە يېرىنى نەقىلگە توشقۇزۇپ تىلەپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئالدىمىزغا تۆكۈشنىڭ نە ھاجىتى ئەمدى؟
توغرا، ھەممە ئادەم يېڭى تەپەككۇر قىلىۋەرمەيدۇ،ھەممىنى بىلىپ كەتمەيدۇ.لىكىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ باشقىلارنىڭ چاپىنىنى قېلىن قىلىپ كىيىۋىلىش نۇمۇس ئەمەسمۇ؟ئۆگىنىش كىرەك،تەپەككۇر قىلىش كىرەك،مۇۋاپىق پايدىلىنىش كىرەك،نەقىلنى ئىگىسى رازى بولغۇدەك،ئوقۇرمەن زوق ئالالىغۇدەك ئىخچام ،جانلىق،ئاز،ساز ئېلىش كىرەك.كەچ قايتقان دىۋانىنىڭ خورجۇنىدىكى پۇچۇق ناندەك ماقالىنىڭ ئىچىنى لىققىدە نەقىل بىلەن توشقۇزۇپ تەپەككۇر تاپلىقى قىلىش ئەمەلىيەتتە ئىلىم دۇنياسىغا نىسبەتەن بىر پەسلىك.
‹‹شىنجاڭ مەدىنىيىتى››گە قارايدىغان بولساق بەزىبىر ئۇلۇغلارنىڭ ماقالىللىرى ساپلا نەقىل بىلەن توشۇپ كەتكەن،ئۇلارنىڭ كاللىسى داتلىشىپ كەتكەنمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن؟نە نۇمۇسسىزلىق بۇ؟نىمە دىگەن تەپەككۇر تەييار تاپلىقى بۇ؟
بىزدە ‹‹تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز›› دەيدىغان گەپ بارغۇ؟گۈل تاپالمىساق پىياز تاپساقمۇ بولىدۇ،ئۇلۇغ گەپ قىلالمىساق ئاددى گەپ قىلساقمۇ بولىدۇ.بۇ تېخى ئەڭ ياخشى.
تەپەككۇر تەييار تاپلىرىدىن ئىنتايىن بىزار بولدۇم،ئۆزى ھېچنىمە بىلمەيدۇ باشقىلار گەپ قىلسىلا قۇرئاندىن،ھەدىستىن،ئۇلۇغلاردىن،داڭلىقلاردىن چۈشۈپ ئالدىڭنى توسۇمەنلا دەيدۇ.بىز ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە دۆت ئەمەس.
بۇ خىل تەپەككۇرتەييار تاپلىقى كېسىلى نۇرغۇن ئادەمدە باركەن،ھەتتا بەزى داڭلىقلاردا بەكلا ئېغىركەن.يۇقۇملۇق كىسەلدەك ئەسەر يازسىلا تولا نەقىل ئېلىش،ھەتتا پۈتۈنلەي نەقىل بىلەن توشقۇزىۋىتىش تارقىلىپ كەتكەنكەن.
سەگەك بولايلى قېرىنداشلار! سۆيۈملىك پەيغەمبىرىمىز‹‹ سىلەر ئىلىمگە ئەمەل قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلاركى ،نەقىل ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بولماڭلار›› دەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلغانكەن.بىز شۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغاندىكىن تەپەككۇر تەييار تاپلىقىدىن ھەزەر ئەيلەيلى،داتلىشىپ كەتكەن كاللىمىزدىكى داتلارنى قىرىۋىتەيلى،ئويلىنايلى.
ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ،مەنبەسىنى ئەسكەرتىش،تەرجىمە ئەسەرلەر ،تېخنىكىلىق تۈر قاتارلىقلار ئەينەنلىكنى ۋە مەنبەسىنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇلار شۇ بويىچە بولىدۇ،لىكىن تەپەككۇر دۇنياسىدىكى تەھىلىللەر بىزدىن كۆپلەپ نەقىل تەلەپ قىلمايدۇ،تەپەككۇر تەلەپ قىلىدۇ،شۇڭا تەپەككۇر تەييار تاپلىقىدىن ئىبارەت نىجىس كېسەلدىن يېراق تۇرغان ياخشى ئەمەسمۇ؟
سەن تەپەككۇر قىلمايدىكەنسەن دەپ باشقىلارنىڭ روھىيىتىنى بوغۇپ قويۇش خاتا،سەن ئاددى گەپ قىلدىڭ،ئۇلۇغ گەپ قىلالمايدىكەنسەن دەپ كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك تېخىمۇ خاتا.ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى تۈزۈك.
بىزنى جاق تويغۇزىۋىتىپ بارغان نەقىلچىلەر،تەپەككۇر تەييار تاپلىرى ئالغا ئىگىرلىشىمىزدىكى پۇتلىكاشاڭلاردۇر.ئالغا ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاشۇ پۇتلىكاشاڭلارنى تازىلىۋىتىش كىرەك،يولنى راۋان قىلىش كىرەك.ئاندىن بىز تەرەققىياتقا قاراپ دادىل قەدەم باسقان بولىمىز.
ھەدىستە‹‹تەپەككۇرغا يېتىدىغان ئىبادەت يوق››،‹‹بىر سائەت تەپەككۇر قىلىش بىر كىچە-كۈندۈز ئىبادەت قىلغاندىن ئەۋزەل››دېيىلگەن.تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى،قىممىتىنى پەيغەمبىرىمىز ھېس قىلغان،بىلگەن.لىكىن نانقېپى ،پوشكالچى ،نۇمۇسسىز،ساختىپەز  موللىلار ئۈممەتنى ئاڭقاۋ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مىڭ يىلغىچە تەرەتنى مانداق ئالىسەن،دوپپا كەيسەڭ ئاق بولىسەن،نامازدا قولۇڭنى كۆتۈرسەڭ كۆك بولىسەندىن باشقىنى دىمەي خەلقنى غەپلەت پاتقىقىغا پۈتۈنلەي پاتۇرىۋەتتى.ئەمدى بىز بولسىمۇ كۆزىمىزنى ئاچايلى،ئاللاھ بەرگەن ئەقىل -ھۇشىمىز بىلەن تەپەككۇر قىلايلى.
تەپەككۇر تەييار تاپلىرىغا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرمايلى،ئۆگىنىشكە تىگىشلىكلىرىنى ئۆگىنەيلى،كوچىدىكى تىلەمچىلەر ئاز كەلگەندەك ئەمدى ئۆتەپ- تېشىپ ئىلىم ساھەسىدىمۇ گالىستۇكلۇق تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ قالمايلى.
كەم يەرلىرىمىزنى ئۆز-ئارا تولۇقلىشايلى،چاتما تەپەككۇر قىلىشايلى،ھەممە يەردە تىلىگەن تەپەككۇرلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرمەيلى.
گەپ تامام!
ئېلى قارامدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elikaram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 12:16 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hatem + 157 ئېسىل تېما!!
nazigul8 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 257   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 03:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق گەپ قىپسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەدەبىياتىمىزدا يېڭىلىق كۆپ ئەمەس. ھەممىسى كونا تېما. كىتابخانىلارغا قارايدىغان بولساق، نەشىر قىلىنغان تالاي كىتابلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن. ئەمما، كۆپىنچىسى بۇرۇن نەشىر قىلغان كىتابلارنى قايىتدىن يىڭى نەشىر قىلغان ياكى ئەسەرلىرىنى يىغىپ توپلاپ قىلغان. بىرەر يىڭى كىتاب چىقىپتۇ دىسە، ئىچىدە ساپ بۇرۇنقى گەپ. ئالىملارنىڭ گېپىنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ يېشىپ بەرگەن. ئۆزى تۇتۇپ بىرەر نۇقتىنى ئوتتۇرىغان قۇيالمىغان.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 03:19:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسلەن:   قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردۇ، مەھمۇت قەشقەرى ::::     دىگەندەكمۇ؟؟  بەزىدە بىزمۇ ئايرىم دىسەك باشقىلار قىلىپ بولغاننى قىلغاندەك بىلىنىپ شۇندا دەيمىز، قالغىنىنى نىمىش قىلغانلىقىمىزغا  قاراپ دىسەك    دىسەك بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2965
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2638 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 03:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇردىن قالغانلىق روھنىڭ چۆللىشىشى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 05:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى دەل جايىدا بەكلا ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 813 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 05:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى ئىنكاس ئوغرىلىرىچۇ تېخى؟ بىرسى يازغا ئىنكاسنى بىر قانچە بەت ئۆتكۈزۈپلا پەش،چېكىت نېرى بىرى قىلماي يوللاپ قويۇشلىرى بار.بۇنى«تەپەككۈرنىڭ بىرخىلللىشىپ كىتىشى»دەپ چۈشەنسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
بەزىدە يازغان ماقالىلەردە كۆپلەپ نەقىللەرنىڭ ئېلىنىشىنى خۇددى شۇ نەقىل ئالغان كىشى كۆپنى كۆرگەن ،بىلملىك كىشىدەك ھېس قىلىدىغان،چوڭ كۆرىدىغان ئىشلارمۇ بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101269
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 367
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 05:45:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۆگىنىش دېسىڭىز قوللايمەن. لىكىن تەكلىپ بەرگەندە سەمىمى بولايلى.
ھەدېسە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ غەيۋەت قىلىشنى مەن ياقتۇرمايمەن، يەنە بىزدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى غاجاشنىمۇ قوللىمايمەن.
سۆزلىرىڭىزگە «ھېسيات» ئارلىشىپ قاپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 06:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 03:16 PM
ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق گەپ قىپسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيا ...

توغرا دىدىڭىز ، بۇ كۆز قاراشلىرىڭىزغا سەنئەت ساھەسىدىن نەزەر تاشلىغاندا بۇ يىلقى ئادىل مىجىت ئىتوت كېچىلىكى ئىسپات بولاللايدۇ .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 10:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنىڭكى بولغانغا نېمە يېتىدۇ؟ ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىش ئەمەس بولسا ئۆزىمىز يېڭىدىن قۇرۇپ چىقساق بولىدۇ.ئۆزىمىز مۇستەقىل كاللا ئىشلىتىپ ئوتتۇرىغا قويغان نەرسە باشقىلارنىڭ دېگىنىنى تەكرارلىغاندىن ياخشى. نېمە جاپا ئۇنچىۋالا كۆپ نەقىلنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ؟! شاتۇتىمۇ چۈشەنمەي دورايدۇ. باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلىنىمىز،ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئويلىنىشىدىن ئۆتكۈزۈپ يېڭىچە بىر نەرسىنى چىقارغان ئەۋزەل.   

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5249
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 04:55:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىيدىغان تىمىكەن ماۋۇ     لىكىنزە بەزى بىر گەپلەرنى چوڭراق نۇپۇستىن بىرسى دەلىللەپ بەرمىسە ،كۆڭلىنى توختىتالمايدىغانلار جىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش