|
|
|
|
ھازىرغا قەدەر 40 نەچچە دۆلەتتە قويۇلۇپ 200 مىلىيوندىن ئارتۇق كۆرۈرمەننىڭ ھوزۇرىدا بولغان «سەلتەنەتلىك يۈز يىل (مۇھتەشەم يۈزيىل)» فىلىمى جۇڭگونىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) بىلەن قويۇش توختامى تۈزدى ۋە خەنزۇچە«帝国传奇» دېگەن نام بىلەن تەرجىمە قىلىنماقتا. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ ئالدىنقى 50 قىسىمىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە ۋە ئاۋاز بېرىش ئىشلىرى تاماملانغان بولۇپ، بۇ فىلىم 2014-يىلى5-6-ئايلاردا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قانىلى(CCTV8) دا تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ. بۇ تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
سەلتەنەتلىك يۈز يىل خەنزۇچە قويغان ئىسمى«帝国传奇(ئىمپېرىيە رىۋايىتى دېگەن مەنىدە)» دا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك مەزگىلىدىكى سۇلايمان بىرىنچى بىلەن ھۈررەم ئوتتۇرىسىدىكى ھىكايە سۆزلىنىدۇ.
مەنبە:نۇرتورى بەيدۇخەۋەرلىرى:http://tieba.baidu.com/p/2819500334
|
|
|
|
|
|