مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىرىدە
ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمىسەم ،
ئۇلۇغ ئارمان كۆزلىيەلمىسەم ،
چۈشكۈنلىكتىن ئۆرلىيەلمىسەم ،
يىلتىز تارتىپ كۆكلىيەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
غەبلەت بىلەن ياتقان چېغىمدا ،
ئېچىلمىسا گۈللەر بېغىمدا ،
شەيتان ھەمرا بولسا يېنىمدا ،
ئىللەت ئېقىپ تۇرسا قېنىمدا ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
ھاجەتمەنگە قول بىرەلمىسەم ،
سېخى ئايدەك نۇر تۆكەلمىسەم ،
ھۆرمەتلىككە يول بىرەلمىسەم ،
ئىلىم يولىغا كىرەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزرىدە .
ياخشىلارغا ئورا كولىسام،
يىقىلغانغا ناخشا توۋلىسام ،
قالقان بولۇپ ياۋنى قوغدىسام ،
خائىن بولۇپ ‹ئۆزنى › ئوۋلىسام .
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
مەنپئەت ئۈچۈن قۇلدەك ياشىسام ،
مۈشكۈلاتقا كۆزنى ياشلىسام ،
قېرىنداشنى ئوتقا تاشلىسام ،
مىھىر – ۋاپا سۈيىدە ئاقمىسام .
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
كۈلكىلەرگە تەڭ كۈلەلمىسەم ،
مۇشكۈللەرگە يەڭ تۈرەلمىسەم ،
ئەجرىمدىن مىۋە ئۈزەلمىسەم ،
تۇرمۇشۇمغا رەڭ بىرەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزرىدە .
مىللىتىمگە نەپ بىرەلمىسەم ،
قەۋمىم بىلەن ئەپ ئۆتەلمىسەم ،
ئاقىل بىلەن سەپ تۈزەلمىسەم ،
غەيۋەتلەرگە گەپ ئۈزەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزرىدە .
خەيرۇللا قۇربان < بۆرتالا>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-27 05:42 PM