|
|
|
|
ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى جۇخەيدىكى كۆپلىگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ساختا قوي گۆشى ساتقانلىق ھەققىدە گۇمان پەيدا بولغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، گۇاڭجۇ خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جۇجىياڭ شىنچىڭ كۆكتات-گۆش بازىرىدا، دۇكاندار بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل قوي گۆشى تۈرمىلى ساتقان بولۇپ، باھاسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك پەرقلىنىدىكەن. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەقسىز تەكشۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىسى گۇمانلىق قوي گۆشى تۈرمىلى سېتىۋالغاندا، ئىلاجسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ ئىككى خىل قوي گۆشى تۈرمىلىنىڭ كېسىپ تەييارلانغان 250 گراملىقىنىڭ بىر خىلى 13 يۈەن، يەنە بىر خىلى 28 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا دۇكاندار چۈشەندۈرۈش بېرىپ، 28 يۈەنلىكنىڭ %100 لىك ساپ قوي گۆشى ئىكەنلىكى، 13 يۈەنلىكنىڭ پەقەت %30 ىنىڭ قوي گۆشى، قالغان %70 ىنىڭ چوشقا گۆشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر دۇكاندا يېرىم جىڭ قوي گۆشى تۈرمىلى 20 يۈەنگە سېتىلغان، خوجايىن بۇنىڭ ساپ قوي گۆشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا قارىتا دائىم بۇ يەردىن كۆكتات سېتىۋالىدىغان لى ئەپەندى بۇنداق قوي گۆشى تۈرمىلىگە قەتئىي ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
گۇاڭجۇدىكى بىر ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچىسى مۇخبىرغا تەكشۈرۈپ چىققان قوي گۆشى تەركىبىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ساپ قوي گۆشى بولىشىنىڭ ناتايىنلىقى، قوي مېيى بولىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئېيتقان. بۇ خىزمەتچى خادىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم ناكەس قانۇنسىز سودىگەرلەر ئوخشاش بولمىغان گۆشلەرنى قىيما قىلغاندىن كېيىن، بوياق ماددىسى ۋە قوي مېيى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ مۇزلاتقاندىن كېيىن كېسىپ ساتىدۇ. بۇنداق ياسالغان گۆش تۈرمىلى قارىماققا ھەقىقىي قوي گۆشى تۈرمىلى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما قازانغا چۈشكەندىن كېيىن پارچىلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ، تەمىمۇ قوي گۆشىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشنىڭ ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر تۈرنى تەكشۈرۈش ھەققىلا 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ».
نۇر تورىدىن ئېلىندى .http://www.nur.cn/news/2014/01/153403.shtml
1. شەھەرلەردە موشۇنداق ئىستىمالچى ئامما بىرەر مەسھولاتتىن گۇمانلىنىپ قالسا تولىسى ئۇنى ئەخلەتكە تاشلاپلا ئشىنى تۇگۇتىدۇ ، بەزى ئىچى كۇچلۇكلىرى بولسا تورلارغا يېزىپ بولدى قىلىدۇ .ئەمىليەتتە بىز يوقۇرقى شەھەر ئاھاللىرىگە ئوخشاش تەكشۇرتۇشىنى ئويلىساقمۇ نەگە بېرىپ قانداق تەكشۇرتىشنى بىلەلمەي قالىمىز . ئەلۋەتتە بۇ نوقۇل گۆشنىڭلا ئىشى ئەمەس سۇت تۇخۇم ، مىۋە چىۋە ، ۋە باشقا كۆپ خىل يىمەك ئىچمەكلەردىن گۇمانلانساق زادى نەگە بېرىپ قانداق تەكشۇرتىپ ئسىپات ئېلىپ ئاندىن ئىستىمالچىلار جەميىتىنى ياكى سوتنى ئىزدەشكە توغرا كىلىدىغۇ
2.بەلكىم چوڭ شەھەرلەردە بۇنداق تەكشۇرۇش ئۇسكۇنىلىر ى بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما بۇنداق ئۇسكۇنىلەر ئاممىدىن بەك يىراق يەنى ئاساسەن كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىپ كەتمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۇسىتىگە تەكشۇرتىش ھەققى ئوغىدىنمۇ قىممەت ، خەق بىر نەچچە كىلۇ يىمەكلىكنى تەكشۇرتىش ئۇچۇن نەچچە مىڭ يۇەن خەجلەمدۇ ؟ ئۇنىڭدىن چىدىغانلا ياخشى
3يوقۇرقى شەھەر ئاھاللىىرنىڭ تەلىۋى نىمانداق جايىدا بولغان يەنى شەھەردە ھەقسىز تەكشۇرۇش سۇپۇسى قۇرۇش ، بولسا بىزنىڭ ما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى شەھەرلەردىمۇ موشۇنداق ھەقىسز تەكشۇرەش سۇپىلىرى ئورنۇتۇلۇپ كەڭ ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى كاپالەتكە ئېرىشكەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ، ئاشۇ ئۇسكۇنىلەر قايسى بىر تەتقىقات رايونلىرىنىڭ ئامبارلىرىدا توپا بېىسىپ ياتقاندىن كۆرە خەلققە مۇلازىمەت قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى .
|
|
|
|
|
|