https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97487-1-1.html
مەن بولدۇم قاتىل
مىھرىگۈل ئابلىمىت
~
ۋاقتىم بەك تېز ئۆتتى شامال بىلەن تەڭ،
يېشىممۇ تەڭ ماڭدى تۈرۈپ تېزدىن يەڭ.
دىمىدى ھاياتىم< زەپەر قۇچتۇم > كەڭ،
ۋاقىتنى بوغۇزلاپ قاتىل بولدۇم دەڭ.
~
ئۈمۈدنى نىشانغا باغلاپ ماڭدىم مەن،
ۋە لېكىن كۈننى كۈن قوغلاپ ئۆتتى دەڭ.
ھەپتىلەر قوغلىسا ئاينى بەيگىدە،
مەن ۋاقىت بوغۇزلاپ قاتىل بولدۇم تەڭ .
~
ھاياتتىن بۇرۇلۇش نۇقتامنى ئىزلەپ،
چارىسىز قالغاندا يېشىمنى بەزلەپ.
قايىللىق كۈچۈمنى چۆرۈپ ۋە تاشلاپ،
ۋاقىتنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈردۈم قەسلەپ.
~
تەۋەككۈل روھىمنى ئويغاتسام بۈگۈن،
< دادىللىق > بەك خىجىل بولدى تەمتىرەپ.
ھەركەتكە ئۆتەلمەي غەلبىلەر ئۈچۈن،
ۋاقىتتىن ئاقتى قان ئەپسۇس تەپچىرەپ.
~
ۋاقىتنى بوغۇزلاپ مەن بولدۇم قاتىل،
ئۆتكۈزۈپ كۈنلەرنى پاتقاقتەك غاپىل.
پېتىقلاپ ھاياتنىڭ گۈلدەك دەۋرىنى،
بولمۇدۇم ھەجەپمۇ ھاياتتا قابىل.
~
ھاياتنى ئۆزگەرتىش ئىشەنچىم قولدا،
ماڭىمەن بۇ كەچنىڭ ئىلھامى بىلەن.
ئۆلتۈردۈم قولۇمدا نۇرغۇن ۋاقىتنى،
كېيىنكى ۋاقىتنى قەدىرلەي تىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-27 08:40 PM