musuma يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:40 AM 
مەن بۇ ماقالنى قايتا بىر ئوقۇپ چىقىم. ئەمدى مەنمۇ ئازى ...
كىم مىللىي كارخانىنى كەمسىتىپتۇ ؟ كىم مىللىي كارخانىنى قوللىماپتۇ ؟ كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ ، مىراسى ھىسياتىڭىزنى بېسىپ تۇرۇپ قايتا ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن مۇشۇ ماقالەمدىن شۇنداق مەزمۇن بولسا تېپىپ چىقىپ ماڭا كۆرسىتىپ ئاندىن شۇ گەپنى قىلىڭ !!مەن ئۇنچىۋالا بىلىملىك ، ئەقىللىك ئادەم بولمىساممۇ ھەرھالدا نەچچە يىل بېسىپ ئولتۇرۇپ ئىقتىساد ئۈگەنگەن ، شۇڭا مىللىي كارخانىنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىشىم ھەر ھالدا سىزدىن كەم ئەمەس ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئون يىلغا يېقىن ئىچكىردە ئوقۇپ ئىشلەپ شۇلارنىڭ كارخانىسى ،شىركەتلىرىنىڭ نىمىشقا بىزنىڭ گەردىنىمىزگە دەسسەپ تۇرالايدىغىنىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتكەنتىم ، بۇ ماقالىنى مەن دۈمبەن قىچىشىپ قېلىپ ، ياكى قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قېلىپ يازغىنىم يوق !
سىزدەك بىر مىللىي كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ياشنىڭ بۇ ماقالىنىڭمۇ شۇ ئەمەلىيەتتە مىللىي كارخانىلارنى قوللاش ، شۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگىنىڭىزگە ئېچىندىم . مىنىڭ قولۇمدىن تۈكى بار تۈكى يوق ماختاش ئۇچۇرۇش كەلمەيدۇ ، كىرىيەگە باردىڭلار ماختغۇدەك ئىش بولغاچقا مانا نەچچە كۈن بولدى ماختاپ ئۇچۇرۇپ كىتىۋاتىمىز . ئەمەلىيەتتە بۇ تىمىنى مەن ئەمەس ، سىزدەك مىللىي كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ، شۇلارنىڭ نېنىى يەۋاتقان بىر ياش يېزىشى كىرەك ئىدى !ھەم شۇنداق قىلسىڭىزمۇ ھازېرقى ئىشلەۋاتقىنىڭىزغا بىر ئاي بولاي دەپ قالغان شىركەتتىكى ھېلىقى ئەركەك سۈپەت ئاكىمىزمۇ سىزنىڭ مۇئاشىڭىزنى كىمەيتىۋەتمەي بىرەتتى ، ھەم سىزنىڭ ۋىجدانى سۆزلىگنىڭىز ، ھەم دادىل پىكرىڭىزدىن سۆيۈنۈپ سىزگە تېخىمۇ ئىتىبار بىلەن قارىشى مۇمكىن ئىدى ! ئەپسۇس سىز يەنە شۇ تەمى قالمىغان ماختاشنىڭ تاماسىدا ئىكەنسىز ، ماختىغۇدەك يىرىنى ھەممە ئادەم تىللىسىمۇ مەن چىقىپ ماختاۋىرىمەن ، خاتىرجەم بولۇڭ !!!
ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ماختاشنى خالىمايدىغان كىشى يوق ، لىكىن تۇتامى بار -يوق ھەممە ئىشقا قارا -قويۇق ماختاش ئەكىسچە بىزارلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ ھەم سىزدىكى ئىلىمسىزلىكنى كۆرسىتىپ قويىدۇ !
ئىشنىمەن ، ھاجىمكاممۇ ئۇنداق قۇرۇق ماختاش -مەدىھىيەگە ئەمەس ، بەلكى تىرەن پىكىر، ئۆتكۈر ئىدىيە ،يېڭى كۆز قاراشلارغا بەكرەك ئامراق !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-16 06:28 PM