دادا، تۇغماس خوتۇننى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- C$ N) G7 k7 r. X! h1 c& B6 u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# L& N. v& [; q6 |$ Z3 p0 Dئاتا ھەر كۈنى ۋاقىت ئاجىرىتىپ ئوغلىغا ئەدەپ-ئەخلاق ، ئەنئەنە، ئاتا – ئانا، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئادىل پاك دىيانەتلىك بولۇش، ئىلىم ئۆگۈنۈشنىڭ خاسىيتى توغرىسىدا ئائىلە تەلىم تەربىيەسى ئېلىپ باراتتى.
بۈگۈن ئاتىسى ئوغلىغا يېتىملارنى بېقىۋېلىشنىڭ ساۋابى توغرىسىدىكى ھەدىس ئوقۇپ بەردى. بالا ھەدىسنى ناھايىتى بىرلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ناھايىتى جىمىپ كەتتى.قارىغاندا ئۇ كاللىسىدا بىرنەرسىنى قاتتىق تەپەككۇر قىلۋاتاتتى.بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، يەنە كەچتە ئاتىسى ئوغلىنى چاقىردى. ھەم تەربىيەنى باشلىماقچى بولدى.
— دادا، — دىدى ئوغۇل، — تۇغماس خوتۇننى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاتا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ھەم ئەجەپلىنىپ،
— نىمە قىلتىڭ تۇغماس خوتۇننى؟— دەپ سوردى .
— مەن چوڭ بولغاندا، تۇغماس خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ، يېتىم بالىدىن يەتتىنى بېقىۋېلىپ، بىراقلا جەننەتكە كىرىپ كىتەي دىگەن.
ئاتا بالىسىنىڭ سەبىيلەرچە ئېيىتقان سۆزىدىن ئۈچۈيى ئۈزۈلۈپ كەتكىچە كۈلۈپ كەتتى.
— بالام، — دىدى ئاتا، — ئۆزەڭنىڭ بالىسىنى باققاچ يەنە ئاشۇنداق يىتىم بالىلارنى بېقىۋالساڭ تېخىمۇ چوڭ ساۋاپقا ئېرىشىسەن.
بالا يەنە ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 04:44 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, L, y$ d) z2 x1 j$ L9 w5 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) T- f8 l- T. d. p4 [