مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 518|ئىنكاس: 4

قەدىمىي بۈيۈك كارۋان يولى-قاشتېشى يولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3656 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:00:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىمىي بۈيۈك كارۋان يولى-قاشتېشى يولى




    ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قاشتېشى مۇتەخەسسى -ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل




«قاشتېشى يولى»نىڭ ئېچىلىشى




    ئەجداتلىرىمىز ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيەلىك شارائىتتا ياشاش جەريانىدا تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشتىكى ئەڭ دەسلەپكى پايدىلىق قورالنى ياساشنى بىلدى. بۇ، تاشلارنى يونۇش، سۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان تاش قوراللار ئىدى. ئۇلار تۈرلۈك تاشلاردا قورال ياساش جەريانىدا ئۆزى سىلىق ۋە قاتتىق، رەڭدار، پارقىراق قاشتېشىنى بايقىدى. قاشتېشىدا ياسالغان قوراللار ئىنتايىن  چىداملىق، كۆركەم بولغاچقا، كىشىلەر قەلبىدە قاشتېشىنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان دەسلەپكى قىزىقىش، ئىنتىلىش ھەۋىسى ۋە گۈزەللىك قارىشى پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن قاشتېشىنى باشقا تاشلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا قاشتېشىدىن غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، جۈملىدىن مۇراسىم بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياساشقا باشلىدى.


     قاشتېشى تەتقىقاتچىسى، ئالىم ياڭبودا ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قاشتېشى ئىلمىنىڭ نەزىرىيە رامكىسى ۋە قاراشلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە» ناملىق ئەسىرىدە: ‹‹قاراقۇرۇم قاشتېشىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشى، قاراقۇرۇم قاشتېشى يولىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن خوتەن قاشتېشى خان تېشى بولۇپ قالدى. قاراقۇرۇم قاشتېشى (ياكى خوتەن قاشتېشى)نى شۇ يەرلىك ئاھالىلار قازغان. كرورەندىن تېپىلغان قىرىق نەچچە پارچە قاشتېشى پالتىنىڭ يىل دەۋرى تارىختىن بۇرۇنقى مەزگىلنىڭ كېيىنكى دەۋرىلىرى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.  قاشتېشى توشۇغۇچىلار شەرق - غەرپ مەدەنىيىتى ۋە ماددىي بۇيۇم ئالماشتۇرۇشنى راۋانلاشتۇرغان ئات ئۈستىدىكى مىللەتنىڭ سودىگەرلىرى بولۇشى مۈمكىن. ئۇلار خېشى كارىدورىنى بويلاپ ياكى شىمالدىكى چوڭ يايلاق ئارقىلىق شەرققە قاراپ يۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا شيا، شاڭ سۇلالىلىرىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىغىچە كىرگەن. قاراقۇرۇم قاشتېشى ئاخىرى شيا، شاڭ خانلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، پادىشاھلىق تېشى - خان تېشىغا ئايلانغان... ئۇزۇنلۇقى تۈمەن چاقىرىملىق بۇ «قاراقۇرۇم قاشتېشى يولى»، «خوتەن قاشتېشى يولى» (ئىلگىرى «قاشتېشى يولى» دەپ ئاتالغان) جۇڭگو بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى بىرىنچى چوڭ تومۇر ئىدى. يىپەك يولىنىڭ ئاساسىنى سالغان بۇ غول لىنىيە «يىپەك يولى» دىن تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن›› دەپ يازغان.


    قاشتېشى يۆتكەيدىغان كارۋانلارنىڭ كۆپىيىشى، يول ئۈستىدە بولاڭچى، قاراقچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، كارۋان يوللىرىدا بىخەتەرلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. خوتەنلىكلەر بۇنىڭ بىلەن قاشتېشى يۆتكەشنى توختىتىپ قويمىدى، ئەكسىچە كارۋانلار باشقا يۆلىنىشلەردىن يول ئېچىپ، سودا دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. خەن دەۋرىگە كەلگەندە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن سودىگەرلەر خوتەنگە كېلىپ، قاشتېشى سېتىۋېلىپ يۆتكەپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن قەدىمىي «قاشتېشى يولى» بارلىققا كېلىپ، ھازىرقى دەۋردە «يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان قەدىمىي كارۋان يولى لىنىيەسىنى ئاچتى.


    ئالىملار «يىپەك يولى»نىڭ مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى لىنىيەسىنى شەرقتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋېيشۈي ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربكە قاراپ خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ، دەشت ئاتا (دۇڭخۇاڭ)غا بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يول بىلەن قەشقەر ئارقىلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، فەرغانە ۋە سوغدىيانانىڭ جەنۇبى (ھازىرقى سەمەرقەنت ئەتراپى)غا بارغىلى بولاتتى. ياكى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يول بىلەن يەكەن ئارقىلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يوقۇرى ئېقىنلىرىنى (بەلخ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا) بويلاپ، غەربكە بارغىلى بولاتتى. بۇ ئىككى يول مەرۋى شەھرى (ھازىرقى تۈرۈكمەنىستاندىكى مارى) دە قوشۇلۇپ، يەنە داۋاملىق غەربكە سوزۇلۇپ، دامغان (كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرىقى جەنۇبىدا)، ھەمەدان (ھازىرقى ئېراندا)، كتېسفون (باغدات ئەتراپىدا) لاردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىفرات دەرياسىنى بويلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى سىلىۋكىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئانتاكىيە شەھرى (ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا)گە باراتتى. پۈتۈن يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ يولنىڭ بىر تارمىقى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ، ئىلى ۋادىسى ئارقىلىق غەربكە سوزۇلىدۇ. يەنە بىر تارماق لىنىيەسى قەشقەردىن بەلخ شەھرىگە ياكى مەرۋى شەھرىدىن بەلخ شەھرىگە بېرىپ، ئاندىن ھىندى دەرياسىنى بويلاپ، دېڭىز يولىغا تۇتىشىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى (يىپەك توشۇشنى ئاساس قىلىشتىن بۇرۇنقى قاشتېشى توشۇش ئاساس قىلىنغان دەۋرلەردە) بۇ يول خوتەننى مەركەز قىلىپ، 4 تەرەپكە سوزۇلغان «قاشتېشى يولى» ئىدى.


    قەدىمىي قاشتېشى كارۋان يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن، خوتەن قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرى ۋە خوتەن قاشتېشى يىراق رايونلارغا، جۈملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپالارغىچە ئاپىرىپ سېتىش بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن خوتەننى مەركەز قىلىپ، شەرق، غەرپ، شىمال ۋە شەرقى جەنۇبتىن ئىبارەت 4 لىنىيە ئارقىلىق خوتەن قاشتېشىنى شەرق ۋە غەرپتىكى ھەرقايسى ئەللەرگە توشۇيدىغان كارۋان يولى شەكىللەنگەن. بۇ يولنىڭ شەرقى لىنىيەسى خوتەن بوستانلىقىنىڭ شەرقى يۆلىنىشى بويىچە پىشامشان، كرورەن ئارقىلىق كۆك نۇر (چىڭخەي)، دەشت ئاتا (دۇڭخۇاڭ) ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇتاشقان.  غەربى لىنىيەسى يەكەن ئارقىلىق ياكى قەشقەر ئارقىلىق غەرپ ۋە شىمالغا سوزۇلۇپ، غەربى تەرىپى پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا شەرق، غەربى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپالارغىچە، شىمالى تەرىپى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپالارغىچە تۇتاشقان. 3 - لىنىيەسى تاغ يوللىرى ئارقىلىق شىزاڭدىن ئۆتۈپ، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا شەرققە تۇتاشقان ۋە ھازىرقى لاداخ يولىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان. زاڭزۇ تىلىدا قاشتېشى «كخوتان» (Khotan) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خوتەننىڭ قەدىمىي نامى «كھوتان» سۆزىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز. زاڭزۇ تىلىدا يەنە «خوتەن» سۆزى «قاشتېشى چىقىدىغان جاي» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇلار لاداخ يولىنىڭ دەسلەپتە خوتەن قاشتېشى توشۇلىدىغان يول ئىكەنلىكىنى، زاڭزۇلارنىڭمۇ خوتەن قاشتېشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. شىمالى لىنىيەسى توغرىسىدا «تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، كۈسەن ۋە ھازىرقى لوپنۇر ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تۇتاشقان» دېگەن قاراش بولسىمۇ، كونكرېت ئورنى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى. شۇنداقتىمۇ، كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىنى بويىدىكى ۋادىنىڭ تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان تەبىئى بوستانلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇ بوستانلىقتا قەدىمىي شەھەر - راباتلار، قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ، بۇ يول لىنىيەسىنى قەدىمىي كېرىيە دەرياسى بويىدىكى بوستانلىق ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، كۈسەنگە ياكى لوپنۇرغا تۇتىشپ، ئاندىن شەرق، غەرپ ۋە شىمالغا سوزۇلىدىغان يول لىنىيەسى، دېيىشكە بولىدۇ.


    قەدىمىي كېرىيە دەرياسى بويىدىكى ئىپتىدائى بوستانلىققا جايلاشقان قازىناق، ئۇزۇن تات (دەندان ئۆيلۈك)، قارا دۆڭ، يۇمۇلاق قۇم قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ۋە مىرسالى، ماجانلىق قاتارلىق قەدىمىي رابات، مەھەللە ئىزلىرىدىن تاراچلىۋېتىلگەن قاشتېشى پارچىلىرى ۋە پارچە قاشتاشلىرىنىڭ كۆپ ئۇچرىشى؛ كۈسەن، لوپنۇر ۋە شۇئەتراپتىكى قەدىمىي خارابىلەردىن خوتەن قاشتېشىنىڭ كۆپ ئۇچرۇشى بۇ دائىرىدە قەدىمىي قاشتېشى يولىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگۇ - فىرانسىيە كېرىيە دەرياسى ۋادىسىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ كېرىيە دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، قەدىمقى كېرىيە دەرياسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. قەدىمقى كارۋان يوللىرىنىڭ بوستانلىق بويلاپ، بولۇپمۇ دەريا ئېقىنلارنى بويلاپ سوزۇلىدىغانلىقى، قەدىمقى كېرىيە دەرياسىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىن بويىدا كارۋان يولىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.


    كېرىيە ناھىيەلىك قاشتاشكاننىڭ سابىق باشلىقى، 40 يىللىق ھاياتىنى قاشتېشى قېزىش، سورتقا ئايرىش ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن پېشقەدەم تېخنىك مەتتوختى زىياۋۇدۇن مۇنداق پاكىت بېرىدۇ: 1973 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قاراقىر يېزىسىدىن ئىككى ئوتۇنچى جاڭگالغا ئوتۇنغا بېرىپ، توشقان تۇتۇش ئۈچۈن بىر توشقان ئۇۋىسىنى كولاپ، بۇ يەردىن قارا كېگىزگە ئوراپ تىكىۋېتىلگەن، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 - 80 سانتىمېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئاستىنىڭ كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئۈستىگە قارامتۇل رەڭ بىلەن نومۇر (بەلگە) سېلىنغان بىر پارچە ئاق قاشتېشى تېپىۋالغان. ئۇلار تاشنى ئېلىپ چىقىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئىككى پارچە قىلىپ چېقىپ ئارىشقان ۋە شۇ يىلى كېرىيە ناھىيەلىك قاشتاشكان ئىدارىسىغا ئېلىپ كېلىپ ساتقان. ئەينى چاغدا بۇ قاشتېشىنىڭ كېرىيە ئالماس كاننىڭ تېشى ئىكەنلىكى، قېزىلغىنىغا ئىنتايىن ئۇزۇن بولغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئۇلار بۇ قاشتېشى قەدىمقى زاماندا توشۇش جەريانىدا بىر كىم تەرىپىدىن يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارىغان. مېنىڭچە بۇ قاراش توغرا. چۈنكى بۇ تاش تېپىلغان جاي كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىنى بويىغا، ئۇزۇن تات قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. يا غەربتىن شەرققە سوزۇلغان قەدىمىي يول ئىزىغا، يا ھازىرقى يول بويىغا توغرا كەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا (مەيلى قەدىمىي ئېقىنى ياكى ھازىرقى ئېقىنى بولسۇن) قۇم، سېغىزدىن باشقا نەرسە يوق. تاش، شېغىل دىگەن نەرسىلەر ھازىرقى كېرىيە بوستانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە ئاران يېتىپ كېلەلەيدۇ. قۇملۇق تەۋەسىدىكى قەدىمىي دەريا ئېقىن ئىزلىرىدىمۇ تاش شېغىل ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. دىمەك قەدىمقى ئۇزۇن تات، قارا دۆڭ، يۇمۇلاق قۇم شەھەرلىرىگىمۇ تاغدىن قېزىۋېلىنغان ياكى دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن سۈزۈۋېلىنغان قاشتېشى يۆتكەپ كېلىنگەن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە بۇ جايلار ئارقىلىق كۈسەنگە، لوپنۇرغا، ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىچە يۆتكەلگەن.


    يۇمۇلاق قۇم قەدىمىي شەھرى،  قارا دۆڭ قەدىمىي شەھرى ۋە ماجانلىق قاتارلىق بوستانلىقلارنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە ئۇزۇن تات قەدىمىي شەھرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، كېرىيە دەرياسى ئاياغ ئېقىنىنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكاندىن كېسىپ ئۆتۈپ، كۈسەنگە بارىدىغان يول لىنىيەسى تەدرىجى ئەمەلدىن قالغان.  خوتەن دەرياسىنى بويلاپ مازار تاغ ئارقىلىق ئاقسۇغا بېرىپ، ئاندىن شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان قەدىمىي كارۋان يولىغا تۇتىشىدىغان يەنە بىر تارماق لىنىيە قاشتېشى توشۇش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان.


     ياۋ لىخۇا 1933 - يىلى يازغان «غەربىي شىمال قاتناش تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا، بابىل، سۈرىيە قەدىمقى ئىزلىرىدىن خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى تېپىلغانلىقىنى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ، ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردىن تېپىلغان تاش قۇراللارغا قاشتېشى ئىشلىتىلگەنلىكى، بۇ تاشلارنىڭ خوتەن قاشتېشى ئىكەنلىكىنى يازغان. دېمەك ،خوتەن قاشتېشى قەدىمى «قاشتېشى يولى» ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىگىمۇ تارقالغان ھەم قىممەتلىك بۇيۇم قاتارىدا ئەتىۋارلانغان.


    قەدىمىي دەۋردە «قاشتېشى يولى» ئارقىلىق خوتەننىڭ قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرى باشقا رايونلارغا ۋە چەتئەللەرگە يۆتكەلگەن بولسا، كېيىنرەك قاشتېشىنىڭ ئۆزى توشۇلۇپ، ئېلىپ بېرىلغان رايونلاردا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە شۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەر ياقتۇرىدىغان، چوقۇنىدىغان نەرسىلەر ئويۇلغان. بۇ ئەھۋال خوتەن رايونى ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا تۈرتكىلىك ۋە باشلامچىلىق رول ئوينىغان.


    «قاشتېشى يولى»نىڭ گۈللىنىشى ۋە «يىپەك يولى»نىڭ بارلىققا كېلىشى


    چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، «قاشتېشى يولى» تېخىمۇ ئۇزۇراپ ۋە راۋاجلىنىپ، خوتەن قاشتېشى داۋاملىق تۈردە «دۆلەت گۆھىرى»، «خان تېشى» بولۇپ ئەتىۋارلانغان. خەن دەۋرىگە كەلگەندە تارىم ۋادىسى «غەربى دىيار» دەپ ئاتىلىپ، ئىسىل قاشتېشى چىقىدىغان ئۇدۇن  توغرىسىدا يازما خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. بۇ دەۋر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، «قاشتېشى يولى» بۇ مەدەنىيەتنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان. خوتەن قاشتېشىمۇ بۇ مەدەنىيەتتە موھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ دەۋرلەردە قاشتېشى بۇيۇملىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈش ۋە يۆتكىلىش مىقدارى، تارقىلىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، خان ئوردىسى، ئەمەلدار ۋە بايلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بۇيۇمغا ئايلانغان.


    ۋىي، جىن، جەنۇبىي، شىمالى سۇلالىلار دەۋرىگە كەلگەندە، غەربىي دىياردا يۈز بەرگەن زور ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىق ئىجتىمائى ھادىسىلەر «قاشتېشى يولى»دا ئېلىپ بېرىلىدىغان قاشتېشى سودىسىغا مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ھەتتا بۇ يول بىر مەزگىل تاقىلىپمۇ قالغان. تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە، تاڭ سۇلالىسى قوشنا خەلقلەر بىلەن مۇناسسىۋەتنى ياخشىلاپ، دوستانە بېرىش كېلىشنى كۈچەيتكەچكە، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىش تارىخىدا يەنە بىر گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن. بەش دەۋر، ئون بەگلىك دەۋرلىرىدە ئۇدۇننىڭ  «قاشتېشى يولى» ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان سودا، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ گۈللەنگەن.


    چىڭگىزخان جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيالارنىمۇ ئىستىلاھ قىلغاچقا، بۇ دەۋرلەردە «قاشتېشى يولى» تېخىمۇ ئاۋاتلاشقان. غەربنىڭ ئەينەك بۇيۇملىرى شەرىققە توشۇلسا، شەرىقنىڭ يىپەك بۇيۇملىرى غەربكە يۆتكەلگەن. خوتەن قاشتېشى بولسا ھەممە تەرەپكە ئورتاق يۆتكەلگەندىن سىرت، خوتەن رايونى يىپەك، قاشتېشى، ئەينەك بۇيۇملىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان مال ئالماشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى سودا تۈگۈنىگە ئايلانغان.مىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە، بۇ خىل سودا ئالماشتۇرۇش ۋە قاشتېشى سودىسى تېخىمۇ راۋاجلىنىپ بارغان. گەرچە بۇ دەۋرلەردە خوتەن رايونىدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتى خاراپلىشىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق سەنئىتى گۈللنىش دەۋرىگە كىرگەچكە، قاشتېشى سودىسى يەنىلا بۇرۇنقى ھالەتتە داۋاملاشقان.


    چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، شىنجاڭ رايونىدا قاشتېشى قېزىش دولقۇنى يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. خان ئوردىسى ۋە تەرەققىي تاپقان چوڭ شەھەرلەرگە يۆتكىلىدىغان قاشتېشىنىڭ مىقتارى تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ قەدىمىي كارۋان يولىنىڭ «قاشتېشى يولى» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.


    قەدىمقى دەۋردىكى قاشتېشى سودىسى ئاساسلىقى مالغا مال ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدىن باشلاپ، قاشتېشى ئاساسلىقى يىپەك ماللارغا ئالماشتۇرۇلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كېيىنكى دەۋرلەردە خوتەن قاشتېشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يىپەك رەختلىرىگە ئالماشتۇرۇلۇپ، غەربكە ئېلىپ بېرىلىپ سېتىلغان ياكى باشقا بۇيۇملارغا ئالماشتۇرۇلغان. شۇڭا تەدرىجى ھالدا بۇ قەدىمىي كارۋان يولى قاشتېشى بىلەن يىپەكنى ئاساس قىلغان كارۋان يولىغا تەرەققىي قىلىپ، «قاشتېشى ، يىپەك يولى» بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇنىمۇ ئىتىراپ قىلىش كېرەككى، خوتەن قاشتېشىنىڭ غەرب ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيالارغا يۆتكىلىش مىقدارىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يۆتكىلىش مىقدارى ھەر ۋاقىت كۆپ بولۇپ كەلگەن. شۇڭا خوتەن رايونىدىن غەرپكە يۆتكىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئاساسى سالمىقىنى يىپەك ئىگىلىگەن.


    ئەڭ دەسلەپ جۇمۇۋاڭ تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 989 - يىللىرى قەدىمىي «قاشتېشى يولى» نىڭ جەنۇبى لىنىيەسى ئارقىلىق قاراقۇرۇم ئىتەكلىرىگە كېلىپ، شىمالى لىنىيەسى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قايتقان بولسا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەلچى جاڭ چىيەنمۇ دەل مۇشۇ يول ئارقىلىق غەربى دىيارغا كەلگەن. شۇ دەۋرلەردە «قاشتېشى يولى»دىن ئىبارەت بۈيۈك كارۋان يولى بولغاچقىلا، ئۇلار غەربى دىيارغا كېلەلىگەن. ئىتالىيەلىك مەشھۇر سەىيياھ ماركوپولومۇ دەل قەدىمىي «قاشتېشى يولى» نى بويلاپ جۇڭگۇغا كەلگەن.


    قىسقىسى، قاشتېشى يۆتكەش سەۋەبىدىن ئېچىلغان بۇ قەدىمىي كارۋان يولى تارىختىن بىرى تارىم ۋادىسىنى ھەرقايسى جايلاربىلەن بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، غەرپ ۋە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، شەرق بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا، ئىقتىساد جەھەتلەردىكى دوستانە بېرىپ كىلىشىدە پائال رول ئويناپ، ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.(ئاپتور كېرىيە ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدا)


تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.COM


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-26 10:01 AM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 01:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىما مەنە بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىقتىن بۇيان بۇ زىمىندا تھۆپەيارتىپ دۇنيا مەدىنىيىتىگە ئۆچمەس كۆچ قوشقانلىغىنىڭ شاھىدى .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1257 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 01:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلارنىڭ ئۆچمەس تارىخنى بىلگۈدەك يەنە بىر نادىر تېما.....
تېما ئىگىسى سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.....تارىخنى بىلىدىغانلار مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاڭلار.
نىزمۇ تارىختىن بىخەۋەر يۈرىۋەرمەيلى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 03:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمائىكەن     رەخىمەت
مۇشۇنداق تىمىلارنىمىشقابۇنچە چۆلدەرەپ قالىدۇ؟
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yfkopjfn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 08:31 PM  


ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىمدە قېلىشچە ، بۇرۇن مەن سىزگە بىر قېتىم دوستانە تەكلىپ پىكىر بەرگەنغۇ دەيمەن ؟ شۇ چاغدا بىر نىمىلەرنى دەۋە تاتتىڭىز بۇرادەر ، ئەمما ھازىر بولسا ئىشلار يەنە شۇ پىتى ...
بوپتۇ ، بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى . قارىغاندا سابىق تور بىكەتلەرگە ئوخشاش توربىتىڭىزنى بەكرەك تەرەققى قىلدۇراي دەپ ئويلىغان ئوخشايسىز . دىققەت قىلىڭ ! باش سېستېما رايۇنىمىزدا بولمىغان بىر قانچە تور بىكەت شۇ سەۋەپتىن ئىنكاس تەستىقلايدىغان بوپ قاپتۇ .  

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش