يۈرەككە تامغان ياش
ھېكايە
ئاخسا شۇم
كۆزۈڭدىن تۆكمىگىن تامچە ،
ئۆچۈرمگىن كۈلكىنى ئەبەد .
خۇشالىقتا تىرىلسۇن بەختىڭ ،
قۇربانلىققا سوي مېنى پەقەت !
ئۇ بۇنىڭ چۈش بولۇپ قېلىشىنى ئويلاۋاتاتتى ، پەقەت بىر قېتىملىق قارا بېسىش ، ياكى خىيال ۋە ياكى قاباھەت بولىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمۈد قىلاتتى ، كىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرىنىڭ كۆز ئالدىدلا ئەجەل بىلەن جان تالىشىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىسۇن ؟ .......... بىراق بۇ چۈش ئەمەس ، ھەقىقەت ئىدى .
- باشقىلار .... چىقىپ .... تۇرۇڭلار – شۇنچە زەئىپ ، شۇنچە ئاجىز ، ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئۇلار تەستە ئاڭلىدى ، ھاپىزكام ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئايىدىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئىشىك تەرەپكە ماڭدى ، سائادەت ئاپاشمۇ بىر ھازا ئوغلىغا قارىدى ، ئوغلىغا يېققىن كېلىپ ئۇنىڭ پېشانىسىدىن يېنىشلاپ سۆيدى ، ئەكرەم بولسا ئىنىسىنىڭ يېنىدىكى ئەقىدەگە ئالايغىنىچە چىقىپ كەتتى ، دوختۇرخانا ياتىقىنىڭ ئىچىدە ئەقىدە بىلەن دىلشاتلا قالغان ئىدى .
- دىلشات ، مەن ...... مەن – ئەقىدە دىلشاتنىڭ كارۋىتى يېنىدىكى ئورۇندىلا ئولتۇردى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزارغان ئىدى ، ئىششىغان ئىدى . كۆلىرىدىن ياش تاراملاپ تۆكۈلمىسىمۇ بىراق يۈرگىنىڭ قانچىلىك يىغلاۋاتقىنى دىلشاتقا نامەلۇم ئەمەس ئىدى .
- ئەقىدە ،يېققىنراق كەلگىن ساڭا دەيدىغان گېپىم بار !
ئەقىدە دىلشاتقا سەل يېققىن كەلدى .
- ئاۋۇ .... قولۇڭنى .... بەر – دىلشاتنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى پەسلەپ كېتىۋاتاتتى . ئەقىدە يەنە بىر قولى بىلەن دىلشاتنىڭ جانسىز قوللىرىنى ئالقىنى ئىچىگە ئالدى .
دىلشات ئەقىدەنىڭ كىچىككىنە قوللىرى ئارسىدىن مىڭ تەستە قولىنى چىقاردى ، ۋە ئەقىدەنىڭ سول قولىنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئالدى ، ۋە قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە باقتى .
- ئالقىنىڭنى ... ئاچقىن – دىلشات بۇ سۆزنى شۇنچە تەستە دېدى ، كۆزلىرىگە يىغىلغان ياشتىن ئەقىدە نىمە دىيىشىنى نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى ، ۋە ئالقانلىرىنى ئاچتى .
دىلشات ئەقىدەنىڭ سول قولى نامسىز بارمىقىغا سېلىنغان ئۈزۈكنى ئاستالا چىقىرۋالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە لىققىدە تولغان ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجان كەبى ياستۇقىغا ئېقىشقا باشلىدى . ئەقىدەنىڭ يۈزلىرىدىمۇ شەبنەمدەك سۈزۈك ياشلار پەيدا بولدى . بىراق ئۇ بۇ ئاشىقنىڭ قەلبىگە يەنە ئازار بېرىشنى لايىق تاپمىدى بولغاي ئارتۇقچە قارشلىشىپ يۈرمىدى .
- يۈرگۈم .... ئاغرىيدۇ .... ئاغىدۇ دىگەن ئېدىمغۇ ؟ مانا .... ئەمدى بۇ يۈرەك ...... بۇ نەپەس ..... توختايدىغان بولدى . ساڭا قەسەم ئىچكەن ...... ئېدىمغۇ ؟ ..... ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىم ..... ئەڭ ئاخىرقى يۈرەك سوقۇشۇمغىچە ...... سېنى ئازابلىمايمەن ...... ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ...... ئىشنى قىلمايمەن دەپ ...... ، مانا ئەمدى ..... بۇ قەسەملەرگە ..... جاۋاپ بېرىدىغان ۋاقىتلار ...... كەلدى . – ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇنچە جانسىز ئىدى ، بىراق ئەقىدەگە خۇددى ۋارقىراپ ئېيتىۋاتقاندەك ، مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ دىيىلىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى ، چۈنكى دىلشات بۇ سۆلەرنى تۇنجى دىگەندە ئەنە شۇنداق دىگەن ، مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ ، ۋارقىراپ تۇرۇپ دىگەن – ساڭا دىسەم ئەقىدە ...... مەن ساڭا ھەم ..... ئۆۈمگە يۈز كېلەلمەيدىغان ..... ھېچقانداق ئىش .... قىلمىدىم ، سېنى ...... ئازاپلىغاندىمەن ..... ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ...... مەن خالاپ ياكى ئىزدەپ ..... ئازاپلىغىنىم ئەمەس ...... مېنى كەچۈرەمسەن ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى بارا – بارا ئاڭلانماي قالدى ، ئاڭلىنىۋاتقىنى پەقەتلا ئەقىدەنىڭ ئېسەدىشى ، دىلشاتنىڭ پات-پات خارت –خارت تىنىشلىرى ئىدى . ئەقىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى ، ئۇ دىلشاتنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويغىنىچە ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى . دىلشات قان يۇقى قوللىرى بىلەن ئەقىدەنىڭ چاچلىرىنى سىيلىدى ، پۇرىدى ، ئۇنى پەپىلىگەندەك قولى بىلەن دۇلىسىغا بوش-بوش ئۇرۇپ قويدى .
- بولدى ، ئاخىرقى ..... مۇشۇ مىنۇتلاردا ..... سېنىڭ كۈلكەڭنى كۆرۈشنى ...... سېغىنىۋاتىمەن . .... كۈلۈپ بېرە .
ئەقىدە بېشىنى كۆتۈردى ، ئۇ دىلشاتنىڭ قان قاچقان چىرايىغا قارىدى ، راستىنى ئېيتقاندا ئۇ دىلشاتنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمۈد قىلاتتى ، ئۇنىڭ بۇنداق مەنزىرە چۈشىگىمۇ كىرمىگەن ئىدى . بىراق ئەمەليەت ، تەقدىر ۋە ياكى قىسمەت ئادەمنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان مۇشۇنداق رىئاللىقنى ئادەمگە مەجبۇرى تاڭىدىغان ، ھېساباتنى ئايرىغاندا قېرى ياش دىمەيدىغان رەھمسىز ، شەپقەتسىز ئىدى . ئەقىدە كۈلۈمسىرەشكە تىرىشتى . شۇنداق ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈلۈمسىرىمەكچى ئىدى . بىراق .....
- ئەقىدە ..... مېنىڭ بەختىم ..... پەقەت مەن بەخىتلىك قىلىش ....... پۇرسىتىگە ئېرشەلمگەن بەختىمسەن ! كىيىنكى ..... ئۆمۈرۈمدە سېنى ..... ئۇچۇرتۇشنى خالىمايمەن ...... بۇ ئۆمۈرۈمدە ...... تارتقان ئازابلىرىم ....بەلكى ئىككى دۇنيالىق ..... ئازابىمغا تەڭداش بولغاندۇ ...... مېنى كەچۈر !
ئەقىدە كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى . ئۇ دىلشاتنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇۋالغىنىچە بېشىنى سىلكىمەكتە ئىدى . خۇددى ساراڭلاردەك ..... بېشىنى توختىماي سىلكىدى . دىلشاتنىڭ قوللىرىغا سۆيدى ، كۆزلىرىدىن ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلەتتى ، بىراق گەپ قىلالمايتتى . گەپ قىلىشقا ئۇرناتتى ، بوغزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تېلىقاتتى .
- ئەقىدە ..... ئېيتقىنە ؟ ماڭا ئالدىنقى .... قېتىم ئېيتقان سۆلىرىڭ يادىڭدىمۇ ؟ .... سەندىن يەنە شۇ بۇرۇنقى سۇئالىمنى سورايمەن ، خۇددى ئالدىنقى قېتىم جاۋاپ بەرگەندەك ...... – دىلشاتنىڭ ئاغزىدىن قان ياندى ، ئەقىدە يېنىدىكى ئۈستەلدىكى لۆڭگىنى قولىغا ئالدى . دىلشاتنىڭ ئاغزىدىكى قاننى سۈرۈتتى ، قوللىرى تىتىرەۋاتاتتى . دىلشاتنىڭ ئاغزىدىكى قاننى سۈرتۈپ بولغان ئەقىدە ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى ، ئۇ سىرىتتىكىلەرنى چاقىرىپ كىرمەكچى ئىدى . بىراق دىلشات ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە بېشىنى ‹‹ ياق ›› دىگەن مەنىدە لىڭىشتتى . – مەن ئۇلاردىن رازلىق ..... ئەپ بولغان .... ئۇلارنى چاقىرمىغىن .... – دىلشات بىر ھازا دېمىنى ئېلىۋالدى ، ئۇ ئەقىدەنىڭ كۆزلىرى ئىچىگە تويماي قارىدى . خۇددى بۇرۇن قارىغاندەك ، بىراق ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم ئۇ يۇشۇرۇنچە قاراپ يۈرمىدى ، بۇرۇنقىدەك كۆزلىرىنى ئەپمۇ قاچمىدى ، قىزلاردەك قىزىرپمۇ يۈرمىدى . – ماڭا بۇرۇن..... بەرگەن جاۋابنى بەر ئەقىدە ..... مېنى ياخشى كۆرەمسەن ؟ - دىلشات كۆزلىرىنى ئەقىدەنىڭ كۆزلىرىگە تىكتى ، ئۇ كۈلۈمسىرىدى ، كۈلۈمسىرىدى ، شۇنداق ئچىدىن چىقىرىپ كۈلۈمسىرىدى .
ئەقىدە بولسا تىتىرەيتتى . كۆز ياشلىرىنى تۆكەتتى ، دىلشاتنىڭ قوللىرىدىن قوللىرىنى ئاجىراتتى ، چاچلىرىنى قايتا تۈزەشتۈردى ، كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرۈتتى ، خۇددى بۇرۇنقىدەك .... ئۇمۇ كۈلۈمسىرىدى . دىلشاتنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى . ئىچىدىن چىقمىغان بولسىمۇ بىراق شۇنچە تەبئىي ئىدى .
- سەن ماڭا ھەممىنى بەردىڭ . شۇ كۇپايە ئىدىغۇ ؟ - ئەقىدەنىڭ چىرايى ئازراق پۈرۈشتى – ھاجەتمىدى ؟ - ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرىدى ، كۆزلىرىگە ياش قايتىدىن ئولاشتى . – ئەزەلدىن ماڭا بەرگەنلىرىڭنى پەش قىلمىدىڭ ، مەندىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمىدىڭ ، پەقەت بەرگىنىمنى ئالدىڭ ، سېنىڭ بەرگىنىڭ ئالدىدا مېنىڭ زادى قانچلىك ئىدى ؟ مېنى بىر ئۆمۈرگە قەرىزدار قىلغان ئىدىڭغۇ ؟ بۇ قەرزىلەرنى مەن ساڭا قايتۇرالمايتتىم ، بىراق شۇ قەرىزنىڭ ئېگىسى بولسا ھامىنى قايتۇرۋالىمەن دەپ خاتىرجەم ياشىماسمىدىم ؟ – ئۇ ئەمدى يىغلىدى ، شۇنداق ئۆزۈنى تۇتۇۋالالمىدى ، سۆزلىگەنسىرى ئىچى يەنە كۈچەيمەكتە ، ئۆزىنى باشقۇرالماي قالماقتا ئىدى . – شۇنداق ، سەن ماڭا ھەممىنى بېرىپ كەلدىڭ ، مەندىن بىر كۈلكە سورغىنىڭدا ھەم بېرەلمىدىم .- ئۇ كۈلۈمسىرىدى ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ، ئۆزۈنى تۈزەشتۈرۈپ ، خۇددى بارقىدەك تەبىي ھەم ساختا .
دىلشاتمۇ ھەم كۈلۈمسىرىدى ، ئۇ داۋاملىق كۈلۈمسىرىمەكتە ئىدى . كۈلكە پەقەت چىرايىدا قاتقان ھالدا كۈلۈمسىرىمەكتە ئىدى . دىلشات قولى بىلەن ئەقىدەنى يېققىنراق كېلىشكە شەرەتلىدى . ئۇ دىلشاتقا يېققىن كەلدى . دىلشات ئەقىدەنىڭ بوينىغا قوللىرىنى ئالدى ۋە ئۆزى تەرەپكە تارتتى ئەقىدە سۇس تىتىرمەكتە ئىدى . خۇددى ئۇياتلىق بىر ئىش يۈز بېرىدغانداك قىزارغان ئىدى . شۇنچە يەڭگىل بىر ئۈپۈش ، شۇنچە يەڭگىل ، بىراق ئۈپۈلگەن جاي شۇنداق قىززىق ، خۇددى ۋولقان كەبى !
- بەخىتلىك بول !
توغرا ، خۇددى كىنولاردىكىدەك ، مۇشۇنداقلا ئاياقلاشتى ، بىر ئاشىقنىڭ ئۈمۈدى ، ئارزۇ-ئارمانلىرى دۇنيادا قېلىپ قالدى ، مۇھەببىتى ، سادىقلىقى قېلىپ قالدى ، بىراق ھەممىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن يۈرۈگى ، تىنىقى توختاپ قالدى . ئۇنىڭدا بارچىسى كەتسە مەيلى ئىدى ، شۇنداق بارچىسى .....
ئەقىدە بېشىنى كۆتۈردى ، ئۇنىڭ پېشانىسىدە دىلشات شۇنچىلىك تەستە ئاغزىغا يىغىۋالغان قان ئىزى قالغان ئىدى ، ئۇ بۇنى سەزمىدى ، ئۇنىڭ سەرزگىنى ئالقانلىرى ئارسىدىكى بارماقلارنىڭ سوغۇق ، قاتتىق بولۇپ قالغىنى ، دىلشاتنىڭ ئاغزىدىن ساقىۋاتقان قان ، دىلشاتنىڭ چىرايىدا قاتقان كۈلكە ، ئۇنىڭ كۈلكىسى يەنىلا شۇنچە چىن ، شۇنچە تەبئىي ئىدى .
ئەقىدە خۇددى ساراڭدەكلا ۋارقىرىدى ، ياتاققا يۈگرەپ كىرگەن سائادەت ئانا ئۆزىنى ئوغلىنىڭ ئۈستىگە تاشلىغىنىچە يىغلىماقتا ، بوزلىماقتا ئىدى ، ھاپىز ئاكا بولسا كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرغۇنىچە ئايالىغا تەسەللىي بېرەتتى . تەسەللىي مۇشۇنداق چاغدا كار قىلسا ئىدى ، بەلكى نۇرغۇن يۈرەكلەر زېدە بولمىغان ، نۇرغۇن يۈرەكلەر ئۆز كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگەن بولاتتى . بىراق تەسەللىي كار قىلمايدۇ دە !
- بۇ يەردىن چىق رەسۋا – سائادەت ئانا ئەقىدەگە ۋارقىرىدى – سەن ئوغلۇمنىڭ قاتىلى ، بۇ يەردىن يوقال !
ئەقىدە نىمە قىلارنى بىلەلمەيلا قالدى . ئۇ ‹‹ قاتىل ›› ئاتالدى ، بەلكىم شۇ نامغا شۇ ئاتاققا لايىقتۇ . ئۇ پەقەت مۇھەببەتنىڭلا قاتىلى بولماي ھازىر يەنە بىر ئادەمنىڭ قاتىلى ئاتالدى .
ئۇ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى ، سومكىسىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى . ئۇ پۇتلىرىنى ئاران-ئاران يۆتكەيتتى . شۇنچە جانسىز ھالدا ئىشىكنى ئاچتى ، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ يىگىتى تۇراتتى . ئەقىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن دىلشاتنىڭ كۆزىدىكى ساداقەتنى ، ۋاپانى ئىزدەيتتى . بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ كەينىدە يەنە بىر كۆز باردەك شۇنچە تىنىق ئىدى .
- ئۇ قانداقراق ؟
- خاتىرجەم بولۇڭ ، ئەمدى ئۇ يوق بولدى ! ئۇ ئۆلدى – ئەقىدە شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە قولىدىكى سومكىنى چۆرىگىنىچە دوختۇرخانا كارىدورىدا يۈگۈرۈپ كەتتى .
ئەقىدەنىڭ ئارقىدىنلا چىققان ھاپىز ئاكا تۇرۇپلا قالدى ، چۈنكى ئالدىدا ناتونۇش بىر بالا ئەقىدەنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە كېتىۋاتاتتى ، ھاپىز ئاكا بالىغا يېتىشىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سورىدى .
- ئەقىدە قېنى ؟
ئۇ بېشى بىلەن ئالدى تەرەپنى شەرەتلىدى ، ھاپىز ئاكا ئالدىغا قاراپ يۈگۈرىدى ، ئۇنىڭ ئەقىدەگە يېتىشكۈسى بار ئىدى . ئۇنىڭغا دىلشاتنىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرغۇسى بار ئىدى . بىراق ھازىر ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئامانىتىدىن بەكرەك بەلكى تەسەللىيگە مۇھتاج ئىكەنلكى ھاپىز ئاكىنىڭ كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى .
ئەقىدە ئاستىغا چۈشۈپ كەتمەي بەلكى بىنا ئۈستىگە چىقىپ كېتىۋاتاتتى ، بۇنى ئۇققان ھاپىز ئاكا ئەقىدەنىڭ كەينىدىن بىنانىڭ ئۈستىگە چىقتى . ھاپىز ئاكا بىنا ئۈستىگە چىققاندا ئەقىدە بىنانىڭ لېۋىدە تۇرۇپ پۇتىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ نىمىلەرنىدۇر دىمەكتە ئىدى .
- ئەقىدە قىزىم ؟
ئەقىدە ئارقىسىدىلا تۇرغان ھاپىز ئاكىنى كۆردى ، كىچىكىدىن ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم چوڭ بولغان بۇ قىزنىڭ بۇ ئاتا ئالدىدا ئەخمىقانە ئىش قىلمايدىغىننى ھاپىز ئاكا ئېنىق بىلەتتى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئەقىدەگە داۋاملىق يېققىنلاشتى . ھاپىز ئاكىمۇ خۇددى ئەقىدەدەك پۇتىنى بىنا لېۋىدىن ساڭگىلىتىپ ئاسمانغا قارىدى .
- دىلشات داۋاملىق ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ مۇشۇنداق تۇرۇپ ئاسمانغا قاراشقا ئامراق ئىدى .
ھاپىز ئاكىنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى ، ھاپىز ئاكا خۇددى بايقى ئىشلار يۈز بەرمىگەندەك ھالدا تۇراتتى ، خۇددى ئوغلى كەينىدىنلا چىقىپ ‹‹ دادا ، كېلىنىڭگە قارا چىرايلىقمىكەن ؟ ›› ‹‹ دادا ساڭا دىگەنغۇ ؟ ئۇ بەكمۇ ئەدەپلىك ›› ‹‹ دادا ئۇ دىگەن ئەڭ ساداقەتىمەن ›› دەيدىغاندەك ، دادىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ نۇرغۇن گەپلەرنى دىمىگىننى ئەمدىلىكتە ھېس قىلماقتا ئىدى . بىراق ئەمدىلىكتە بۇلارنى ھېس قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى .
- قىزىم – ھاپىز ئاكا قوللىرىنى ئۇۋلىغىنىچە شۇنداق دېدى – ھاياتلىق ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى خالاس ، ئۇنى قاچان ئالىدۇ ؟ قايسى جايدا ئالىدۇ ؟ بۇنسى بىزگە نامەلۇم . بىراق ئاللاھ ئۆزىگە ئەڭ يېققىن كىشىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ . مانا چىدىمىساق بىز ئاتا-ئانىسى ، بىزلەرمۇ چىدىمىدۇق بىراق ئامال قانچە قىزىم ، بىزگە قاراپ تۇرغان يەنە بىر ئۆي بار ، ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار چىقارماڭ ، ئانىڭىزنى ئويلاڭ . سائادەت ئاچىڭىزنىڭ گېپىنى ئېغىر ئالماڭ قىزىم . ھەر قانداق بىر ئانا قانداقمۇ ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان ئاشۇ گۆشكە چىدىسۇن ؟
ھاپىز ئاكا ئۆپكىدەپ ، ئېسەدەپ كەتتى ، بىر كىچىككىنە قىزغا تەسەللىي بېرىشنى ئىزدىگەن ئاتا ئۆزىنىمۇ بىزلىيەلمەي قالدى . بىراق ئەقىدە ھاپىز ئاكىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇردى . ۋە كەينىگە قايرىلىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى . ھاپىز ئاكىمۇ ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئاسمانغا قارىدى ، ئۇ كۆزلىرىنى ئاشۇ چەكسىزلىككە تىكىپ ئىچىدە ‹‹ ئاللاھ ، ئوغلۇمغا كەلگەن شۇ ئەجەلنى ماڭا بەرسەڭچۇ ؟ ›› دېدى دە ئورنىدىن تۇرۇپ بىنا ئىچىگە قاراپ ماڭدى .
دىلشاتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى ، يەتتە نەزىرسىمۇ بېرىلدى ، يەتتە نەزىرسى بېرىلگەن كۈنى ئەقىدە ئانىسى بىلەن كېلىپ ياردەملەشتى ، سائادەت ئانىمۇ باشقىچە پىكىردە بولمىدى . يەتتە نەزىرسى بېرلىپ بولغان كۈنى ئاخشىمى مېھمانلار تارقىغاندىن كىيىن سائادەت ئانا ئەقىدەنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ پېغانىسىگە بىرنى ئۈپۈدى . ۋە ‹‹ قىزىم ، سىزدىن ئۇنىڭ ھېدىنى پۇرايدىكەنمەن . ۋاقتىڭىز يەتسە كېلىپ تۇرۇڭ ›› دېدى .
ھاپىز ئاكا ئۆي ئىچدىن خالتىغا سولانغان بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى . ۋە ئەقىدەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ‹‹ بۇ دىلشاتنىڭ سىزگە تاپشۇردىغانلىرى ، بەخىتلىك بولۇڭ قىزىم ›› دېدى دە ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يېزىلىدۇ .
تورداشلارنىڭ ، ئۇستازلارنىڭ ، ئاكا - ھەدەشلەرنىڭ يېققىندىن ياردەمدە بولۇپ تەنقىدە ، تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahsaxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-25 11:57 PM