مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: .tuz.

شائىر ئىنىمغا شائىرانە خەت (روزى سايىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 08:28:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    <دىخاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئش> مۇ بەك ياخشى.

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102357
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2014-1-16
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 09:42:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرلىرمىزنىڭ  سەردارى ، سۆزلىيەلمەيدېغان دېھقانلىرمىزنىڭ  ئېغىزى ئىدى !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44312
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15930 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:31:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hammimiz~Yolda يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 04:57 PM
باشقا مۇنبەرگە يولىساق بولامدۇ؟

مىسرانىم مۇنبىردىن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق مۇنبەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ ...

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!



    بىر كۈنى


               مۇھەممەتجان راشىدىن


بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.


گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى.


‹‹ئاق››نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.


تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.


كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.


پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،
ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.


شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .
يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .


بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياسانماي كەلگىن(مۇھەممەتجان راشىدىن

ياسانماي كەلگىن

مۇھەممەتجان راشىدىن





ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن ،
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ .
ئالتۇن دەيمەن پۈتكۈل بويۇڭنى ،
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ .





ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن،

نەدە گۈلنىڭ تارانغىنى بار .

بۇ دۇنيادا قىزلار زاتىنىڭ،

نەدە سەندەك يارالغىنى بار ؟





ئەتىر چېچىپ ئاۋارە بولما،

چاچمىساڭمۇ ئەتىر پۇرايسەن.

تۈندە بولسا ئاي قاراڭغۇسى،

كېلىۋەرگىن، ئۆزۈڭ بىر ئايسەن.





قېلىشمايسەن ھېچكىمدىن گۈلۈم ،

ئەتلەس ئەمەس،  چىت كۆڭلەك كەيسەڭ.

ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن،

خاتىرجەممەن ياسانماي كەلسەڭ





بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز
مۇھەممەدجان راشىدىن


ھايۋان ئىزىدىن كەتتۇق بەزىلەر،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟
قالدى تەڭرىگە قىلغان لەۋزىلەر،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

ئەخلاق بېغىدا ئۈندى شۇم بۇيا،
قېنى قىزىلگۈل،قېنى مەرگىيا؟
تۇرغان يېرىمىز خەتەرلىك قىيا،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

ئوغرىلىق -نەسلىك چاشقانىڭ ئىشى،
غاجايدۇ كۆچەت ئۆچكىنىڭ چىشى.
شۇلاردەك ئۆتسە ئەگەر ھەر كىشى،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

بىرى كۆڭلىدە ھايۋانىي ھەۋەس،
بىرى كوچىدا ياتار بىھۇش-مەست.
ئىنساننىڭ يولى ئەسلىي بۇ ئەمەس،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

بىردە نىشان ھارامدىن بېيىش،
قۇزغۇندەك ياشاپ،ھايۋاندەك يېيىش.
سۈزۈك سۇلاردا بۇلغىنىش، لېيىش،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

پارىخورلاردا ئۇنتۇلدى خەلق،
خىيانەتكەردا بۇلغاندى قەلىب.
ئەقىل ھارامغا قىلىندى سەرىپ،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96557
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 587
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىر بولا روزى سايىتدەك بولا ، شائىر بولا مۇھەممەدجان راشىدىندەك بولا . مەن بۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىرلىرىغا بەكمۇ ئامراق . بۇ شائىرلار ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن تولىمۇ چۇڭقۇر مەنىلىك ، يۈرەككە تەگكۈدەك مەزمۇندا يازىدۇ .
تېما ئىگىسىگە ھەشقاللا ، بولسا بۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا دەيمەن (روزى سايىت)
توۋا دەيمەن بۇ بىر ئەۋلات كىملىشىپ كەتتى،
ۋىجدانىنى زەي شور بېسىپ چىملىشىپ كەتتى.
قەشقەر، خوتەن ئاش تۇزىدا ئەتلەنگەن تۈرۈم،
يۈرۈش-تۇرۇش، ئوي پىكىردە رىملشىپ كەتتى.

يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە،
ئەقلى پۇلپەز، غۇرۇرى دەز، نىملىشىپ كەتتى.
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس، شەرمىي-ۋافا كەم،
بېشى چۇۋۇق، كۆكسى ئوچۇق، شىملىشىپ كەتتى.

تەڭلا ئەتە خۇسۇسىيغا لەۋزى پاراڭ يوق،
جىسمى كەيپۇ-ئىشرەت بىلەن يىملىشىپ كەتتى.
بىشارەت بۇ گۇمراھلىقتىن يىتۇل غاپىللىق،
پۇرقىتىدە شائىر تىت-تىت جىملىشىپ كەتتى.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر گىلىمى
روزى سايىت


ئەي گىلەم،ئېيت، قايسى بوستان ھۆسنى رۇخسارىڭچە بار؟
قايسى گۈل، گۈلشەن جۇلالىق رەڭدە بىر پارىڭچە بار؟
قاي گۈزەللىك ئالىمىنىڭ نەرى دىدارىڭچە بار؟
قايسى دىلبەرنىڭ پىراقى جىلۋە، ئوت – نارىڭچە بار؟
كەسىپ – كامالەتتە، دېگىن، كىم ئۇيغۇرۇڭ، يارىڭچە بار؟

ئاسسا تامغا تامنى باغدەك گۈل جامال قىلدى بېتىڭ،
يەرگە سالسا، يەرنى قىلدى ھەم چىمەنزار قات –  قېتىڭ.
كۆمسە قۇملار ھېچ بۇزۇلماي قايتا چىقتىڭ ساق پېتىڭ،
تارقىدى ئالەمگە، « ئۇيغۇر گىلىمى » دەپ ئۇز ئېتىڭ،
ئەي گېلەم، تەۋسىپتە كىمنىڭ داڭقى ئەنزارىڭچە بار؟

ئانا دەريا قاشتېشى چايقاپ گويا « كەلكۈن » بىلەن،
« باغچى ئەدىيال » باغ ياراتتى تۆھپىكار ئەلكۈن* بىلەن،
نۇسخا « شام » ىڭ ئېيتتى « نۇر سۆيگىن باھار تەل كۈن بىلەن! »
« چاچما » نۇسخاڭ چاچتى ھوزۇر ھەر پەسىل، ھەر كۈن بەلەن،
چىقتى«پەتنۇس » قا « ئانار » ئەلۋانى:ئەزھارىڭچەبارئەزھارىڭچەبار

قاينىسا ئۈستۈڭدە بەزمە، چالسا ئۇيغۇر سازىنى،
كۈلسە رەققاسلار يېيىپ قەۋلان ئارا قول – بازىنى،
سەن ئاسان قىلدىڭ كۆڭۈللەر شادى – ياشلىق نازىنى،
كۆرمىدىڭ پەس ئەلنى، ئۈستۈن بىلمىدىڭ « شاھ، قازى » نى،
ئەي گېلەم، بۇ پەسلى خاسلىق سەندە – گۈلبار ىڭدا بار!

سەن پۈتۈرسەن يىپ تىۋىت، ئارقان ئۈرۈش...نىڭ جەمىدە،
رەڭگىۋايىڭ رەڭ تۈزەر خالۋاپ ئوغۇلنىڭ پەمىدە،
ھەم تاپار ئىسكەت سىياقىڭ قايچا، پەنجە تەمىدە،
سەن دۇكاندا، ئەمما شەكلىڭ ئۇستىكار دىل سەمىدە،
ئەي گېلەم، ئېيت، قايسى يار خالۋاپ – ئاشۇ يارىڭچە بار؟

ئۇزلۇقۇڭ ئۇيغۇر دىلىنىڭ نۇر سىيماسى – ئۇزلۇقى،
ھەر تىۋىت، چۇچاڭ قەلىب ئاسمانىنىڭ يۇلتۇزلۇقى،
گۈل، كانارەڭ تەڭرىتاغنىڭ سوۋغىسى، نورۇزلۇقى،
رەڭ– بوياقلار ئەھلى ئەجداتنىڭ سۈتى، ئوغۇزلىقى،
تەسۋىرى يۇرتنىڭ مۇجەسسەملىكتە گۈلزارىڭچە بار.

ھە، شۇڭا بارچە گۈزەللىك بەردى بىر تەرەپ، سەن بىر تەرەپ،
شۇ گۈزەللىك بەردى خالۋاپ ھىممىتىگە شان – شەرەپ،
كۆر، ساڭا مەپتۇن ئەنە ياپۇن، پەرەڭ، پارس، ئەرەب...
ئەي گېلەم، چاقنا، جۇلالاپ، بۇ ساڭا رىغبەت، تەلەپ،
بۇ تەلەپ ئاشكارا، ئەمما، سىرى ئەسرارىڭچە بار!

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 12:52:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيلەنگىن(مەرھۇم روزى سايىت شېئىرلىدىن
راۋاققا چىقىۋىلىپ ماراپ قويماي،
نازىدا قاش ئىتىىپ، چاچ تاراپ قويماي،
"سۆي" دىسە، مەشۇق ئەمەس، ئالۋاستى ئۇ،
كەتكۈلۈك ېەشنى قېقىپ قاراپ قويماي.


يىنىغا تارتمىسا يا كەتكۈزمىسە،
"سۆي!" دىسە، گۈلىدىن شاخ ئەگكۈزمىسە،
ئىغىزى پۇرامدىكىن كاساپەتنىڭ،
سۆيگەندە لىۋىگە لەۋ تەگكۈزسە.


"تاپانغا سۆي!" دىگىنى ساراڭلىق ئۇ،
زاتىغا ئىبلىس چاپقان ھاراملىق ئۇ.
ھىدلاشما ئازاب، نۇمۇس، سۆيۈش تۈگۈل،
نىجاسەت دەسسەپ يۈرگەن داۋاملىق ئۇ.


سۆيمىسەڭ چەيلەمدىكەن پەسكە چۈشۈپ،
تىرەڭنى ئەيلەمدىكەن قەستكە چۈشۈپ؟
قورقمىغىن، تىترەيدۇ ئۇ راۋىقىدا،
ئورنىشىپ ئولتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشۈپ.


گىپىڭچە "تاز" بولسىمۇ، "غاز" بولسىمۇ،
سۆيدۈرسە سۆيگۈدەكسەن "ماز" بولسىمۇ..
بىلىپ قوي، بەت ئەھلىنىڭ كۆڭلى سۇيۇق،
سەن- بىزدىن گۈل قىزغىنار ياز بولسىمۇ.


گىپىڭچە كىنىزەكلەر باسقاندا باش،
تاپانغا سۆيدۈرمەككە چاغلاپ ياۋاش.
"ياق" دەېسەن، كۆنەلمەېسەن، سۆيەلمەېسەن،
سۆيگۈڭ بار، ئىشق يۈكى ئىتىپ باغاش.


شۇڭا ئۇ كەچمەيدۇ، سەن كىچەلمەيسەن،
ئۇ "پەس"كە، سەن "ئىگىز"گە كۆچەلمەيسەن.
سەن دەيسەن: ئىككى قولدىن چىقسۇن چاۋاك،
ئۇ دەيدۇ: مۇزلاپ، كۆيدۈڭ، ئۆچەلمەيسەن!


ئاڭلىسام، "ئۆيلەنمەيمەن!" دەپ يۈرۈپسەن،
"تاق"لىقتىن مۇراد ئىستەپ چۈش كۆرۈپسەن.
نۇرغۇنغۇ بويتاق "سايىم" يۇرتىمىزدا،
خوتۇن ئال، ئالما ئۈزگىن يەڭ تۈرۈپ سەن!



بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش