مۇزنىڭ گۈلى ئېچىلغان كېچە،
چۈشۈپ كەتكەن يۈرەككە چېقىن.
شېرىن ئازاب كۆيدۈرۈپ ئۆتكەن،
ئاشىق جاندا ئۆركەشلەپ ئېقىن.
مۇزنىڭ گۈلى ئېچىلغان كېچە،
قەسەم قىلغان تېۋىنىپ تۇزغا.
سېلىپ ئۆتكەن دۇلدۇلنى چەكسىز،
كۆپكۆك رەڭدە تاۋلانغان مۇزغا،
مۇزنىڭ گۈلى ئېچىلغان كېچە،
ئۆتكەن چېچەك پەسلىدىن قۇيۇن.
شورلۇق قىسمەت ۋەسلىدە ئېرىپ،
شەيتان تۇيغۇ كۆرسەتكەن ئۇيۇن.
مۇزنىڭ گۇلى ئېچىلغان كېچە،
زېمىن مەستخۇش پۇرىغان تەردىن.
ئوڭغا تارتقان تەبىرسىز چۈشلەر،
رازى بولۇپ باھادىر ئەردىن!
مۇزنىڭ گۈلى ئېچىلغان كېچە،
ئوتلۇق دىلدا خاتىرە قالغان.
قۇچاق ئېچىپ ئاخىرقى سۆيگۈ،
گۈزەل ھايات ئىشتىياق سالغان.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-25 02:21 PM