مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 1

ئەدەبىياتشۇناس،پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98859
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 10:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەدەبىياتشۇناس،پروفىسسۇر  ئابلەت ئۆمەر

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

ھۆرمەتلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر (1938-2000)يېڭى جۇڭگوقۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خاس ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيە ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈش،مىللىي ئەدەبىيات نەزىرىيىسىنىبارلىققا كەلتۈرۈش ۋە  شەكىللەندۈرۈشتەباشلامچىلىق رول ئوينىغان ئۇستاز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى،  ھەم ئالىي مەكتەپتە ئەدەبىيات نەزىرىيسى پەنى  بويىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان تۈنجىپرۇفىسۇر،تۇنجى ماگىستىر يىتەكچىسى. ئۇنىڭ ئالىي  مەكتەپ دەرسلىكى بولغان «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزىرىيىسى»(ئىككىقىسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى دەرسلىك ماتىرياللار بۆلۈمى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىداماي بوياق شەكلىدە   بېسىپ تارقاتقان، 1979-يىلىئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن ئاددى ئاق باسما شەكلىدە مىق مەتبەدە باستۇرۇلغان)، ئۇنىڭمەسئۇللىقىدا يېزىلغان «ئەدەبىيات نەزىرىيسىى» (شىنجاڭ  مائارىپ نەشرىياتى 1983- يىلى نەشرى)،«ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئاساسلىرى» (ئىككى قېسىم،شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتىتى1997 -يىلىنەشرى)  قاتارلىق دەرسلىك كىتاپلار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان تۈنجى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئاساسلىرى»ناملىق دەرسلىك بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە ئالىيمەكتەپلەردە قوللىنىلماقتا. بۇ سەھەدە بۇ كىتاپ يىگانىلىقى بويىچە قىممەتلىكتۇر.چۈنكىيېڭى جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈزۈلۈپ ۋە نەشىر قىلىنىپ 30نەچچە يىل ئالىي ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە دەرسلىك قىلىنغان قوللانمىلىق كىتاپتىن پەقەتمۇشۇ بىرنىلا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇستازنىڭ يەنە «ئەدەبىيات نەزىرىيىسىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر» (مىللەتلەر نەشرىياتىتەرىپىدىن 1984-يىلى نەشر قىلىنغان.مەخسۇس كىتاپ)، «ئەدەبىيات ۋە تۇرمۇش»(شىنجاڭخەلقنەشرىياتى 1985-يىلى نەشرى)، «كىنو سەنئىتى توغرىسىدا»(مىللەتلەرنەشرىياتى1986-يىلى نەشرى) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «ماركىس،ئېنگېلېس، لېنىن، سىتالىن ئەدەبىيات- سەنئەت نەزىرىيىسىگە دائىر ئەسەرلىرىدىنتاللانما» (ئۈچ قسىم،1982 -يىلى، مۇھەممەتجان سادىق بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان)،«ئەدەبىيات ئوقۇتىشىغا دائىر پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى» قاتارلىق دەرسلىكلىرىبېسىلغان ۋە ئۇزاق يىللارغىچە ئالىي مەكتەپلەردە قوللانما قىلىنغان.

ئۇستاز ئابلەتئۆمەر ئۆز كەسپىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلارنى سۈپەتلىك،يۇقۇرى سەۋىيىلىك ھالدا يېزىپ چىقاتتى.ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى ماقالىلىرى 1960-يىللىرىدىن باشلاپلائىلان قىلىنىشقا باشلىغان.شۇنداق ئىيتىشقا بولىدۇكى،ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدەئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىسىگە دائىر خەنزۇ تىلى بىلەن يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىلمىي ماقالا يازالايدىغان ۋە نوپۇزلۇق گېزىت-ژوناللاردا ماقالا ئىلان قىلىدىغانباشلامچى تەتقىقاتچى ھىساپلىناتتى.تولۇقسىز سىتاتىستىكىغا قارىغاندا ئۇنىڭ  250 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئىلانقىلىنغان.جۈملدىن «نەنجىڭ گېزىتى»دە ئەدەبىيات نەزىرىيىسىگە ئائىت ماقالىسى ئىلان قىلىنغان.

ئۇستاز ئابلەتئۆمەر  ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتساھەسىدە  يەنە ئىلمىي ھەمكارلىقخىزمىتىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى.مەسىلەن،بۇنىڭ مىساللىرى قىلىپتۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇ 1985-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىتىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئالىي مەكتەپ دەرسلىك پىلانىنى تۈزۈپ  بەش توملۇق«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»نى يېزىپچىقماقچى بولغان ئىدى.پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر بۇ كىتاپنىڭ ئۈچ توملۇق قەدىمكىزامان قىسمىنى يېزىش ھەيئىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە،ئۇنىڭ بىرىنچىتومىنى   تەھرىرلەش  ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ،بۇ شەرەپلىك خىزمەتنىئەستايىدىل ئىشلىگەن ئىدى.بۇ كىتاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996-يىلىنەشر قىلىنىپ  دەرسلىك قىلىنىشقائورۇنلاشتۇرلغان . پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر يەنە ئالىي مەكتەپ دەرسلىك پىلانىغاكىرگۈزۈلمەكچى بولغان بىر توملۇق خەنزۇچە «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»ناملىق كىتاپنىمۇ يېزىش-تۈزۈش خىزمىتىگىمۇ قاتناشقان ئىدى. بۇ كىتاپ 1998-يىلى شىنجاڭئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئۇستاز ئابلەتئۆمەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بىر تۈكۈم ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىچىلىرىنى تەشكىللىپ ۋە ئۇلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ «ماركىس-ئېنگېلېسلارنىڭئەدەبىيات نەزىرىيىسى شىنجاڭدا» («马列文论在新疆») دېگەن دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ 8-بەش يىللىقتۈر پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تەتقىقات تۈرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان ئىدى.

ئۇستاز ئابلەتئۆمەر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغىللىنىپ،بىر قىسىم شىئىر،ھىكايىلەرنى يېزىپئىلان قىلغان.

پروفىسسۇرئابلەت ئۆمەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى،ئاڭ سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنئەدەبىي تەرجىمىچىلىك خىزمىتىنىڭ رولىنىڭ خېلى چوڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ،بۇساھىدىمۇ ئەجىر قىلىپ مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇ داڭلىق ئەدىپ ساۋيۈنىڭ«گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر»ناملىق درامىسىنى، «لۈشۈن ئەسەرلىرىدىنتاللانما»،چىن چىتۇڭنىڭ«مىڭلىغان تاغ-دەريالار»، يەنە «ۋۇسۇڭ »،«چاۋگەي»،«ئارزۇ»،«چەتئەلئەدىپلىرى ھەققىدە ھىكايە»(شۈجيالىنىڭ ئەسىرى) قاتارلىق تېلىۋىزىيە درامىسىقاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.

پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر  ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىتىسى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەتئەت ئەزاسى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمىيتىنىڭ ھەيئەتئەزاسى، جۇڭگو لۈشۈن تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىتەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىيجەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،شىنجاڭ«قۇتادغۇبىلىك»تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ تىل تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ بۇ بىر قاتار   ئىلمىيجەمىيەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان.

   ئابلەت ئۆمەر مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئەڭ لاياقەتلىك پىداگوگى،  ئۇستاز ئوقۇتقۇچىسىئىدى. ئۇ دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلاپ ئۆتەتتى.نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئۆزىنىڭتەتقىقاتىنى قوشۇپ بايان قىلىشقا ماھىر ئىدى.ئۇ ئوقۇتۇش بىلەن دەرسلىكتۈزۈشنى   ۋە تەتقىقاتنى ئىلمىي ھەم توغرابىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا ماھىر بولغان، شۇنداقلا بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىپ،كەسىپداشلىرىنىڭ،زامانداشلىرىنىڭ ۋە تەشكىلى ئورگانلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا نائىلبولغان. ئابلەت ئۆمەر مۇئەللىم سىنىپتا ،دەرس مۇنبىرىدە دەرسنى جانلىق، چۈشىنىشلىك،جەلىپقىلارلىق ھالدا ئۆتەتتى.ئىپادىلەش نۇتقى ۋە تەلەپپۇزى ئالاھىدە ياخشى ۋە تولىمۇئۆلچەملىك ئىدى. دەرس مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق، ئەمىلىيەتچان بولىشىغا ئەھمىيەتبىرەتتى.ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش سورۇنىدا كىيىىنىش، ياسىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش،گەپ-سۆز، ھەركەت- مۇئامىلە، سالام-سائەتقاتارلىقلارغا بەك ئەھمىيەت بىرەتتى.ئۇستازنىڭ دەرس سۆزلەشتىكىجانلىقلىقى،تەلەپپۇزىدىكى ئۆلچەملىكلىكى ۋە كىلىشىملىكى، سالاپەتلىكلىكى بىلەن كەسىپداشلىرى،شاگىرىتلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان. مەن بۇ جەھەتتىنئۇستازنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى دىسەم بولىدۇ.دائىم ئالىي مەكتەپدەرس سىنىپىغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كىرگىنىمدە ئۇستازنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا بىرقېتىم نامايەن بولىدۇ.

   ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە  دەرسئۆتۈشتىكى مىتودىنىڭ ئۆلچەملىكلىكى،تەلەپپۇزىنىڭ توغرىلىقى ۋە يۇقۇرىلىقىھەققىدىكى   داڭقى 1960-يىللاردىن باشلاپلاشىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى،جۈملىدىن مەملىكەت ئىچىگە تارقىلىشغا باشلىغان.خۇسۇسەن مەن 1979-يىلى 9-ئاينىڭ باشىدىن باشلاپ،بۇ ئۇستازنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەتنەزىرىيىسى» دېگەن دەرسىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ دەرسخانىسىدا رەسمى ئوقۇغۇچىسۈپىتىدە ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم.يىتىلگەن پىداگوك   دەرسنىئۆلچەملىك،ئۈنۈملۈك ۋە ماھارەت بىلەن ئۆتەتتى. دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلايتتى. سىنىپقاكىرگەندە يارىشىملىق، سۈپەتلىك،پاكىز كىيىنىپ كىرەتتى. دەرس مۇنبىرىدە تەبەسسۇم،ئىللىقچىراي بىلەن تىك تۇرۇپ،سالاپىتىنى ساقلىغان،قەددىنى رۇسلاپ، ئۇرغۇلۇق، جاراڭلىق،جانلىق، تەسىرلىك،ئۆلچەملىك تىلدا    دەرسسۆزلەيتتى. بۇنداق دەرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش،تەپەككۈرىنى ئېچىش، قەلبىنى ھاياجانغا سېلىش، ئۆزلىشىش نىسپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ئىدى.

ئۇستازئابلەت ئۆمەرنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى يەنە بىر تۆھپىسى دەرسلىك قوللانما تۈزۈشخىزمىتىدە كۆرىلىدۇ.دۆلىتىمىزدە، بولۇپمۇ شىنجاڭدەك مىللىي رايۇنلاردا ئىجتىمائىيپەن ساھەسىدىكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزۈش، باستۇرۇش، نەشر قىلدۇرۇشيۇقۇرى  ئىلمىيلىكنى، يۈكسەك دەرىجىدىكىسىياسىيۋىلىكنى،پىشقان ئىقتىدارنى ۋە تاۋلانغان ماھارەتنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىلكەسپىي خىزمەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  1970-يىللارنىڭئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل- ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا ئۇيغۇر تىلىنىقوللىنىدىغان كەسپلەردە دەرسلىك قوللانمىلىرى قوليازما- كونسىپىك   ۋە مايبۇياق شەكلىدە بېسىپ تارقىتىپ كېلىنگەن ئىكەن. ئابلەت ئۆمەر مۇئەللىم بۇ خىل ئەھۋالنىباشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلىپ، «ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىسى» ناملىقكونسىپىكىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىق شەكلىدە ئاق باسما (مىقمەتبەلىك نۇسخا) قىلىپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللار بۆلۈمىتەرىپىدىن 1979-يىلى ئەتىيازدا باستۇرغان. تولىمۇ سىپتا،سۈپەتلىك ئىشلەنگەن بۇكىتاپ شۇنىڭدىن باشلاپ 1984-يىلى يازغىچە دەرسلىك قىلىنغان.1984-يىلى ئەتىيازدائۇنىڭ مەسئۇللىقىدا كوللىكتىپ تۈزۈلگەن «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى» ناملىق كىتاپ «ئالىيمەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك» دېگەن سەرلەۋھە (ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقى)بىلەنشىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى 2-ئايدا رەسمى نەشر قىلىنغان.ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە «ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك» دەپ تەستىقلانغان «ئەدەبىياتنەزىرىيىسى ئاساسلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ بىرىنچى تومى ئۇستازنىڭ شەخسىنامىدا،ئىككىنچى تومى ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا كوللىكتىپ تەييارلىنىپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان.مانامۇشۇنداق قىلىپ، تۆھپىكار ئۇستاز ئابلەت ئۆمەر يازغان ۋە تۈزگەن ياكى مەسئۇللىقىدايېزىلىپ نەشر قىلىنغا ن«ئەدەبىيات نەزىرىيىسى»گە دائىر دەرسلىك كىتاپلار1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭئىجتىمائىي پەن كەسپلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلىرىدا بىرتۇتاش دەرسلىك قىلىنىپ ئومۇميۈزلۈك ھالدا قوللىنىلىپ كېلىنمەكتە.شۇنىڭ بىلەنبىرگە، كەڭ ئوقۇغۇچىلار،ئاسپىرانتلار ۋە باشقا كەسپداشلارنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەتنەزىرىيىسى»گە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلىۋىلىشىغا مۇھىم تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەنمەكتە.ئۇيغۇر ئالىي مائارىپ تارىخىدا يىگانە دەرسلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن 30-40 يىللاپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىزچىل ساقلاپكەلگەن «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى» ھەققىدىكى دەرسلىكنىڭ تۈزگۈچىسى پروفىسسۇر ئابلەتئۆمەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ تارىخىي ئورنى كىشىلەرنىڭ سۆبىكتىپ باھاسىدىنئاللىقاچان ھالقىپ،ئوبىكتىپ مەۋجۈتلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن.

مەنئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭ  بىرىنچىدىن،  دەرس ئۆتۈشتىكى ماھارىتى، ئىككىنچىدىن دەرسلىكتۈزۈش جەھەتتىكى پىداكارلىقىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى.بولۇپمۇ،مەنئۇستازنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈشتىكى ھارماي-تالماي ئىشلەشتەك جاسارىتى،مەسئۇلىيەتچانلىقى،ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە كوللىكتىپچانلىق،ھەمكارلىشىش روھىدىن ئۈلگە ئالغان.شۇنىڭ نەتىجىسىدە،ئالىي مەكتەپ،ئالىي تېخنىكوم دەرسلىكلىرى بولغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»دەرسلىكىنىڭيەتتە قېتىملىق تۈزۈلىشىگە قاتناشتىم،تۆت قېتىملىقىنى شەخسى تاماملىدىم،ئىككىقېتىملىق نەشرگە يىتەكچىلىك قىلدىم.بولۇپمۇ،ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنىكوللىكتىپ تۈزگەندە ئۇنىڭ نوپۇزى ئالاھىدە يۇقۇرى،ئىشلىتىچانلىقى كەڭ،تەسىرىچوڭقۇر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىيتقانلىرى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ تەسىرىدە،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنىڭ ئۆلچەملىك،يېڭى نۇسخىسىنى كوللىكتىپ تۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يىتەكچىلىكقىلدىم.ئەمىلىيەت،ئۇستازنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۆزۈممۇ بۇساھەدە ئىشلىگەن ئىشىمدىن مەمنۇن  بولدۇم.  

ئاخىرىداشۇنى قىستۇرۇشنىمۇ تىلغا ئېلىشىم كېرەك.مەن ئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭ دەرسلىككىتابىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان،ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ بىلىم قۇرۇلمامنى مۇستەھكەملەشتە كەم بولسا بولمايدىغان قوللانما دەپ بىلىپ كەلگەن  بولساممۇ، ئەمما،ئىككى پارچە ماقالامدائۇستازنىڭ نوپۇسلۇق كىتاپ، دەرسلىك قوللانمىلىرىدىكى ئىككى نۇقتىغا، يەنى«بايان»ۋە«نەسىر»نىڭ تەبىرى ھەم ئالاھىدىلىكى توغرىسىدكى قارىشىغا  قارىتا ئۆزگىچە  قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە ئىلانقىلىشقا   توغرا كېلىپ قالدى. بۇ ئەھۋالنىكۆرۈپ،كەسپداشلار ئارىسىدا غەيرى ئىنكاسلار، جۈملىدىن قوبۇل قىلالماسلىق ساداسىئوتتۇرىغا چىقتى.مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم،ئۇستازنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن قۇسۇر تېپىشئەمەس بولۇپ،پەقەت قىسمەن،ئايرىم نۇقتىلار توغرىسىدىكى ئايرىم -ئۆزگىچە پىكىرلەرنىئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى.شۇنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇكى،دۇنيادا،پەن (بولۇپمۇئىجتىمائىي پەن) دە مۇتلەق توغرا ھۆكۈم، ئۆزگەرمەس قائىدە،تەبىر بولغان ئەمەس.شۇجۈملىدىن،ئۇستازنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى،قوللانمىلىق دەرسلىك كىتاپلىرىنىڭ ھەممەمەزمۇنلىرىنى يۈزدە-يۈز توغرا دەپ باھالىنىدىغان بولسا،ئۇنداقتا بىرتەرەپلىمىلىككە يول قويۇلغان بولىنىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ ئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭكىتاپلىرىدىكى ئايرىم نۇقتىلار توغرىسدا دېگەن ئۆزگىچە قاراشلىرىمقىسمەنلىك،ھادىسىۋىي مەسىلىلەر بولۇپ،ئومۇمىيلىققا ئىگە،ماھىيەتلىك پىكىرلەرئەمەس. شۇنداق ئىيتىشقا بولىدۇكى،ئۇستازنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ مۇنبىرىدەئۇيغۇر تىلدىكى «ئەدبىيات-سوبىكتىپ ھىسسىياتقا تايىنىپ، كۆپتۈرمىچىلىك بىلەنئەمەس، بەلكى ئەمىلىي تارىخنىڭ كۆركەم بەتلىرىگە يېزىلىپ بولۇنغان.

پروفىسسۇرئابلەت ئۆمەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئەينى يىللاردىن باشلاپ جەمىيەتتە قىزغىنئالقىشلانغان،ئىلمىي ۋە تەشكىلىي ئورگانلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. مەسىلەن،ئۇستازنىڭ«ئەدەبىيات نەزىرىيىسى»ناملىق دەرسلىك كىتابى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇقئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نەتىجە مۇكاپاتىغا، «ئەدەبىياتنەزىرىيىسى ئاساسلىرى»ناملىق دەرسلىكى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان مىللىيتىل-يېزىقتىكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىكمۇكاپاتقا،«كۆرەشچان يىللارنىڭ زەپەر مارشى»،«بىزنىڭ باغچىمىز تېخىمۇ گۈزەلبولسۇن» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەدەبىي ئوبزورى ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھەر دەرىجىلىكمۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ ئىقتىدارلىقپىداگەوكنىڭ   ھايات چېغىدىكى  تەرجىمىھالى«دۇنيادىكى جۇڭگۇلۇق مەدەنىيەتئەربابلىرى تەزكىرىسى»،«جۇڭگو ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى تەزكىرىسى»قاتارلىق كاتتاقامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن.

ئۇستازلارئۇستازى پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر  قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ، 1938 -يىلى 12-ئاينىڭ30-كۈنى تۇغۇلغان. قەشقەر شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ،  1949 –  1952 –يىللىرى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنمەكتىپىدە  ئوقۇغاندىن كېيىن، سابىق شىنجاڭئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1953 – يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن تاللىنىپ،  بېيجىڭ پېداگوگىكائۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. 1958 –يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەندىن كېيىن تاكى 1998-يىلىغىچە  توپ-توغرا 40 يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئەدەبىيات- سەنئەتكافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىقمەمۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1988-يىلى ئەدەبىيات-سەنئەت  نەزىرىيىسى پەنلىرى بويىچە  پروفىسسۇرلۇق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،جۈملىدىنشۇ كەسپ بويىچە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى پروفىسسۇر بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئۇ 1998- يىلىپىنسىيىگە چىققان. 2000 -يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىگەۋاپات بولغان.

ئۇستاز پىداگوكئابلەت ئۆمەر كىشىلىك دۇنياسىدىن كېتىپ قالغان بولىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سۆيۈملۈكئوبرازى ۋە جەزبىدار سىماسى،قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋىي ئەمگەكلىرى  شاگىرتلىرى، خىزىمەتداشلىرى،  كەسپداشلىرى،ئۈلپەتلىرى ۋە زامانداشلىرىغامەنىۋىي ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە.رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

                           2014.-1-1

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 04:24 PM  


ئۇيغۇر يىگىتلىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21563
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9911
تۆھپە نۇمۇرى: 752
توردا: 3726 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 11:59:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       كۈسەمىش( قۇربان ئابلىكىم ) ساۋاقدىشىم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurboys تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 11:59 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش