مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 0

ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98859
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 09:49:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن

   

                            غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

ئۇستازشېرىپىدىن ئۆمەرنى رەسمىي يوسۇندا بىلگەن ۋاختىم 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگەتوغرا كېلىدۇ.شۇ كۈنى ئۇ لىكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىتىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىتى1977-يىللىق 2- ۋە 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە تارىخپاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاكۇلتىتنىڭ بىرلەشمە زالىدا بىرلاۋاقىتتا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق دەرسنى سۆزلەشكەكېرىپ كەلدى.ئۇنىڭ تۇرقىدىن شۇنداق تەمكىنلىكى، تېتىكلىكى، سالاپەتلىكى، چىرايىدىنشۇنداق خۇشخۇيلىقى، يېقىملىقلىقى، ۋۇجۇدىدىن شۇنداق سەمىمىيلىكى،ئاق كۆڭۈللۈكلىكىچىقىپ تۇراتتى. دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەممىمىزدە قانداقتۇر بىر خىل ھودۇقۇش،جىددىچىلىق كەيپىياتى بولغان بولسىمۇ، ئۇستازنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپھەممىمىزدە بىردىنلا كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە قەلب مايىللىقى  كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دەرس باشلانغاندىن كېيىنبولسا ئۇستاز دەرس مەزمۇنىغا يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق، سۆزلەرنى،تەسىرلىك ھىكايىلەرنى  قىستۇرۇپ ماڭىدىغان بولغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىبىلەن جەلىپكارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋىتەتتى.ئۇ شۇ تەرىقىدە 1982-يىلى 6-ئاينىڭ24-كۈنى پەيشەمبە 1-،2-سائەتلىك ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا توپ-توغرا ئىككى يىلۋاقىت ئىىچىدە بۇ دەرسنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا سۆزلەپ تۈگەتكەن ئىدى.ئۇستازنىڭ بۇدەرسنى ئۆتۈشى تولىمۇ تەسكە چۈشكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.چۈنكى،‹‹ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار›› دىن ئىبارەت بۇ دەرسنىڭ شىنجاڭئۇنىۋېرىسىتىدا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ۋە مۇنتىزىم دەرسلىكقىيلىنىپ مۇنبەرگە ئېلىپ چىقىلىشى مانا مۇشۇ ئۈستازدىن باشلىنىۋاتقان ئىدى.ئۇنىڭدەرسلىك ماتىرىيالى يوق بولۇپلا قالماستىن، پايدىلىنىش ماتىرىيالىمۇ يوق ھىساپتابولۇپ،مانا مۇشۇ تەستە تېپىش مۇمكىن بولغان ماتىرىياللارنى، دۆلەت ئىچىدە تېپىشمۇمكىن بولغانلىرىنى بولسۇن ۋە چەتئەلدە چىققانلىرىنى بولسۇن ئېرنمەستىن-زېرىكمەستىنتېپىپ، چاغاتايچە، روسچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە، خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن ئوقۇپ،تەرجىمە قىلىپ، تەھلىل قىلىپ،تۈرگە ئايرىپ، رەتلەپ، سىستىمىلاشتۇرۇپ،كونسىپىكلاشتۇرۇپ ۋە ھەزىم قىلىپ ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە دەرس قىلىپ ئۆتۈش ئۈچۈنئەلۋەتتە كۆپ جاپا چېكىشكە، نۇرغۇن تەر ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىپلا قالماستىن،بەلكىئۇزۇن يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىگەن بولۇش،نەزىرىيەسەۋىيىسى،سىياسى سەزگۈرلىكى، پىسخىك ساپاسى يۇقۇرى بولۇش قاتارلىق بىر قاتارتەرەپلەر ئىتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقى ئەقەللى ساۋات ئىدى.دېمەك،ئۇ ئۆزى ئۆتمەكچىبولغان دەرسنى 120دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىغا رازى بولغۇدەك ھالدا سۆزلەپ، ئەينىزاماندىكى ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن تاماملاپ،كەڭ ساۋاقداشلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇرتەسىر قالدۇرغان ئىدى.ئۇستازنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»دېگەن تىمىدا سۆزلەپ،ئاساس سېلىپ بەرگەن خاسىيەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك دەرسى شىنجاڭئۇنىۋېرىسىتىدا شاگىرتلىرى تەرىپىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالداداۋاملىشىپ كېلىنمەكتە.

مەنئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ ئەشۇ قېتىملىق دەرسى باشلىنىش بىلەن تەڭلا بۇ دەرسكە خۇشتار بولۇپ قالغان ئىدىم.ئۇستازمۇمەندىكى بۇ خىل ھېرىسمەنلىكنى ناھايىتى تىزلا بايقىۋېىلىپ،ماڭا ئالاھىدە مۇئامىلەقىلىدىغان بولغان ئىدى.ئىككى يىللىق دەرس جەريانىدا خۇشتارلىق بىلەن ھېرىسمەنلىكچوڭقۇرلاپ،ئۆزىنى كۆرسىتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىدىغان ۋاقتىمدائۇستاز باشقا ئۇستازلار بىلەن دىمۇكىراتىك ئاساستا كېڭىشىپ،تەشكىلگە مېنى مەكتەپتەقالدۇرۇپ، ئۆزىگە شاگىرتلىققا تەربىيىلەشنى ئىلتىمىس قىلدى.مانا مۇشۇنداق سەۋەپبىلەن مەن 1983-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم ۋە1983-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»نامىدىكىئىككى يىللىق،تۆرت مەۋسۇملۇق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئۆتۈشتىن ئىبارەتشەرەپلىك ۋە مۇشكۇل ۋەزىپىگە تۈتۈندۇم.ئۇستازنىڭ ماڭا ئۆزى قان تەر بەدىلىگەتەييارلىغان كونسىپىكى بىلەن قوشۇپ بۇ دەرسنى مېنىڭ ئۆتۈشۈمگە تاپشۇرۇپبەرگەنلىكى(ئۆزىمۇ قەرەللىك ھالدا دەرس ئۆتۈپ تۇراتتى) ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىنباشقا،يەنە ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى، مەردلىكى، ئالدى-كەينىگە قاراپ ئىشقىلىدىغانلىقى،بىر كەسىپ،بىر ھۈنەر،بىر ئىلىمدە ئىز باسار تەربىيىلەشنىڭموھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى كېيىنكى خىزمەتئەمىلىيىتىم جەريانىدا چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىم ھەم ئۇنى ئۆزۈمگە ئۆمۈرلۈك مىزانقىلىپ تاللىغان ئىدىم.

ئۇيەنە مەن قاتارلىق پاكۇلتىتقا يېڭىدىن ئلىپ قلىنغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىيتەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئالاھىدە ھەيدەكچىلىكقىلىپ تۇرغان ئىدى.ھەر قېتىم كافىدىرا يېغىنى ئاچسا:سىلەر ياشلار ئالىي مەكتەپمۇنبىرىدە پۇت دەسسەپ تۇرىمىز ،بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىمىز   دەيدىكەنسىلەر ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدرىڭلارۋە نەتىجەڭلار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.شۇڭا بىر قولۇڭلاردا دەرس ئۆتۈشنى،بىرقولۇڭلاردا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىشنى چىڭ تۇتىشىڭلار كېرەك ۋە بۇنىئۆمۈرلۈك خىزمەت پىلانى قىلىشىڭلار لازىم دەپ جىكىلەيتتى. مانا مۇشۇ خىلجىكىلەشنىڭ تۈرتكىلىكىدە مەن ۋە باشقا بەزى ساۋاقداشلىرىمىز  ياش چاغىدىن باشلاپلا ئىلمىي تەتقىقاتقاكىرىشىپ كېتىپ،ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇستازشېرىپىدىن ئۆمەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن باشلاپ، بولۇپمۇ1978-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە مائارىپ ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، مۇنتىزىمئوقۇتۇش يۈرۈشۈلگەندىن باشلاپ تاكى 1995-يىلى پىنسىيىىگە چىققانغا قەدەر ئۇقۇتۇشمۇنبىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى.يەنە ئىلمىي تەتقىقات، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىلاسسىكئەدەبىيات تارىخى ساھەسى بويىچە ئىلمىي ئىزدىنىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر كۈنمۇتوختاتمىغان ئىدى.ئۇ ئىلمىي ھاياتىدا 100پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئىلان قىلدى.«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» تېمىسى بويىچە يەتتە توملۇق كىتاپ يېزىپ نەشىرقىلدۇردى.ئۇ يېزىپ چىققان كىتاپلارنى خېمىرتۇرۇچ قىلغان ھالدا «ئۇيغۇر كىلاسسىكئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس»(1987-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»(2001-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (ئىككى قىسىم،2001- يىلىنەشرى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى» (ئىككى قىسىم، 2004 -،2005 - يىللىرىنەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ( 2012- يىلى نەشرى) قاتارلىقدەرسلىكلەرنى تۈزۈپ ياكى تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋەئالىي تېخنىكوملىرىنىڭ دەرسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشقانلىقىم ئۈچۈنتولىمۇ رازىمەنلىكىمنى ئىزھار قىلماي تۇرالمايمەن.

بۈگۈنكىكۈندە مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىلاسسىكئەدەبىياتى پەنى بويىچە پروفىسسۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش بىلەن بىرگە مۇشۇساھەدە ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بىرەر مەۋسۇممۇ دەرسمۇنبىرىدىن ئايرىلمىغان 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىنى ھازىرلىدىم.32نەپەرئاسپىرانتنى قولدىن چىقاردىم.يەنە 7 نەپەر ئاسپىرانتنى يىتەكلەۋاتىمەن.نەچچە يۈزپارچە ماقالە،ئون نەچچە پارچە كىتاپ يېزىپ چىقتىم.بەش تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغايىتەكچىلىك قىلدىم.بەش تەتقىقات تىمىسىغا قاتناشتىم.دۆلەت ۋە خەلقارالىق يىگىرمەنەچچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىپ ماقالا ئوقۇدۇم.ئۇستازشېرىپىدىن ئۆمەر مېنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك خىزمەتكە ۋە ئەھمىيەتلىك نەتىجىگەئىرىشىمگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغانلارنىڭ بېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەڭگۈلۈكھۆرمەتلىشىمگە، پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىيدۇ،ئەلۋەتتە.

تۆۋەندەئۇستازنى ئېمىلىي ھەركىتىم بىلەن ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا يازغانتەقرىز ماقالامنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن.

بىرىنچى تەقرىز:

«ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»

نى ئوقۇپ......

ئۇيغۇرخەلقى ياراتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىمۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.لېكىن ھازىرغىچە بۇ مىراسلارغا بىرقەدەر ئومۇمىي يۈزلۈك تەھلىليۈرگۈزگەن بىرەر كىتاب يوق ئىدى.شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى يېقىندا نەشىر قىلغانيولداش شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىنئوچېرىكلار»نىڭ1-قىسمى بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.                                                     

«ئوچېرىكلار»دىنشۇ نەرسە ئېنىقكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن،مەزمۇنى باي،تۈرىخىلمۇ-خىل،ئۇئۇزاق زامانلارنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى خاتىرىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس،بەلكى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بەدىئىي ئۆرنىگى.شۇڭا ئۇنى سېستىمىلىق تەتقىققىلىش،جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ،بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش ئىنتايىن زۆرۈر.                                                                     

ئاپتور بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ،رىيال تارىخىيپاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭمۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا تەرەققى قىلىپ ئۈزلۈكسىززورايغانلىقىنى ئىمكان قەدەر ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلغانۋەشەرھىلىگەن.                 

بىز«ئوچېرىكلار»دىن ئېغىز ۋە  تىن ئىلگىرىكى توتىمىزىمئېتىقادى،شامان، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددا ۋە مانى دىنلىرى دەۋرىدە يارىتىلغانكۆپلىگەن نەمۇنىلەرنى،بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەرنى كۆرىمىز.شۇنداقلائىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچنامايەندىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس مەلۇمات ئالىمىز.ئاپتور كىتاپتا ھەر قايسى تارىخىيدەۋىرلەردە ياشىغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ  ئەسەرلىرىدىكى ئىپادىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەتبەرگەن،شۇنداقلا ئەسەرلەردىكى مەركىزىي ئىدىيىلەرنى خېلى روشەن شەرھىلەپبەرگەن.      

«ئوچېرىكلار»نىڭ ئالاھىدىلىگى ئوبرازلارنى تەھلىل قىلىشتا كۆرۈلىدۇ.ئاپتور كىلاسسىكئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا ھەرقايسى ئەسەرلەرنىڭ شۇ تارىخىيدەۋرىنىڭ روھى قىياپىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بەدىئىي ئوبرازلارنى نۇقتىلىقتونۇشتۇرۇشقاۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشقا دىققەت قىلغان.ئالايلى، «چىستانى ئىلىگ بەگ»، «ئوغۇزنامە»،«بۆگۈخان رىۋايىتى»قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئىلىگ بەگ،ئوغۇزخان،بۆگۈخانلارنىڭخەلىقپەرۋەر،ئەركىنلىك،ھۆرلۈككە تەلپۈنىدىغان، مۈشكۈل- جاپادىن،ئۆلۈمدىنقورقمايدىغان قەھرىمانلىق ئوبرازى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان.                                       

دەۋرروھىغا ئىگە بولۇش ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ئاپتور «ئوچېرىكلار»دا،ئۆزىتوختالغان ئەسەر ۋە ئوبرازلارنىڭ دەۋر روھىنى،مىللىي خۇسۇسىيىتىنى ئالاھىدەگەۋدىلەندۈرۈپ،ئۇنىڭغا ماتېرىيالىستىك قاراش بويىچە تەھلىل يۈرگۈزگەن ھەمكىتاۋىنىڭ تۈزۈلىشىنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان.                                    

بۇنىڭدىنباشقا،بۇ كىتاپتا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتەرىۋايەتتىن ئېپوسلارغا،يىرىك داستانلارغا تەرەققىي قىلىش جەريانى،رىيالىزىم بىلەن رومانتىزىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى،ئەدەبىيات شەكىللىرى،ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى،مەزمۇن، ئىجادىيەت مىتوتى قاتارلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، مۇكەممەللىشىپبارغانلىقىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.                                                

ئەقىل-پاراسەتلىكۋە باتۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىي،دىننىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تەبىئەت ۋەجەمىيەت ھادىسىلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى، ئۆرپ-ئادىتى، قەدىمى تىل خۇسۇسىيەتلىرىجەھەتتە بىزگە خېلى كۆپ ئەمىلىي بىلىم بېرىدۇ.         

شۇنىمۇقىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى،«ئوچېرىكلار»دا مەلۇم كەمچىللىكلەرگە يولقويۇلغان.ئاپتور توختالغان ئەسەرلىرىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى،ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدەكۆپرەك توختىلىپ،ئەسەرنىڭ مەزمۇنى،بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە بەزىدەئەتراپلىق،چوڭقۇر توختىلالمىغان،ئاپتورنىڭ كىتاپنىڭ 2-قىسمىنى ئىشلىگەندە بۇجەھەتلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇستازنىڭبۇ كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ،شۇكەمگىچە رەسمىي نەشرىياتتا نەشر قىلىنغان ھەم شۇ تىمىغا بېغىشلانغان تۈنجى ئەسەربولۇپ ھىساپلىنىدۇ.                                    

مەنبە:بۇ تەقرىز«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىدا ئىلانقىلىنغان.

(《评< 维吾尔古典文学史概论>一书》《新疆日报》1983年  4月23日。)

ئىككىنچى تەقرىز:

«ⅩⅨئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق كىتاپ ھەققىدە...      

   ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى تەرىپىدىن 1996-يىلى نەشر قىلىنغان ئىككى توملۇق «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇرئەدەبىيات تارىخى »ناملىق بۇ يىرىك ئەسىرى .مەخسۇس  19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا بېغىشلانغان.چۇنكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە .باي ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى نوقتىسىدىن قارىغاندا ،19-ئەسىرئۇيغۇر ئەدەبىياتى ؛تېمىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە رەڭدارلىقى ،مەزمۇنىنىڭ بايلىقى ھەمبەدىيلىكىنىڭ يۇقىرلىقى ،جۇملىدىن ئالغا سۈرگەن ئېستىتىك غايىسىنىڭ ئىلغارلىقىبىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىر يۈكسەك چوققا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئەنە شۇ چوققىنى ياراتقان يىرىك مۇتەپەككۇر شائېرلار مۇھەممەد سادىق كاشغەرى ،ئابدۇرېھىم نىزارى ،زىيائى ،تۇردى غېرىبى،موللا شاكىر ،ناقىس ،موللا بىلال نازىمى ،تەجەللى قاتارلىقلار ئەنە شۇ دەۋىرنىڭئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت.

ئسلاھاتۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بېرى پارتىيە –ھۆكۇمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىتەشكىللەپ يازدۇرغان ياكى شەخسلەر يېزىپ چىققان ھەم نەشىر قىلدۇرغان ،جۈملىدىن چەتئەللەردە نەشىر قېلىنغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلاردىن بىرنەچچە پارچىسى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ ،بۇلاردا قىسقىچە ئومۇملاشتۇرۇپبايان قىلىشنىلا ئاساس قىلغان .لېكىن ھەر بىر دەۋىر ئەدەبىياتىنى ،شۇنداقلاكلاسسىك ئەدەبىياتتا گۈللەنگەن ۋە باي 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى مەخسۇس ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر يوق ئىدى .

  ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرى يۇقىرىقى تارىخى ۋەزىپىنىبىر قەدەر ياخشى ئورۇنلىدى دېيىشكە بولىدۇ.

   بۇ جايدا مۇنۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەپئۆتۇش زۆرۈر دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇكى ،ئسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ،7-ئەسىردەسىياسىي سەھنىگە چىققان ئەرەبلەر ھىندى قولتۇقىدىن تارتىپ ئسپانىيگىچە بولغان ئۈچقىتئەنى بېسۋىلىپ ،غايەت زور ئەرەپ ئىمپېرىيسىنى قۇردى .ئۇ بىسۋالغان بۇ كەڭزىمىندىكى خەلىقلەرنى يېڭىلا قەبىلىچىلىكنى بېشىدىن كەچۇرگەن ئەرەبلەر بىلەنسېلىشتۇرغاندا ،ئۆز دەۋرى ئۈچۈن غايەت زور مەدەنىيەتلىك خەلىقلەر ئىدى .

    ئەرەپ ئىمپېرىيسى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتئېھتىياجىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن ،ئۆزى بېسۋالغان بۇ كەڭ زىمىندىكى مەدەنىيەتلىكخەلىقلەرنىڭ ئالملىرىنى باغداتقا يىغىپ (بۇلارنىڭ كوپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىم،مۇتەپەككۇرلىرى ئىدى )تا شۇ كۈنگىچە شەرىق ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ئنسانىيەت«ئودىسسىيە» بىلەن «ئىسكەندىرىيە »گە توپلىغان ،بىلىم جەۋھەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ قايتائۆزلەشتۇرۇپ ،غايەت باي مەدەنىيەتنى ياراتتى .مانا بۇ مەدەنىيەت ھەركىتى شەرىقئويغىنىش دەۋرى دەپ ئاتالدى .9-ئەسىردىن باشلانغان بۇ مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىنىڭتەسىرىدە 14-ئەسىردە ئىتالىيدىن باشلانغان غەرب – ياۋۇرپانىڭ ئويغىنىشى مەيدانغاكەلدى .ھازىرقى زامان شەرىقشۇناسلىرىنىڭ يۇقىرىقى خۇلاسىسى«بۇرۇن مەدەنىيەتئويغىنىشى غەربتە بولۇپ كىيىن شەرققە كەلگەن »دېگەن غەرب مەركەزچىلىك كونانۇقتىينەزىرىنى تەۋرىتىپ قويدى .

   ئەمدى ئوزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك يۇقىرىدائېيتىپ ئۆتكەندەك .ئىنسانىيەتنىڭ ئاشۇ كۈنگىچە «ئودىسسىيە » بىلەن «ئىسكەندىرىيە»گەتوپلىغان بىلىم جەۋھەرلىرىنى باغداتقا يىغىلغان ئالىملار تەتقىق قىلىپ قايتائۆزلەشتۇرگەندە ،شەرق مۇسۇلمان مەدەنىيتىگە ،پىلاتۇنىزىم ئىسلام ئىېتىقادى تونىنىيىپىپ ،سۇپىزىم (تەسەۋۋۇپ شەكلىدە ) ئارىستولىزىم ئوتتۇرا ئەسر پەلسەپىسىدىكى ئەڭئىلغار دۇنياغا قاراش سۈپىتىدە پانتىزىم بولۇپ شەكىللەندى .

بۇ ئككى پەلسەپىۋى قاراش مۇسۇلمان شەرقمەدەنىيتى ۋو ئۇنىڭ بىر تەركىبى بولغان كلاسسىك ئەدەبىياتقا ،جۈملىدىنئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى كىرگەندىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيتى بىلەن ئەدەبىياتىغا باشتىن –ئاخىر سىڭىپ كەتكەن .شۇڭا مەيلى مۇسۇلمان شەرق ئەدەبىيياتىبولسۇن .مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن كىيىن مەيدەنغەكەلگەن ئەدەبىياتىنى تەھلىل قىلغاندا بولسۇن ،يۇقىرىقى سۇپىزىم بىلەنپانتېئىزىملىق دۇنيا قاراشلىرىنىڭ تەسىرىنى ئېتىبارغا ئالماي تۇرۇپ تەھلىل قىلىشمومكىن ئەمەس.

  ئۇستاز شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ  19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا بېغىشلانغانبۇ ئككى توملۇق كىتابىدا ،ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىغا باشتىن –ئاخىر سىڭگەن سۇپىزىم بىلەنپانتېئىزىم ئىدىيۋى شەكلىنى تەھلىل قىلغاندا ،ماركىزىملىق مەيدان ،نوقتىئىنەزەر ۋەماركىستىك ئېستىتېكا ،ئۇسۇلى ئاساسىدا قاتلاممۇ قاتلام .كەڭ چۇڭقۇر تەھلىل قىلىدۇۋە .ئەدەبىي مىراسلارغا ماركىستك تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىش پىرىنسىپى بويچە مۇھاكىمەئېلىپ بىرىپ ،ھەر بىر شائىر ئىجادىيتىدىكى پانتېئېستىك ئىلغار ئىدىيلەرنىمۇئەييەنلەشتۇرۇپ پاسسىپ ،چۈشكۇن ،سۇپىستىك خاھىشلارنى قەتئىي تەنقىد قىلىپ،كىتابىخانلارنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ئىبىرەت ئىلىشى لازىملىقىنى مەسۇلىيەتچانلىقبىلەن ئەسكەرتىدۇ .ئاپتۇرنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى نوقتىئىنەزىرى ۋە ئۇسۇلى ئۇنىڭئۆزىگە خاس ئىلمى تەھلىل قىلىش تەتقىقات خاراكتىرىنى ئىپادىلەيدۇ .

ئۇستاز شەرىپىدىن ئومەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى  

شەرىپىدىنئومەر 1934-يىلى ئېلىدا دۇنياغا كەلگەن .كىيىن ئائىلىسى بىلەن موڭغۇلكۈرەناھىيىسىگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1946- يىلىئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. 1952- يىلىسابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىمقىلىنغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»، «يېزىقچىلىق»، «ھازىرقى زامان سوۋېت ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ كەلگەن.

1956-يىلى ئۇ تاشكەنىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنۋېرستىتىغا بېرىپ، ئاسپىرانىتلىقتائوقۇغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدائوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ئىلمي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1980-يىللىرىدىن باشلاپ، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلار»، «ئۇيغۇرلارداكىلاسسىك ئەدەبىيات»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»،« ⅩⅨئەسردىكى ئۇيغۇر  ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىئېلان قىلغان. تۇنجى ئالىي مەكتەپ دەرسلىك كىتابى بولغان ئۈچ توملۇق  «ئۇيغۇرئەدەبىيات تارىخى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1993-1995-1996-يىللىرى نەشرى)، خەنزۇچە«ئۇيغۇرئەدەبىيات تارىخى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشرى) قاتارلىق قۇرالكىتاپلارنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇ يەنە «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ بەدىئىي مېتودىتوغرىسىدا»، «شەرق ئويغىنىش دەۋرىنىڭ سەركەردىسى- يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، « شەرقخەلقلىرىنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىيەت تەسىرى»قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىى ماقالەئېلان قىلغان .ئۇنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىدىن ئوچىرىكلار »دېگەن كىتابى1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە ئوتكۈزۇلگەن پەلسەپە ۋەئىجتىمائىي پەنلەر بويچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقائېرىشكەن .

   ئۇ يەنە 1951-يىلى «ئالغا گېزىتى»دە بېسىلغان«سېڭلىمغا»ناملىقتۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە «كاككۇكيەنە سايرىدى»،«ئىجاتكارلار»،«ئالۋاستى»،«بۇ نىمىنىڭ كۆلەڭگىسى »،(بىرىنچىدەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ). «تۆمۇر ئادەم »،«مىنىڭ قەلبىمدىمۇ ھەيكەل بار»،«ئاخىرەت»قاتارلىق 20 گە يىقىن پوۋسېت،ھىكايە فىليەتۇنلارنى ئېلان قىلغان .

   ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەر بىر ئۆمۇر تىرىشچانلىقكۆرسىتىپ ،كۆزگە كۆرۇنەرلىك نەتىجە ياراتقانلىقى ئۈچۈن 1982-يىلى فىلولوگىيەپەنلىرى بويچە دوتسېنىت ئۇنۋانى، 1986-يىلى فىلولوگىيە پەنلىرى بويچە پروفېسسورئۇنۋانى ئالغان .ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تىما قېلىپ تۇنجى قېتىم ماگىستىر ئاسپېرانىت قوبۇل قىلىپ ،كۆپلىگەن ئاسپىرانىتلارنى تەربىيلىگەن . شۇنداقلا مائارىپ ساھەسىدەئىزچىل ئۇنۇملۇك ئشلەپ كەلگەنلىكى ئۇچۇن گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مائارىپ ساھەسىدەئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن » دەپ ئەنگە ئىلىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەرگەن.ئۇ ھازىرشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى «قۇتادغوبىلىك ئىلمىى تەتقىقات جەمىيتىنىڭئەزاسى »ۋە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمىئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىقئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

ــــئۈرۈمچى ــــ

2014-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنى تامام بولدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 04:06 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش