مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 913|ئىنكاس: 11

خەيىر گۈلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10217
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2337 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 08:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيىر گۈلۈم مەن كەتتىم ئامان بول، بىلەمدىغانسەن؟سەن مىنىڭ ئاشۇ ئاجىز يۈرۈگۈمنى سۆيگۈ كۇچىسىدا دەرت بىلەن يۇيۇندۇرۇپ پۇچۇلاپ پارە -پارە ھالەتتە، ھىچ بىر پارۋاسىز تاشلاپ كەتكەندىمۇ ئۆز قەلبىمدە سىنى يەنىلا گۈلۈم دەيتىم،گەرچە ۋىسال دەملىرى بىزگە نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ  روھىمدا سەن يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى يۇقاتماي پۇرەكلەپ ئىچىلغان بىر گۈل ئىدىڭ ،ھەر كۈن سەھەر سىنى ئەسلەپ ئويغۇناتتىم سەھەردىكى تاڭ شامىلى ماڭا ھەمرا بۇلۇپ  قەلبىم نەپرەپلەنگەن ئەمما روھىم  كۈلگەن ھالەتتە سەن بىلەن پىنھان مۇڭدىشىشنى باشلايتىم ،مۇڭدىشاتىميۇ ھىچ بىر چىكىگە يىتەلمەستىن بىھۇدە قىينىلاتتىم، روھىم بۇ قىلغانلىرىمدىن مەمنۇن بۇلۇپ كۈلسە، سىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتقان شۇ ئاسىي كۆڭلۈم مىنى دۇنيادىكى ئەڭ نادان ،بىچارە سۆيگۈ قەلەندەرىگە چىقارغاندەك  ئىغىر ئىغىر ئۇھسىنپ ھىچ بىر ھالىمنى قويماي مىنى تۈگىمەس ئوي قايناملىرىغا باشلاپ كىرەتتى،مەن راستىنلا دۇنيادىكى بىچارە سۆيگۈ قەلەندەرمىدۇرمەن؟ياق ياق ئۇنداق ئەمەس مۇھەببەتنىڭ ئەسلى تەمى مۇشۇنداق، مۇھەببەتنىڭ تەمىنى بىر تىتىدىڭمۇ بولدى خۇددى زەھەرگە خۇمار بولغان ئادەمدەك تاشلىمىقىڭ تەسكەن ،ئەلۋەتتە چارەڭ توغرا بولسا تاشلايدىكەنسەن بىراق سۈيگۈنىڭ مىھرى قەلبىڭگە ئاللىي بۇرۇن مۆھۈر كەبى ئورناپ كەتكەندە بىر سەن ئۈچۈنلا سۇقۇشنى ئىزدەيدىغان ئاشىق يۈرەككە نە ئامال!،نەپرەت دەمسەن ؟ئەمدى بىلسەم نەپرەتمۇ سۆيگىدىن كىلىدىكەن ئەمەسمۇ، بەزىدە تۇرۇپلا ئۇنتۇپ كەتتىم دىگەن يۈرەكلىرىم بىلەن سىنى ئەسلەپ قالىمەندە قۇلۇمنى ئىگىز كۈتۈرۈپ مىنى ئازاپتا پۇچىلىغان شۇ يۈرەكلەرنىڭ ئامانلىقىنى ئۇلۇغ رەببىمدىن تىلەپ كىتىمەن، ئىشەنگىن گۈلۈم  سەندىن ئاغرىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە سىنىڭ ئامانلىقىڭنى تىلەيمەن، بىلەمدىغانسەن؟ سەن مىنىڭ قەلبىمدە قەت كۈتۈرگەن مەبۇدە ماڭا سۆيگۈنىڭ تامىنى تىتىتقان بىردىنبىر ئىنسانسەن، شۇڭا مەن ساددىلىق بىلەن سىنى ئەسلەيمەن، ھەر ئەسلىگىنىمدە مىنى تەنھامىكىن دىمە كۆز ياشلىرىم ماڭا ھەمراھ ...توۋا ئاشۇ سەن ئۈچۈنلا سوققان يۈرەكنىڭ نىداسىنىغۇ ئاڭلىمىغىن ، بىراق مىنى تاشلاپ كىتەرىڭدە ماڭا بىر ئىغىز ‹‹خوش››دەپمۇ قۇيماستىن مىنى خۇددى ئۆزۈڭنىڭ قۇلىدا ئويناپ ئويناپ زىرىككەن ھىسياتسىز لاتا قونچىقىڭغا ئوخشىتىپ قويدىڭغۇ؟  شۇنداق، مىنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ھىچ بىر خاتاسى يوق سەن مىنىڭ سۆيگۈمنى قونچاق قىلىپ ئويناپ خارلىدىڭ،بۇلاردىن ئاغرىنىپ سەندىن نەپرەتلەنسەم ئارتۇقلۇق بولمايدۇ چۈنكى مىنىڭ يۈرۈگۈممۇ تۈمۈر ئەمەس گۆشتە، لىكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم گۈلۈم، چۈنكى سەن بىلەن سۆيگۈ كۇچىسىغا كىرىشنى ئۆزۈم بىكىتكەن ئەمما مەن نەدىن ئويلاپ يىتەي سىنىڭ بۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا كۈۋەجەيدىغان ئوتلۇق يۈرەكنى بۇنچىلىك ئەرزىمەس بىلىشىڭنى؟ ئىيىتقىنا مەن زادى قانداق چۈشۈنەي؟ ئەمما شۇنى بىلىپ قالغىنكى سەن ماڭا سۆيگۈ كۇچىسىنىڭ بەندىگە ئاتا قىلىدىغان تۇيغۇسىنى، مۇھەببەتنىڭ تۇنجى تەمىنى بىلدۈردۈرگۈچى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا سىنى قەلبىمدە تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن ئىدىم ،ئەمما بۈگۈن سىنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ خەيىرىلىشىش مەقسىتىدە قۇلۇمغا قەلەم ئىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن  مىنىڭ ئەسلا سىنىڭدەك جىمجىت كەتكىم يوق ،مۇھەببەت باشقا، ئارزۇ -ئارمانمۇ ھەم شۇنداق ۋاھالەنكى ۋىسالسىز سۆيگۈگە ئەمدى قەلبىمدىن خوش دەيدىغان ۋاقتىم كەلدى،ئاڭلاۋاتامسەن؟  قەلبىم ئىڭىراپ نىدا قىلماقتا:‹‹بولدى بەس ئەمدى ھەممىسى تۈگىدى›› ...

شۇنداق كۆڭلۈم توغرا ئىيتىدۇ، ئەمدى ھەممىسى تۈگىدى گۈلۈم،ھەتتا ئەسلىگۈدەك ئەسلىمىلىرىمىزمۇ تۇپراق قوينىغا كۈمۈلدى.. مەن بەزىدە ئۆزۈمنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى سىنىڭ پاك سۆيگۈمنى قەدىرلىمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلىقىمدىن، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى دائىم ئۆزىنىڭ ئالدىغا قۇيۇۋالىدىغان شۇ ساددا مىجەزلىرىمدىن كۆرىمەن!كىممۇ بىرىنىڭ دىدارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ‹‹ئاشىقمەن》دىيەلىسۇن ؟بۇنداق ئادەمنى ئەخمەق دىمەي دۇنيادا يەنە نىمە دەپمۇ ئاتايدىغاندۇ؟ئەمما مەن ئۈكۈنمەيمەيمەن، قىلغان شۇ ئەھمەقلىقىمدىن ئۈكۈنمەيمەن سەۋەبى مىنىڭ شۇ ئەھمەقلىگىم ئۆزۈمنى سۆيگۈ داۋانلىرىدا يىقىتقان بولسىمۇ، ھايات شامى كاج پەلەكنىڭ رەھىمسىز شاماللىرىدا ئۈچەيلا دەپ قالغان ئەزىز جاننى زەرىچە بولسىمۇ يىڭى ھاياتى كۈچكە ئىرىشتۈرگەن ئىدى ئەپسۇس ئىگىمىز ئۇ ئەزىزىنى بىزدىن ۋاقتىنچە ئايرىپ قويدى ،خەيرىيەت ئاللاھتىن دوستىمىزغا ھەر ۋاقىت جەننەتتىن ئورۇن تىلىدىم ھىلىھەممۇ تىلەۋاتىمەن.
قەلبىم دوستىمىزنىڭ مۇسىبىتىدىن قايغۇرىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا سەندىن تۇيۇقسىزلا مۇنداق بىر سۇئالنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ، قىنى

ئىيىتقىنچۇ كىم كىمنىڭ قەلىپ ئىشىكىنى ئاۋال چەككەن؟زادى مەنمۇ ياكى سەن؟ بۇ سۇئال ئالدىڭغا قۇيۇلغاندا چۇقۇم ‹‹سەن››دەيسەن،توغرا مەن چەككەن ئەمما ئويلاپ باق، مەن بىرەر قىتىم سەن بىلەن يۈزتىرانە دىدارلاشقانمۇ؟ دوستلۇق ئورناتقانمۇ شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئەخمەق سىنىڭ قەلىپ دۇنيايىڭدىن سۆيگۈ سورىدۇم قەلبىمدىكى تۇنجى سۆيگۈ نۇرىنى سىنى ياندۇرسۇن دىدىم بۇ بىلسەڭ ھەممىسى دوستۇڭنىڭ ئارزۇسى ئىدى ئاشۇ كاج تەغدىر بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىغان بىزنىڭ قىسقا سۆيگۈ خاتىرىمىزگە مەنا ھۈسۈن قۇشقان شۇ دوستىمىزنىڭ تىلىكى ئىدى ئەمما ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلاي مىنىڭ ساڭا بەرگەن بۇ پاك سويگۈمدىن ھەرگىز دەرگۇمان بولما ساڭا بولغان سۆيگۈم ئاشۇ سەن ماڭا قۇشۇلغان كۈندىن باشلىنىپ ھازىرغىچە قەلبىمدە كۈيۈپ  مىنى ناگان -ناگان ناگاندا ئازالاۋاتىدۇ ئەمما سەن بۇ سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرىنى يالقۇنلاپماي ئەكىسچە كۈل قىلدىڭ، بوپتۇ قاقشىمايمايمەن كۈزلىرىمنى ئەمدى نەملىمەيمەن تەغدىر رىسىق بىر ئەمەسكەن ئالدىمغا قاراپ بەخىتىمنى ئىزدەيمەن سەنمۇ شۇنداق قىلغىن، ئەسلىمىنى ئازاپنىڭ يىلتىزى دىسەك ئەمدى بۇ يىلتىز مەۋجۇت ئەمەس شۇ دوستىمىزنىڭ بىز بىلەن ۋىدالىشىشى بىلەن تەڭ بۇ ئەسلىمىلەرمۇ پۈتۈنلەي قۇرۇپ تۈگىدى، ئىسىڭدىمۇ؟ دوستىمىزنى شۇ نىجىس كىسەل چىرماپ ئالغىنىنى بىلگىنىمىزدە   بىر بىرىمىزگە مەدەت تىلىشىپ شۇ دوستىمىزنىڭ قالغان كۈنلىرىنى خوشال ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرىمىز ھەم جەريانلار؟ شۇ كۈنلەردە ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ كۈلكىسى بىزنىڭمۇ كۈلكىمىزگە ئايلىنىپتىكەن شۇ كۈنلەر گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ بىز ھەقىقى سۆيگۈنى بىر بىرىمىزگە يەتكۈزۈپتىكەنمىز شۇ كۈنلەردە ساڭا بولغان سۆيگۈم قەلبىمدە مەۋىج ئۇراتتى دوستلۇرۇم ھەم ئەتراپىمدىكىلەر ھەتتا سىنى ماڭا ماس كەلمەيدىغان ساناپ ئۇيۇنچى، مۇھەببەتنىڭ پىرى سانىغاندىمۇ ساڭا بولغان ئوتلۇق يۈرەك قىلچىمۇ تەۋرەپ باقمىغان چۈنكى سىنىڭ جەننەتتىكى پەرىشتەڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا ئىنىق دىگەن ‹‹ئۇنىڭ ئەتراپىدا گۈلدەك چىرايىغا مەپتۇن بولغانلا كۈرمىڭ ئەمما بىرەسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ››راسىت دىگەندەك  بىز دوستىمىزغا كۈيۈنۈپ سۆيگۈ بىلەن ئۈتىشىۋاتقاندا مەن تۇيۇقسىزلا سۆيگۈ رەقىبىگە دۇچ كەلدىم ۋە بۇ گەپنىڭ تىگىگە ھەقىقى يەتكەندەك بولدۇم، ئەلۋەتتە بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ھەر كىمنىڭ ئەركىنلىكى ئەمما پاراڭلىشىش ئارقىلىق شۇنى بىلدىمكى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى سىنىڭ قەلبىڭ ئەمەس روھسارىڭكەن...ئەنە شۇنۇڭدىن كىيىن مىنىڭ ئەتراپىم تىنجىپ باقمىدى ھەر كىم سىنى ھەر نىمە دەيتى ئەمما سەن چۈشەندۈرمەيتىڭ دەيدىغىنىڭ‹‹مىنى چۈشەن ماڭا ئىشەن››دىن ئىبارەت ئىدى
مەن ساڭا ئىشىنىپ دىگىنىڭدەك سىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشتپ دوستىمىزغا سەن بىلەن ئاۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۈلۈپ كەلدىم دوستىمىزغا نىجىس لەنىتى كىسەل بارا بارا مەككەم چاملاشقان بولسىمۇ تىرىشچانلىقلىرىمىز نەتىجىسىدە كەيپىياتى تۇراقلىق ئىدى، شۇ كۈنلەردە خۇددى قۇياش پارلاق تۇرغان ھاۋادا تۇيۇقسىزلا چاقماق چاققاندەك قۇلىقىمغا سەن توغۇرلۇق ئىشەنچىلىك بىرەيلەندىن خەۋەر ئاڭلاپ ئازاپتىن كەينىمگە داجىپ ئازاپتا ساڭا ‹‹ئايرىلايلى دىدىم ››مەنلا ئەمەس باشقا بىر ئوغۇل زاتى ئۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ شۇنداق قىلارمىكىن دەيمەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مەن بىزنىڭ بەختىمىزدىن كۈلىدىغان ئاللاھ ھۇزۇرىغا قەدىمى ئاز قالغان دوستىمىز ،سۆيگۈمىزنى دەپ سىنىڭ كۆز ياشلىرىڭغا چىدىماي قىشىڭغا يەنە قايتىپ كەلگەن ئىدىم، قالغان ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن چۈنكى كىيىنكى ئىشلار مەندىن ساڭا بەكرەك ئايان ...

بىلەمسەن؟ پەرىشتەڭ بىز ئىكىمىزنىڭ سۆيگۈ ئاچقۇچى ئىدى ئەمدى ئۇ ئاچقۇچ قارا يەر تىگىگە كۈمۈلدى، ئەسلىمىلىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇچۇپ  بىزگە ئەسلىگىدەك ھىچنىمە قالمىدى..سەنمۇ ماڭا پەرۋاسىز قارايدىغان بولدۇڭ،سەن ھەقلىقسەن،دىمىسىمۇ مەن سىنىڭ نىمەڭ ئىدىم؟ ھەتتا مەن بىلەن دوستىمىزنىڭ مۇسىبىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن  ئالاقىلاشقىنىڭدا ئۇنىڭ: ‹‹ئەگەر بەخىتلىك بۇلالمىساڭلار چۇققۇم دوست بۇلۇپ ئۈتۈڭلار››دىگەن ۋەسيەتلىرىنى يەتكۈزگىنىمدە سەن ئىپادە بىلدۈرمىدىڭ بارىلىق دوستىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ئۇنۇتقاندەك بىر ئىغىز ‹‹سەۋىر قىل ››دىگەن سۆزۈڭنىمۇ مەندىن ئايىدىڭ، ئۇنۇتما مەنمۇ ساڭا خىلى ھەمدەم بولغانغۇ ،بىردەمدىلا ئۇنتۇپسەن مەن نادان تىخى ۋىسالسىز سۆيگىمىزنى ئەسلەپ تۇرىدىكەنمەن، مەن نىمانچە ساددىدۇرمەن!ھەر نىمە بولسا مىنىڭ بەختىمنى تىلىدىڭ، تەشەككۈر بىراق ئەمدى سىنى ئەسلىمەيمەيمەن، مىنى ئۆزگۈرۈپسەن دىدىڭ ،ئەلۋەتتە سۆيگۈ كۇچىسى مىنى تاۋلاپ يىڭىچە بۇرۇنقىدىنمۇ ھاياتقا كۈلۈپ باقىدىغان يىگىت قىلدى  قىسقىسى ساڭا چىن يۈرەكتىن رەھمەت! مەن سەندىن نەپرەتلەنمەيمەن مىنى ئوبدان بىلىسەن ھاياتتا خىلى خىلى ئادەملەردىن ئۈمۈتۋارمەن شۇنىڭدەك كەلگۈسى بەختىمنىمۇ سەۋىر بىلەن ئىزدەۋاتىمەن !بەخىتىڭنى يىگانە ئاللاھتىن تىلەيمەن مانا بۈگۈن سەن قەلبىمدىن سۇلدۇڭ گۈلۈم، بىر كۈن ئەمەس بىر كۈنى سىنى ئاشۇ سۆيگۈمىزنىڭ ئاچقۇچى ئەسلىمىلىرى كۈمۈلگەن قەۋرە ئالدىدا كۈتىمەن، چۇقۇم كەلگىن!ھۈتىنەي ئەمدى قايغۇرما دوستىمىزنىڭ پەرىشتەڭنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن، ئۆز بەختىڭنى تىپىپ ئۇنى خوشال قىلغىن !
خەيىر گۈلۈم سىنى يىگانە ئاللاھىغا تاپشۇردۇم

مەنبە؛ئۆز  قەلىمىم
يازغۇچى:مىرئادىل ئادىل مەغرۇر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   magrurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 08:48 PM  


ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3816
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 01:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۈنلەردە تارتىۋاتقان ئازاپلىرىم سىزنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن...
مەن تېخى بۇنداق ئازاپلارنى مەنلا  تاتىۋاتقان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن...


بوپتۇ، سەۋىر قىلايلى، ئاللا  ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amalsiz★man تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 01:06 PM  


سەبىر ئەڭ ياخشى تاللىشىمدۇر .......

ئۈمۈد ۋە جاسارەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72773
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3816
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 01:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەبىر ئەڭ ياخشى تاللىشىمدۇر .......

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9123
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 01:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇھەببەت.......................................

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5970
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2888 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 03:05:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز ئىككى يولغا بۆلۇنۇپ ماڭغان  شۇ كۈنى  دەھشەت سوغۇق بولدى ..بەخىتلىك بول !!     قۇشلار ،سەھەر سەلكىنى ئوتلۇق تىلىكىمنى ،سالىمىمنى ساڭا يەتكۈزگەي.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 03:09 PM  


بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5970
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2888 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 03:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى ياقتۇردۇم قېرىندىشىم ،ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرگەي.....

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10217
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2337 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 04:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 03:08 PM
يازمىڭىزنى ياقتۇردۇم قېرىندىشىم ،ئاللاھ بەختىڭىزنى ب ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ھەدە، سىزگىمۇ ھەم بەخىتلەر يار بولسۇن!

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10217
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2337 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 04:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amalsiz★man يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 01:04 PM
مۇشۇ كۈنلەردە تارتىۋاتقان ئازاپلىرىم سىزنىڭكىگە ئوخش ...

توغرا قىرىندىشىم  ھەقىقى بەختىمىز ئۈچۈن سەۋىر قىلايلى،دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇھەببەتتە ھەققى بار ئەمەسمۇ؟سىزگە بەخىت تىلەيمەن، مۇزىكا قىستۇرۇپ قۇيۇپسىز تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 06:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن! شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ بۇ لىرىكا! ئاۋۇ لىرىك مۇزىكىمۇ شۇنداق ماسلىشىپتۇ.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!
nurjahan1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 06:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش