سېنىڭ قەلبىڭدە مۇھەببەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلىغاندا ، سەن سۆيگەن يارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت پەرىشتىسى تېخى يېڭىلا سوۋغا قىلغان مۇھەببەت ئىسىملىك گۈلنىڭ ئۇرۇقلىرى ئەمدىلەتىن بىخ سۈرىۋاتاتتى ........
سېنىڭ تىلىڭدىن ھەسەلدىن شىرىن ، ناۋاتتىن تاتلىق سۆيگۈنىڭ شەربەتلىرى تامچىپ ، يىمىرىلمەس مۇستەھكەم قورغان كەبى تۈمەن تۈرلۈك ۋەدە - قەسەملەر توختىماستىن ياڭراۋاتقاندا ، سەن سۆيگەن يار سەندىن پەقەت ۋاپا - ساداقەت ، ۋەدىسىدە تۇرالىغۇدەك يىگتلىك غۇرۇر ھەم ۋىجدان بولىشىنى تىلەپ اللاھقا زىكرى قىلىۋاتاتتى..........
قەلبىڭدىكى ئاۋايلاپ ئۆستۈرگەن سۆيگۈ گۈلزارلىقىڭغا ئۈششۈك تېگىپ ، باھار تەپتىدەك ئىللىق قەلبىڭنى ئاسىيلىقنىڭ مۇدھىش ئىس - تۈتەكلىرى قاپلىغان چاغدا ، سەن سۆيگەن يار ساپ مۇھەببىتى ، پاك ئەقىدىسنى بىر ساڭىلا بېغىشلاپ ، خازان بولۇشقا باشلىغان سۆيگۈ گۈللىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى ، بارىلىق مېھرى - مۇھەببىتى بىلەن پەرۋىش قىلىپ ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ۋاپا گۈلدەستىسى تىزىپ ساڭا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن جاپاكەش باغۋەن بولغانىدى........
سەن تولىمۇ تاش يۈرەكلىك بىلەن كۆزلىرىڭدىن سوغۇق نۇر چاچرىتىپ تۇرۇپ ‹‹ ئايرىلىش ›› بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندە، سەن سۆيگەن يار بۇ رەھىمسىزلىكىڭگە چىدىماستىن بۇلاقتەك چىرايلىق شەھلا كۆزلىرىدىن ھەسرەت - نادامەت ياشلىرىنى تۆكىۋاتاتتى.........
سەن تەقدىر ئۆزۈڭگە ئاتا قىلغان تولىمۇ مۇقەددەس بولغان چىن سۆيگۈنىڭ ئەلچىسىنى ناپاك جىسمىڭدىن قوغلاپ چىقارغان چېغىڭدا ، سەن سۆيگەن يار مۇھەببەت ئىلاھىغا تولىمۇ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى تېخى ئەمدىلا ئېيتىپ بېرىپ بولغانىدى...........
سەن سۆيگۈگە ئاسىي - گۇناھكار بولۇپ ، ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدا يايراپ يۈرۈشنى ئىختىيار قىلغىنىڭدا ، سەن سۆيگەن يار ئالدانغان ، خارلانغان سۆيگۈسى ، يەرگە ئۇرۇلغان ئەقىدىسى ئۈچۈن ھەسرەتلىك داستانىنى يېزىۋاتاتتى ........... سەن جانانىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن گۈزەل كەچمىشلەرنى قەلبڭنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يېرىگە دەپنە قىلۋەتكەن چېغىڭدا ، سەن سۆيگەن يار ئۇ گۈزەل كەچمىشلەرنى ئۆچمەس نەقىش قىلىپ قەلب خانىسىنىڭ تۆرىگە تىزىپ قويدى................
--------- شــەرمىــناز --------