مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 5

ئۆلۈم كۈتۈش نەقەدەر گۈزەل(قاراخان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2959
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16864
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 02:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈم كۈتۈش نەقەدەر گۈزەل
قاراخان
ئەجەل كەلسە ئەقىل ئادىشار،
بىئەقىلگە ئۆلۈم يارىشار.
بايلىق بولماس ئەجەلگە داۋا،
نادان ئەلگە بالا يامىشار.

ئادەم ئۆلمەس چاشقان پوقىغا،
چىۋىن قونار بارى يوقىغا.
تەن ساقلىققا دەرتمۇ كۈشەندە،
ئامال بارمۇ  ئەجەل ئوقىغا.

سامساق يەپمۇ ساق بولماق قىيىن،
مەگەر ساقمىز قەدرى بىر تىيىن.
تىرىكىدە ئاسرىماي جاننى،
يىغلايمىزمۇ ئۆلگەندىن كېيىن.

شۇڭا ئۆلۈم نەقەدەر گۈزەل،
ئۆلسە كۈيلەپ ئېيتىدۇ غەزەل.
بەش ئەزانىڭ ئاغرىقى يوق گەپ،
دىل ئاغرىسا قوزغايمىز جىدەل.

ئاغزىمىزدا شەھەر ئالىمىز،
يامانلىققا نەزەر سالىمىز.
گۈناھسىز دەپ قۇلاقنى ھەتتا،
پىچىرلىشىپ قالماس ھالىمىز.

ئۆلۈم كۈتۈش گۈزەل نەقەدەر ،
چوڭ كىچىك دەپ ئايرىماس سەپەر.
پىتنە تېرىپ ،جەددال بولغۇچە،
ئوچۇق گۆردە ياتقان چوڭ ھۈنەر!

2014-يىلى 23-قەھرىتان






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 11:43 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 08:13:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈمگە ھەرۋاقىت تەييارلىق قىلىپ يۇرغان ئادەمگە نىسبەتەن راستلا گۈزەلدۇر،لىكىن گۇناھ مەئسىيەتكە تولغان،مال-دۇنياغابىرىلگەن  كىشىلەر مەڭگۈ ئۆلمىسەم دەيدۇ~

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5413
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20282
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2289 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 08:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئېسىل تېمىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن..
تىلى تولىمۇ يىنىك چىقىپتۇ  رەھمەت ئاكا...
قەلەملىرىڭىز  ھارمىسۇن !

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 08:40:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئرلىرڭىزنى ئۆزۈمگە ئۆگۈنۈش ئۈلگىسى قىلۋالسام بولغىدەك رەھمەت


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 08:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئېسىل تېمىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن  خۇشالمەن. شىئىرى تىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن شۇنداق ئۆلچەملىك، مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ..ھارمىغايسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 614
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1199 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:46:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەركىمنىڭ چاچلىرىغا ئاق چۈشسۇن،


ئەجەل توشۇپ يۈزلىرىگە داغ چۈشسۇن .


ھەركىمنىڭ بېلىدىن قۇۋۋەتلەر كىتىپ،


قولىغا ھاسا ۋە بىر تاياق چۈشسۇن .



ئىمانى ساپ،يۈزگە كىرىپ يورۇق يۈز،


تويلار كۆرۈپ يەلكىسدىن تاغ چۈشسۇن .


كېتىپ قالسا ئەگەر دۇنيادىن،


ئۆز بالىسى قولىدىن تۇپراق چۈشسۇن !



Har kimning ham sochlariga oq tushsin,


Ajin tushsin yuzlariga, dog` tushsin.


Har kimning ham quvvat ketib belidan,


Qo`llariga aso — bir tayoq tushsin.



Imoni sof, yuzga kirib yorug` yuz,


To`ylar ko`rib yelkasidan tog` tushsin.


Jismiga so`nggi safar oldidan


O`z bolasin qo`lidan tuproq tushsin...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


شېئىرىڭىز بەك ياخشى چېقىپتۇ،


قارىسام بۇ شېئىرمۇ بەك ياخشىكەن ،تېما قىلىپ يوللاي دىسەم،  ئىككى كۇبلىتلا ئېكەن .شۇڭا شېئىرىڭىزنىڭ ئاستىغا يوللىۋەتتىم،


داۋاملىق ياخشى شېئىرلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.





Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش