23ياشلىق يىگىت 40 ياشلىق تۇل ئايال بىلەن توردا تونۇشقان بولۇپ، يىگىت ئايالغاكۆپ قېتىم مۇھەببەت ئىزھار قىلغان بولسىمۇ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئايالنىڭ ئۆيىدەئۇرۇشۇپ قېلىپ ئايالغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.
ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىگىلىشىچە: 23ياشلىق يىگىت چېن ** گۇاڭدوڭ كېياڭلىق بولۇپ، گۇاڭجوۋ دىكى مەلۇم بىر خۇسۇسىيئىگىلىكتىكى كارخانىدا خىزمەت قىلىدىكەن. 2013-يىلى يىلنىڭ بېشىدا چېن** بىلەن 40ياشلىق ئايال جاۋ ** Q Q ئارقىلىق تونۇشقان. ھەم بىرقانچە قېتىم يۈزكۆرۈشۈپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. شۇ جەرياندا چېن ** جاۋ** غا يۇشۇرۇن كۆيۈپقالغان.
2013-يىلى 8 - ئاينىڭ بېشىدا، چېن** جاۋ**غا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان، ئەپسۇس جاۋ** ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى رەت قىلغان. شۇ يىلى8-ئاينىڭ 13-كۈنى چېن** جاۋ** نىڭ ئۆيىگە بارغاب، لېكىن كۆرۈشەلمىگەن، شۇ سەۋەپتىنچېن**جاۋنى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، چېن ** بىنا ئۇستىگە چىقىپ، بىنادىنسەكرىمەكچى بۈلۇشتەك ئۇسۇلنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق، ئايالنى تەسىرلەندۈرەلمىگەن. ئاخىرىئەتىراپتىكى كىشىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن يىگىت بىنا ئۈستىدىن قايتىپ چۈشكەن.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى يىگىت يەنە بىر قېتىمئايالنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. بىراق، بۇ ۋاقىتتا ئايال يىگىتتىن قېچىپ، دوستلىرى بىلەنسىرتقا ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. يىگىت ئايالنىڭ ئىشىكىنى، قۇلۇپ ئاچىدىغانئۇستامنى چاقىرىپ كېلىپ ئاچقۇزۇپ ئۆيدە 2 كۈن ساقلىغان 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئايالئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. يىگىتنىڭ دىيىشىچەئۇلار شۇ كۈنى ئاتالمىش مۇھابىتى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچى بولغان، شۇجەرياندە يىگىت ئايالنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان گاندۇمنى بايقاپ قالغان، شۇ ۋاقىتتا ئاياليىگىتنىڭ قېشىدىلا باشقا ئەرلەر بىلەن تېلفوندا سۆزلەشكەن. بۇنداق ئەھۋالدا يىگىتئاتالمىش مۇھاببىتىنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەنمۇ مۇناسىتى بارلىقىدىن گۇمان قىلىپ،ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغان. ئاچچىقىغاپايلىمىغان يىگىت ئايالنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.
تەرجىمان ئىلاۋىسى:
ھازىر بىزنىڭ جەمىيتىمىزدىمۇ مۇشۇنداقئەھۋال باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى بايقىدىم. (بۇ جەھەتتە تەپسىلى توختىمايمەن. شۇنداق ئۆزىنىڭ ئاپىسىدەك ئايالغا *** بولۇپ قالغان يىگىتنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغان، شۇنداقلا شۇ يىگىتنىڭ بىرقانچە ساۋاقداش دوسلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئىشلارغا بىرىلىپ كەتكەنلىكىنى دەلىل ئىسپات بىلەن كۆرگەنمەن، شۇلارنىڭ تونۇشۇپ قېلىشىمۇ دەل چ چ بىلەن ھازىرقى مودا بولىۋاتقان ئۈندىدار) بۇ ئاچچىق ساۋاقنى كۆرگەندىن كېيىن ھەر قايسى ياش يىگىتلەر ئۆزىنىڭ ھاياتى،ئىنسانلىق، يىگىتلىك غورۇرىنى ئويلىشىپ، ھاياتنى قادىرلەپ، بىر نەچچە كۈنلىك، شۇنداقلا ۋاقىتلىق ھېسياتنىڭ قولى بولۇپ قالمسالىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئوتتۇرا ياشلىق خانىملىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ،ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرگە لاياقەتلىق ئانا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: ئەسلى ماقالىدە بىر قىسىمچەكتىن ئاشقان سۆز ئىبارىلەر بار يەرنى مەن مىللىتىمىز ئاممىۋىي ئەخلاقىنى كۆزدەتۇتۇپ،ئەسلى ئاساسىي مەزمۇنغا تەسىر قىلدۇرماي قىسقارتىۋەتتىم.
ئەسلى مەنبە: سۇمرۇغ تورى جەمىيەت ۋە قانۇن سەھىپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
http://news.ifeng.com/society/1/detail_2014_01/23/33263710_0.shtml?_bftuwen
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-23 02:34 PM