Word تا جەدۋەل ئىشلەپ ئۇنىڭدىكى سانلارغا قارىتا قوشۇش، كۆپەيتىش، ئوتتۇرۇچە قىممەتنى تېپىش قاتارلىق ماتىماتېكالىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشقا بولۇدۇ. قەدەم باسقۇچ مۇنداق:
1- ئاۋال جەدۋەلنى سىزىپ ئۇنىڭغا ھېسابلايدىغان ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈېلىپ نەتىجە چىقىرىدىغان كاتەكنى چېكىمىز.
2- « جەدۋەل- 表格 » تىزىملىكىدىكى « فورمۇلا- 公式» دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.
3- چىققان كۆزنەكتىكى « فورمۇلا- 公式» نىڭ ئاستىغا مۇنداق كىرگۈزۈمىز.
« رەقەم پىچىمى - 数字格式 » نىڭ ئاستىغا 0 نى كىرگۈزۈپ ( باشقا پىچىمنى ئاستىدىكى كاتەكتىن تاللىساقمۇ بولۇدۇ) جەزملەيمىز.
ئىزاھات:
SUM جەملەش فۇنكىتسىيەسى ( ئوتتۇرۇچە قىممەتنى تېپىش فۇنكىتسىيەسى AVERAGE ) بولۇپ LEFT دېگىنى سول تەرەپتىكىگە قارىتا ھېسابلاش دېگەننى بىلدۈرۈدۇ، ناۋادا يۇقۇرىدىكىگە قارىتا ھېسابلاش قىلماقچى بولساق ABOVE نى ئىشلىتىمىز ( ئوڭدىكىسى ئۈچۈن RIGHT) .
تاپشۇرۇق:
تۆۋەندىكىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش ئېلىپ بېرىڭ
فۇنكىتسىيە |
مەنىسى
|
فۇنكىتسىيە
|
مەنىسى
|
ABS |
مۇتلەق قىممەت
|
MIN
|
ئەڭ كىچىكى
|
AND |
ۋە، ھەم
|
MOD
|
قالدۇق سان
|
AVERAGE |
ئوتتۇرىچە
|
NOT
|
ئەكسى
|
COUNT |
ساناش
|
OR
|
ياكى
|
DEFINED |
ئىپادە توغرىلىقىغا ھۆكۈم
|
PRODUCT
|
قىممەتلەر كۆپەيتمىسى
|
FALSE |
نۆل، ساختا
|
ROUND
|
پۈتۈنلەش
|
IF |
شەرت
|
SIGN
|
پىلوس، مىنوسقا ھۆكۈم
|
INT |
پۈتۈنلەش
|
SUM
|
جەملەش
|
MAX |
ئەڭ چوڭى
|
TRUE
|
ھەقىقىي قىممەت
|
بۇنىڭ ئېلكىتاب ( PDF ) نۇسخىسى لازىملارغا
http://good.gd/2922284.htm ياكى
http://wenku.baidu.com/view/0e0fc4374a7302768f993937.html
يانفۇن نۇسخىسى
http://good.gd/2922285.htm ياكى
http://wenku.baidu.com/view/88f608fc6137ee06eef91836.html
مەنبە: ئىنتىل سەيناسى
http://www.intil.biz بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-23 10:32 AM