ئەقىللىق بىر خوتۇننىڭ قىزىغا قىلغان نەسىھىتى
ئەقىللىق بىر خوتۇن قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن مۇنداق نەسىھەت قىلغانىكەن :
ئەي قىزىم ! بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ ، باشقا بىر ئادەمگە يارۇ - يولداش بولدۇڭ ، سەن ئۈچۈن بەخت - ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن .
قىزىم ، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ئۆزىگە يولداش ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى ، شادلىقتا بىللە شادلانغۇچى يولداش بولۇش ئۈمىدى بىلەن سېنى قوبۇل قىلدى . ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن . ئۇ ھەر ۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن .
قىزىم ، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن ، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا كېرەك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار . ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرى ، بولۇپمۇ قېيىنئاناڭ ئاناڭ ، قېيىنئاناڭ ئاتاڭنى ھۆرمەت قىل . ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر . ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا ، قېينانا ، قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل . مۇشۇ يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل ، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان ، چۈنكى ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ . سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار ، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار . بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار . ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد ، تىنچ بولۇشىغا موھتاجدۇر ، ئائىلىدە ئازراق قايغۇ بولسا ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر .
قىزىم ! ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما ، ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما . باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما . چىرايىڭنى تۈرمە . ئەرلەر خوتۇنلىرى تەرەپتىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرەلەيدۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازراقلا نەرسىسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس . ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا ، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت .
قىزىم ، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن ، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول .ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما . ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسراپ تۇت ، ئىسراپ قىلما .
قىزىم ، ئۆيۈڭ تەرتىپلىك ، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن . بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق ، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش . ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك . بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خوشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ .
قىزىم ، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق ، تەربىيىلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىشلاردىن ئەمەس . ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ .
قىزىم ، بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ . دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلەپ ئۇنىڭ توغرا بولمىغان ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە .
قىزىم ، ئائىلە ھەر ۋاقىت نېمەت ئەمەستۇر ، بەزى چاغلىرىدا زەھىرى ، تىكىنى ، نەيزىلىرى ھەم بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغۇقچىلىق چۈشسە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن سۆزلە ، قىزىرىشما ، چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە ، ھۆرمەت قىل ، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما . ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر .
قىزىم ، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا ، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل ، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر .
\ئەسلى مەنبەسى:
ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورى