تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇختۇرۇش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1. ماقالە ئوقۇشقا قاتنىشىدىغان ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر: (ئېلىپبە تەرتىۋى بۇيىچە تىزىلدى)
1) ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
2) ئابدۇۋەلى مۇقىيت (غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى)
3) ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى (دوكتۇر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
4) ئەركىن ھاشىم (شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭخۇا ئەرلىك شۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى)
5) مىجىت لىتىپ (شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
6) يالقۇن روزى (مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى)
2. ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1- كۈنى (شەنبە)
3. ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 461-نومۇر، يېڭى نۇر ئالىي مەكتەب ئىمتىھانى تەييارلىق مەركىزى بىناسى 4-قەۋەت، 6-ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئۇدۇلىدا)
ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى: 13999980408، 18299154608، 18999882584 (مۇقىم تېلېفون)
www.bilkuch.com توربېكەت ئادرېسى:
2463225893 :qq
ئۈندىدار: bilkuch
ئەسكەرتىش: مۇھاكىمە يىغىن سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ رەتلىك ۋە يارشىملىق كېينىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!