مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 51115|ئىنكاس: 249

مەن ‹ئۇيغۇر›نى ئالىمەن .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 06:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ‹ئۇيغۇر›نى ئالىمەن

مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ، ئۇچىسىغا ھاۋا رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك، پۇتىغا قارا ئاياغ كەيگەن بىر قىز ھېلىدىن ھېلىغا بوينىنى سوزۇپ دەرۋازا ئىچىگە قارايتتى . قاشتېشىدەك سۈزۈك ،ئالمىدەك قىزىل يۈزى ، قاپقارا ھىلال ئايدەك ئەگمە قاشلىرى ، بۇلاقتەك تىنىق چوڭ قاپقارا كۆزلىرى، گىلاستەك قىپقىزىل لەۋلىرى ... ئىشقىلىپ بۇ قىز  شۇنچىلىك ئاز ساندىكى تەبىئى گۈزەللەرنىڭ بىرى ئىدى ... قاپقارا ، توم يىلاندەك ئىككى ئۆرۈمە چېچى ئۆزىدىكى گۈزەللىكنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك بىرسى قويسا بىرسى بىزنىڭ ئالدىغا ۈشۈۋالاتتى . بۇ قىز كىم دەمسىز ؟ بۇ قىز دەل بۇ ھېكايىمىزدىكى باش پېرسوناژلارنىڭ بىرى - رەنا . ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى -جىسمىغا لايىق رەنا ئىدى . رەنا ئۆزى ئىزدەۋاتقان سىمانى يىراقتىنلا تېپىۋالدى-يۇ، يۈگرۈپ ئالدىغا بېرىشتىن خىجىل بولۇپ، يەنىلا ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماي ئاشىقىنىڭ يېنىغا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى . ئېگىز بوي ، قاپقارا چاچلىق ، توم قاش بىر يىگىت رەنانى ككرۈپلا ، تىزلىكتە .ۇنىڭ ئالدىغا كەلدى . مانا بۇ دەل رەنا تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن يىگىت - قەيسەر ئىدى .
-ئۇزاق ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ؟دېدى قەيسەر رەناغا .
-ياقەي ، ھېچقىسى يوق ، ئىمتاھان نەتىجىڭىز چىقىپتۇمۇ ؟-دەپ قايتۇرما سورىدى رەنا جاۋابەن .
-ھەئە . لىكىن مۇئەللىم دەپ بەرمىدى ، ئەتە شەرەپ تاختىسىدىن ئۆزۈڭ كۆرۈۋال دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . مۇئەللىمنىڭ گېپىگە قارىغاندا خېلى يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوخشايمەن،- دېدى قەيسەر مەغرۇرلانغان ھالدا .
-ھەي!ئۇنداق پو ئاتماڭ جۇمۇ ، ھەقىقى نەتىجىنى كۆرىدىغانغا يەنە ئىككى يىل بار تېخى ،- دېدى رەنا قەيسەرگە نازلىق كۈلۈپ .
- ئۇنتۇپ قالماڭ ، سىزنىڭ يىگىتىڭىز جۇمۇ مەن ،- دېدى قەيسەر رەنانىڭ يۈزىنى چىمدىپ ئەركىلەتكەچ .
-ۋاي قىلىن ، تارتىڭە قولىڭىزنى ، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ ،- رەنا خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قاچتى .
-قاچماڭ دەيمەن ، توختاڭ ! تۇتۇۋالسام قويۇۋەتمەيمەن جۇمۇ!
- ئاۋال بىر تۇتۇڭە قېنى ....
  مانا بۇ قەيسەر بىلەن رەنا ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاددىي بىر قىسمى . گەرچە ئۇلار يۈرگىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ھەتتا بىرەر قېتىممۇ بىر-بىرىنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باققىنى يوق . ئۇلار مانا مۇشۇنداق ھۈرمەتلەپ ، كۆيۈنۈپ ، ئارىسىدىكى پەدىشەپنى يوقاتمىغان ئاساستا يۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ قەلبىگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بىخلاندۇغانىدى ...
   ئۇلار ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوياپ ، بىردەمدىلا رەنانىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدى . قەيسەر بىر ھازا ئىككىلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن رەناغا ئېغىز ئاچتى :- رەنا ، سىزگە بىر گەپنى دېسەم بولارمۇ دېمىسەم بولارمۇ؟
- قېنى دەڭ ، قۇلىقىم سىزدە ؟!
- مەن ... مەن ...
-ۋاي-ۋۇي، نىم بولدى سىزگە؟!ئادەتتە ماڭا گەپ بەرمەيدىغان شۇنچە كەسكىن ئادەم ئەجەپ بۈگۈن  تىلىڭىزنى چىشلەپ گەپ قىلالمايلا قالدىڭىزغۇ؟
- مەن ئوقۇمايمىكىن دەيمەن رەنا !
  رەنا قەيسەرنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك تەئەججۈپ، ئىككىلىنىش، ھەيرانلىق ھەم سوراق نەزەرىدە قەيسەرگە قارىدى:-نېمىشقا؟!
-سىزمۇ بىلىسىز، دادام مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قالغاندىن بېرى ھەتتا چوڭ-كىچىك تەرىتىنىمۇ ئۆزى قىلالمايدۇ ، ئاكام تۈرمىدە ، يەڭگەم بولسا ئىككى بالىنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىۋالدى ،ھەتتا ھېيت-بايراملاردىمۇ ئىزدىمەيدۇ ، سىڭلىم تېخى مەكتەپكىمۇ كىرمىدى، يەنە تېخى ئاكامنىڭ بالىلىرىمۇ بار . ئاپام ماڭا ھاردىم تالدىم دېمىگىنى بىلەن ، ئاپامنىڭ ھارغىن ، مۇڭلۇق كۆزلىرىگە قارىسام ... يۈرىكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئاغرىيدۇ . مەن تولىمۇ يارامسىزكەنمەن، مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ ، ئانامغا ، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا تۈزۈك ياردەملىشەلمىدىم . بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىپ كېتىمەن ....
  رەنا دەرھال ئاپئاق، يۇمران قوللىرى بىلەن قەيسەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى ،- ئۇنداق دېمەڭ ، سىز ئەڭ ياراملىق ئوغۇل ، ھېلىمۇ ئاپامغا ياردەملىشىمەن دەپ ، نەچچە كۇن ، نەچچە كۈنلەپ مەكتەپكىمۇ كەلمىدىڭىز ، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يەنە ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدىڭىز ، ئالىي مەكتەپ .ىمتىھانىغا بىريىل قالغاندا ... رەنا قەيسەرنىڭ كۆزىدە لىغىلداپ قالغان ياش تامچىلىرىنى كۆرۈپ دېمەكچى بولغان گېپىنى يۈتىۋەتتى :- ياق ، سىز ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ . سىز دېگەن يېزىمىزدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ، سىز چوقۇم ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيسىز . ماڭا ۋەدە بېرىڭ قەيسەر، چوقۇم تىرىشىپ ، ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتىمەن دەپ ۋەدە بېرىڭ . بولامدۇ؟!
قەيسەر بىر مىنۇت ئايرىلىشىقا چىدىمايدىغان مەھبۇبەسىنىڭمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ، ئازاپلىنىشىنى خالىمىدى بولغاي دەرھاللا بېشىنى لىڭشىتپ ، ماقۇللۇق بىلدۈردى :- چوقۇم ! بولدى ، كىرىپ كېتىڭ . ئاپىڭىز ئەنسىرەپ قالىدۇ .
- ماقۇل . سىزمۇ قايتىپ كېتىڭ ، ئەتە كۆرۈشەيلى ، خوش !
-خوش !
  قەيسەر رەنا كىرىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلىغىچە شۇ يەردە رەنانىڭ ئۆيىگە قاراپ تۇردى ھەمدە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى :سىزنى چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال قىلىمەن رەنا !.....
   رەنا ئىشىكتىن كىرگەندە ئاپىسى چىرايلىق ياسىنىپ ، قىزغۇچ بۈدرە چاچلىرىنى قويىۋېتپ ئەتىر چېچىۋاتاتتى .
-ئاپا مەنن كەلدىم .
قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئانار ھەدە ھېچقانداق ئىپادىسىزلا ھە! دەپ قويدى . رەنا كىچىكىدىنلا ئاتا- ئانىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن ، مومىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغانىدى ، شۇ سەۋەپلىكمىكىن ، رەنا ئاپىسىنىڭ ياسىنىشلىرىنى ، گىرىملىرىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى ، لىكىن نىمىلا دېگەن بىلەن ئۆز ئاپىسىدە ، شۇڭلاشقىمىكىن رەنا ئاپىسىغا چىش يېرىپ بىر نەرسە دېگۈسى ، ئاددىسى پاراڭلاشقۇسىمۇ كەلمەيتتى ، چۈنكى ئاپىسى ئۇنى مېنىڭ قىزىم دېمەستىن ، گەپتە چېقىۋالاتتى .
-مەن دادىڭىز بىلەن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىگە زىياپەتكە بارىمەن ، توڭلاتقۇدا تەييار چۆپ بار . قورسىىقىڭىز ئاچسا شۇنى سېلىپ يەڭ . بۈگۈن كەچرەك قېلىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا تاپشۇرۇقلىرىڭىزنى ئىشلەپ بوپ ، يېتىۋېرىڭ . مەن ماڭدىم ،- دېگىنىچە ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى . رەنانىڭ بۈگۈنمۇ تاماققا رايى بارمىدى . مۇشۇنداق يالغۇز قالىدىغان كۈنلىرىنى ئويلىسىلا ئىچ-ئىچىدىن يىغا تۇتاتتى . ەنانىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە : باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان يىللىرى ، رەنانىڭ دادىسى كاماندروپكىغا ، ئاپىسى قاتار چايغا كېتىپ ، رەنا ئۆزى يالغۇز تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز توك كېتىپ ، رەنا قاپقاراڭغۇ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز يىغلاپ ، سىرتقا چىقىپ قوشنىلاردىن ياردەم سوراشنى ئويلاپ ، ئىشىكنى تارتقان ۋاقتىدا ، ئىشىكنىڭ ئاپىسى تەرىپىدىن سىرتتىن قۇلۇپلىۋېتىگەنلىكىنى بىلگەن رەنا تولا يىغلاپ ، قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىل،ايتى ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتا- ئانىسىدىن كۆڭلى سوۋۇغانىدى .. كېيىن بۇ خىل ئەھۋاللارغا رەنامۇ ئاستا - ئاستا كۆنۈپ قالغانىدى . رەنا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بوپ ، قەيسەر سوېغا قىلغان ھال رەڭلىك خاتىرىگە قاراپ چوڭقۇر خىياللارغا پاتتى .... بىچارە قەيسەر ، سىزگە بەك ئۇۋال بولدى ، بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن سىنىقى ، چوقۇم قەيسەر بولۇڭ . بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .... دەپ ، قەيسەر بىلەن كېيىنكى ئىشلىرى ، توي كۈندىكى ئەڭ تاتلىق ، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى ....

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .


(بۇ ئەسەرنى يا ئاتا-ئانىلارنى ، يا قىز-ئوغۇللارنى سۆكۈش مەقسىتىدە يازمىدىم . ئەسىرىمدىن پۇتاق چىقارماقچى بولغانلار ئاۋارە بولۇشماي ئۆز يوللىرىغا ماڭالا ! ئۇزاتمىدىم ئەمىسە ...)



  


00cf5fb0a029a669.jpg
132853460.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1423 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:31:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ جۇمۇ..........شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم ،بىراقلا يوللىسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن ھە
ئاخرىنى سەل چۈشەنگەندەك قىلىمىنا مەنشۇنداقتىمۇ ۋاششاڭشىتىپ بىر يېزىۋېتىڭە بىر ئوقۇۋېتەي
ماۋۇ كۆز تولا ساقلاپ 888888888888888888 بولۇپ كەتمىگەي ھە

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان چىقار ئاخىرى ئەمدى.

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazukay2 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 07:33 PM
قاچان چىقار ئاخىرى ئەمدى.

ئاللا خالىسا ئەتە داۋامىنى يوللايمەن . بۇ ئايلىق ئېقىم مىقدارىم تۈگەپ كېتىپتۇ ، ئەتە پۇل قاچىلىۋېلىپلا يوللايمەن .

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102532
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2014-1-19
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق يوللاڭ، مەرھابا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاييەي   ..  شۇنداق   قىزىقىپ   ئوقۇۋاتسام     داۋامى   بار  دەيدىغۇ   ..   قاچانغىچە   ئېڭەك    يۆلەپ    ئولتۇرامىز    .....

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1684 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى باشلىنىپتىكەن، قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم. تۈگەپپ كەتتى ئەمەسما...... ئاخىرىنى تىزرەك يازارسىز، ئادەمنى تەقەززا قىلماي.......

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1684 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇق 1- نىڭ ئوقۇغۇچىللىرما؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1964 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالساممۇ ‹‹ئۇيغۇر قىزى››نى ئالىمەن .بىشىدا چىمەن دوپپىسى ،رومىلى ،ئەتلەس كۆينىكى ..............

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

نەگە كېتىپ بارىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66783
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4813
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق يوللىسىلا تەقاززا قىلماي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش