مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1173|ئىنكاس: 11

«ئالدىنقى ئون» نىڭ ئىچىدىكى بالىلار (شاھىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102483
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 01:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئالدىنقى ئون» نىڭ ئىچىدىكى بالىلار

قۇربان داۋۇت شاھىدى

تەربىيە بۈيۈك خىزمەت، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى تەربىيە بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

                                                 -ۋ.گ. بېلىنىسكى

مەن تىلىمنىڭ قاتتىق، پىكىرلىرىمنىڭ تومتاق چىقىپقالماسلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر تېما ئۈستىدىكى گەپنى سەل نېرىدىن باشلاشنى مۇۋاپىقكۆردۈم. چۈنكى، بەزى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ئۇچۇرلار، تۇرمۇش كارتىنىلىرى،يەنە ھەم دىل يارىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان جاراھەت، يېغىرلار مۇشۇ «ئالدىنقى ئون»نىڭ ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا، ياكى بولمايدۇ ئۇشبۇ تېمىغا ماسكېلىپ قېلىش مۈمكىنچىلىكى بار. مەن بۇ تېمىغا كىرىش ئارقىلىق مەكتەپلىرىمىزدىكى(ئاساسلىقى بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ)  ئۆز سىنىپىدا، پاراللىل يىللىقلار ئارىسىدا، پۈتۈنمەكتەپ بويىچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئالدىغا ئۈزۈپ چىققان ئون نەپەرئوقۇغۇچىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، شۇ بىر مەكتەپ ماختىنىدىغان، ئاڭلىغان،كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەۋەسلىنىدىغان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارغا، ئۆز خىيالىمىز،ئەندىزىمىز بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئۈمىدلىك نوتىلارغا، مېڭىسىنى،تەپەككۇرىنى، خاراكتېرىنى ئۆزىمىز لايىھەلىگەن ئۆتكۈر بالىلارغا تېگىش، ئۇلارغاچېقىلىش خىيالىم ئەسلا يوق. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسى، بىز ئۇلارغاتەلىم بەرگەن. ئۇلار تىنىچ، خاتىرجەم، ئاددىي- ساددا، بالىلىق قىلىقى بىلەن ئوقۇپ،ئويناپ كۈلۈپ  يۈرگەنلىرىدە ، ئۇلارنىتۇتۇپ ئەكىلىپ دەرىجىگە ئۆزىمىز توختاتقان، ئاشۇ قاتارغا ئۆزىمىز تىزىغان. دەرسخانىدا،مەكتەپتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەت بېغىدا تۆر، پەگا يەنە تېخى «ئەليۇلئەلا» (مەن بۇسۆزنىڭ مەنىسىنى بىر ئەلنىڭ، بىر يۇرتنىڭ ئەلاچىسى، ئەڭ بىلىملىكى دەپ چۈشەندىم)دەيدىغان بىر تەختنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنى بۇ ئورۇنلارغا مەجبۇرىي ئولتۇرغۇزۇپ،بۇ ئوماقلىرىمىزنى تەڭتۇشلىرى ئالدىدا، چوڭلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ئوڭايسىزلاندۇردۇق.  قېرىلارمۇ مۇنداق بىر سۆزنى تولا دەيدىغان:«چاقنى بۇزغان تانىسى، بالىنى بۇزغان ئاتا-ئانىسى». پېداگوگلارمۇ مۇنداق دېگەنغۇ:«ئوقۇغۇچى دېگەن بىر ۋاراق غۇبارسىز ئاق قەغەز، ئەگەر ئۇنىڭغا سىيا تېمىپ(تۆكۈلۈپ) لا كەتسە، بۇ ئاپپاق قەغەز كېرەكتىن چىقىدۇ». مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندابالىلارنى بىر پارچە كېرەكلىك ماتېرىيال ياكى تۆمۈر دېسەك، بۇنىڭدىن تۇرمۇشقائېھتىياجلىق بولىدىغان بىرەر بويۇمنى سوقۇپ چىدىغانلار دەل بىز ئاتا-ئانىلار ۋەياكى ئوقۇتقۇچىلاردۇرمىز. ئەسلىدە بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەرقانداق ئىشقا تەييار بولۇپقالغان، ئىشلىتىشكە يارايدىغان، ئاساسىي جەھەتتىن قولدىن چىققان، گېزى كەلگەندەسەل-پەللا تۈزەشتۈرۈپ قويساق بولىدىغان بىر غۇبارسىز سەبىيلەر سېپى بار ئىدى، ھېلىدېگەندەك تامامەن ئىشقا يارايدىغان، ئىشلىتىشكە بولىدىغان نەچچە ۋاراق ئاق قەغەز، قانچىلىغانئېسىل قۇيۇچ، تۆمۈرلەر تۇراتتى. ھالبۇكى، نەق ئىشنىڭ ئۆزىگە تۇتۇش قىلغاندا بىزنىڭتەربىيە تالانتىمىز، بۇغداينى ساماندىن ئايرىش ماھارىتىمىز، كېرەكلىك ھەم مۇھىمنەرسىلەرنى بايقاش، پەرقلەندۈرۈش، كۆرۈش ئىقتىدارىمىز، ۋۇجۇدتىكى نازۇك، زىلمەسىلىلەرنى ھېس قىلىش، بىلىش دىتىمىز كۆپىنچىمىزنىڭ يەتمەي قالدى. ئەلۋەتتە،بالىنى تۇغقان، بېقىپ چوڭ قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ مۇشۇ دىتى كەملەرنىڭ قاتارىغاتىزىلىشى كېرەك. سەۋەبى ئائىلە ئەڭ دەسلەپكى مەكتەپ، مەرىپەتنىڭ بۆشۈكىدۇر. ئاتا-ئانابولغۇچى بالىنى مەكتەپكە بېرىۋەتسىلا مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت بىلەن ئالاقىسىئۈزىلىدىغان ئىش يوق. بىزدىن 100 يىل ئىلگىرى ياشىغان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسىدەپ تەرىپلىنىدىغان ئالىكسىي ماكسىموۋىچ پىشكوف گوركىيمۇ: «ئاتا-ئانىلارئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئۇستازى» دەپ يازغانىدى. نەھايەت، بىز ئادەم تەربىيەلەشئەمگىكىدە تەبىئىي يوسۇندىكى دائىملىق مەشغۇلاتلارنىمۇ بەكلا ھەم ئارتۇقچە مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتۇق.مەن بۇ يەردە قۇلاق ئاڭلىغاندىن ئەمەس، پەقەت كۆز بىلەن كۆرگەن، بالا تەربىيەلەشجەريانىدا ۋىجدانىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان، ئادىمىيلىك مىزانىم بىلەن دەتالاشقىلىشىپ قالغان، مېنى سۆزلەشكە دالالەت قىلغان بىر قىسىم مەسىلە، يات ئەھۋاللارئۈستىدە، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇستازلىقنىڭ مۈشكۈل- مۇشەققىتىنى يەتكۈچەتارتىپ، ئۇنىڭ شەرىپىدىن بەھرە ئېلىۋاتقان مۆھتىرەم مۇئەللىملەرنىڭ روھىيدۇنياسىغا سىغدىلىپ كىرىپ پاراكەندە قىلىۋاتقان  ۋىرۇس، يۇقۇملار ھەققىدە، دىلىستان ھەمگۈلىستانىمىزدىكى مالامەت ۋە كامالەتلەردىن ئارىيە، ئۈزۈندىلەر ئېلىپ قىسمەن بولسىمۇتوختالماقچى.

ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت-تارىخ ئالىمىئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن مۇئەللىم: «ئىنساننىڭ ئىنساننى ئويغۇتىشى ۋەھىي، مانا بۇمەرىپەتتۇر» دېگەن ئىدى. بىزگە مەلۇم، مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن ئۇۋىدائىنساننىڭ ئىنساننى ئويغىتىپ، ئادەم ئادەمگە ئادەملىكنى، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنىئۆگۈتۈپ كېلىۋاتقىنىغا تولىمۇ ئۇزاق يىللار بولدى. مائارىپ، ئوقۇللىرىمىزئاللىقاچان تەرتىپلىك، ئۆلچەملىك، قانۇنىيەتلىك بولۇش يېشىغا توشتى. ئوتتۇرائەسىردىكى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شاھىدى، ئادەم تەربىيەلەشھەققىدىكى بۈيۈك ئابىدە، كىلاسسىك مائارىپ رىسالىسى قۇتادقۇبىلىك ناملىق ئەسەردىمۇمۇنداق دەپ يېزىلغان:

بىلىم ئۆگەن، ئۆزۈڭگە تۆردىن جاي ھازىرلا،

   بىلىم بىلىش ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت قورغاندۇر.

بىلىمسىزيۈرىكىڭ، تىلىڭ نېمىگە يارايدۇ؟

      بىلىم بىلەن ھەممە كىشىگە سۇدەك پايدىلىقبول.

قانچىلىكبىلسەڭمۇ يەنە ئۆگەن، ئىزدەن،

قارا،بىلىملىك سورا-سورا تىلىكىگە يېتىدۇ.

    «بىلىمەن» دېسەڭ، سەن تېخى بىلىمدىن يىراق،

بىلىملىكلەر ئارىسىدا بىلىمسىز ھېسابلىنىسەن.

بىلىم تۈۋى ۋە چېكى يوق بىر دېڭىزدۇر،

      سۇندۇك شوراپ، ئۇنىڭدىن قانچىلىك سۇئالالايدۇ؟

  بۇ بىلىمىڭ بىلەنلا بېشىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ،

بىلمەيدىغانئۆزۈڭنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇر.

ئەگەر بۇ قۇرلارنى شېئىر دېسەك، بۇنداقئېسىل، بۇنداق چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىر يەنە نەدە بار؟ ئەگەر بۇ قۇرلارنى ئىنسانبالىسى ئۈچۈن تەقدىم ئېتىلگەن ھېكمەت جۇغلانمىسى دېسەك، جاھان ئىچرە بۇنداقسەردارە ھېكمەتتىن يەنە بىرنى كۆرسىتىش مۈمكىنمۇ؟ يەنە ئەگەر بۇ قۇرلارنى ئەۋلاد- بوغۇنلارئۈچۈن پۈتۈلگەن ئەتىۋارلىق تۇمار دېسەك، بۇنداق بىباھا، بۇنداق خاسىيىتى چەكسىزتۇماردىن يەنە بىرنى تاپقىلى بولارمۇ؟! بۇ سۇئاللار ئالدىدا بىز چوقۇم مەڭدەپقالىمىز، ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ، خىياللارغا غەرق بولىمىز. قېنى ئويلايلى،  ھېسابلاپ كۆرەيلى، بۇ شېئىرنىڭ، بۇ ھېكمەتلىكتىلتۇمارنىڭ رەڭگى، جۇلاسى، مەزمۇنى، ھىدى ۋە پۇرىقى دەل مىڭ يىلنىڭ قوينىدىنئامان چىققان، ئۆڭمىگەن، ئۆزگەرمىگەن، ئاجىزلاشمىغان، چېچىلمىغان، چىرىمىگەن يەنەداۋان ئاشالايدىغان سېھىرلىك كۈچكە ئىگىدۇر. مىڭ يىل ئىلگىرىكى بۇ دېداكتىك ئىبارەبۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرى ئۈچۈنمۇ تامامەن ماس كېلىدۇ، ھېچبىر كونىلىق قىلمايدۇ.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەنە تېخى قىممىتى، شۆھرىتى ئېشىپ بېرىۋاتىدىغۇ؟!شۇنداق، ئالىم بوۋىمىز بۇ ئۈگۈتتە ئادەم بىلىم ئىگىلەش، تەلىم-تەربىيە ئېلىشتاقىلچىمۇ بىخەستىلىك قىلماسلىقنى، كەمتىرانە روھ بىلەن داۋاملىق ئىزدىنىپ، داۋاملىقئۆگۈنۈپ ئۆزىدىن ھالقىشى كېرەكلىكىنى قاتتىق جېكىلەيدۇ. لېكىن، بىز توققۇزى تەلزاماندىكى ئاتا- ئانىلار، ئېلىكترون، ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، جەمئىيەتئەزالىرى ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ سەزگۈر، ئىنچىكە، نازۇك ھەم ئورتاقمەسىلىدە مىڭ يىل ئاۋالقى كىشىلەرچىلىك بولالىدۇقمۇ؟!

    70-يىللاردىكى مەكتەپ بىلەن ئالاقىدار، مۇئەللىمبىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلار ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ھېساب دەرسىدە مۇئەللىمقوشۇش -ئېلىشنى ئوڭاي ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ياغاچتىن 15-20 تالدىن چۇكا ياساپ كېلىشكەئورۇنلاشتۇراتتى. بىز كىچىك بولغاچقا چۇكا ياسىيالماي قىينالساق، مۇئەللىممېھرىبانلىق بىلەن بىزگە كۈيۈنۈپ، بىزگە ئىچى ئاغرىپ چۇكىلارنى ئۆزى ياساپبىرەتتى. بۇ چۇكىلارنى بىز دەرس ۋاقتى پارتىمىزنىڭ ئۈستىگە يېيىپ قويۇپ تۇرۇپ،قوشۇش- ئېلىش ساۋادىنى ئۆگىنەتتۇق.  ماناھازىر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇنداق چۇكا ياساپ بېرىدىغان، بالىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىئارتۇقچە «زايا» قىلىدىغان، ئارتۇقچە ئىش قىلىپ ئۆزىنى ئۇپرىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلاريوقاپ كەتتى. شەخسەن مەن مۇشۇ 28 يىلدىن بۇيان مەكتەپتە ئىشلەپ يۈرۈپ،ئوقۇغۇچلارغا چۇكا ياساپ بەرگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمماھېلىقى ئەينى يىللىرى بىزگە چۇكا ياساپ بەرگەن مۇئەللىمنى بولسا، ھازىرغا قەدەرئەسلەپ، سېغىنىپ كېلىۋاتىمەن.

ئاشۇ يىللىرى بىزنىڭ مۇئەللىم (سىنىپمۇدىرىمىز) تەنتەربىيە دەرسىنىمۇ  ئۆزىئۆتەتتى. مەكتەپتە پەقەت بىر تاللا ۋاسكىتبول بولسا كېرەك، بۇ توپنى بىزكەمدىن-كەم ئويناپ قالاتتۇق. سەۋەبى توپنى يىرتىلىپ كېتىپ قالسا، بايرام، خاتىرەكۈنلەردە بولىدىغان مۇسابىقىلەردە ئىشلىتىدىغان توپ يوق بولۇپ قالىدۇ دەپ قاراپ،مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى ساقلايدىكەن. ئەمما شۇنداق ئەھۋالدىمۇ مۇئەللىم بىزنىزېرىكتۈرۈپ قويمايتتى، بىزگە ئويۇن تېپىپ بېرەتتى. بىز تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا،يەنە بەزىدە دەرستىن چۈشكەندە مۇئەللىمنىڭ چۆرىسىگە ئولۇشۇپ ئولتۇرۇپ، بىرلىكتەقارت، دامكا دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق. ئۇ چاغلاردا بۇ نەرسىلەرنىمۇئوڭايلىقچە تاپقىلى بولمايتتى. مەن قارت ھەم دامكا، شاھمات ئويناشنى شۇ يىللىرىئۆگەنگەنىدىم. ئارىلىقتا يەنە ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەنئاشۇ مۇئەللىمنى يوقلاپ باردىم. گەپ ئارلىقىدا مۇئەللىم ماڭا: «قۇربانجان، سىزگەبىر نەرسىنى كۆرسىتەي، بىر كۆرۈپ بېقىڭا»،-دەپ، كونىراپ، تىتىلىپ رەڭلىرىمۇسۇسلىشىپ كەتكەن، ھەرخىل پىلاستىر بىلەن ئۈستى-ئۈستىگە ياماق سېلىنىپ، يەملەپتۈزەشتۈرۈلگەن بىر قارتنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن قارتقا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ،پەرۋاسىزلا قىياپەتتە: «بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى بىزنىڭ قارت شۇمۇ نېمە؟»،-دەپ،چاقچاق قىلدىم. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مۇئەللىم جىددىي تەرىزدە: «ھەئە، دەل ئۆزىشۇ، مەن بۇنى ئاشۇ كۈنلەرنىڭ يالدامىسى ئورنىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن»، -دېدى. مەن چۆچۈپكەتتىم، شۇ تاپتا بۇ بىر تال كونا قارت مېنى ئادىمىيلىكىمگە قايتۇرماقتا ئىدى. مەنسۈكۈت ئىچىدە دىققىتىمنى يىغىپ مۇئەللىمگە، يېشى 70 لەردىن ئاشقان بولسىمۇ،يۈرىكىدە ئۇستازلىق، چىن ئىنسانلىق ئوتى گۈرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرغان بۇ ئاجايىپ ئادەمگەتولۇپ-تاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتىم بىلەن قايتا سەپ سېلىپ قاراپ كەتتىم. چۈنكى مەنمۇشۇ تاپتا بىلىپ-بىلمەي دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر دەرسنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇپقالغانىدىم. ئەپسۇسكى، كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ پىشقەدەم ئۇستازمۇ پانىيئالەمدىن كەتتى. مەن مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بەكلا مەيۈسلەندىم،يۈرىكىم ئېزىلدى. ئىچىمدە: «بالدۇر كېتىپتۇ» دەپلا قالدىم. شۇ چاغدا يۈسۈپ خاسھاجىپ بوۋىمىزنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى كۆز ئالدىمدىن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى:

ئۇ بىلسۇندامكا، شاھماتنى خوپ،

ئويۇنغا چۈشكۈچىنى ئالسۇن ئۇتۇپ.

       ئۇ بىلسۇن چەۋگەننى، ئاتار بولسۇن ئوق،

يەنە قۇشچى،ئوۋدا تەڭدىشى يوق.

بىزگە چۇكا ياساپ بەرگەن مۇئەللىم بىلەن بىرتال قارتنى 20 نەچچە يىل ساقلىغان مۇئەللىم نەزەرىمدە ھەقىقىي ئۇستازلاردىن ئىدى.ئۇلار مەكتەپنى ئۆز ئائىلىسى دەپ بىلىدىغان، ۋەتەننىڭ، يۇرتنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆزبالام دەپ قارايدىغان، بالىلارنى يۇقىرى-تۆۋەن، ئالدى-كەينى، ياخشى-يامان دەپئايرىپ باھالاشنى راۋا كۆرمەيدىغان، ئىنسان بالىسىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى خاتالىشىش،گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك، تەربىيەنى پاكىزلىق، ساپلىق دېمەكلىكتۇر دەپ تونۇيدىغانھەقىقىي ھەم ھەققانىي مائارىپچى، لىللا ئادەملەردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ گۈزەل ئوبرازى،گېگانت سېيماسى، مەردانە خىسلىتى، يىتۈك كۆيۈمچانلىقى، ھەشەم-دەرەملەردىن خالىي ساددا،ساداقەتمەن، مەكتەپتىن، بالىلارنىڭ يېنىدىن مۇتلەق يىراق كەتمەيدىغان، قىيىن، تەسكۈنلەردىمۇ، سېرىقتال تۇرمۇشتىمۇ كۈلۈپ تۇرالايدىغان خاراكتېرى باشقا بارلىقبالىلارنىڭ قەلبىگىمۇ مەڭگۈلۈك ئۇيۇلۇپ كەتكەنىدى.

مەن 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى خىزمەتكە تەقسىمقىلىنىپ، چەترەك بىر يېزىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. مەن تۇنجى بولۇپ، شۇچاغدىكى مەكتەپ مۇدىرىمىز روزى مۇھەممەت (بۇ كىشى ھازىر ئالەمدىن ئۆتتى، مەرھۇمتولىمۇ قابىل ئادەم ئىدى) مۇئەللىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يەنە بىر قېتىم ئويغاندىم.مۇدىر بىزگە دائىم ئاتىلارچە نەسىھەت قىلاتتى، پېداگوگىكا نۇقتىسىدىن چىقىپ تەلەپنىقاتتىق قوياتتى. ئۇ ھەر قېتىملىق يىغىن، كەسپىي ئۆگۈنۈشلەردە: «بالىلارغا ئالدىبىلەن ئۆزىمىز ئۈلگە بولايلى، بالىلار قىلسا بولمايدىغان ئىشلارنى بىز قىلمايلى،بالىلارغا كۆيۈنەيلى، كۆيۈنۈش ئەڭ ياخشى دەرس، ئەڭ ياخشى تەلىم-تەربىيە، بالىلارغاباراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلايلى، سەت-چىرايلىق دەپ ئايرىمايلى، كىيىم-كېچىكىگەقاراپ مۇئامىلە قىلمايلى، بالىلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تاماق يېمەيلى، ھاجەتخانىغابارمايلى، تولا كىيىم يەڭگۈشلىمەيلى، سودا، ئېلىم-سېتىم بىلەن شۇغۇللانمايلى،ئوقۇتقۇچىلىق دېگەن جاپاسى جېق بولغان بىلەن شەرەپلىك خىزمەت، پەقەت پۈتۈنۋۇجۇدىمىز بىلەن كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىشلەيلى»،- دەپ سۆزلەشنى زادىلا ئۇنتۇپقالمايتتى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 1995-يىلى 11-ئايغىچەتوپتوغرا 10 يىل خىزمەت ئىشلىدىم. بۇ 10 يىل جەريانىدا ھېلىقى مۇدىرنىڭ سۆزىگەئەمەل قىلىپ ئۆتتۈم. مەنلا ئەمەس شۇ چاغدىكى كەسىپداشلىرىمنىڭ ھەممىسىلائىسمى-جىسمىغا لايىق ئوقۇتقۇچى، ئىچى-تېشى ئوخشاشلا نۇرلۇق ھەم يورۇق كۈيۈشچان شاملاردىنئىدى. بىز ئاشۇ 10 يىل جەريانىدا ئەجىر-مېھنىتىمىز، ساپ تەرىمىز بەدىلىگەنۇرغۇنلىغان دېھقان پەرزەنتلىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا پەرۋاز قىلدۇردۇق، ئىپتىخاربىلەن ئۇزىتىپ قويدۇق. بۇنداق خالىس خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئارتۇقچە ھەق تەمەقىلمىدۇق. تەشكىلنىڭ قولىغا، مەكتەپ خەزىنىسىگە بىرەر قېتىممۇ ئۇمۇنۇپ باقمىغانئىدۇق. بالىلارنىڭ، دېھقان قېرىنداشلارنىڭ: «ياخشى مۇئەللىم ئىدى» دېگەن سۆزىنىئەڭ ئالىي مۇكاپات ھېسابلاپ ياشاۋەرگەن ئىدۇق. تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، ئاشۇ 10 يىلجەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلغا كۆچكەندىن كېيىنمۇ مەكتەپلەردە «ئەليۇلئەلا»،«ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى بالىلار» دېگەن شەرەپ تاختىسى يوق ئىدى، ئۇنداقئاتالغۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلەتمەيتتۇق.

مانا، ئاز كەم 10 يىلغا تايىن تېپىپ قالدى،نېمىنىڭ، قايسى ئېقىمنىڭ  تەسىرىدىن بولدىئەيتاۋۇر، تۇيۇقسىزلا مەكتەپلەردە «ئەليۇلئەلا»، «ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكىبالىلار»، «ئاقىللار سىنىپى»، «تاللانغان سىنىپ»، «نىشانلىق سىنىپ»، «مەخسۇسسىنىپ»، «ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىدىغان سىنىپ»، «كەسپىي سىنىپ»،«ئانا تىل سىنىپى»، «قوش تىل سىنىپى» دېگەندەك يېڭىلىقلار ھۇر قايناپ چىقىشقاباشلىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرقلىق تەلىم-تەربىيە، نىشانلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشئۆزلۈكىدىنلا شەكىللىنىپ قالدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئەڭ «قابىل» لىرى مۇشۇنداقسىنىپلارغا سەپلەندى. ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىمەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇش بويىچە ھۆددىگەرلىك توختامنامىسى تۈزۈلدى، پۇلنىۋاستە قىلغان مۇكاپات ھەم جازا تەسىس قىلىندى. تېرىغاننى ئورىدىغان ئىش ھەممىلايەردە بولغاچقا، يېتىشىپ چىققان «ئەليۇلئەلالار»، «ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكىئوقۇغۇچىلار» بىلەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى ئەجرىگە يارىشا خېلى تاتلىق، توم-توم  مۇكاپاتلارنى ئېلىپمۇ تۇردى. ئاقىۋەتتەبارا-بارا ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزى، خىيالى ئاشۇنداق «قابىللار» غا، «ئاقىللار»غامەركەزلىشىدىغان، «ياخشىلار» نى تالىشىدىغان، قوغلىشىدىغان، ئاشۇنداق سىنىپتىنبىرەرنى تۇتۇپ «بېيىپ» كېتىشنى ئويلايدىغان، «ناچارلار» نى ئېسىگە ئالمايدىغان،كارى بولمايدىغان، ئارقىدا قالغانلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ھېچكىمئۇقمايدىغان، بوشاڭلار تېخىمۇ بوشاپ كېتىدىغان تەلىم-تەربىيە ۋەزىيىتىشەكىللىنىشكە باشلىدى. ئەسلىدىكى ئىلىم ئۆگۈنۈش بىلەن ئىلىم ئۆگەنمەسلىكتىن كېلىپچىقىدىغان پايدا-زىيان مەسىلىسى مۇكاپات ئېلىش بىلەن ئالالماسلىق، پۇل كېلىش بىلەنكەلمەسلىك ئارقىلىق ئۆلچىنىدىغان پايدا-زىيان مەسىلىسىگە ئۆزگىرىپ كېتىپ، تەلىم-تەربىيەخىزمىتىنىڭ قانۇنىيەت، قاتلاملىرىغا، پەللە، باسقۇچلىرىغا، سۈپەت-ساپاسىغاشەكىلۋازلىق، رەسمىيەتۋازلىق، يالغانچىلىق، شەخسىي مەنپەئەت، تەمەخورلۇق، خۇسۇسۇىيكۆز قاراش، قورققۇنچاقلىق، قۇلچىلىق، بىتى قېلىنلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغانچاكىنا، چىرىك، پۇچەك خائىشلار، پاسسىپ ئامىللار ئارلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئىنتايىنساپ ھەم پاكىزلىقنى تەلەپ قىلىدىغان، بىر خەلق توپىنىڭ ياشاش مەنتىقىسىنى، بىرقوۋمنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىدىيىسىنى، بىر ئىلغار تۈركۈمنىڭ ئەنئەنە ھەم مەۋجۇتلۇق تەنتەنىسىنىئاساس قىلىش كېرەك بولغان ئادەم تەربىيەلەش ئەقىدىسىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانمەزمۇت ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئۇستىخىنىغا خۇددى دەريانىڭ مۇزى يېرىلىپ كەتكەندەك،غاراسلاپ دەز يۈرۈپ كەتتى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ، كۈندە مىڭ تۈرلۈك ئىللەتلەربىزنى غاجاپ تالىماقتا. ئەدناسى، مۇشۇ كۈنلەردە مائارىپتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىئىمارەتنىڭ ھۇلىنى تىرەپ تۇرىۋاتقان خېلى تۈزۈك دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم ئادەملەردىنتارتىپ بۇ ساھەنىڭ رېژىسسور، رىياسەتچىلىرىگە قەدەر دېگۈدەك بىپەرۋا، خۇپسەنبولۇۋالدى. قىلىۋاتقان ئىشتىن چاتاق چىقسا باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، قۇلاقنىيۇپۇرۇپ يۈرۈيدىغان، ئەگەر نەتىجە، ئۇتۇق كۆرۈلسە بىر ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقائالدىرايدىغان، يالغاندىن بالىلارنىڭ غېمىنى يېگەن بولىۋالىدىغان، كىتابنى ئوقۇپباقماي، ئوقۇدۇم دەپ تۇرىۋالىدىغان، ئولتۇرغان «كۇرسا» سىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلاخىزمەت ئىشلەيدىغان  روھىي زەئىپلىكمۇ ئاشۇخىل ئىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كاشىلا، ئاۋارىچىلىق بار يەردە تاشپاقىدەك بېشىنىئىچىگە تىقىۋالىدىغان، نېسىۋە، دارامەت ئالىدىغان چاغدا زىراپىدەك بوينى ئۇزىراپكېتىدىغان، كۈپ -كۈندۈزىمۇ گاھ كۆرۈپ، گاھ كۆرمەس بولۇپ قالىدىغان، بەزىدە گاس،بەزىدە گاچا قىياپەتتە يۈرۈيدىغان خۇپسەن، مۇغەمبەر، خۇمپەر ئادەملەرگە ھېلىقىھىندى دانىشمىنىنىڭ «بىپەرۋالىق- ۋىجدانسىزلىقتۇر» دېگەن سۆزى بىلەن، بۈيۈك ئۇستازئابدۇراھمان جامىي ھەزرەتلىرىنىڭ: «بىپەرۋالىق مىڭ تۈرلۈك قىسمەتلەرنىڭسەۋەبچىسىدۇر» دېگەن يەكۈنىنى ئۇدۇللاپ بېقىشقا، كۆرسىتىپ قويۇشقا تامامەن بولىدۇ.چۈنكى، ھەقىقىي تەلىم- تەربىيە ۋىجداننىڭ ئىشىدۇر. ۋىجدان ئادەمگە تالىق بولغان ئەڭيارىشىملىق سۈپەتتۇر.

بىز دەۋاتقان «ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكىبالىلار» نىڭ ئەسلىدىلا ياراملىق تىپلىقىدا، ئەقىللىق ھەم تالانتلىق بالىلارئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياراملىق ماتېرىيال، ئۈمىدلىك نوتا،بولىدىغان مايسا ئىكەنلىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىلا مەلۇم بولغان، ياكى بىزبىلىۋالغان ئىدۇق. بىز ھازىرچە «ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى بالىلار» دېگەن ئۇقۇمنىقىسقارتىپ «مۇنەۋۋەرلەر» دەپ ئاتاپ تۇرايلى. چىن گەپنى قىلغاندىمۇ ئۇلار مۇنەۋۋەرلىككەلايىق بالىلار ئىدى. شۇڭا بۇ «مۇنەۋۋەرلەر» نىڭ كۆپىنچىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ،ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ سىنىپ ھەيئىتى بولۇپ ئوقۇغان، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىن باشلاپلا«ئەمەل» تۇتقان بالىلار دېيىشكە بولىدۇ. بىر سىنىپتا پارتا باشلىقىغىچە ساناپكەلسەك «ئەمەل» نىڭ نامى، تەرتىپى ئاز بولغاندىمۇ ئوندىن ئاۋايلا ئېشىپ كېتىدۇ. پارتاباشلىقى بولغان بالىمۇ شۇ سىنىپتىكى ئاكتىپلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە«ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس» دېگەن گەپ. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «مۇنەۋۋەرلەر»نىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى ئاز كۆرىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىباشلانغان تۇنجى كۈنىلا سىنىپ مۇدىرىنىڭ بۇ ناتونۇش بالىلاردىن سورايدىغان گېپى:«ئاراڭلاردا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىڭلاردا سىنىپ باشلىقى، ئۆگۈنۈش باشلىقىبولۇپ ئوقۇغانلار بارمۇ؟ شۇنداقلار بولسا قول كۆتۈرۈڭلار؟» دېگەندىن ئىبارەتبولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 50-60 قارا كۆزلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر قانچىسىنىڭ قولىكۆتىرىلىدۇ. مۇئەللىم ئۇلارغا: «سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئايدىڭلاشقۇچە،كىمنىڭ قانداقلىقىنى مەن ئېنىق بىلىپ بولغۇچە سىلەر سىنىپ ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنىئۆتەپ تۇرۇڭلار، ماڭا ياردەملىشىپ بۇ سىنىپنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەڭلار،چارەكلىك ئىمتىھاندىن كېيىن سىنىپ ھەيئەتلىرىنى يەنە قايتا ئويلىشىمىز»،- دەپ،پەرمان جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ «مۇۋەققەت» سىنىپ ھەيئەتلىرى قىزغىنلىق بىلەنئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ھەم بۇ «ئەمەل» نى ئۇلار ئاسانلىقچە تارتقۇزۇپمۇ قويمايدۇ. بۇكىچىك «ئەمەلدار» لارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ بالىسىنىڭ، يۈرەك پارىسىنىڭ ئوتتۇرامەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدەملىرىدىلا ئامەتلىك بولۇۋاتقانلىقىدىنيايراپ كېتىدۇ. ئەقىللىق ئاتا- ئانىلار بولسا تىرىشىپ پۇرسەت يارىتىپ، مۇئەللىمگە«مىننەتدارلىق» بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ «كەتمىنىنى چېپىپ» مۇ ئۈلگۈرىدۇ. مانا بۇھازىرقى بىزنىڭ ئىدىيىمىزدىكى: «ئەمەلدارسىز، باشلىقسىز ئىش يۈرۈشمەيدۇ، ‹بېشىيوقنىڭ ئىشى يوق›، ئەمەلدارنى ياخشى تاللاش كېرەك، ئەل بىر كۈن بولسىمۇ ‹خاقان›سىز قالسا بولماس» دەيدىغان مەرتىۋىگە، نوپۇزغا چوقۇنۇش قارىشىنىڭ ھۈجەيرىسى ياكىھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدىغان شەكلى. بىز سايلاپ چىققان بۇ ھەيئەتلەرنى سىنىپنىڭ«تۆرە» لىرى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئالتە يىللىق ئوقۇشجەريانىدا «ئەمەل» نىڭ ئانچە- مۇنچە پايدىسىنى كۆرۈپ، تەمىنى تېتىپمۇ قالىدۇ. ھېچبولمىدى دېگەندىمۇ مۇئەللىمنىڭ يېنىدا بولىدۇ، يېقىنى بولۇپ قالىدۇ. ئىش- ئەمگەكلەرنىئۆزلىرى قول تىقىپ قىلمايدۇ، سىنىپتىكى «پۇقرالار» قىلىدۇ. مۇراسىم، چوڭيىغىنلاردا سىنىپنىڭ شان- شەرەپلىرىنى «پۇقرالار» بېشىنى ساڭگىلىتىپ، كۆزلىرىنىپارقىرىتىپ ئولتۇرۇپ، سىنىپ ئاقساقاللىرى بولسا سەھنىگە چىقىپ كېرىلىپ تۇرۇپ قوبۇلقىلىدۇ. مانا بۇ: «ھالۋىنى ھېكىم، تاياقنى يېتىم يەپتۇ» دېگەنگە ئوخشاپمۇ قالىدۇ. «مۇنەۋۋەرلەر»نىڭ كۆپىنچىسى  بۇ «ئەمەل» نى بىرتۇتىۋالغىنىچە ئالىي مەكتەپكىلا ئېلىپ كېتىدۇ. سىنىپ مۇدىرى «ئەمەل» نى تارتىۋالايدەپمۇ تارتىۋالالمايدۇ، ئېلىۋېتىشكە كۈچى يەتمەيمۇ قالىدۇ. ھەتتا، بەزى ھاللارداسىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ سىنىپتىكى ئىناۋىتى، ئىمتىيازى، رولى مۇئەللىمنىڭكىدىنمۇئېشىپ كېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ. يۇقىرى يىللىقلارغا چىققانچە بىر قىسىمسىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن «مۇنەۋۋەرلەر» نىڭ خورىكى بەكلا ئۆسۈپ كېتىدىغان،مۇئەللىمنىڭ دېگىنىگە كۆنگىسى كەلمەيدىغان، مۇئەللىم بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپباققۇسى كېلىدىغان، زۇكۇنلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يەنە مۇنداق قىلمىشلارمۇ بولۇپئۆتكەن، ئۇستازىغا بىمەنە، تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىدىغان، ئايال ئوقۇتقۇچىلارغاپوخۇرلۇق قىلىدىغان، قانات سۆرەيدىغان، خانىملارنىڭ نومۇسىغا تېگىدىغان. يەنەباركى، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىدىن ياش، بۇرنىدىن قان چىقىرىۋېتىپ، ئۇرۇپ چەيلىۋېتىپقېچىپ كېتىدىغان ئەدەبسىزلىكلەر. ئەييۇھەنناس، «ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالاكەپتۇ»، «بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزۈڭنىڭ خۇي، پەيلىدىن كۆر»  دېگەن ئاتىلار سۆزى مۇشۇ بولسا كېرەك!تالاي-تالاي يەرلەردە ئۇستاز ئەجرى ئون تىيىنغا توغرا كەلمىگەن، ئەرزىمىگەن  ئەھۋاللار بىزدە كۆپ بولغان. بۇنداقتىراگىدىيىلەر ھېلىھەم تەكرارلىنىپ كەلمەكتە. ئادەتتە بۇنداق ئەسكى  ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى كەينىمىزدىكىلەرگە ئۆزىمىزئۆگىتىمىز، ئۆزىمىز زېمىن ھازىرلاپ بېرىمىز. ئېتىراپ قىلساق بولىدۇ، ئىشەنسەك ھەمبولىدۇ، ئەسلىدە ئۇرۇقنىمۇ يەرگە ئۆزىمىز چاچقان، نېمە تېرىساق، خامانغا شۇ چىقىدىغانئىش تۇرسا. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ: «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا، نەگە بارايدەۋاغا» دېمەكتىن باشقا ئىلاج ھازىرچە يوقتەك قىلىدۇ. بۇنداق قىسمەتلەرگەقېلىشىمىزنىڭ تېگى ماھىيەتتە بەكمۇ چوڭقۇر ئەمەس. يامغۇر- يېشىنلارنىڭ ھامانتوختاپ، قۇياشنىڭ چىقىدىغانلىقى، ھەرقانچە لېيىپ كەتكەن سۇنىڭمۇ ئاخىرى بېرىپسۈزىلىدىغانلىقى، توڭنىڭ ئېرىپ باھارنىڭ كېلىدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەستۇر. بىزپەقەت توغرا يول تۇتساقلا، «ئۆتنىگە لاپقۇت ئالەم» ئىكەنلىكىنى، چوڭ باشنى ئاچسا،كىچىكنىڭ قوپۇپ قوڭنى ئاچىدىغانلىقىنى، «ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ، ئاتاباشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ» بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەركىمنىڭ قىلمىشىغا قارىتا، نىيەت،ئىقبالىغا قارىتا تارتقۇلۇقى، كۆرىدىغان كۈنلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەستە مەھكەمساقلىساقلا، بۇنداق مەغلۇبىيەتنىڭ، بۇنداق خەۋپ-خەتەرنىڭ، مانا بۇنداق خورلۇق،ھاقارەتنىڭ، ھاڭۋاقتىلىقنىڭ  ئالدىنىئېلىشقا بولىدۇ. مەسلەن ئالايلى، ئاشۇ «مۇنەۋۋەرلەر» نى ئارقىمىزغا سېلىپ يۈرۈپئۆزىمىز تەربىيەلىگەن، سورۇن-سورۇنلاردا ئۇلارنىڭ مەيدىسىگە شەرەپ گۈللىرىنى ئۆزقولىمىز بىلەن تاقاپ، چاۋاكنى بىرىنچى بولۇپ ئۇرغان. ئاشۇ سىنىپ ھەيئەتلىرىگەخىزمەت ئىشلەشنىڭ، «ئەمەل» تۇتۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆزىمىز بىر قوللۇق ئۆگىتىپ چىققان.مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن، ئۆرنەك ئالغان. بىرمەكتەپتىمۇ گۇرۇپپا باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرلىرىدىن باشلاپ سانىساق نۇرغۇنئەمەلدارلار بار. بۇلار شۇ ئورۇنغا چىققان كۈندىن باشلاپلا يەپ-ئىچىىدىغان يەردەتۆردە بولىدۇ، ئىش قىلىدىغاندا بولسا نېرى تۇرىدۇ.  يىل بويلاپ نۆۋەتچىلىك قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭكەلدى-كەتتىسى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، خىزمەتكە مىنۇت كېچىكمەيدۇ، ئۆتىدىغان دەرسسائىتىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ، ئىش ھەققىمۇ تۇتۇلمايدۇ، مىجەزىدىن تارتىپ مېڭىشىغىچەئۆزگىرىپلا كېتىدۇ. بالىلارغا گەپ قىلغاندىمۇ ئەمەلدارلارغا خاس بىر خىل سۈنئىيسالاپەت بىلەن، تەكەببۇرلۇق بىلەن گەپ قىلىدۇ. ئاندىن قوپۇپ ئۇلارنى بالىلار ئۆزئەينى، كۇتلا دوراپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلارنى ئەمەس ھەتتا مەكتەپمۇدىرىنىمۇ ئەمەلدار دەپ ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە ئۇلار بىر يۇرتنىڭ،بىر دىيارنىڭ مەرىپەت ئاتىلىرى، مەرىپەت ئانىلىرى، ئىلىمنىڭ ۋەكىللىرى، ئەدەب- ئەخلاقنىڭساھىبقىرانلىرى، مەنىۋىيەتنىڭ مەشئەللىرى، ياخشىلىقلارنىڭ يورۇق يۇلتۇزلىرى ھېسابلىناتتى.بىراق ئاسماندىن چۈشكەندەك، يەردىن ئۈنگەندەك تەسادىبى نېسىپ بولۇپ قالغان كىچىككىنەئۈستۈنلۈك، ئازغىنە پەرق، مىسقالچە مەرتىۋە، قىلدەك مەنپەئەت ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىزەھەرلەشكە يېتىپ ئاشقان گەپ. بۇنداق يۇقۇملانغان مېڭە، شىكەستىلەنگەن قەلبتەربىيەلەنگۈچىلەر ئۈچۈن، ئىلىم سەيناسى ئۈچۈن ئاپەت، مالامەت، قاراڭغۇلۇقئەمەسمۇ؟!

شۇنداق قىلىپ ئۇچقۇر يىللار ئۆتۈپ كېتىۋەردى.كۆڭۈل خاتىرىمىزدىكى بەزى ئازاب-ئوقۇبەتلەر، غەلدى-غەشلەر ۋاقىت تۇمانلىرى بىلەنتوسۇلۇپ  خىرەلىشىپ قالدى. سەخىيئالىقىنىمىزدا ئەي بولغان، ئۇچۇم بولغان قانچىلىغان «مۇنەۋۋەرلەر»،«ئەليۇلئەلالار» بولسا، دەرۋەقە، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كەينى- كەينىدىن ئوڭۇشلۇقكىرىپ كەتتى. ھالبۇكى، بۇ تالانتلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىر-قىسمەتلىرىئۇنچىلىك سۆيۈنۈشلۈك بولماي قالدى. بىرلىرى ئالىي مەكتەپتىنلا ئۇدۇل تۈرمە-زىندانلارغا يول ئالدى، يەنە بىرلىرى خىزمەتكە چىقىپ، قاتارغا قوشۇلۇپ، تولائۇزاققا بارمايلا قىڭغىر دەسسەپ، خاتالىشىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ئىدىيىدە ئاينىپئۆزگىرىپ كەتكەن، چىرىپ كەتكەن، تەلۋىلەرچە بۇزۇلغان، قىمارخانىدا قەرىزگەبوغولغان، پاھىشخانىدا سېسىپ كەتكەن قانچىلىغان كەنت باشلىقى، يېزا باشلىقى،ئىدارە باشلىقى، ناھىيە، شەھەر باشلىقى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنلاردادۆلەتمەن بولغانلارنىڭ، سودا-تىجارەت ساھەسىدىكى ماگىناتلارنىڭ، سەنئەتئاسمىنىدىكى چولپانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسمۈرلۈك، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنىڭمۇنەۋۋەرلىرى، ئاكتىپلىرى ئەمەسمىدى! بىز باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكىئىپادىسىگە قاراپ، كەلگۈسىدە ئالىم بولىدۇ دەپ باھا بەرگەن بىر قىسىم بالىلىرىمىزئويلىمىغان يەردىن زالىم بولۇپ چىقىپ قالدى. ھاتەم بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان بالىلىرىمىز،كۆز ئالدىمىزدىلا قان تۆكتى، ماتەم پەيدا قىلدى. باغۋەن بولۇپ، لالە-رەيھانئۆستۈرىدۇ، گۈل تېرىيدۇ دەپ ئىشەنگەن ئوغۇل-قىزلىرىمىز، كېيىنكىلەرنىڭ ماڭىدىغانيولىغا شوخا، تىكەن تېرىيدىغان ئادەم بولدى.

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 469-يىلىدىن399-يىلىغىچە گېرىتسىيىدە ياشىغان، ئۇلۇغ ھەكىم، مۇنازىرە شەكلى ئارقىلىقھەقىقەتنى تونۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى سوقراتتىن ئۆلۈم ئالدىدا، نېمە تەلىپىڭ باردەپ سورىغىنىدا، ئۇ كىشى: «مەن بالامنىڭ ساغلام بولغان بىر جەمئىيەتتە ياشىشىنىئۈمىد قىلىمەن»،-دەپ، جاۋاب بەرگەن ئىكەنتۇق. شۇ تاپتا، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا ئادەمئۆز بالىسىنىڭ غېمىنى يېمەكتە، پەرزەنتىنىڭ ياخشى مۇئەللىمنىڭ، قابىلىيەتلىكئۇستازنىڭ قولىدا ئوقۇپ ساۋاق ئېلىشىنى ئارزۇ قىلماقتا. مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچى،ئەلنىڭ رايىدىكىدەك ئوقۇتقۇچى بىزدە بارمۇ؟! بۇ سۇئالغا يوق دەپ جاۋاب بېرىشكەيۈزىمىز چىدىمايدۇ. بىزدە راست گەپنى قىلغاندا دەرس ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى نۇرغۇنبولغان بىلەن، ئىنساننى چۈشىنىشكە قۇدرىتى يېتىدىغان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار يەنىلاكەم. ئەلمىساقتىن بېرى ئېتىقاد، ئەنئەنىسىدىن يۈز ئۆرىگەن، يىلتىزىدىن چەتنىگەن،يىراقلاشقان، ۋۇجۇدى بۇلغانغان، ۋىجدان قۇياشى قارىيىپ، ناپاكلىق ئەۋج ئېلىپ  كەتكەن ئەلدە، تالانتلىق، ماھارەتلىككىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى بولۇنمىغان ئىدى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭمۇ خوشامەتچىلىكقىلىش، يالاقچىلىق قىلىش، چېقىمچىلىق قىلىش، ئەمەلگە چوقۇنۇش جەھەتتە ئايىغىچاققان، ئىتتىك ھەم قىزغىن بولغىنى بىلەن، ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنى تونۇش، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى لايىقىدا بەجا كەلتۈرۈش جەھەتتە قېرىق، ئىلىمان مىجەزى بار. يەنە بېرىپئارىمىزدىن چىققان داڭدار كىشىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قەدىمدىن تارتىپ ئۆز قولىمىزدايىقىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. مەنچە بولغاندا  ئىلىمنى، ئىلىمخۇمارلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانقارا كۈنگە، ئەسكى ئاتاققا قالماسلىقىمىز ئۈچۈن تالانتلىق، ماھارەتلىكباغۋەنلەرنىڭ، ھۈنەر-ھېكمەت ۋە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ، ئاتىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ، ئاكا-ھەدىلەرنىڭ، ئىنى-سىڭىللارنىڭ  قەدرىنىقىلايلى،  روھىيىتىمىزدىكى كىر،چىرىندىلەرنى، دات، داشقاللارنى، مونەكلەرنى تازىلايلى، يۇقۇملانغان مېڭىمىزنىداۋالايلى. بۇنىڭ داۋاسىنى يەنىلا شۇ دانىشمەنلەر بىلىدۇ. قەدىر- قىممەتنى،ئىشەنچ، مۇھەببەتنى دەسسەپ كېبىر، تەمەننا قىياسىغا ياماشساق، ئىشلار يەنىلا«ئاتام ئېيتقان بايىقى» بولىدۇ. بىز ئاتاق ئۈچۈن ئۆگۈتۈشكە، ئۇستازلىق سالاھىيىتىمىزنىكۆز-كۆز قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەيلى. ئېسىل، ئۇلۇغ ناملارنى ئادەم ئۆمرىدە بىرلاقېتىم ئالسا بولىدۇ. ئادەمگە ئاتاق، ھايۋانغا سېمىزلىك ئانچە يارىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ئىلىمئۆگۈنۈشنى، ئۇتۇق قازىنىشنى شۆھرەت، شان- شەرەپنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالمايلى.ئىلىملىك، كامالەتلىك بولۇشنى ئادىمىيلىككە يېقىنلىشىش دەپ تونۇيلى. ئەنە كىيۇرىخانىممۇ ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ئۆيدە تاماقئېتىپ، كىر- قات يۇيۇپ ئولتۇرغان ئەمەسمۇ! بالىلىرىمىزنى ئامال بار «ئالدىنقىئوننىڭ» ئىچىگە تارتماي ئاۋامنىڭ قوينىغا، كۆپچىلىكنىڭ، جامائەتنىڭ ئارىسىغائىتتىرەيلى. يەنە ئەگەر بالىلىرىمىز «ئەليۇلئەلا» لىق ماقامىغا يېتىپ كەتكەنتەقدىردىمۇ، خاس ھاجىپ بوۋىمىز ئېيتقاندەك ئىلىمنىڭ چەكسىز دېڭىز- ئوكيانئىكەنلىكىنى ئېسىگە سالايلى. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز بەرگەن ئاشۇ «ئەليۇلئەلا» لىقئۇنۋانىنى ئالغانلارنىڭ گېزى كەلگەندە بىر قاچا تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتەلىشى، بىرتال كۆمەچنى جايىدا كۆمەلىشى، يىرتىلىپ كەتكەن ئايىقىنى موزدۇزسىز ياماپ كىيەلىشى،بىر توخۇنى مۇستەقىل ئۆلتۈرۈپ، تازىلاپ چىقالىشى، دادىسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنچاچ-ساقىلىنى ئالالىشى، ئانىسىنىڭ تېلىپ ئاغرىغان بېلىنى كېلىشتۈرۈپ تۇتۇپقويالىشى ناتايىن. سالقىن ھېسسىياتتا دېگەن ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ تەلىم-تەربىيەئۇسۇلىمىزدا، بالا بېقىش مەپكۇرىمىزدا شامال كىرىپ كېتىدىغان يوچۇقلار، ئاراچلاريەنىلا جېق تۇرۇپتۇ. «يانچۇقۇمدا بىر تىيىن يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دەپ يۈرسەكئەللەر كۈلمەمدۇ؟! يەنە قاچانغىچە ئىدىيىمىز، ئەقىدىمىز، خاراكتېرىمىز پۇچەك پۇلئالدىدا، ئازغىنە نەپ، مەنپەئەت ئالدىدا ئەسكى پايتىمىدەك تىتما-كاتاڭ بولۇپيۈرۈيدۇ؟! ھازىرقى بىز ئۈچۈن بىر سىنىپتا ئون تاللا بالا ياخشى ئوقۇپ بەرسە، بىرلابالا «ئەليۇلئەلا» بولسا يېتەرلىكمۇ زادى؟! كېسەلجان، مېيىپ-مەجرۇھ بالىسىنىتاشلىۋېتىپ، ساغلام، ساق بالىنى بالام ئېتىدىغان ئىش كىمدە، قايسى ئالەمدە بار؟! جاڭگالدامال بېقىۋاتقانلار، ئېتىزدا يەر تېرىۋاتقانلار، ئائىلىدە ئالتە بالىنىڭ ئانىسىبولۇپ ئولتۇرىۋاتقانلار، ئاشپەزلەر، ناۋايلار، قاسساپ، باققاللار تۇغۇلمىلادۆتمىدى زادى؟! ياق، يەنىلا ناتايىن. ئۇلارمۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ شېخىدا پىشىپ،ئوچىقىدا تاۋلىنىپ چىقىپ، جەمئىيەت ئېكىلۇگىيەسىنىڭ نورماللىقىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانمۇنەۋۋەر ئادەملەردۇر. ھازىر مەملىكەت مىقياسىدا مائارىپنى تەكشى تەرەققىيقىلدۇرۇش كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ قاتتىق دىتال قۇرۇلۇشىنى تەڭشەش، تەكشىئېلىپ بېرىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان پىلان ئەمەس. بۇ بەلكى ئىدىيىدە، كۆزقاراشتا، ئاڭ-تەپەككۇردا ئىلغارلىققا يۈزلىنىش، ئەلالىشىش، تەكشى تەرەققىي قىلىشبىلەن روياپقا چىقىدىغان جەريان. بىر مۇتەپەككۇر: «ئۆزۈڭدىن ھالقى» دەپ خىتابقىلغانىكەن. «دۇنيا ئېچىقلىق مېڭىلەر ئۈچۈن ئېچىقلىق» دېگەن ھېكمەتنىمۇ دەڭسەپكۆرسەك، پايدىلانساق بولىدۇ ئەمدى. ئىلگىرى بىزگە پېداگوگىكا ۋە پوئىما دېگەندەستۇرنىڭ مۇئەللىپى ئا.س. ماكارىنكو: «ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىدىيىسى بىر پارچە ئەينەككەئوخشايدۇ. بۇ ئەينەكتىن ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ھەم جەمئىيەتنىڭكەيپىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دەپ نەسىھەت قىلغانىدى. دېمىسىمۇ پۈتكۈلجەمئىيەت، پايانسىز روھىيەت، سۆيۈملۈك ئانا تەبىئەت مۇئەللىمنىڭ مەيدانى،مەنتىقىسى بىلەن ئوڭشىلىدۇ، تۈزىلىدۇ، گۈزەللىشىپ بارىدۇ. مۇنبەر ئالدىدا ئوتلۇقنەپەس ئېلىۋاتقان، بور تۇتۇپ يالقۇن ئىچىدە كۆيۈپ، ئېرىپ مىننەتسىز ھالدا مەۋجۇتلۇقىنىجەۋلان قىلدۇرىۋاتقان ھەر بىر كەسىپكارىم، سەدەپتەك سۈزۈك سەبىيلەرنىڭ سۇبات،سۈپەتلىرىگە سىن بېرىپ كېلىۋاتقان پىداكار پەرۋىشكارىم، لېۋىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپقىلغان-ئەتكەنلىرىمىز، ياكى چەتنەپ كەتكەنلىرىمىز، مەنىۋىيەت، مۇكەررەملىكتەقەيەرگىچە يەتكەنلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىغان، ئۆزىمىزنىڭ تەربىيە دىتىمىز ۋەياكى ئىستىداتىمىز بىلەن ئىخچام، ئۆز ھال ئولتۇرۇپ، ھېسابلىشىپ كۆرىدىغان چاغئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن يېڭى بىر دەرسنى مۇكەممەل باشلاپ كەتسەك دەيمەن قېرىندىشىم. ھەربىر دەرس بىز ئۈچۈن بىر ئىمتىھان، سىناقتۇر. ھەر بىر دەرس بىزنىڭ تارىخىمىز،ھاياتىمىزنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمىدۇر. ھەر بىر دەرس بىر مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىھەيكىلىنىڭ روھ دۇنياسىدا قەد كۆتىرىۋاتقان مەزگىلىدۇر. ھەر بىر دەرس يەنەئىنساننى چۈشىنىش سەپىرىنىڭ باشلانغان ۋاقتىدۇر. «ئىنساننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىسۆيۈش كېرەك» دېگەن ئىدى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن مۇئەللىم. بالىلار بىزگە تەلپۈنۈپقاراۋاتىدۇ قېرىندىشىم، جاھاندا بالىلارنى سۆيۈشتىنمۇ ئارتۇق يەنە بىر مەنىۋىبايلىقنىڭ، ھۆرلۈك ھەم كامالەتنىڭ بولغانلىقى قەيت قىلىنمىغان. كەل ئەي قېرىندىشىم،بىز بۇ قېتىمقى يېڭى دەرسنى سۆيۈشتىن، سۆيگۈدىن باشلايلى. سۆيگۈ-ئىلىمدۇر، سۆيگۈ-پەزىلەت، ھايا ھەم ئەخلاقتۇر. بالىلىرىمىز باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلگەندىلا ئاندىنسۆيۈشنى ئۆگۈنەلەيدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى يۈرەك-باغرىمىز بىلەن، ئەدلى-ئادالىتىمىز،ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قېنىمىز بىلەن سۆيەيلى. بالىلىرىمىزنى بىز ئالدى بىلەن سۆيگەندىلا،ئاندىن دۇنيامۇ، ئىقبال قۇياشىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى سۆيىدۇ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-22 07:34 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 08:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ دەرىجىگە تۇرغۇزىدىغان ئىشتىن ھەجەپمۇ بىزار مەن،ئۇف...........
بىراق تېما بوپ قالىدىكەن ،قېرىندىشىم،جاپا تارتىپسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 09:03:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەل ئەي قېرىندىشىم،بىز بۇ قېتىمقى يېڭى دەرسنى سۆيۈشتىن، سۆيگۈدىن باشلايلى. سۆيگۈ-ئىلىمدۇر، سۆيگۈ-پەزىلەت، ھايا ھەم ئەخلاقتۇر. بالىلىرىمىز باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلگەندىلا ئاندىنسۆيۈشنى ئۆگۈنەلەيدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى يۈرەك-باغرىمىز بىلەن، ئەدلى-ئادالىتىمىز،ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قېنىمىز بىلەن سۆيەيلى. بالىلىرىمىزنى بىز ئالدى بىلەن سۆيگەندىلا،ئاندىن دۇنيامۇ، ئىقبال قۇياشىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى سۆيىدۇ!  

بىز  ھەممىمىز   بىرلىكتە  تىرىشايلى    قېرىنداشلار....   تېما   ئىگىسىگە    رەھمەت


يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 10:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانابۇ نېمىنىڭ مۇئارىپ ،قانداق كىشىنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ئىسپاتلىغان ، بىر ئۆمۈر مىلىلىتىمىزنىڭ مۇئارىپ -ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ھارماي -تالماي ،مېھنەتلىرى ئۈچۈن ھچكىمدىن مەنپەئەت تەمە قىلماي ئۆتكەن پېشقەدەم باغۋەنلەرنىڭ يۈرەك سۆزى .شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازرقى ياش باغۋەنلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى .
مۇئەللىملەر ھەقىقەتەن ئون قەدەم  نېرىدىن سالام بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەردۇر.
قۇربان شاھىدى مۇئەللىم ،مەن سىزنى تونۇمىساممۇ ئۇشبۇ يازمىدىن سزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مۇئارىپى ئۈچۈن سوققان يۈرىكىزنى كۆرگەندەك بولدۇم ،مەن بۇيەردە مۇنبەر ئارقىلىق ،سىزگە ،ماڭا بىلىم بەرگەن بارلىق ئۇستازلىرىمغا ،شۇنداقلا سىزدەك ئۇيغۇر مۇئارىپى ئۈچۈن مىننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان بارلىق ياش-پېشقەدەم ،ئەر-ئايال باغۋەنلەرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن .
ئاللا سىلەردەك ۋىجدانلىق ،ئىتقادلىق باغۋەنلەرگە ئىككىلا دۇنيادا ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-22 10:49 PM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 10:58:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ بۇ ئەسىرى بىلەن مىسرانىمدا يۈز كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن.«روھ ئارىلى»دا «ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى بالىلار »ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپلا قالماستىن يەنەئۆتكۈر تىللار بىلەن مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ھادىسىلەرنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
دەر ھەقىقەت،ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەت ساھىبلىرى ،«ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى»،«نۇرلۇق شام»دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان بىز ئوقۇتقۇچىلار  بارغانچە ئۆزىمىزنىلا يورۇتالايدىغان بولۇپ قالغىلىۋاتىمىز.بىرلىرى «ئوقۇتقۇچىلاردا ئەستايىدىل ئوقۇتۇش ئىددىيىسى يوق»دەپ جار سالماقتا.يەنە بىرلىرى ...........
ئەلۋەتتە،ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائي توپتىكلەر جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلىمىدىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان كەسىپ ئالاھىدىلكى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىلغار تىپلىرى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تېگىشلىك.ئەمما بىز نىمىشقا بولالمىدۇق؟؟؟ بىزنى شۇنداق خىرە يولغا باشلاۋاتقان نىمە؟؟؟ئەجىبا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرىمىز(بىز ئوقۇتقۇچىلار) شۇنچە بوشاڭلىشىپ كەتتىمۇ؟؟؟
بەلكىم بىز ئۆزىمىزنى سۆيۈشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ بوللالمايۋاتقاندىمىز.بالىلارنى سۆيۈشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ يەتمەيۋاتقاندىمىز.ئۆزىنى مائارىپقا ئاتىغان شەخسىيەتسىز روھى بىلەن كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان ئۇلۇغ ئۇستازلىرىمىزغا تەشككۈرلەر بولسۇن.تېڭىرىقاپ قالغانلارغا ئەل -خەق يۆلەك بولسۇن!!
ئۇستازنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 10:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ بۇ ئەسىرى بىلەن مىسرانىمدا يۈز كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن.«روھ ئارىلى»دا «ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى بالىلار »ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپلا قالماستىن يەنەئۆتكۈر تىللار بىلەن مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ھادىسىلەرنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
دەر ھەقىقەت،ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەت ساھىبلىرى ،«ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى»،«نۇرلۇق شام»دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان بىز ئوقۇتقۇچىلار  بارغانچە ئۆزىمىزنىلا يورۇتالايدىغان بولۇپ قالغىلىۋاتىمىز.بىرلىرى «ئوقۇتقۇچىلاردا ئەستايىدىل ئوقۇتۇش ئىددىيىسى يوق»دەپ جار سالماقتا.يەنە بىرلىرى ...........
ئەلۋەتتە،ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائي توپتىكلەر جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلىمىدىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان كەسىپ ئالاھىدىلكى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىلغار تىپلىرى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تېگىشلىك.ئەمما بىز نىمىشقا بولالمىدۇق؟؟؟ بىزنى شۇنداق خىرە يولغا باشلاۋاتقان نىمە؟؟؟ئەجىبا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرىمىز(بىز ئوقۇتقۇچىلار) شۇنچە بوشاڭلىشىپ كەتتىمۇ؟؟؟
بەلكىم بىز ئۆزىمىزنى سۆيۈشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ بوللالمايۋاتقاندىمىز.بالىلارنى سۆيۈشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ يەتمەيۋاتقاندىمىز.ئۆزىنى مائارىپقا ئاتىغان شەخسىيەتسىز روھى بىلەن كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان ئۇلۇغ ئۇستازلىرىمىزغا تەشككۈرلەر بولسۇن.تېڭىرىقاپ قالغانلارغا ئەل -خەق يۆلەك بولسۇن!!
ئۇستازنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:28:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلار،بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشىكەن. ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە تىزىش تۈپ يىلتىزىدىن خاتا.ھەي،....  قاچانمۇ تۈزۈلەر بۇ ئۆلۈك جانسىز مائارىپ،

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:39:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى شىنجاڭدىكى ئۇقۇتقۇچىلارغا بىردىن بېسىپ تارقىتىپ،سىياسى ئۈگۈنۈش قاتارىدا يولغا قويسا بولغۇدەك. مەنمۇ ئاشۇ قۇشۇش-ئېلىشنى ئۈگەتكەن تاياق، قۇناقلارنى ئەسلەپ قالىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78352
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:18:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا...سىزدەك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپرەك چىقىشىغا تەشنامەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تولۇقسىزغا چىقىدىغان ۋاقتىمدا ، تۇرپان شەھرىگە قوش تىل سىنىپى ئېچىشنى تەسىس قىلغان ، مەن شۇ ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ، تۇنجى قارارلىق قوش تىل ئوقۇغۇچىسى  بولغانىدىم . دەسلەپتە ئۆزۈمدىن خۇش بولغانىدىم . بارا- بارا سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ھەر ئايدا بىر ئىمتاھان ئېلىپ رەتكە تۇرغۇزىشىدىن ھەممەيلەن نارازى بولدۇق . ئوقۇتقۇچىمىزغا پىكىر قىلدۇق ، لىكىن بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ‹ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن › دېگەن جاۋاپ بولدى . شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئارىسىدا ئىچكى جېدەل كۆپىيىپ كەتكەنىدى. سەن كۆچۈردۈڭ ، مەن كۆچۈرمىدىم ... مەن كۆچۈردۈم ، سەن كۆچۈردۈڭ ... دېگەندەك ئۇششاق سەۋەپلەر ساۋاقداشلار ئارا ئىناقلىقنى  بۇزاتتى ...
  ئەمدى ئويلىسام ، ‹سىلەر ئۈچۈن › دېگەن پەقەتلا بىر نىقاپكەن ، ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىمىزنىلا ئاساس  قىلىۋالغاچقا  ئۆزىمىزدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۇنۋېرسال ساپانى ھازىرلىيالمىغانىكەنمىز . چۈنكى بىز مەكتەپنىڭ نەزەرىدە ئالاھىدە سىنىپ بولغاچقا 2- دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ ئورنىغا ماتىماتىكا، فىزىكا خىمىيە دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى ...
شۇ ۋاقىتلىرىمنى ئويلىسام بەك ئۆكۈنىمەن .

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش