مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ يەتتە يىللىغىنى قىزغىن تەبىركلەپ
<مىسرانىم>
بىر قانچە يىل ئالدىدا كۆزنى ئاچقان<مىسرانىم>
قۇياش كەبىي نۇرلىنىپ يۈزنى ئاچقان<مىسرانىم>
پەن تىخنىكا كۆكىدە جەۋلان قىلىپ زوق بىلەن،
قانات قىقىپ جاپادىن شەرەپ قۇچقان<مىسرانىم>
تونۇشتۇرۇپ مىھرىبانلار ئەمگىكىنى ھۆرمەتتە،
كەسىپ ئىجات تۆھپىسىنى ئۇلۇغلاپ ھەر بەتتە.
خەلقىمىزگە ئىزىدىن تىرىپ رەڭدار گۈلدەستە،
كەشپىيات مىۋىسىنى ئەلگە سۇنغان <مىسرانىم>
بىر قانچىلىغان سۇئاللار سەندىن جاۋاپ تاپماقتا،
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل كۆڭۈللەرگە ياقماقتا.
يىڭى ئۇچۇر ماتىريال بازارلاردا ئاقماقتا،
ھەر ساھەگە ماس ھالدا كۆڭۈل بۆلگەن<مىسرانىم>
خەلقىمىزنىڭ ئەمگىكى قەدىر تاپتى سەن بىلەن،
خەلقىمىزمۇ يول تاپتى،ئەقىل تاپتى سەن بىلەن.
ئەلنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچىپ ھوزۇر تاپتى سەن بىلەن،
كۆيۈپ ئەلگە يۈرەكتىن خىزمەت قىلغان<مىسرانىم>
مىسرانىم مۇنبىرىغايوللىغان بارلىق تىمىلىرىم ئۆز قول يازمام،قىرىنداشلىرمنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشىنى
ئۈمۈت قىلىمەن ،
(مىسىرانىم مۇنبىرىگە تىزىملاتقىلى بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ خىزمەت تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن ئەجىر مىۋىلىرىمنى سۇنالمىدىم.مىسىرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلاردىن ھەم يۇرتدىشىم بولغان، بىكەت باشلىقى ئابابەكىرىجان دىن ،ھەم مىسرانىم مۇنبىرى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.ھەم ئەجىر مىۋەمنى سۇنالمىساممۇ مىنى مۇنبەردىن چىكىندۈرۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن رەخمەت ئىيتىمەن )
ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇغلۇق قىلسۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-22 04:21 PM