ئادەتتىكى ئەزا
(پىچىنە-پىرەنىك پۇشۇرۇشتىكى 8 مۇھىم ئامىل)
1.ئادەتتە سىز پىچىنە-پىرەنىكنىڭ چۈرۈك ئالاھىدە شەكىلدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىسىڭىز تۆۋەن دەرجىلىك ئۇن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ 2.ئەگەر ماتىرياللارنىڭ تەركىبىدە .شىكەر ۋە ماينىڭ مىقدارى كۆپرەك بولسا مەھسۇلاتنىڭ بەك يۇمشاق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇننى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.ۋە ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇننى قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق خىمىرنىڭ سوزۇلۇش.يىيىلىش خۇسۇسسىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 3.سىرىق ماي .ئاق ماي.ۋە سۇسىز سىرىق ماي بولسا پۇشۇرۇقلارنى ياساشتىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات .سىرىق ماي بولسا.ئاق مايغا قاراغاندا ئىرىتىش تىمپىراتۇرسى تۆۋەن تەمى ۋە رەڭگى ياخشى خۇشپۇراق ئەمما ئۇننىڭ كۆپۈش ئىقتىدارى ئاق مايغا قارىغاندا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ .سۇسىز سىرىق ماينىڭ تەمى ۋە رەڭگى ياخشى خۇشپۇراق ئەمما ئۇننىڭ كۆپۈش ئىقتىدارى بىر ئاز تۆۋەن. ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تەكشى قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 4.كۆپرەك مەھسۇلاتلارغا شىكەر بىلەن ماينى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.كۆپتۈرلۈشى قانچە ياخشى بولسا پىچىنە شۈنچە يۇمشاق بولىدۇ. 5.پۇشۇرۇقلارنى پۇشۇرغاندا كىڭەيمەيدىغان پىچىنىلەرنى لىسقا قويغاندا ئارلىقنى كىچىكلىتىپ قويۇش كىرەك .بۇ ئارقىلىق بۇ ئارقىلىق لىس بەك قىززىپ كەتكەندە پۇشۇرۇقلارنىڭ بىر-بىرسىگە چاپلىشىپ بۇزۇلۇپ شەكىلنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ھەجىمى كىڭىيدىغان پىچىنىلەرنى لىسقا قويۇپ پۇشۇرغاندا ئارلىقنى مۇۋاپىق تەڭشەش كىرەك.بۇ ئارقىلىق پىچىنىلەرنىڭ بىر-بىرسىگە چاپلىشىپ بۇزۇلۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ 6. ئومۇمەن پىچىنىلەرنى پۇشۇرۇش تىمپىراتۇرىسى 175 گىرادۇس بولسا بولىدۇ.پۇشۇرۇش ۋاختى 10-15 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ 7.پىچىنە-پىرەنىكلەرنى دوخۇپكىدىن ئالغاندا ياخشى سوۋۇتۇپ.ئادەتتىكى تىمپىراتۇردا ھىم ساقلاش كىرەك .پۇ ئارقىلىق پىچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ نەملىشىپ كۆكۈرۈپ پۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ 8.پۇشۇرۇقلارنىڭ ساقلاش ۋاختىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى.ئوراشقا ئىشلەتكەن ماتىريالنىڭ يىملىقى دەرجىسى ۋە ساقلاش تىخنىكىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ .شۇڭا بارلىق ئىستىمالچىلارنىڭ يىڭى پىتى ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ