مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1373|ئىنكاس: 5

پۇشۇرۇق ساھەسىدىكى خۇرۇچلارنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 03:28:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خىمىر جەۋھىرى(گەيلىياڭجى)
بۇمەھسۇلات ئېچىتقۇ،ئىممۇلىسيەلەشتۈگۈچ ، ئىلاستىكىلىقنى ئاشۇرغۇچ قاتارلىق ماتىرياللارنى ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلانغان مەھسۇلات بولۇپ خېمىرنىڭ ھەجىمىنى چوڭايتىپ قىسقاۋاقىت ئىچىدىلا خېمىرنى بولدىرىدۇ . يىمەكلىكلەرنىڭ يۇمشاقلىقىنى ۋە ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش رولىغان ئىگە . ھەمدە خېمردىن تەييارلنغان مەھسۇلاتلارنى تەمىلىك ،يۇمشاق ،پارقىراق قىلىش رولىغائىگە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
بۇ مەھسۇلاتنى ئۇنغا بىۋاستە قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇلسا ياكى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئېرىتۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنغا قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ . ئادەتتە ئۇن مىقدارىنىڭ ٪0.3-٪1 گىچە ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلدۇ
قوش كۆپتۈرۈش ئۇنى (پاۋدافىن)
مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى :
يىمەكلىكلەرنى تىز سۈرەتتە كۆپتۈرۈش رولىغا ئگەبولغان بىرخىل ئىچىتقۇ ، مەزكۇر مەھسۇلات تىز سۈرەتتە بولدۇرماقچى بولغان يىمەكلەرنى ، كۆپرەك ھەرخىل تورتلارغا ، ئۇن تائاملىرى ۋە پىچىنە- پىرەنىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە كۆپتۈرگۈچ ، بولدۇرغۇچ رولىنى ئوينايدۇ . ئادەتتە كۆپتۈرۈش سۈرئىتى تېز بولىدۇ ، كۈچ ۋە ۋاقىتنى تىجەپلا قالماي ، ئىشلەپچىقارماقچى بولغان يىمەكلىكنى ساپ ، تەبئىي، يۇمشاق قىلىپ ئۆزگىچە تەمكىرگۈزۈش رولىغىمۇ ئىگە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
تورت،مانتا،ھورنان ۋە پىچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ خېمىرىنى تىز سۈرەتتە كۆپتۈرىدۇ. تەييارلىماقچى بولغان ئۇننىڭ ٪2-٪3 گىچە پودافىن قوشۇپ تەكشى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىلمان سۇدا ياكى ئىسسىق سۇدا خېمىر تەييارلىنىدۇ .خېمىر كۆپتۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى تەييارلىساق بولىدۇ.
سۈت پۇراقلىق ئۇن تالقىنى
مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى :
مەزكۇر مەھسۇلات ئاق ۋە سېرىق رەڭلىك ئۇن تەركىبلىك تېتىتقۇ بولۇپ ، ئاڭ يىڭى بىئو پەن تىخنىكىسىدىن پايدىلنىپ ئىشلەچىقرىلغان تەم تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتتۇر. يىمەكلىكلەرنىڭ تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭدىن  باشقا تەم ، پۇراقلارنى يوقىتىش ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇن تائاملىرى. تورت ، بولكا ، پىچىنە-پىرەنىكلەرگە ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۈتىنى پۇراقلىق قىلغىلى ،ھەرخىل تورت ، پىچىنە - پىرەنىك ۋە بولكىلارنى ئاھىدە مىزلىك قىلىشتا ئىشلىتىلدۇ .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
ھەرخىل تۈردىكى يىمەكلەرنى ۋەتورت،پىچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلدۇ. ئەدەتتە تەييارلىماقچى بولغان ئۇننىڭ ٪0.2 گىچە سۇدا ئىرىتىپ ياكى ئىشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتقا ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ . بۇمەھسۇلات يۇقۇرى قويۇقلقتىكى تىتىقۇ بولۇپ بىيۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ . چوقۇم يىمەكلىكلەرگە ئارلاشتۇرلۇپ تەييارلىنىدۇ .
تەم جەۋھىرى(جىيشىفىن)
مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى :
مەزكۇر مەھسۇلات سۇس سېرىق رەڭدە بولۇپ ، قويۇق سۈت پۇرىقى ۋە مىۋە پۇرىقىغا ئگە بولۇپ  تەييارلانغان تىمەكلەرنىڭ پۇرىقى ،رەڭگىنى ھەم ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە . غەرىپچە تائاملانى ۋە ھەرخىل تۈردىكى بولكا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ياساشقا كۆپرەك ئىشلىتىلدۇ . يەنە يۇقۇرى تىمپىراتۇرغا بەرداشلىق بىرىش خۇسۇسىيتىمۇ بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
ئادەتتە قىيمىلىق پىچىنە پىرەنىكلەرگە ،مىۋە قىيامىل بولكىلارغا ،سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلدۇ . ئىچىملىكلەرنى تەييارلاشتا 500 گىرام ئىچىملىككە 5گىرام ئەتراپىدا جىشىفىن ئارلاشتۇرۇلدۇ . جىشىفىننى ئادەتتە سوغۇق سۇغا ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىساق بولىدۇ،سالقىن قۇرغاق جايدا تۆۋەن تىمپىراتۇردا (18 سىلسىيە گىرادۇس) ساقلىساق بولىدۇ
تۇخۇم ئىشقارلىق ئۇنى (تا تا فىن)
مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى :
ئاق رەڭلىك تالقان بولۇپ ئاساسلىق تورتلاردىكى تۇخۇم ئېىقىنى تۇراقلاش تۇرۇش ۋە تۇخۇم ئىقىنىڭ ئىشقارلىقىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ . تۇخۇم ئىقىنىڭ ئىشقارلىقى يۇقۇرى بولۇپ ۋاختى ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ ئىشقارلىقى تىخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ . ئۇنىڭدىن ياسالغان تىمەكلىكلەرنىڭ تەمىمىۇ ئىشقارلىق ،رەڭگى سىرىق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىمەكلەرگە تاتافىن قوشۇش ئارقىلىق يىمەكىكلەرنىڭ ئىشقارلىقىنى تەڭشەش بىلەن بىرگە رەڭگىنىمۇ ئاقارىتقىلى بولىدۇ . تاتافىن تورت ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچلارنىڭ بىرى .  
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
سۇدا ئېرىتىپ ياكى بىيۋاستە ئىشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتقا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . تۇخۇمنىڭ ‍٪0.6-٪1.5 بويىچە تۇخۇم ئىقىغا ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ .
تورت مىيى (دەن گاۋ يوۇۋ)
بۇ مەھسۇلات يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك بىرنەچچەخىل ماددىلارنىڭ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان بولۇپ ئاساسلىقى تورت، پىچىنە -پىرەنىك،غەرىپچە تاتلىق تۈرمىلەرنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلدۇ . بۇمەسۇلاتتا تەييارلانغان يىمەكلەرنىڭ ئاقسىل ھەم ماي مىقدارى يۇقۇرى بولۇپ ئادەم بەدىننى يۇقۇرى ئىنىرگىيەبىلەن تەمىنلەيدۇ . تەركىبىگە ھىچقاندا ھايۋانات مىيى قۇشۇلمىغان بولۇپ ئىشەنچىلىك ھەم خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ . بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزى خۇش پۇراق تەملىك بولغاچقا تەييارلانغان يىمەكلىكلەرمۇ يىيىشلىك ھەم يۇمشاق بولىدۇ . تەييارلانغان يىمەكلىكنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ . يىرىلىش ، ئولتۇرشۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
تۇخۇم مىقدارىنىڭ ٪5-٪3 ئەتراپىدا ئىشلىتىلدۇ.بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندە ئاۋال يىمەكلىككە كىتىدىن تۇخۇم ،شىكەر قاتارلىق خۇرۇچلارنى قوشۇپ 5 مىنۇت ئارلاشتۇرۇپ ئاندىن تورت مېيىنى قوشۇپ يەنە 5 مىنىۇت ئارلاشتۇرىمىز . ئاخردا ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىمەكلىك تەييارلىساق بولىدۇ . قۇرغاق سالقىن جايدا 1 يىل ساقلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
تەركىۋى:
ساپ ئۆسۈملۈك مېيى ،ئاش تۇزى،ئىمۇلىسيەلەشتۈرگۈچ خۇش پۇراقلىق ماتىريال ، سەۋزەجەۋھىرى.
ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
قات-قات ماي ئادەتتە ئۆزىمىز كۆپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ماي تۈرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدىرەك بىر تۈرى بولۇپ ، باشقا سېرىق مايلارغا ئوخشاش ماي. لىكىن بۇ ماي قات-قات ماينىڭ ئېچىلدۇرۇش كۈچىنى بىرقەدەر يۇقۇرى قىلىنىپ ئىشلەنگەن .مەخسۇس ياپراقلىق خېمىرتۈرىگە ،مەسلەن:كېسۇ پىرەنىك، دەنتا،ناپالىيۇن قاتارلىق قات تۈرى ئىچىلدىغان يىمەكلەرگە مەخسۇس ئىشلىتىلدۇ .
سۇسىز سىرىق ماي
ساپ پالما مېيى ،سۇسىزلاندۇرۇلغان ماي جەۋھىرى،يىمەكلىكتىن ئايرىلغان ئىمۇلىسيەلەشتۈرگۈچ،ئاش تۇزى.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكى :
بۇ ماي سۇ تەركىۋى ئايرىۋىتىلگەن ساپ سېرىق ماي بولغاچقا ،ئاساسلىق كۆپتۈرمە مەھسۇلاتلاردىن باقالى ،ۋە قات-قات ،بولكا ،تورت، پىرەنىڭ قاتارلىق پىشرۇقلارغا ئىشلىتىلدىغان بولۇپ ، پىشىپ چىققان مەھسۇلاتلار يۇمشاق ، ئىلاستىكىلىققائىگە ،ئىرىشچانلىقى تېز،قايماقلىق تەمى يۇقۇرى. بۇ سۇسىز ماينى ھەرقانداق پىشرۇقلارغا ماي قۇۋۋىتى ئورنىدا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەشكە بولىدۇ .
سىرىق ماي
ئوكسىدلاندۇرۇپ ئايرىلغان ئۆسۈملۈك مېيى ،تۇز، ناتري سولفات،سەۋزە جەۋھىرى، ئۆسۈملۈكتىن ئايرىلغان ئىمۇلىسيەلەشتۈرگۈچ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكى :
يىمەكىلىك سېرىق مېيى ئالاھىدە زىيانسىزلاندۇرۇلغان بولغاچقا ،سۈپىتى يۇقۇرى يىمەكلەردىن بوۋاقلار پىرەنىكى ،ئورالمىلىق بولكا -پىرەنىكلەر ،قايماقلىق پىرەنىكلەر قاتارلىق ئۇزاق ساقلاپ ئىستىمال قىلىندىغان ھەرخىل مايلىق مەھسۇلاتلارغا ئاساسلىق ئىشلىتىلدۇ
ئاق ماي
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكى :
بۇ ماينى پىچىنە-پىرەنىك ،زاۋۇت پىرەنىكلىرى ھەم ئوتترۇسىدىكى تەڭشەلمە قايماقلارغا، تەييار چۆپلەرگە ۋە چوكا مۇز ماروژنىلارغا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماسكىلىدۇ . تەييارقىلىنغان ھەم پىشىپ چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ رەڭگى تەبئى بولۇپ چۈرۈك، يىنىك، يىيىشلىك ،ئادەم بەدىنىگە تىزسۈمۈرۈلدۇ .
پالما سىرىق ماي
ئاساسلىق تەركىۋى:
ھېدروگىنلىق پالما مىېيى ، ماي كىسلاتاسى ،رەڭ خۇرۇچى ،ئىمۇنىتسىيەلەشتۈرگۈچ قاتارلىق خۇرۇچلار بىلەن تەييارلاندىغان بولۇپ ،بۇخىل سىرىق ماينىڭ تەركىۋى تۆۋەن دەرجىلىك قاتتىق ھالەتتە ، سۇس سېرىق ، تۆۋەن ماي پۇراقلىق ، ھىچقانداق ھايۋانات مېيى قوشۇلمىغان سېرىق ماي .
  ئاساسلىق تەركىۋى:  
ئاساسلىق پىچىنە-پىرەنىڭ تورتلارغا ،يۇقۇرى قاتتىقلىقتىكى خېمىر پىشرۇقكارغا ۋە مايلىق نان ، يۇتازا ۋە قوناق تورتلىرىغا ئىشلىتىلدۇ .
ئۆسۈملۈك قايمىقى
مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى :
ھىدروگىنلىق پالما مېيى ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ ئۇنىڭغا ناترىئاتلىق پشلاق ،يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلدىغان قويۇقلاشتۇرۇش دورىسى ، يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلدىغان ئىمۇلسيەلەشتۈررش دورىسى قوشۇلۇپ ،ئىلاستىكىلىق ھەم ھەم قويۇقلۇق دەرجىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى ، قوناق شىكىرى قىيامى ، ئاق شىكەر ، يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلدىغان تىتىقۇ، ئاش تۇزى قوشۇلۇش ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بىيۋاسيە ئىستىمال قىلىشقا بولغان ئېرىس قايماق تەييارلىنىدۇ . ئېرىس قايماق توڭلاتقۇدا تۆۋەن تىمپىراتۇرىدا سقلىندۇ .ئىشلىتىشدىن ئىلگىرى ئىرىتىپ تەكشى چايقاپ ئارلاشتۇرۇلدۇ . ھەم دەرھال ئاغزى ئىچىلىپ ئىشلىتىلىدۇ . بۇ مەھسۇلاتنى بىرنەچچە قىتىم قايتا-قايتا چايقاپ ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
ئاساسلىق تەركىۋى :
سۇ        ئاق شىكەر
ھىدروگىنلىق پالما مېيى        فوسفورلۇق دورا مېيى
پىشلاق ئاقسىلى        پۇراقلىق ماددىلار
گىلكوزا         ئىغىرلىق مىقدارى    1kg x 12
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
ئاساسلىقى تورت ياساشتا ،تورت گۈللىرىنى چىقىرىشتا ئىشلىتىلدۇ .بىيۋاستا ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ .ئېرىس قايماقنىڭ مۇقىملىقى ياخشى ،ئاق ،سىلىق ، خۇشپۇراق ، مىزلىك بولۇپ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ. ھەرخىل نۇسقىدىكى مۇرەككەپ گۈللەرنى ،قىيىنلىق دەرجىسى يۇقۇرى بولغان قونچاقلارنى ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكىلىنى ياساشقا ئىشلىتىلدۇ . قايماقنى ياكى قايماقتىن ياسالغان تورتلارنى سوغۇق ساقلاش ئىشكاۋىغا بىرنەچچەكۈن سىلىپ قويسىمۇ يىرىلىپ كىتىدىغان كۆپۈپ كىتىدىغان ياكى ئولتۇرشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ . تەمىمۇ يىڭى پېتى ساقلىندۇ . ئېرىس قايماقنى توڭلاتقۇدا تۆۋەن تىمپىراتۇردا تڭلىتىپ ساقلىندۇ .


[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 02:16:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ    باقمىغانلا    خۇرۇچلاركەن    بۇ  ..    بازاردىن    تەييارنى  ئىلىپ  كۆنۈپ   قالغاندىكىن   شۇندا  بولامدۇ  يا....       قانداقدۇكانلاردىن      تاپقىلى   بۇلىدۇ   بۇ     خۇرۇچلارنى

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 08:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: پۇشۇرۇق ساھەسىدىكى خۇرۇچلارنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

سىز مۇشۇ كەسىپتىنمۇ؟  مەن شۇنداق ھىس قىلدىم .ئۇنداقتا بىلگەنلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80187
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 11:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق ماي دىگىنى چوشقا مېيى شۇمۇ؟مىنڭچە بۇلارنىڭ تولىسى شۈبھىلىك.

Jaldur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 03:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:45:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكىنىدا ساتسا مۇسۇلمانچە دەپ ئېلىۋېرىدىكەنمىز          دۇكاندارمۇ ئىلىپ ساتقۇچىلار خالاس  دۇكاندىكى تاۋارلارنىڭ ئىجرا ئۇلچىمى،تازلىق ئۇلچىمى، يەنە باشقا تەرەپلىرىنى،  تازا دىگەندەك چۇشنۇپ كەتمەيدۇ دەيمەن، پەقەتلا ئىستىمالچىنىلارنىڭ ئىھتىياجى  دەپ بىلسە كىرەك                                

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش