مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3222|ئىنكاس: 39

قېيىن ئاپامغا يېزىلغان خەت1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102389
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2014-1-17
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 03:27:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     قەدىرلىك ئاپا !مەن ۋە سىلى ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق ۋەپەدىشەپ  بولغانلىقى ئۈچۈن  نۇرغۇن كۆڭۈل سۆزلىرىمنى خەت ئارقىلىق ئېيتىش قارارىغا كەلدىم، چۈنكى ، بەزەن گەپلىرىمنى خاتا چۈشۈنۈپ  قېلىشلىرىدىن ، بەزەن سۆزلىرىمنىڭ خاتا ئېيتىلىپ قېلىشىدىن،ھەتتا بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ پەيدا  بولۇپ قېلىشىدىن قورۇقتىم .
     ئاپا،سىلى مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللىغان ،ئۆزۈمنى تاپشۇرغان شۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ ئاپىسى. بىز توي قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭمۇ ھەم ئاپام . بىز توي قىلىپلا تەربىيلىنىشكە كەتتۇق ،سىلىنىڭ ئالدىللىرىدا تۇرغان ۋاقتىمىز تولىمۇ قىسقا. مەن تويدىن بۇرۇنلا «بىز چوڭ ئۆيدە تۇرايلى،ئاپىڭىز دادىڭىز بىلەن بىللە تۇرايلى ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇم بار» .دەپ تەلەپ قىلغان ئىدىم .كۆڭلۈمدە ئىشتىن قايتىپ كىلىپ،تاماق ئىتىپ ،كىرقات يۇيۇپ، بىر ئائىلە كىشىللىرى ئىناق ئۆتسەك،يولدۇشۇممۇ،ئاتا -ئانىسىمۇ خوش بولسا ،مەنمۇ خوشال ھەم كۆڭۈللۈك ياشايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.باشقا كىلىنلەرنىڭ قېيىن ئانىسى ئۈستىدىن قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلىساملا گۇناھنى شۇ كىلىندە قوياتتىم،« ھەر قانچە بولسىمۇ بىر ئانا بولغان ئايال كىلىنىگە ئۇنداق قىلماس،ئۇنداق دىمەس،بۇ قىز بەك ئاشۇرۇپ سۆزلەپ،ئۆزىنى ئاقلاۋاتىدۇ،ئەسلى گۇناھ مۇشۇ كىلىندە...» دەپ ئويلايتتىم ۋە ئۆزۈمگە «ئەگەر مەن توي قىلسام ،قىيىن ئاپام بىلەن ئۆز ئاپامدەك يېقىن ئۆتىمەن ، خەپ ...»دەپ ۋەدە قىلاتتىم.
     شۇنداق قىلىپ مەنمۇ قىيىن ئاپىلىق بولدۇم. يەنە سىلىنىڭ ئۆيگە كىلىن بولۇپ كىردىم. توينىڭ ئەتىسىدىكى ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى،بىر گىلەم ئۈچۈن ئاپامنى دۇست دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا يىغلاتتىڭلار، بىز تويدىن بۇرۇن ئوغلۇڭلار بىلەن پۈتۈشكەن تۇرساق يەنە كىلىپ بىزگە ئۆي ئېلىنمىغان تۇرسا ،قانداق گىلەم ،قانچىلىك گىلەم ئالاتتۇق....شۇ كۇنىدىن باشلاپ كۆڭلىمدە توينىڭ خۇشاللىقى ئەمەس ،بەلكى ئاپامنىڭ شۇ بىچچارە يىغلاپ ئىسەدەپ كەتكەن چىرايىلا بار ئىدى.دادامنىڭ.« كىرەك بولسا گىلەم دۇككىنى ئېچىپ بېرەتتىم»دەپ خاپا بولغان قىياپىتىنى قىياس قىلاتتىم...
     شۇنداق قىلىپ نىكاھىم بىر كۆڭۈل ئاغرىقى بىلەن باشلاندى ،ئاپامنىڭمۇ،دادامنىڭ ھازىرمۇ كىچە كۈندۈز خىيالى پۇرسەت تېپىپ ، شۇ گىلەم قەرزىنى تۆلىۋىتىشتىلا يۈرىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىپ شۇ ئىشلاربىلەن تۇنجى قېتىمقى سىلەر توغرۇلۇق تەسىراتقا ئىگە بولغانىدى. . .
     توي قىلىپ 20 كۈنلەردىن كىيىن بىزنىڭمۇ ئىچكىرىگە ماڭىدىغان ئوقۇش باشلايدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالاتتى ، ھەم بارا-بارا ئۆيدىكى سىلى ھەم دادامنىڭ ئۇنداق چاكىنا ئىش قىلمايدىغان ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى،پەقەت شۇ نىيىتى يامان ،كۆرەلمەسلەرنىڭ ئويۇنلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم،ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆز ئاتا-ئانام ئالدىدىمۇ،سىلەر تەرەپتە تۇردۇم،سىلەرنى چىن كۆڭلىمدىن ھۆرمەتلىدىم،ياخشى كۆردىم.
     ۋاقىت تىزلا ئۆتۈپ، ئوقۇش باشلايدىغان ۋاقتىمىز بولدى،مەن بۇنچە تىزلا سىلەردىن ئايرىلىشقا راسلا قىيالمىدىم. خوشلاشقان كۈنى ھىلىمۇ ئىسىمدە، تېخى 20نەچچە كۈن بولغان قېيىن ئاتام مىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ قۇچاقلاپ تۇرۇپ،پىشانەمگە سۆيگەن ھەم «بالام ئۇرشۇپ قالماي،ئىناق ئۆتۈڭلار،كىشىنىڭ يۇرتىدا بىر-بىرىڭلارغا كۆيۈنۈپ،يول قويۇڭلار.ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن» دەپ ئېزىلىپ يىغلاپ كەتكەنىدى،گويا دىلى بىزنى ئەڭ ئاخرقى قېتىم كۆرىۋاتقىنىنى،ئەڭ ئاخىرقى قىتىم سۆيىۋاتقىنىنى سەزگەندەك،ھىچ قويۇپ بەرمەيتتى.دىلىم بىردىنلا ئېرىپ كەتتى، مەنمۇ قىيىن ئاتامنى خۇددى دادامنى قۇچاقلىغاندەك قۇچاقلىدىم، بىز چىققان ماشىنىنىڭ كەينىدىن بىر نەچچە قەدەم ئالغاچ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بىزنى ئۇزاتقانتى....شۇنداق قىلىپ بىر ئايمۇ بىللە تۇرالمىغان ئىدۇق.
      بىز ئىچكىرگە پويىزدا ئولتۇرۇپ ماڭدۇق. مەكتەپ ئوقۇش باشلىدى،بىزدەك يېڭى توي قىلىپ كەلگەن جۈپلەر 4-5 جۈپتىن ئاشاتتى،شۇڭا مەكتەپ بىزگە ئەر-ئاياللار بىرگە تۇرىدىغان ئايرىم ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى . كۈنلىرىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ،شۇنداق بەخىتلىك ئۆتتى.دەرىسخانا ،ئاشخانا،ياتاق ئارىسىدا رىتىملىق ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتتۇق.ئۆز ئاتا -ئانامغا نۇرمال ئەھۋالدا 2-3 كۈندە بىر قېتىم تېلىفون قىلاتتىم كۆپىنچە ئۇلار ماڭا قىلاتتى، لىكىن سىلەرگە كۈندە بىر قېتىم تېلىفون قىلدىم. ماڭا مھرى چۈشسۇن ،مېنى ياخشى كۆرسۇن دەپ شۇنداق قىلاتتىم ئاپا...
      شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، خۇش چاخچاق،تاماق ئىتىشكە ئۇستا قېيىن ئاتامدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئەلۋەتتە ، بۇ دەرت ھەممىدىن سىلىگە بەك ئېغىر بولدى... كۆڭلىمدە يەنە ، سىلىنى يالغۇزلۇق تارتىپ قالىدىغان بولدى،تىزرەك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلسەك بولاتتى .دادامنىڭ يوقلىقىنى،يالغۇزلۇقىنى بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشساق بولاتتى دەپ ئويلىدىم. . .
     ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلدۇق . ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىدى. ئەلۋەتتە، توققۇز ئاي قوساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئاپا بىلەنمۇ بەزىدە بالىنىڭ گىپى بىر يەردىن چىقماي قالىدىغان تۇرسا، سىلى بىلەن تونۇشقىلى نەچچە ئاي بولغان تۇرسا،ئۇقۇشماسلىقتىن ئەلۋەتتە ساقلانغىلى بولمايتتى. سىلىگە بولغان ھۆرمىتىم،مۇھابىتىم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ،ھەرخىل ئۇقۇشماسلىق،تۇغقانلار ئارا سېلىشتۇرۇش،ھەتتا ھاممىلارنىڭ ئاپامغا قىپ يۈرگەن بىمەنە ئورۇنلاشتۇرۇش،چاكىنا گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا ،ئاپامنىڭ ئازاپلىق بىچچارە قىياپىتىنى كۆرمەسكە تېرىشتىم،بە شۇندىلا ئۆزەمنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ،قىز بالا دىگەن ئاجىز دىگەن گەپنىڭ ھەقىقى ماھىيىتنى چۈشەندىم.
      قىز بالا ھەقىقەتەن ئاجىز بولىدىكەن،ئۆزىنىڭ ئۆيىدە شۇنچە ئەتىۋارلىق،شۇنچە ئەركە چوڭ بولىدىكەنيۇ،ئاتا-ئانىسىغا ئەسقاتقىدەك بولغاندا، «توي»دىگەن چوڭ قالپاق بىلەن،باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئەرزان باھادا بېرىۋىتىلىدىكەن. شۇ بىچچارە قىزنىڭ تەلىيى كەلسە ياخشى ئەر،ياخشى قىيىن ئانىغا ئۇچرايدىكەن،تەلەيسىزلەر ياكى ئەرنىڭ ياكى قىيىن ئانىنىڭ دەردىنى تارتىپ ،يەنە قىلچە ياخشى بولالماي،قىلچىلىك رازىلىققا ئىرشەلمەي «بەختسىزلىك»كە ياكى چىدايدىكەن ،ياكى ئۆمرىنى نابۇت قىلىپ «تۇل خوتۇن» لىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئاپا بىلەمدىلا، مىنىڭ سىلى بىلەن ئانا-بالىدەك ئىجىل ئۆتكىم با ،گەرچە مەن يېزىدىن سىلى شەھەردىن بولسىلىمۇ، سىلىنىڭ ئۇنداق ئايرىپ يۈرۈشلىرىنى ئاڭلىسام كۆڭلىم يېرىم بولىدىكەن،چۈنكى سىلىنىڭ ئۆي بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارلىقى 4 بىكەتلا كىلىدۇ،ئاپتوبۇستا 10منۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ ئەمەسمۇ؟
ئاپا ، سىلى بىلەن پاراڭلىشىپ ئەركىن پىكىرلىشىپ،ئۆتكىم بار، سىلىمۇ بىسىم ھىس قىلمىسىللىرى مەنمۇ ئۆز ئۆيۈمدەك ئەركىن يۈرسەم نىمىدىگەن ياخشى.ئۆيدىن زىرىكمىسەم، يانلىرىدىن ئايرىلماي ئىچ پۇشۇقلىرىنى ئالسام قانداق ياخشى ؟
   بىزنى قانداق كۈچ يېقىنلاشتۇرمايۋاتىدۇ؟ بۇلار بەلكىم  سىلى ئۈچۈن ئانچە مۇھىم مەسىلەبولماسلىقى،ھەم بۇ توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ  باقمىغان   بولۇشلىرى مۇمكىن.ئەمما مەن  ئويلىنىمەن ؟  مەن بەلكىم كىچىك،نۇرغۇن ئىشلاردا كەمچىللىكىم بولىشى مۇمكىن، لىكىن ھەممىمىز ئىنسانغۇ؟
ئاللاھتىن باشقا كىم مۇكەممەل بولالىغان؟ سىلىدىن كۆپىنچە كۆڭلىم رەنجىپ تۇردى، چۈنكى سىلە ماڭا باشقا كىلىنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايىغاندەك،دىلىنى ئايىغاندەك مىنىڭكىنى ئانچە ئاياپ كەتمىدىلە.نۇرغۇن گەپلەرنى بىۋاستلا دىدىلە،شۇڭا بەزى ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنالمىدۇق.  ئائىلەمدىكىلەردىنمۇ ئانچە رازى بولۇپ باقمىلا، بەزىدە خېلى ئېغىر گەپلەرنى،بىرخىل ياراتمىغاندەك،كەمسىتكەندەك گەپلەرنى قىلىپ سالدىلا، ئۇ مىنى چوڭ قىلغان ئاتا-ئانا ،ھەرقانداق ئادەم  ئئۇنداق گەپ قىلسا چىدىيالمايدۇ،مەن كۆپىىنچە چىرايىم تۇتۇلۇپ تاتارغان بولسىمۇ،ھىچنىمە دىمىدىم،لىكىن مىنىڭ ئاپامغا بەك ئىچىم ئاغرىدى.مىنى دەپ ئاتالمىش قائىدىلەرنى دەپ ،بەزەن ناچار ئادەتلەرنى قىلمىدى دەپ نارازى بولدىلا. ئاپا ، سىلىمۇ بىر ئايال،20-30 يىلنىڭ ئالدىدا سىلىدە مەندەك ھىسىيات بولغانمۇ؟ بەلكىم بولمىغاندۇ،چۈنكى ئۇچاغلار بىلەن بۈگۈننى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،ھازىرقىدەك ئەركىن تەپەككۇر قىلىنمايتتى شۇندقمۇ؟ئاپا ، سىلى قىزلىرىنى ياتلىق قىلغاندا بەلكىم ئاچامدا شۇنداق ھىسىيات بولغاندۇ؟ بىر غۇرۇرى بار ئىنسان بولسىلا،جەمىيەتنى،ياخشى بىلەن ياماننى، ئۆرىپ -ئادەت بىلەن پەتىۋانى،توغرا ئىش بىلەن خاتانى ئايرىش كىرەكقۇ دەيمەن. بىر قىزبالىنى بېقىپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ نىمە دىسە شۇنى كەم قىلماي چوڭ قىلىپ كىلىن نامى بىلەن ئۆيگە ئەكىلىپ بەرسە، ئېرىنىڭ ھەم پۈتۈن ئۆينىڭ،شۇنداقلا بىر چوڭ جەمەتنىڭ خىزمىتىنى قىلسا،يەنە شۇ ئاتا ئانىدىن ،يەنەن شۇ كىلىندىن نارازى  بولسا ئۇۋال بولمامدۇ  ئاپا .  شۇ كىلىننىڭ ،شۇ قىزنىڭ توي قىلغىنىنىڭ زادى نىمە گۇناھى بار.
     ئاپا ، كىلىنمۇ قىزغا ئوخشاش نازۇك، قىزغا ئوخشاش ئەتىۋارلىنىشقا ،كۆيۈنۈشكە مۇھتاجغۇ؟ئەجىبا ،شۇنىڭغىمۇ ئېرىشىش ھوقۇقى يوقما. ئەگەر ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالسا،شۇپېتى كۆڭۈل چگىشىپ ئۆتۈش كىرەكما؟ئازىراق چۈشەندۈرۈش،كۆڭۈلىدىكى قارشى تەرەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالغان تەرەپلىرىنى ئېيتىش،جاۋاپلاشقانلىق،تەڭ تۇرغانلىق بولامدا ئاپا...
     جېنىم ئاپا ، سىلىنىڭ4 باللىرىغا بولغان مىھىرلىرى شۇنچىلىك چوڭقۇر،باللىلارمۇ سىلىگە شۇنچىلىك ئامراق، ھەر كۈنى كەلسە سىلىمۇ زىرىكمەيدىلا،سىلىدىنمۇ ئۇلار زىرىكمەيدۇ؟ بىزمۇ ئاپىمىزغا شۇنداق ئامراق،كۈندە نەچچە قېتىم كۆرگىم كىلىدۇ، ئاپامغا گۆشلەرنى ، كىيىملەرنى ئېلىپ بەرگۈم كىلىدۇ،چۈنكى مەنمۇ بىر بالا بىر پەرزەنت.لىكىن تېخىچە ھىچنىمە قىپ بىرەلمىدىم، ئەجىبا باشقا ئاتا-ئانىلار ،بالىلار بىر بىرىگە ئۆچمىدۇ؟ بەزەن ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىشلارغا نارازى بولمىسىلا ،چۈنكى سىلىنىڭمۇ باللىرى بار ئەمەسمۇ؟مەن ئىشلىمەيۋاتقاندىكىن بەرىبىر ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلالمايۋاتقاندىكىن ئاپامنىڭ يېنىغا كۆپرەك بارسام خاتامۇ ؟ئەجىبا ئاچام مەندەك بولسا سىلىنىڭ يانلىرىغا كۈندە كەلمەسمىدى ئاپا؟
     ئاپا ، بۇقىتىم مەن بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدا،ئوپراتسىيە قىلىندىم.بۇ بىر ئىنتايىن نازۇك ئوپىراتسىيە ئىكەن،شۇڭا 23كۈندىن بېرى سىلىگە ئېغىرىمنى سېلىپ قويدىم ،ھەم شۇنداقلا قولۇمنى سۇغا سېلىشىم چەكلەنگەچكە تاماق ئىتىپ چارچاپ قالدىلا ،ئەمما مىنىڭ پەقەت مۇشۇنداق بولۇپ قالغۇم يوق.ئوپراتسىيەگە چۈشكىم تېخىمۇ يوق ئىدى.ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن مۇشۇنداق جاپالاردا بالىلىق بولىشىم پىشانامگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ. ياق،يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ پىشانىسىگە دىسەم توغرا بولغۇدەك.چۈنكى تۇغۇلسا بۇ پەقەت مىنىڭلا بالام بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇ كىچىككىنە مۇئاشنى قىسىپ ، ھەتتا ئاياقتىن سومكىغىچە ئاپامغا ئالدۇرۇپ،شۇنچىلىك جاپادا پۇل تېپىپ داۋالاندىم.لىكىن سىلى نىمە دىدىلە ئاپا ، «سىلەنى ئۆينى  مەن باقتىم ،ماڭا مۇئاش كارتىللىرىنى ساقلاشقا بەرگەن بولسىللىرى سىلىگە پۇل قوشۇپ بېرىپ يولغا سېلىپ قويىتىم ،....جېنىم ئاپا ، بۇ مىنىڭ ئەمەس ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ يۈزى ئىناۋىتى ئەمەسمىدى. ئاتا ئانام ئالدىدا ئوغۇللىرىنىڭ يۈزى يورۇق بولماسمىدى.دادام ماڭا ،بالام  سىلەگىمۇ پۇل لازىم بولىدۇ،يىغقان پۇلۇڭلانى ساقلاپ قويۇڭلار،قېيىن ئاپاڭ تۆت-بەشمىڭ يۈەن بەرسە، قالغان ئونمىڭ يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قىسمىنى بىز بىرىلى،يىغقان پۇلۇڭلار شۇ پىتى قالسا  كىيىنكى ئىشلاغا ئىشلىتەسىلەر» دىگەن ئىدى.ئەپسۇس ئاتالمىش قائىدە ،ئىنسانىي مىھىر-مۇھاببەتتىن ئۈستۈن كىلىپ، مىنى قىيىن ئەھۋالغا قويدى. كۆڭلىمدە ئاز تولا بولسىمۇ ،ئويلاپ قويغانتىم، ئويلىغىنىمدەك بولمىدى،بەك ئۈمۈتسىزلەندىم،شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانامنىڭ پۇلىنمۇ ئالماسلىق قارارىغا كەلدىم. شۈكىرى ،سىلنڭ دۇئالىرىنى ھەم يوللۇقلىرىنى ئېلىپ ئوپىراتسىيە ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە باردىم.يەنە يۆتكەش قەغىزى ئۈچۈن ھىچكىمنىڭ مەن ئۈچۈن بىر قەدەم ئالغىسى كەلمىدى،مەن ئۈچۈن ئاۋارە بولغۇسى كەلمىدى،ياتلارغا يالۋۇردۇمغۇ ئاپا...سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قانچىلىك ئىشلارغا ئەرزىيدىغان كىلىن ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويدىڭلار،مەن ھىچنىمىگە ئەرزىمىدىم،ھىچكىمنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئازىراق پۇلىدىن،ياكى يولىدىن كەچكىسى كەلمىدى.كۆڭۈل دىگەن شۇنچىلىك يەردىكەن.شۇ سەۋەپلەردىن بىركۈنمۇ خۇشال بولۇپ باقمىدىم.كىلىن ھەر قانچە قىلسىمۇ يەنىلا خەقنىڭ بالىسىكەن، مەن يولدىشىم بىلەن ئۇنچە بەخىتلىك ئۆتەلمىدىم،كىسەل بولىشىمغا قارىماي ئانچە مۇنچە تېلىفوندا سوقۇشۇپ تۇردۇق. سەن تىلىفون قىلمىدىڭ مەن قىلدىم دەپ كۆڭلىمگە تېخىمۇ ئازاپ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
     مىنىڭ مىجەزىم شۇنداق كەسكىن،ئوچۇق . ئۆز ئالدىمغا تۇرمۇش ئۇسۇلىم بار.شۇڭا خالىس نىيىتىم ئاللاغا ياختىمۇ قانداق،ئوپىراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى ئاپام بەرگەندىن سىرىت ،ياتاق،ئوپىراتسىيەھەقلىرىم ئۆزەمنىڭ پۇلىدىن ئېشىپ كەتمىدى.ئەمما كۆڭلىم بىرخىل چىگىش.بىرخىل مۇرەككەپ خىياللار بىلەن تولغانتى ، مۇشۇ 23كۈندە،ئۆي ئىشىنى قىلالماي يېتىشىم،تەييار تاماقنى يىگەنلىكىم ئۈچۈن كىملەرنىڭ كۆزلىرىگە سەت كۆرۈنۈپ كەتكىنىم،كىملەرنىڭ نىمىلەرنى دەپ كەتكىنى ، بىر سىلىگە ،بىر ئاللاھقا ئايان .چوڭ ئۆيدە تۇرماق بەك تەسكەن ئاپا ،باشقىلارنى كۈتۈپ خوش قىلماق،رازى قىلماق تخىمۇ تەسكەن.  
ئاپا مۇشۇ جەرياندا ئازراق بولسىمۇ ماڭا ئىچىللىرى ئاغرىپ قالدىمۇ؟ بىچچارە قىزىمغا نىمە تارتقىلىقتۇ دەپ ئويلاپ قاللىمۇ؟ئەجىبا ،سىلى مەڭگۈ مىنى مۇشۇنداق ئەسكى كىلىن قاتارىدا كۆرۈپ ئۆتمەكچىمۇ؟ مەن سىلىگە يېقىنلاشقانسىرى سىلىنىڭ مەندىن يىراقلىشىۋاتغانلىرىنى ھىس قىلمىلىمۇ؟ ئاپا ، مەن سىلىگە ئاز بولسىمۇ  سوۋغاتلارنى بەرسەم،سىلى ياختۇرۇپ ئىشلىتىپ قويدىلمۇ؟خوش بولۇپ كىيىپ باقتىلىمۇ؟ بىزنىڭ ئۆيلەرگە مىھماندارچىلقلارغا بارغاندا ،رازى بولۇپ قايتىپ باقتىلىمۇ؟ مەن سىلىنى ئويلىغاننڭ ئوندىن بىرىچىلىك بولسىمۇ مىنى ئويلاپ باختىلىمۇ؟ ئاپا ! كۆزلىرىمدىكى ياشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باختىلىمۇ؟مەن توي قىلىپ كىرگەن بىر يېرىم يىلدىن بېرى، دەسلەپكى 2 ھېيىتتىن باشقا ماڭا ،بىر ياغلىق چاغلىق نەرسە ئىلىپ بەردىلىمۇ ئاپا .........
     مىنىڭ يەنە بۇنداق گەپلەرنى دەپ كۆڭۈللىرىنى ئاغرىتقىم يوق ، بۇ گەپلەرنى باشقاھىچكىمگە ئېيتالمايمەن ، ئويلىسىاملا يىغلاپ ئۆزۈمنى توختىتالمايمەن پەقەت مىھىرگە تەشنا بولغان قەلبىمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، پەقەت سىلى بىلەن ئامراق قېيىن ئانا كىلىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتمەن ئاپا ،مەن سىلىگە ئۆچ ئەمەس.مىنىڭ سىلى بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرغىم بار. پەقەت سىلى خوش بولسىلىرى باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشلىرى بىلەن كارىم يوق. ھەپتىدە ئون كۈندە بىر مىھمان بولۇپ كىلىپ سىلىنىڭ ۋە مىنىڭ ئۈستۈمدىن ئونداق بۇنداق دەيدىغانغا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق . ئاپا ، بۇخەتنى يېزىش مەخسىتىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىقلىرىنى ئۆتۈنىمەن. بىزنىڭ ياش پەرقىمىز بەك چوڭ ، پاراڭلاشقاندا بىر -بىرىمىزدىن نازۇك ،شۇڭا يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش تولىمۇئەپسىز، مىنىڭ بۇنداق ئۆتىۋەرگىم يوق،ئارىمىزدىكى ئوتتۇرغا چىقالمايۋاتقان،لىكىن قېلىن پەردە بولۇپ ئارىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلساق دەيمەن.كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمىسە بىر ئائىلىدە تۇرۇپ بىر- بىرىنى چۈشەنمىسە،قانداقمۇ ئىناق ئۆتكىلى بولسۇن.ئىناق بولمىغان ئۆيدە ئادەمنىڭ قانداقمۇ تۇرغۇسى كەلسۇن... ئاپا مۇشۇ مەزگىلدە مىنى باققانلىرىنى ئاللاھ خالىسىا قايتۇرىمەن.ئاز بولسىمۇ مېنى،قەلبىمنى چۈشۈنۈشكە ياردىمى بولۇپ قالامدىكىن دەپ كۆپ ئويلىنىپ بۇخەتنى يازدىم. سىلى مىنى ئازىراق چۈشەنسىلە ،مەن سىلىنى ھۆرمەتلىسەم، بىر-بىرىمىزگە مىننەتتدارلىق كۆڭلىمىز بىلەن قارىساق، دىلىمىزنى ئاياشساق،كۆڭلىمىز توق ھەم ئازادەبولسا،شۈكىرى قىلپ مەمنۇنىيەت ئىچىدە خۇشال بەخىتلىك ئۆتسەك دەيمەن ئاپا!.....................
     خېتىمنىڭ ئاخىرىدا ، سىلىگە سالامەتلىك،ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ،تۇرمۇشلىرىغا بەختىيارلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 02:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرلىك   ئوخشايدۇ   دىگەنتىم   زادى   ..  ئارخىبىڭىزغا    قارىسام   راسلا  شۇنداكەن  ...   مۇشۇ   چوڭلار    نىمانچە    تۇتۇرۇقسىز   قائىدە   يوسۇنلارغا    ئىسىلىۋالىدىغاندۇ    دەيمەن  ..  زامان  تەرەققى  قىلغانسىرى   بۇ  يوسۇنلا   ئازلىماي    ،    يەنە   يېڭىدىن   چىققىلى     تۇرۇپتۇ   ...     ئاللا    قېيىن   ئاپىڭىزنىڭ   كۆڭلىگە   ئىنساپ   بەرگەي  

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 02:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا سۆزى شۇنداق قىلىپ يۇقىلىپ قالارمۇ؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 02:48:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن بىر ئۆينى بۇزغانلارنى ئاڭلىسام، كۆرسەمزە تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئاپپىرىپ تاشلىۋەتكۈم كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 02:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر گېلەمنى ئېلىپ كەلمىگەنگە تويدا قارشى تەرەپنى ئوسال قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
ئوغلۇڭ ئاشۇ گېلەم بىلەن ئولتۇرىۋالسۇن دەي دېسا تېخى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 03:06:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلىغان رىۋايەتلەردە ، قىيىن ئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىن بىر چوشقا كېسىپ ئۆتكەنىكەن. شۇندىن بېرى كېلىن بىلەن قىيىن ئانىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاشۇنداق يىرىكلىشىپ كەتكەنمىش ....
مېنىڭ كەلگۈسىدىكى قىيىن ئانام قانداقراق ئايالدۇ؟

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101769
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 03:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 02:32 PM
قەشقەرلىك   ئوخشايدۇ   دىگەنتىم   زادى   ..  ئارخىبىڭىزغا   ...

سابا خىنىم بىر تاياقتا ھەممىنى تەڭ ھەيدىگىلى بولمايدۇ.قەشقەرلىك قىيىن ئاپاشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق  ئەمەس.پەقەت شۇ بىر قىسىملىرى شۇنداق.مۇنداقلا ئىيىتقاندا قىزى يوقلىرى مىنىڭچە(شەخسى كۆز قارشىم)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86505
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-10-26
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 03:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىينى ئاپىڭىزغا توردا خەت يىزىپ يۇرگىچە. بىر قوينىڭ گۇشىنى ئاپىرىپ بىرىڭە  چىرايى ۋاللىدە ئىچىلىپ كىتىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 04:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قۇي سۇيسىمۇ رازى قىلماق تەس قىيىنئانىلار  يەنىلا قىلارىنى قىلىدۇ.چىداپ ياشاڭ قىرىندىشىم  يۇلدىشىڭىزنى  سۆيسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102425
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-1-17
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 05:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        سەۋىر قىلىڭ ، سۈكۈت قىلىڭ ،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. ئاتا-ئانا ،قىيىنئاتا -قىيىنئانىللىرىمىزنى ياخشىراق بىقىۋالايلى،بۈگۈن بار ئادەم ،ئەتە يوق ،بىر مەزگىل ئۈتۈپ «ۋاي ئېسىت !!!  ،ئۇلار بولغان بولسا ،قانچە بىقىۋالاتتىم ،قانچەدۇئاسىنى ئىلۋالاتتىم !!!... »دىگەندىن ساقلىنايلى.

ھىكىمەت :  
  پەرزەنىتلىرىڭلارنى باشقا بىر دۇنيا ئۈچۈن تەلىم ئېتىڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىغان دەۋىردى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش